خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قانداق ئادەم تەربىيەلەش ۋە ئادەمن

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئارمانلىق يى2011-04-11 18:25

 

مەكتەپلەردە ،« ئادەمنى قانداق تەربىيلەش، قانداق ئادەم تەربىيلەش» كىرەك ؟

ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى ۋە نىشانى - ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش .
ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش دىگىنىمىز- ئادەمنى ئەتىراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىپ ، تەرەققىياتنى كۆزلەش ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرۇشتە خەلىقنىڭ تۇپ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ ، خەلىقنىڭ كۇنسىرى ئىشىپ بىرۋاتقان ماددى مەدەنىيەت ئىھتىياجىنى ئۆزلۇكسىز قاندۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسات ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھوقۇق مەنپەتىنى ھەقىقى كاپالەتلەندۇرۇپ ، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن پۇتكۇل خەلىقنى بەھرىمان قىلىشتىن ئىبارەت .
ئىلىمى تەرەققىيات قارشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى تەرەققىيات ، يادىرۇسى ئادەمنى ئاساس قىلىش .مۇشۇ نۇقتىدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى ئادەم ئامىلى باشقا بارلىق ئامىللار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچ.
 ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك ئىپتىخارلىققا تولىمىز.كەلگۈسىگە نەزەر سالساق ئىشەنچىمىز ئاشىدۇ.
ئادەمنى قانداق تەربىيلەش، قانداق ئادەمنى تەربىيلەش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ گۇللىنىشى ياكى خاراپ بولىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە بولۇپ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ .
ئۇنداقتا مەكتەپلەر ئادەمنى قانداق تەربىيلەش كىرەك ؟
مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پارتىيىە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىننى ئەستايدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمىللەشتۇرۇپ ،قانۇن- ئىنتىزامغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان ، پارتىيىنىڭ فاڭجىن – سىياسەتلىرىنى بىجاندىل ئورۇندايدىغان، پارتيىگە ، خەلىققە چەكسىز سادىق بولغان، كوممۇنىزىم قۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يىتىش ئۇچۇن بىر ئۆمۇر كۆرەش قىلىدىغان ، خەلىق مەنپەتى ۋە دۆلەت مەنپەتىنى 1- ئورۇنغا قويىدىغان ،بارلىقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۇللىنىشى ئۇچۇن قۇربان قىلىشتىن قۇرقىمايدىغان ، سىياسى جەھەتتىن لاياقەتلىك بولغان ،جاپا- مۇشەققەتتىن قۇرقىمايدىغان ،ھەر جەھەتتىن ئەتراپىلىق يىتىشكەن ،ۋەتىنىمىزنىڭ كىلىچىگى ئۇچۇن ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس، شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۇستىگە ئالغان بولۇپ ۋەتەن، خەلىق ئالدىدىكى مەسئولىيتى تولىمۇ ئىغىر .تەلىم – تەربىينىڭ قانداق بولىشى، تەربىيلەنگۇچىلەرنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇنداقتا ۋەتىنىمىزنىڭ كىلىچىگىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىنى قانداق تەربىيەلەپ چىقىش لازىم ؟
بىز دەۋاتقان ۋەتىنىمىزنىڭ كىلىچىگىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىنى ئەخلاقى ،ئەقلى ،جىسمانى ،گۇزەللىك ،پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق تەربىيلەپ يىتىشتۇرۇش لازىم . بۇنىڭ ئۇچۇن 1) ئەخلاقى تەربىيىنى كۇچەيتىش،ئەخلاقى تەربىينى 3 كە كىرگۇزۇش خىزمىتىنى ئەستايدىل ئىلىپ بىرش ئارقىلىق تەربىيلەنگۇچىلەرنى كىچىكىدىن باشلاپلا پارتىينى ، ۋەتەننى، سوتسىيالىزىمنى، خەلىقنى، ئىلىم –پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىشەنمەيدىغان ۋە ئ خۇراپاتلىققا قارشى تۇرىدىغان ،ئىلىم –پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان ، ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدەيدىغان،جاپا- مۇشەققەتكە چىدايدىغان ،تىرشىپ ئۇگىنىدىغان ئىتقاد ۋە رۇھنى يىتلدۇرۇش لازىم .
2) مەكتەپ دەرسى ۋە سىياسى دەرسنى ئۆتۇش ئارقىلىق ، ياش – ئۆسمۇرلەرگە ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق ئۆتمۇشى، بۇگۇنى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، تەرققىياتى توغىرسىدا سىستىمىلىق چۇشەنچە بىرىش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارغا جوڭخۇا ئىلىنى، جوڭخۇا مىللىتىنى، جوڭخۇا مەدەنىيتىنى بىلدۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ، مىللەتپەرۋەرلىك ھىسياتىنى يىتلدۇرۇش لازىم .
3) ھەر ئوقۇش ماۋسۇمنىڭ بىشىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان «سىياسى- ئىددىيىۋى تەربىيە ھەپتىلىكى» دىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ ،تەشۋىقى – تەربىيە ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيىۋى تونۇشىنى يۇقىرى كۆتىرىپ ،ئىددىيىسىنى بىرلىككە كەلتۇرۇش كىرەك .
4) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلىق ئاممىسىغا باشچىلىق قىلىپ ، قولغا كەلتۇرگەن شانلىق نەتىجىلىرىنى، سىياسەتلىرىنى ، مىھرى –شەپقىتىنى، غەمخۇرلىقىنى تەشۋىق قىلىش،تونۇتۇش ئارقىلىق تەربىيلەنگۇچىلەرنىڭ ۋەتەنگە، پارتىيەگە بولغان يۇكسەك ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسىنى كۇچەيتىش كىرەك .
5) مۇقۇملۇق ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربيسىنى كۇچەيتىش ئارقىلىق تەربىيلەنگۇچىلەردە« ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ،كوللىكتىۋىزىملىق ، ھەمكارلىق روھىنى يىتلدۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلاردا تىنچلىقنى سۆيىدىغان،تىنىچلىقنى ياقىلايدىغان،مۇقىمسىزلىققا، ئىتتىپاقسىزلىققا،بولگۇنچىلىككە بايرىقى روشەن،مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا  قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم ئىرادە،« ئىتتىپاقلىق -كۇچ؛ مۇقۇملۇق- بەخىت، قالايمىقانچىلىق- ئاپەت »،دەيدىغان قاراشنى يىتلدۇرۇش لازىم .
ئۇنداقتا يۇقىردا دىيىلگەن ياراملىقلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۇرۇپ چىققۇچى بولغان ئادەم كىم؟،ئۇلار نىمە ئششلارنى قىلىشى كىرەك؟ ئۆزىدە قانداق قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلارنى يىتىلدۇرشى كىرەك ؟ يۇقىردا دىيىلگەن ياراملىقلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۇرۇپ چىققۇچى ئادەم- دەل ئوقۇتقۇچى ،شۇنىڭ ئۈچۇن ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىدىيسىنى ھەققىقى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،ئىدىيە جەھەتتە ئازاد بولۇپ ،سىياسى جەھەتتە سەزگۇر ، ھۇشيار بولىشى،بەلگىلىك سىياسى ساپا ۋە سىياسى ئىقتىدارنى يىتلدۇرشى،سىياسى پەرىقلەندۇرۇش قابىليىتىنى ھازىرلىىشى ، تۇغرا بولغان ھەق – ناھەق قارىشىنى تىكلىشى ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە ھەر ۋاقىت مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشى ، ھەر ۋاقىت ئۆز-ئۆزىنى سىياسى جەھەتتىن تەربىيلىشى ، ئۆز-ئۆزىنى ئاڭلىق كونتىرۇل قىلىشى، ئۆزىنىڭ مەسئولىيتى ۋە مەجبۇرىيتىنى ئاڭلىق تونۇپ، سوتسىيالىستىك دەرس مۇنبىرىنىڭ پاكلىقىنى قەتئى قوغدىشى ، ھەر جەھەتتىن ئەتراپىلىق يىتىشكەن بەلگىلىك كەسپى ئىقتىدار يىتلدۇرشى ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئەمىلى ئىش – ھەركىتى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆلگە بولۇپ ، ئۇن –تىسىز تەسىر كۆرسىتىشى ،دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەيدىغان ساغلام بولغان پىسخىك روھى ھالەتنى يىتلدۇرۇپ ، خەلىقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا چەكسىز سادىق بولشى  ،ۋەتەننىڭ كەلگۇسى قۇرغۇچى ئىز – باسارلىرىنى تەربىيلەشنى چەكسىز شەرەپ بىلىپ ،ئىش ئورننى سۆيۇپ ، كەسىپنى قەدىرلەپ  ئادەمنى قانداق تەربىيلەش، قانداق ئادەم تەربىيلەش كىرەكلىگىدىن ئبارەت تۇپ مەقسەتنى ھەققىقى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ،  ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم تەربىيەلەيدىغانلىقدىن ئىبارەت ۋەزىيپىسنى تولۇق تونۇپ يىتىشى لازىم.
شۇنىڭغا قەتئىى ئىشىنىمىزكى ،مائارىپ سىپىدە خىزمەت قىلۋاتقان كەڭ ئوقۇتقۇچىلار يولداش خۇجىنتاۋ باش شۈجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش،ۋە ئىلمى تەرەققى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرساقلا ئىلىمىز مائارىپ ئىشلىرى جەزمەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ،ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىخىمۇ يىڭى،تىخىمۇ ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئارمانلىق يىگىت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-11 18:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-08-20 17:08