خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2010-03-14 21:03

ئىلىم ساھەسىدىكى  چىرىكلىشىش قانداق «تاۋلاندى»

جى شياۋمىن



نۆۋەتتە، ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ھەممە بىلىدىغان راست گەپ بولۇپ قالدى، ئۇ تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يامراپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، ئىلم ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش قانداق «تاۋلاندى؟» مېنىڭچە، ئۇ تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈرلۈك مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك:

ھەقىقەتكە سەل قاراشتەك ئىديىۋى نۇقتىئىنەزەر

جوڭگۇنىڭ زامانىۋى ئىلىم تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى شىنخەي ئىنقىلابىدىن باشلاندى. سەي يۈەنپېينىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا كىرىشى ۋە خۇ شى قاتارلىق ياۋروپادا ئوقۇغان زور بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشىدىن تارتىپ، جوڭخۇا مائارىپ، مەدەنىيەت فوندى مۇدىرىيىتى ۋە مەركىزىي تەتقىقات ئاكادىمىيىسىنىڭ قۇرۇلىشىغىچە، ھەممىسى مۇشۇ تۈزۈلمە ئۈچۈن ياخشى ئاساس تىكلەپ بەردى. ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ بىردىنبىر مەقسىدى ھەقىقەت ئىزدەش، شۇڭا، ئىلىم ساھەسى تارىختىن بۇيان پاك ساھە دەپ قارىلىپ كەلدى، ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرمۇ جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق- پەزىلەتلىك كىشىلىرى دەپ تونۇلۇپ كەلدى. ئەگەر، ئالىملارمۇ ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايلا نام- مەنپەئەت قوغلاشسا، ئۇنداقتا، بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىز، مىللىتىمىز چوقۇم زىيان تارتىدۇ. ئۇنداقتا، جوڭگۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ھەقەقەت ئىزدەشكە سەل قاراش خاھىشى قاچان پەيدا بولغان؟ ھەقىقەت ئىزدەشنى مەقسەت قىلغان ئىلىم تەتقىقاتى تامامەن مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان ئەقلىي پائالىيەت. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، جوڭگۇنىڭ ئىلىم- پەن ئىشلىرىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولغان رېن خوڭجۈەن ئۆتكۈرلۈك بىلەن: «چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان، گەرچە، نۇرغۇن قەلەمدارلار تەشرىپدارلىققا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۇلار ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرىپ ماختىنىپ، خۇددى، ئانىسىنىڭ قوسىقىدىن نۇرغۇن بىلىمنى قۇچاقلاپ چۈشكەندەك، «مەنپەئەت ئۈچۈن ئۈگىنىش» يولىغا كىرىپ كەتتى. جوڭگۇدا « ئىلىم ئۈچۈن ئۆگىنىش» نى مەقسەت قىلغان ئىلىم ساھەسىنىڭ تۈپتىن مەۋجۇت بولماسلىقى، جوڭگۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئاجىز، كىشىلەرنىڭ « خۇپسەن ۋە تەخسىكەش » بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى دەل مۇشۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
بۇ يەردىكى ئاتالمىش « مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆگىنىش» ئەينى يىللاردىكى ئەجنەبىچىلەر جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرغان ئىدىيە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىلىم ساھەسىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. لېكىن، ئوخشىمايدىغىنى، ئەينى ۋاقىتتا، ئەجنەبىچىلەر ئېيتقان «مەنپەئەت» يەنە «دۆلەتنى بېيىتىپ ئارمىيىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق مەزمۇنلارغىمۇ ئىگە ئىدى، ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىلىم ساھەسىدكى ئەمەلدارلار ۋە ساختا ئالىملار ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىدىن باشقا ھېچنىمىنى ئويلىمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ساختا كۆرۈنىش پەيدا قىلىپ، باشقىلارنىڭكىنى ئوغۇرلاش قىلمىشلىرى بىر تۈرلۈك ئاپەتكە ئايلاندى. مەلۇم ئىنىستىتوتنىڭ باشلىقى چەتئەلدىن سېتىۋېلىپ كەلگەن ئۆزەك پىلستىنكىنىڭ ماركىسىنى سۈركەپ چىقىرىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى قىلىۋالغان، ئاندىن، دۆلەتكە زور پەن- تېخنىكا نەتىجە مۇكاپاتى ئىلتىماسى سۇنغان، شۇ ئارقىلىق، ھۆكۈمەتتىن 110 مىليون يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان، بذ، ئەڭ تىپىك بىر ئەنزە مىسالى. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، كورىيەدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىش يۈز بەرگەندە، مۇناسىۋەتلىك ئادەم تۈرمىگە تاشلىنىپ، قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن، جوڭگۇدا بۇ خىل ئىشلار يۈز بەرگەندە، ھەمىشە چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىپ، كىچىك ئىشنى يوققا چىقىرىدۇ، بۇمۇ ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىشىشنىڭ قىلچە تەپتارماي يامراپ كېتىشىدىكى بىر تۈرلۈك ئاساسلىق سەۋەپ.

كىشىگە بىردەممۇ ئاراملىق بەرمەيدىغان تەكشۈرۈش تۈزۈمى

ئالىملاردا ھوقۇققا يۆلىنىش خارەكتىرىنىڭ كۈچىيىشى ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەپ. بۇنىڭ، قەدىمقى زاماندىكى ھوقۇقدارلارغا تايىنىش بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ھازىرقى ئالىملار مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزىشى، جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. لېكىن، ئىش باشقۇرىدىغانلار ھەمىشە زىيالىلارنىڭ مائاش ئېلىپ ئىش قىلماسلىقىدىن قورقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئادەمنى بىردەممۇ ئارام ئالغىلى قويمايدىغان تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىشقان.
مەن بىر ئالىي مەكتەپ پروفېسسورىنىڭ مۇرەككەپ، قاتمۇ- قات تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئالدىدا، خۇددى بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ كەينى مىڭىسىگە تاپانچا تىرەپ تۇرغاندەك ھېسىياتتا بولىدىغانلىقىنى ئازاپ ئىچىدە ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مۇستەقىل خارەكتىر ۋە ئازادە روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سۆز ئېچىش تەس! تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنىڭ بەك يۇقۇرى بولۇشى، قىلچە يوللۇق بولماسلىقى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە دوكتور، ئاسپرانتلارنى ساختىلىق قىلىشقا، باشقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوغۇرلاشقا مەجبۇر قىلغان. كۆرۈنىشتە، بۇ بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقىي- پەزىلەت مەسىلىسى بولسىمۇ، لېكىن، ئەمەلىيەتتە، ئۇنى «ياخشى ئاياللارنى بۇزۇقچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلاش» قا ئوخشايدىغان مۇشۇ خىل تەكشۈرۈش تۈزۈمى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر پۇل خەجلەپلا ئىلمىي نەتىجىنى سېتىۋالىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسۈتىلىشىچە، زىيارەت قىلىنغان 180 نەپەر دوكتۇر ئىچىدە، %60 كىشى ئۆزلىرىنىڭ پۇل خەجلەپ ژورنالدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. نۇرغۇن ئىلمىي ژورناللار ئاشكارا ياكى يېرىم ئاشكارا ھالدا ژورنال بېتىنى ساتقان. بۇ يەردە، فېڭ يۇلەن ئەپەندىنىڭ 1948- يىلىدىكى بىر قېتىملىق نۇتقىدا تەكىتلەپ ئوتتۇرىغا قويغان:«زامانىۋى ئالىي مەكتەپلەر ھۆكۈمەت قاتارلىق ھوقۇقلۇق تارماقلارغا بېقىنمايدىغان، مۇستەقىل ھالدا ھەقىقەت ئىزدەيدىغان تەتقىقات ئورنى. بۇ يەردە، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەل قىىدىغىنى ئەركىن ئىدىيە، مۇستەقىل روھ» دىگەن سۆزى ئېسىمگە كەلدى. ھالبۇكى، نۆۋەتتىكى بۇ خىل تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئالىملارنىڭ مۇستەقىللىق روھىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزمەكتە.

ئەمەلدارلار بىلەن ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش تۈزۈلمىسى

ئەگەر، 20 نەچچە يىل ئىلگىرى ئىلىم ساھەسى يەنىلا نامراتلىقتا جاراڭلاپ تۇراتتى دىيىلسە، ئۇنداقتا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، بازار ئىگىلىكىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلىم ساھەسىدىكى سودىلىشىش پائالىيەتلىرىمۇ باشلاندى.
ئېسىمدە قېلىشىچە، تەخمىنەن 1992- يىلنىڭ ئالدى- كەينىدە، مەلۇم ئۆلكىدىكى ئەمەلدارلار سورۇنىدا بىردىنلا ئۇنۋان باھالاش شامىلى كۆتۈرۈلگەن. نۇرغۇنلىغان ناھىيە- شەھەر دەرىجىلىك كادىرلار ھېچقانداق پەن تەتقىقات نەتىجىسى بولمىسىمۇ، ئۆزلىرىنى ئالىي دەرىجىلىك ئىقتىسادشۇناس ياكى ئالىي دەرىجىلىك مەسئۇل سىياسى خادىم قىلىپ باھالىتىش كويىغا چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەس بەستە ئۆلكىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ باھالاپ تەكشۈرۈش سېستىمىسىدا باھالىغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كىشىلەردىن ياردەم تىلىگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى كۆپ يىللاردىن بېرى ئىزچىل تۈردە بىر چوڭ تەتقىقات تېمىسىغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن، بۇ تېمىدا باشتىن ئاخىرى ئىلگىرلەش بولماي كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ دەرھال بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىراجەت كەمچىل دىگەن نام بىلەن، ئۇنۋان ئالماقچى بولۇۋاتقان ھېلىقى شەھەر باشلىقى ۋە ھاكىملارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىرقانچە ئون مىڭ يۈەندىن پۇل چىقارسا، مەزكۇر تېمىنىڭ 2- تۈرىگە ئىسمى يېزىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ سودا ناھايىتى تېزلا پۈتكەن: شەھەر باشلىقى ۋە ھاكىملار ئۇنۋانغا ئېرىشكەن، ھېلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقىمۇ نەچچە يۈز مىڭ يۈەن پۇل تاپقان، لېكىن، ئۇ بۇ پۇلنى تەتقىقات تۈرىگە ئىشلەتمەي، داۋاملىق ھالدا ئۆزىنىڭ « بېلىق تۇتۇش قۇرۇلىشى» ئۈچۈن سەرپ قىلغان.
20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىلىم ساھەسىدىكى پۇل تېپىش يوچۇقلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى بەزىلەر بىۋاستە ھالدا ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىدىن تەتقىقات خىراجىتى ئالىدىغان بولغان. ئادەت بويىچە، ئۆلكىنىڭ پۇلى ئىدارىغا بېرىلىش كېرەك ئىدى، ئەمدى قانداقسىغا مەلۇم شەخسلەرنىڭ قولىغا بىۋاستە بېرىلىدۇ؟ بۇ كېيىن ئاشكارا بولدى: ئەسلىدە بۇ پۇللار پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپقا مەسئۇل بىر مۇئاۋېن نازىرنىڭ قولىدا بولۇپ، كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى كۆپەيگەچكە، بۇ مۇئاۋېن نازىر بۇ ھوقۇقنى مالىيە نازارىتىدىكى بىر باشقارما باشلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقىلار بۇ ياش باشقارما باشلىقى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، خالىغان بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى- ئۈچ تۈمەن، ئون نەچچە تۈمەن، ھەتتا، نەچچە ئون تۈمەن يۈەن تەتقىقات خىراجىتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغان بولغان، بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا، ئىدارىمۇ ئىزچىل تۈردە قوللاش ۋە ئىلھام بېرىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان.
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ  پىلان تۈزۈش، دوكلات يوللاش، خۇلاسە يېزىش، باھالاپ سېلىشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ماتېرىيال يېزىش بىر تۈرلۈك زۆرۈر تەرتىپ بولۇپ قالدى. ئەگەر، بۇنىڭغا ئازراق «ئىلىم تەركىبى» قوشۇلسا، تېخىمۇ تېپىلغۇسىز ئىش بولغان بولاتتى. نۇرغۇن «ئالىملار» غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار مەكتەپتىكى ۋاقتىدا بىلىمگە قىزىقمايدۇ، تەتقىقات ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەقىقەت ئىزدەش ئىخلاسى كەمچىل بولىدۇ، يەنە كېلىپ، پۇلنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، ناھايىتى ئاسانلا ئەمەلدارلار بىلەن ئىلىم ساھەسەدىكىلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بەزى «ئالىملار» ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن پۇل ئېلىش ئۈچۈن، دائىم ئەمەلدارلارغا ھەمرا بولۇپ، غەرق مەست بولغىچە ھاراق ئىچىشىدىكەن. ئەمەلدارلار بىلەن ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى جەريانىدا، « ئالىملار» نىڭ سوغا تەقدىم قىلىدىغان- قىلمايدىغانلىقى، ئەمەلدارلارنىڭ قانچىلىك شىرىنكانە ئالىدىغانلىقىنى بىلىپ بولمايدۇ.

تەتقىقات خىراجىتىنى ئىشلىتىشتە  مۇپەتتىشلىك ۋە نازارەتچىلىكنىڭ كەمچىل بولۇشى

كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، پۇلغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى قانداق خەجلەشنى باشقۇرىدىغان ئادەم يوق. ئەلۋەتتە، ئورۇن تامغىسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئورۇنغا %15 ئاجرىتىپ بېرىش كېرەك. بۇ پۇل شۇنداق ئاسان قولغا كەلگەچكە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بەزى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا يەپ- ئىچىش شامىلى كۆتۈرۈلگەن، ئاڭلىشىمچە، بىر رەھبەر ئىدارىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق دىگەن: « بۇندىن كېيىن، تەتقىقات خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشتا سەل دىققەت قىلىش كېرەك، كومپىيوتېر سېتىۋېلىش دىگەندەك چىقىملارنىڭ ھەممىسىنىلا تاماق چىقىمى تالونىغا كىرگۈزىۋەرمەسلىك كېرەك.»  ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى مالىيە تۈزۈمىدە، تامامەن ۋىژدان بىلەن ئىش بېجىرىش كېرەك بولسىمۇ، لېكىن، چوڭ ھوقۇق قولدا بولسىلا، يەپ- ئىچىش ۋە ئويناش خىراجەتلىرىنىمۇ ئاتچوت قىلىشقا بولىدۇ، چۈنكى ئۇنى شەخسنىڭ نامىدىكى تەتقىقات خىراجىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. مۇپەتتىش قىلىش، نازارەت قىلىش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بەزىلەر ئىلمىي تەتققات نامىدا ئۆزى خالىغىنىنى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ: «تەتقىقات خىراجىتىنى خەجلەش ئۆزىنىڭ پۇلىنى خەجلىگەنگە قارىغاندا كۆپ ئوڭاي» دىگىنى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.
قىسقىسى، ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىشىشىنىڭ زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە ئالىملارنىڭ پەزىلىتىنى يوقىتىپ، روھىنى چىرىتىپ، ئىجتىمائى كەيپىياتنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئەگەر، ساختا دورا كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ دىيىلسە، ئۇنداقتا ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.

مەنبە: «فىليەتون ئايلىق ژورنىلى» نىڭ 2007- يىللىق 12- سانى.
 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار