خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

11-نومۇرلۇق ھۆججەت

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 0000002014-03-17 22:50


ئاپتونوم رايوننىڭ 11-نۇمۇرلۇق ھۆججتىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس لېكىسىيە
    قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىدىن : مەمەتجان كىرىم
 
  شىنجاڭدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايوندا «ئۈچ خىل قانۇنسىز قىلمىش » توختىماي يۈز بېرىۋاتقان، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان، زوراۋانلىق، تېرورلۇق جىنايەتلىرى بېسىقمايۋاتقان ئارقا كۆرۈنۇش ئاستىدا، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە ئۇزاق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا مۇزاكىرە قىلىپ، « قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ قانۇن بويىچە تۈزەش، چېكىدىن ئاشقان دىنىي  ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدىكى بىر نەچچە تۈرلۈك يېتەكچىلىك پىكىر(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) » نى (ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم 11-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى) تۈزۈپ تارقاتتى.    
11-نۇمۇرلۇق ھۆججەت تارقتلغاندىن كېيىن ۋىلايەتلىك پارتكوم بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ۋىلايەتلىك پارتكوم مەركىزى ئۈگنىش گۇرۇپپىسى، پارتكوم ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى (كېڭەيتىلگەن يىغىنى) چاقىرىپ، 11-نۇمۇرلۇق ھۆججەتنى ئۈگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، « قەشقەر ۋىلايتىنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 11-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى » نى ۋە مۇناسىۋەتلىك توققۇز تۈرلۈك ھۆججەتنى تۈزۈپ چىقتى ۋە تۈزۈپ چقىۋاتىدۇ. «قەشقەر ۋىلايتىنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 11-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنى ئۈگىنىش ئىزچىلاششتۇرۇشتىكى 100سۇئال-جاۋاب» نى بىسىپ تارقاتتى. تېخى يېقىندىلا 11-نۇمۇرلۇق ھۆججەتنىڭ ئىلمى مەنىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشىنىش، دىنى خىزمەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىددىيە تونۇشنى 11-نۇمۇرلۇق ھۆججەت بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قانۇن بويىچە تۈزەپ، دىنى ئەسەبى ئىدىينىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تىخمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىدە تۈركۈمگە بۆلۈپ 11-نۇمۇرلۇق ھۆججەتنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا ناھىيە باشقارما دەرجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەخسۇس تەربىيلەش كۇرۇسى ئىچىلدى.  نۆۋەتتە پۈتۈن ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلاردا تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ 11-نۇمۇرلۇق ھۆججەتنى تەشۋىق قىلىش، ئۈگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.
مەزكۈر ھۆججەتتە ماركسىزملىق دىنىي قاراش ۋە پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە قاراتقان فاڭجىن-سىياسەتلىرى تولۇق سىڭدۈرلگەن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىدىيە، كۆز قاراش ۋە تەلەپلىرى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەش ۋە چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىش ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قانۇنىيەتلىرى نەزەردە تۇتۇلغان ئاساستا بۇنىڭدىن كېيىنكى بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپلىرى، ئاساسىي ۋەزىپىلەر ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلەر ئېنىق كۆرسىتىلدى. 11-نۇمۇرلۇق ھۆججەت يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئېنىق نىشان كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
 ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 11-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى- قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تۈزەپ، چېكىدىن ئاشقان دىنىي  ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش
قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ـــ دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى، قانۇن-سىياسەتلەر ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنمىزنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرشقا دائىر نىزام-بەلگلىمىلىرى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت-ھۆججەتلىرىگە خىلاپ ھالدا ئېلىپ بىرىلغان تۈرلۈك دىنىي پائاليەتلەر ۋە ھەركەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
چىكدىن ئاشقان دىنىي ئەسەبى ئىدىيىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلرى:
ئەسەبى دىنيى شايكا، دىنىي تەشكلاتلارنى قۇرۇشنى پىلانلاش، قۇرۇش ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشش؛ «غازات»نى تەرغىپ قىلىپ ھەرخىل زوراۋانلىق، تېرورلۇق ھەركەتلىرنى پىلانلاش، تەشكىللەش ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىش؛ «قۇرئان كەرىم» نى تۈپ شەرىئەت قىلشنى كۆككە كۆتۇرۇپ، دىنىي نىقاپ ئاستىدا دۆلەتنىڭ ئەدىلىيە تۇزۇمى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇشى بىلەن قارشلىشش ياكى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىش.
1. قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تۈزەپ، چېكىدىن ئاشقان دىنىي  ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلىكى
 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە توغرا رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ دىننىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا يىتەكلەش، قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش، دىننىي ئەسەبىي ئىددىيەلەرنىڭ سېڭىپ كېرىشىنى چەكلەش قاتارلىق خىزمەتلىرىدە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دىننىي خىزمەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئالغا سېلجىتىلدى. پۈتۈن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى كەڭ دىننىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئامما ۋەتەننى سۆيۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرلەپ، دىننىي پائالىيەتلەرنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپكە سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات مۇقۇملۇق تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت ئاساسىنى ئورناتتى. ئەمما دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىچكى-تاشقى مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بىر قىسىم جايلاردا قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەر كۆپلەپ يۈز بېرىپ، دىننىي ئەسەبىي ئىددىيەلەرنىڭ سېڭىپ كىرىش پائالىيىتى كۈچىيىپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە زوراۋان تېرورلۇق جىنايى ئىددىيەلىرى يېتىشتۇردىغان ۋە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرىدىغان پائالىيەت بازىسىغا ئايلاندى. شۇڭا نۆۋەتتىكى كەسكىن، مۇرەككەپ كۆرەش ۋەزىيىتىدە، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن  ھەردەرىجىلىك پارتكوم ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ماركىسىزىملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تۈزەش،  چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەشنىڭ ـــ پۇخرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، نورمال دىننىي پائالىيەتلەرنى قوغداشتىكى ئالدىنقى شەرت ۋە رېئال ئېھتىياجى ئىكەنلىكى؛ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ زوراۋان تېرورلۇق جىنايەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى چەكلەشتىكى مۇھىم ئۇل خاراكتىرلىك خىزمەت ئىكەنلىكى قاتارلىقلارغا بولغان تونۇشنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشى، قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تۈزەپ، چېكىدىن ئاشقان دىنىي  ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلىكى تولۇق تونۇپ يىتىشى لازىم.
1) بۇ-پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە رېئالنى ئېھتىياجى.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.
ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنىنىڭ،جامائەت تەشكىلاتى ۋەشەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالانىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ
دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىقا يول قويۇلمايدۇ.
دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ»
                                              جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئاساسىي قانۇنى «36-ماددا»
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈپ نۇقتىئىنەزەرى ۋە سىياسەتلىرى:
⑴ دىننىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، يوقىلىش جەريانى بار، دىن سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولىدۇ. دىننى مەمۇرى كۈچ بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ، ھەم تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ.  
دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى قوغدايدۇ. پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ھەم ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بولىدۇ.
⑶ ئاتىئىزىم تەشۋىقاتىنى قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن ئاتىئىزىم بىلەن تىئىزىمنى پەرىقلەندۇرىمىز دەپ ئىككىنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويۇشقا بولمايدۇ. سىياسىي جەھەتتە ئىتتىپاق ھەم ھەمكار ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇش، بىر-بىرىنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
دۆلەت دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى ۋە دىنىي ساھەلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەركەتلەرنى چەكلەيدۇ ۋە ياكى زەربە بېرىدۇ.
⑸ ئېلىمىزنىڭ دىن ساھەسىدە يۈز بەرگەن زىددىيەت ئاساسلىقى خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتكە ياتىدۇ، لېكىن مۇئەييەن شارائىتتا قارمۇ-قارشى تۇرۇشتەك مەسىلە كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا مەسىلىنى قاتتىق پەرقلەندۇرۇپ، خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل زىددىيەت مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
دىندا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چېگىرا سىرتىدىكى دۇشمەنلىرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئېلىمىزگە سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. چېگىرا سىرتىدىكى ھەر قانداق تەشكىلات، توپ ياكى شەخىسنىڭ ئېلىمىز دىن ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشغا يول قويۇلمايدۇ.
ۋەتەنپەرۋەر دىنىي توپ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئېتىقادچى ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان
كۆۋرۈك. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆز قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قوللاشقا ئېرىشىدۇ، رولى تولۇق
جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئېتىقادچى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقمى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا پىلانلىق، تەشكىللىك ئاساستا
ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈلىدۇ.
دىن سوتسىيالىزم جەمئىيىتى بىلەن ماسلىشىشقا پائال يېتەكلىنىدۇ، دىنىي زاتلار ۋە
ئېتىقادچى ئاممىدىن پۇقرالىق ئېڭى ۋە دۆلەت ئېڭىنى ئېنىق تۇرغۇزۇش، ۋەتەننى سۆيۇش
بىلەن دىننى قەدىرلەشنى بىرلەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرى يولغا قويغان
دائىرىدە ھەركەتلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
بارلىق دىنىي توپ ۋە دىنىي زاتلار قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى شەرىت.
  2) بۇ-مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەركەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق چەكلەش ۋە زەربە بېرىشنىڭ رېئالنى ئېھتىياجى.
مىللىي بۆلگۈنچىلىك-مىللەتلەر ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، مىللەتنى پارچىلايدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئەكسىيەتچىل سىياسىي تەشەببۇس، ئەكسىيەتچىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى ۋە ئەكسىيەتچىل رېئالنى ھەركەت.
مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى-جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك خەلق ھاكىمىيتىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى ئاغدۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تېنىچلىقى ۋە بەخىت سائادىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش.
چىكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەلەرنىڭ ماھىيىتى : دىن ئەقىدىلىرنى بۇرمىلاپ، زوراۋانلىق ۋاستلىرى ئارقىلىق ھازىرقى ئىجتمائى،سىياسى تەرتىپلەرنى ئاغدۇرماقچى بولۇش ياكى زوراۋانلىق قىلش ئارقلىق ئېتقاد، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە قانۇن سېستمسى جەھەتتىكى كۆزقاراش، مەيدان ۋە قىلمشلارنى قوللاش بولۇپ ئۇنىڭ دىننى كۆتۇرۇپ چىقشى ـــ پەقەت بىر تاشقى كۆرۇنۇش خالاس. يادرولۇق مەسلە مىللي بۆلگۇنچلىك تۇغدۇرۇپ زوراۋانلىق، تېرورلۇق ھەركەتىلىرنى ئېلىپ بېرىش.
قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەرنىڭ زىيىنى :
● پارتىينىڭ دىنىيى ئېتقاد ئەركىنلكى سىياستىگە بۇزغۇنچلىق قىلش
●جەمىيەت تىنچلىققا ۋە مىللەتلەر ئىتپاقىلىققا زىيان كەلتۇرۇش
● ۋەتەنىنىڭ بىرلىكگە زىيان يەتكۇزۇش
ۋىلايىتىمىزدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، بۆلگۈنچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش گاھ پەسىيىپ گاھ كۈچىيىپ زادىلا توختاپ قالمىدى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتا ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشاش بولمىسىمۇ ھەممىسى مۇناسىپ تارىخى مەزگلىدىكى خەلىقئارا ئارقا كۆرۇنۇش بىلەن چۇڭقۇر مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئالاھىدە مۇرەككەپ بولۇپ كەلدى.
   دىمەك، تارختىن بۇيان ياكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا پاش قىلىنغان بۆلگۈزچىلىك، زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق دىلولىرىدىن قارىغاندا ئىپادىلەنگەن قانۇنىيەتلىك ئالاھىدىلىك بولسا ھەممىسى دىگۈدەك قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتتىن باشلانغان، دىننىي ئەسەبىي ئىددىيىدىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك ئىددىيىسى تارقىتىپ، ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ تەشكىللەپ، «غازات» نى تەرغىپ قىلىپ ئاخىرىدا زوراۋانلىق تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەش ئەمەلىيىتى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، قانۇنسىز دىننىي پائالىيەت ۋە دىننىي ئەسەبىي ئىددىيە بولسا :
● «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى  ساقلايدىغان تۇپراق.
● مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋان تېرورلۇق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى پائالىيەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان مەنبە.
● شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە.
2. قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تۈزەپ، چېكىدىن ئاشقان دىنىي  ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە خىزمەت نىشانى
ئومۇمىي تەلەپ :
 1. مەركەز چىقارغان «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسىي خەۋپ-مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى» دىگەن توغرا ھۆكۈمدە چىڭ تۇرۇش.
2. پارتىيىنىڭ دىن خىزمىتىگە قاراتقان تۈپ فاڭجېن-سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرۇش.
3. « قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە ياتىدىغانلىرىغا زەربە بېرىش» دىگەن مۇھىم نوقتىدا چىڭ تۇرۇش
4. قانۇن ئارقىلىق تۈزەش، چەكلەش بىلەن يول قويۇشنى بىرلەشتۇرۇشتە، ئونۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش
5. ھەر دەرىجىلىك پارتىكوملار رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇش، تارماقلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنى كەڭ دائىرىدە قاتناشتۇرۇشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش
6. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش
 ئاساسىي پىرىنسىپ : قانۇن ئارقىلىق تۇزەش، ئۇنۋىرسال تەدبىر قوللىنىش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، ئاۋۋال يولغا قويۇش، ئاۋۋال سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپ بېقىش.
بىرىنچى، قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تۇزەشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. بۇنىڭدا قانۇن بويىچە تەرتىپكە سېلىپ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش، ھەر بىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەرنى تەرتىپكە سېلىشقا دائىر قانۇن-نىزام، سىياسەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىلىق ئوي-پىكىرى،  قانۇنچىلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش،  ھەم بايرىقى روشەن ھالدا پۇخرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى ۋە پۇخرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداش، ھەر بىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى چوقۇم  قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام،سىياسەتلەردىن ئۇنۇملۇك ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قەتئىي چەكلەش، دىنىي ئەسەبىي ئىددىيىنىڭ ئامما ئارىسىغا سېڭىپ كىرىشنىڭ قەتئى ئالدىنى ئىلىپ، قانۇنسىز دىننى پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بىرىش ئارقىلىق، قانۇنى ئۈنۈم ، سىياسىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش .
ئىككىنچى، ئۇنۋىرسال تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. قانۇن بويىچە تەرتىپكە سېلىش داۋامىدا چوقۇم سىياسەتنى ياخشى ئىگەللەپ، ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان خاراكتىردىكى زىدىيەتنى توغرا ئايرىپ، نامۇۋاپىقلىرىنى قانۇن بويىچە چەكلەپ، ئىلمىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەپ،  دۈشمەنلەرنى ئەڭ چوڭ چەكتە پارچىلاپ،ئاممىنى ئەڭ چوڭ چەكتە تەربىيلەپ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش، دىنغا ۋارىسلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلارغا قارىتا تەنقىدى تەربىيە ئارقىلىق يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ دىننىي ئەسەبىي ئىددىيىنى سىڭدۈرۈپ، «غازات»نى تەرغىپ قىلىپ مىللىي بۆلگۈنچى، تېرورچى كۈچلەرنى يېتىشتۈرگەنلەرگە قارىتا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش لازىم. ئادەتتىكى قاتناشقۇچىلارغا قارىتا تەربىيە بېرىش، قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى مەخسەت قىلىش، ئاز ساندىكى مىللىي بۆلگۈنچى، زوراۋان-تېرورچى، دىننىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ باشلامچىلىرى ۋە تايانچلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش لازىم.
ئۈچىنچى، ھەر قايسى تارماقلار تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. بۇ خىزمەت مۇرەككەپ، مۇشەققەتلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك. شۇڭا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز مەسۇلىيتىنى ئادا قىلىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، تەڭ تۇتۇپ ئوراتق باشقۇرۇشى، بۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. 
 تۆتىنچى، ئاۋۋال يۈرگۈزۈپ ئاۋۋال سېناق قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. شەكىللەنگەن ۋە ئەمەلىيەتنىڭ ئىسپاتلىشىدىن ئۆتكەن ئۈنۈملۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەردە چىڭ تۇرۇپ ، يېڭى ۋەزىيەتكە قارىتا يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قانۇن-تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەردە چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا ئاۋۋال يولغا قويۇش ئاۋۋال سېناش ئارقىلىق دىننىي ساھەدىكى مۇرەككەپ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى جەمئىيەت باشقۇرۇشقا  ماس كەلمەسلىك ھالىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، باشقۇرۇشنى خالىماسلىق، باشقۇرۇشنى بىلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ،« قانۇنلۇق، ئۈنۈملۈك، مەسئۇليەت كىشى بىشىغىچە ئەمەلىىلەشكەن» بولۇشتەك تەرتىپكە سېلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ پائال يېڭىلىق يارىتىشقا ، ئەسقاتىدىغان چارە تەدبىرلەر ئۈستىدە ئۆزلۈكسىز ئېزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش لازىم . ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، ئۈنۈمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاۋۋال يۈرگۈزۈپ ئاۋۋال سېناق قىلىشنىڭ تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى كېڭەيتىپ ئوموملاشتۇرۇپ ، مېخانىزىمنى مۇستەھكەملەش لازىم.
خىزمەت نىشانى : قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنىي بەلگىلمىلەرنى تولۇق ھەم ياخشى ئىشلىتىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەرنى قانۇن بويىچە قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، قانۇننىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىڭ بىرلىكىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش.
3.ۋىلايىتىمىزدە 11-نۇمۇرلۇق ھۆججەت روھىنى ئەستاھىدىل ئۆگىنىش ۋە  ئىزچىل ئەمەليلەشتۇرۇشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسلە 
1) ۋىلايىتىمىز دىن خىزمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى ۋە ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى ئىگەللەش كېرەك.
قەشقەر ۋىلايىتى پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دىنغا ئېىتقاد قىلدىغان ئامما ئەڭ كۆپ ، دىنىي ۋەزىپىدىكى خادىملار ئەڭ كۆپ ، دىنىي پائالىيەت سورۇنى ئەڭ كۆپ، دىنىي ۋەزىپىسى يوق ئەمما دىنى بىلمى بار كىشلەر ئەڭ كۆپ، ھەج قىلغانلار ئەڭ كۆپ بولغان رايون بولۇپ، دىن مىللىيلىققا، خەلىقئارالىققا، مۇرەككەپلىككە، ئۇزاق مۇددەتلىككە، ئاممىۋىلىققا ئىگە.   
2) قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تۈزەپ، چېكىدىن ئاشقان دىنىي  ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى توغرا ئىگەللەش كېرەك.
● ئاممىغا ئىشىنىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئامما مۇداپئە كۆرۈپ، ئامما تۈزەپ،  سىياسەت، تەدبىر ۋە ئۇسۇللارغا دىققەت قىلىپ، قانۇنسىز دىننىي ھەركەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەلەرىنىڭ سېڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشۋە زورايتىش، دىننى سوتسىيالىزىم جەمئىيتىگە ماسلىشىشقا پائال يىتەكلىشى لازىم.
● مەنبەسىدىن تۈزەپ سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەرنى قانۇن بويىچە قەتئى چەكلەپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە زوراۋان تېرورچىلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن قوزغىتش، شايكىسىغا ئەزا كۆپەيتىش ئاساسىنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش كېرەك.
● چېكىدىن ئاشقان دىنىي تەشكىلات-شايكىلارغا قەتئي، كەسكىن زەربە بىرىپ، زوراۋانلىق، تېرورلۇق جىنايەتلىرىنى پەيدا قىلغۇچى تەشكىلي ئاساسىنى بىتچىت قىلىپ، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ھەركەتلەر يامراپ كېتىش ھالىتىنى بېسىقتۇرۇش كېرەك.
3) «بىر تونۇش» نى ئۆستۈرۈش، «ئىككى قانۇنىيەت» نى تەتقىق قىلىش، «ئۈچ مۇناسىۋەت» نى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، «ئۈچ مەسلە» نى ھەل قىلىش، «ئۈچتە كۆڭلىدە سان بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ياخشى ئىگەللەش كېرەك. 
«بىر تونۇش» نى ئۆستۈرۈش
 زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قانۇنسىز دىنىي ھەركەتتىن باشلىنىدىغانلىقى، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيە ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك قاراشلىرى تەشۋىق قىلىدىغانلىقى، تەشكىلات-شايكىغا ئەزا كۆپەيتىپ، «غازات» تەرغىب قىلىدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا تېررورلۇق ھەركەتلەر تۇغۇلىدىغانلىقىنى تونۇش
تەتقىق قىلىدىغان «ئىككى قانۇنىيەت»
بىرى، دىنىي كەيپىيات قويۇق بولۇشتىن قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەر كۆپ يۈز بېرىشكە ئۆزگىرىدىغان، ئارقىدىن زوراۋانلىق تېرورلۇق دېلولىرى يۈز بېرىدىغان قانۇنىيەت. يەنە بىرى، ئىلگىرى ئىخلاسمەن مۆمىن مۇسۇلمان، كېيىن ئۆزگىرىپ ئەسەبىي ئۇنسۇرغا ئايلىنىدىغان، ئاخىرىدا ۋەھشى زوراۋان، تېرورچى بولۇپ كېتىدىغان قانۇنىيەت.
«ئۈچ مۇناسىۋەت» نى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش
● كىم ئۈچۈن ئىشلەش بىلەن كىمگە تايىنىپ ئىشلەشنىڭ مۇناسىۋىتى
● ھادىسىدىن تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەشنىڭ مۇناسىۋىتى
● قانۇن ئىدارە قىلىش بىلەن ئاۋۋال يولغا قويۇش، ئاۋۋال سىناشنىڭ مۇناسىۋىتى
«ئۈچ مەسىلە» نى ھەل قىلىش
دىن باشقۇرۇشنى تۇتقاندا، بولۇپمۇ مەسىلە بايقاش جەھەتتە :
● كەنتتىكىلەر ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ بىلمەسكە سېلىۋىلىش مەسلىسى
● يېزىدىكىلەر بىلمەي تۇرۇپ بىلىمىز دەپ تۇرۇۋېلىش مەسلىسى
● ناھىيە (شەھەر) دىكىلەر بىلەيلى دەپ كۈچەپ تەكشۈرۈپمۇ ئېنىق بىلەلمەسلىك مەسلىسى
«ئۈچتە كۆڭلىدە سان بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش
● دىنىي ۋەزىپىسى يوق كىشىلەر شۇجايدا تەپسىر قىلدىمۇ-يوق
● يەر ئاستى دىنىي ئوقۇتۇش نۇقتىسى بارمۇ-يوق
● قانۇنسىز «تەبلىغ» پائالىيىتى تەشكىللىگەنلەر بارمۇ-يوق
4) بىرقىسىم كادىرلار ۋە دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنى تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەپ، بەزى مەسلىلەرگە بولغان تونۇشىنى ئايدېڭلاشتۇرۇش كېرەك.
● قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەرنى «باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، باشقۇرۇشنى خالىماسلىق، باشقۇرۇشنى بىلمەسلىك» تەك مەسلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش لازىم.
باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق- مەيدان مەسلىسى
باشقۇرۇشنى خالىماسلىق- پوزىتسىيە مەسلىسى
باشقۇرۇشنى بىلمەسلىك- خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسى مەسلىسى
 ● «ئۈچ خىل خاتا چۇشەنچە» نى تۈگىتىش لازىم
⑴ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى دىنىي ئېىتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇش دەپ قاراش
⑵ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى نورمال دىنىي ھەركەتلەرگە زەربە بېرىش دەپ قاراش
⑶ دىن بىلەن ئىلغار مەدەنىيەت ئۆز ئارا بىر–بىرىنى چەتكە قاقىدۇ دەپ قاراش
 ● دىن بىلەن مىللىي ئۆرىپ ئادەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش كېرەك.
  مىللي ئۆرپ ئادەت ـــ بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا تەدىرىجى شەكللەندۇرگەن ئورتاق قىزىقىشى، ياشاش ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە چەكلىمە-پەرھىزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىقى يىيش-ئىچىش، كىيىنىش، ئۆي تۇتۇش، نىكاھلىنىش، پەرزەنتلىك بولۇش، ساغلام تەربىيەلەش، ئۆلۈم ئۇزىتىش، ھىيىت-بايرام، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، قائىدە-يوسۇن ۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئۆرپ-ئادەتلەر مىللىيچە خاسلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، شۇنداقلا باشقا مىللەتتىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ.
 بۇ يەردە يەنە مىللى ئۆرىپ ئادەت بىلەن دىنىي ئۆرىپ ئادەتكە بولغان تونۇش ئېنىق بولۇش كېرەك:
 ئۇزاق تارىخى تەرەقىيات جەريانىدا، دىن ئۆزىنىڭ ئەقىدە ۋە قائىدە نىزاملىرنى دىنغا ئىتقا قىلغۇچى ئاممىنىڭ يىيىش-ئىچىش، كىينىش، ئۆي تۇتۇش، بېرىپ-كېلىش ئىشلىرغا ۋە مەدەنيەت، ھېيت بايرام پائاليەتلىرگە، نىكاھلىنش، ئۆلۇم ئۇزىتىشتەك ئۆرپ-ئادەتلەرگە سېڭدۇرۇلگەن بولسمۇ، لېكن مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن دىنىي ئۆرپ-ئادەتنىڭ يەنىلا پەرقى بولىدۇ، بۇ ئىككسىنىڭ مۇناسۋتىنى توغىرا بىر تەرەپ قىلش - نۆۋەتتىكى خىزمىتىمىزدە ئىنتايىن زۆرۈر. مىللى ئۆرپ-ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن نىكاھلىنىش، ئۆلۇم ئۇزتىش ئىشلىردا، بالىغا ئىسىم قۇيۇش، خەتنىسنى قىلش، مېيىت نامىزى چۇشۇرۇش، مېيتنى يەرلىكتە قويۇش، نەزىرە-چىراغ قاتارلىقلاردا گەرچە مەلۇم دەرجىدە دىنىي تۇس ۋە دىنىي ئەنئەنىلەر ساقلانغان بولسمۇ، ئەمما ماھىيەتتە بۇنداق دىنىي ئادەتلەر مىللى ئۆرپ-ئادەتنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولغاچقا ئۇنىڭغا چوقۇم ھۆرمەت قىلشمىز كېرەك.
● دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ۋە دىنىي خىزمەت ئىشلەش داۋامىدىكى تاكتىكا ۋە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك.
● ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە كادىرلار قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تۈزەپ، چېكىدىن ئاشقان دىنىي  ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش خىزمىتىدە چوقۇم باشلامچى بولۇپ،  ئۈلگە كۆرسىتىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
4. قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەش ۋە چىكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەلەرنىڭ سېڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش خىزمىتىدە ھەل قىلىشقا تېگشلىك 8 مەسىلە
1. كومپارتىيە ئەزالىرى دىنغا ئىتىقاد قىلسا بولمايدۇ دىگەن ئىنتىزامدا چىڭ تۇرۇش لازىم. چۈنكى ج ك پ ماركىسىزم –لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيسى بىلەن قوراللانغان، جۇڭگۇ ئىشچىلار سىنىپى ئىچىدىكى كوممونىزم ئېڭىغا ئىگە ئىلغارلاردىن تەركىب تاپقان پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيەسى بولۇپ، ھەقىقىي ئاتئىزمچى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
زىيىنى ــ كوممونىستلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشى، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى پارتىيەنىڭ خارەكتىرىگە خىلاپ بولۇپ، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئامما ئارىسىدىكى نوپوزىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ، شۇنداقلا پارتىيىنىڭ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئوموميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقىمۇ پايدىسىز. شۇڭا
بىرىنچى «پارتىيە نىزامنامىسى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن«ئىككى ئېنىق تەلەپ» نى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
①كوممونىستلاربايرىغى روشەن ھالدا قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرگە قارشى تۇرىشى ۋە چىكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەلەرنىڭ سېڭىپ كىرىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرىشى لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن غايە- ئىتىقاد تەربىيسىگە ئەھمىيەت بىرىپ  پارتىيۋىلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىنى توغرا چۈشىنىش ۋە قەتئىي چىڭ تۇرۇش، كوممونىزىملىق ئىتىقادتىن تەۋرەنمەسلىك لازىم.    
②ھەر مىللەت كادىرلىرى بولۇپمۇ پارتىيە ئەزالىرى ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن ئۇلگە بولۇپ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم.  تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ۋەزىيەتنى ئىنىق تونۇشتا باشلامچى بولۇش ، مەسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىشقا جۇرئەت قىلىش ۋەزىپىسى ۋە مەسۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا باشلامچى بولۇش، مەسىلىلەرنى بايقاش ھەل قىلىشتا باشلامچى بولۇش، ئالدى بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ پوزىتىسىيسى ئېنىق بولۇشتا باشلامچى بولۇش لازىم. پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش، ئىلغار مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىش ۋە ئاڭلىق ھالدا «ئۈچ قانۇنسىز» غا قارشى تۇرۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش لازىم.
ئىككىنچى، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىلەشتۈرۈش لازىم. تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ دىنغا ئىتىقاد قىلىغان پارتىيە ئەزالىرىغا  ئەھۋالغا قاراپ ئىھتىياتچانلىق بىللەن مۇئامىلە قىلىنىپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: ①كوممونىزملىق ئىتىقادتىن تەۋرىنىپ، دىنىي پائالىيەتلەنى قىزغىن تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان، بىراق تەنقىدىي تەربىيە ئارقىلىق ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىدە ئۆزگىىرىش بولغانلاردىن ئۆزى پارتىيە ئىچىدە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلارنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشقا بولىدۇ؛②تەنقىدىي تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى پارتىيەدىن، خىزمەتتىن چېكىنىشكە دەۋەت قىلىنىدۇ؛③دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان، دىندىن پايدىلىنىپ پارتىيەنىڭ لۇشىيەن، فاڭجېن –سىياسەتلىرىگە قاشى تۇرغان ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئىنتايىن ئازساندىكىلەر پارتىيەدىن، خىزمەتتىن قەتئىي قوغلاپ چىقىرىلىدۇ ھەمدە قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
ئۈچىنچى، ئاساسىي قاتلامدىكى پىنسىيەگە، دەم ئىلىشقا چىققان پارتىيەلىك كادىرلارغا كۆڭۈل بولۇش لازىم. ئۇلارنىڭ ئىدىيە ۋە تۇرمۇش ھالىتىگە دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ «مىغىزلىق مۇئامىلە قىلىش، مىغىزلىق بېقىش، مىغىزلىق كۆيۈنۈش، ئۆلۈمىنى چىرايلىق ئۇزىتىش» ئارقىلق ئۇلارغا پارتىينىڭ ئىللىقلىقنى ھىس قىلدۇرۇش لازىم. 
 2. يەر ئاستى دىن ئوقۇتۇش، دىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق مەنئى قىلىش لازىم. ھەرقانداق شەكىلدىكى يەر ئاستى دىن ئوقۇتۇش، دىن ئۆگىنىش قىلمىشى ئىلىمىزنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرى ۋە دىن باشقۇرۇش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇنىڭدىن ناھايىتى ئاسانلا پايدىلىنىپ كېتىپ، ئۇنى كونترول قىلىۋىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررولۇقنى تەشۋىق قىلىشتىكى ۋاستىگە ئايلاندۇرىۋالىدۇ. يەر ئاستى دىن ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش قىلمىشىنىڭ ھەر قاندىقى قانۇنسىز دىنىي ھەركەت ھىسابلىنىدۇ، شۇڭا قانۇن بويىچە قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.
ئاممىغا قارىتا تەربىيە بىلەن يىتەكلەشنى كۈچەيتىپ خىزمەت ئۇسۇلى قوپال ۋە ئاددىي بولۇشتىن ساقلىنىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنتىرنىت تورى قاتارلىق يېڭىچە ئاخبارت ۋاستىلىرىنىڭ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىمىزغا ئىلىپ كىلىۋاتقان ئېغىر خىرىسىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. توردىكى پاراڭخانا، ئۈندىدار، كيۇكيۇ توپى قاتارلىق تۈرلۈك تارقىتىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلارنىڭ ھەممىسى بىردەك قانۇنسىز دىنىي ھەركەت ھىسابلىنىدۇ، چوقۇم قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ مەنئى قىلىنىدۇ.
3.دىنىي زاتلارنىڭ تەستىقلاتماي تۇرۇپ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ سىرتىدا دىن بىلىملىرىدىن لىكسىيە ئۇيۇشتۇرۇشىنى مەنئى قىلىش لازىم.  دىنىي زاتلارنىڭ تەستىقلاتماي تۇرۇپ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ سىرتىدا دىن بىلىملىرىدىن لىكسىيە ئۇيۇشتۇرۇشى فونكىسيەلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش – باشقۇرشىغا، شۇنداقلا دىن بىلىملىرىنىڭ نورمال تارقىلىشىغا پايىدىسز، بۇنڭدىن باشقا يەنە قانۇنسىز دىني ھەركەتلەرنىڭ ئەۋج ئىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، ھەتتا دىنىي ئەسبىيلىكنى پەيدا قىلىپ، قورامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
4.دىننىڭ مائارىپ ساھەسىگە سېڭىپ كىرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش لازىم.  نۆۋەتتە دىننىڭ مائارىپ ساھەسىگە سېڭىپ كىرىشتىكى ۋاستىسى كۆپخىللىشىپ ئىلگىرىكى يېرىم مەركەزلەشكەن، يېرىم ئاشكارە ھالەتتىن تارقاق ھەم مەخىپىيلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. شۇڭا بىرىنچىدىن، دىن بىلەن مائارىپنى ئايرىش پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ «ئىككى بولمايدۇ»: ھەرقانداق ئادەمنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا بولمايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ مەكتەپتە دىنىي پائالىيەت ئىلىپ بىرىشىغا بولمايدۇ. «بەشنى مەنئى قىلىش» : مەكتەپتە دىنىي ئىدىيەنى تارقىتىش، دىن مۇرتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەكتەپتە دىنىي پائالىيەت سورۇنى تەسىىس قىلىش، دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ؛  ئوقۇتقۇچى- ئوقوغۇچىلارنىڭ دىنىي شايكا ۋە تەشكىلات قۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئوقۇتقۇچى- ئوقوغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچى –سىرتىدا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ياكى تەشكىللەپ قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ دىنىي كىيىملەرنى كىيىش، دىنىي بەلگىلەرنى تاقاش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ھەرقايسى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى –ئوقوغۇچىلىرىغا بولغان ئىدىيۋىي سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيىتىش لازىم. بۇنىڭدا ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىدىيۋىي سىياسىي دەرسلىكىنىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ مەكتەپ ئىچىدىكى ۋە يازلىق، قىشلىق تەتىللىك تەلىم تەربىيە بىلەن باشقۇرۇشنى تەڭ ياخشى قىلىش، ئوقوغۇچىلارنىڭ ماركىسىزملىق دىن قارىشى ۋە ئاتئىزىم قارىشىنى تىكلىشگە يىتەكچىلىك قىلىش لازىم.
ئۈچىنچى، دىننىڭ مئارىپ ساھەسىگە سېڭىپ كىرىش پائالىيتىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم .بۇنىڭدا پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى بىلەن مەكتەپ سىرتىدىكى كىشىلەر ۋە مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقوغۇچىلارنى پەرىقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىپ ئازساندىكى باشلامچى ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بىرىپ ئادەتتىكى قاتناشقۇچىلار بولغان تەربىيە، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. 
5.دىننىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىغا سېڭىپ كىرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئىلىش لازىم.  مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا، دىننىڭ مائارىپ ساھەسىگە سېڭىپ كىرىشىنى چەكلەش تەلىپى بويىچە تەربىيە بىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەكتەپتە ئەمەس قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا، ئائىلە تەربىيسىنىڭ رولىنى ياخشىى جارى قىلدۇرۇپ، پەرزەنىتلەرگە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، ئائىلىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەۋلادىغا ئىگە بولۇش، جەمئىيەتكە جاۋابكا بولۇشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئارتىش كېرەك. كەنىت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللا بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشكىللىك ھالدا شەكلى ھەرخىل بولغان، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىدىغان تېخنىكا – ئىقتىدار بويىچە تەربىيلەش، قانۇن –تۈزۈم بىلملىرى بويىچە تەربىيلەش كۇرسلىرىغا ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ، قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ئاتئىزىم تەربىيسىنى كۈچەيتىپ، دىننىڭ، بولۇپمۇ قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەرنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى چىرىتىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.
بەلگىلىمىگە خلاپلىق قىلغانلارغا قارىتا «قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى»دىكى تەلەپنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈ كېرەك. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئازدۇرۇشى، مەجبۇرلىشىغا بولمايدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قورامىغا يەتمىگەنلەرنى روزا تۇتۇشقا ماجبۇرلىغان، قۇتراتقان، يول قويغانلارغا قاتتىق تەنقىد تەربىيە بىرىلىدۇ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. دىنىي پائالىيەتكە قاتنشقان، روزا تۇتقان قورامىغا يەتمىگەنلەرگە تەربىيە بېرىش، يېتەكلەش كۈچەيتىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا دىننىڭ يەنە نىكاھ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئەھۋالى ساقلانغان. يەنى توي خېتى ئالمىغانلارغا نىكاھ ئوقۇپ دىنىي مۇراسىم شەكلىدە تويىنى قىلىش، قانۇن بويىچە نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيتى بىجىرمەي، «ئۈچ تالاق» قىلىپ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش شەكلىدە نىكاھ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ «نىكاھ قانۇنى»، «ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق–مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىدى. ئائىلە مۇناسىۋىتىگە دەخلى تەرۇز قىلىدى. بۇنداق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم.
6. قانۇنسىز دىنىي ھەركەتكە قاتنىشىپ قالغانلار ۋە دىنىي ۋەزىپىسى يوق، لىكىن دىنىي بىلىمى بار كىشىلەرگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم.
7. تارقاق ھەج قىلىشنى چەكلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش لازىم.  ھەج دىگىنىمىز بىر خىل شەرتلىك پەرز، بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىش لازىم. تاقاق ھەجگە قاتنىشىش ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋە ئىجتىمائى جەھەتتە، دۆلەت ئابرويى ۋە شۇنداقلا شەخسنىڭ ئۆزىگەىمۇ زىيان كەلتۈردى. شۇڭا، تارقاق ھەجگە قاتناشقۇچىلار «قانۇنسىز دىنىي ھەركەتكە قاتناشقانلار» دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ تەربىيلەش باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، يوشۇرۇن خەۋپ يوقىتىلىدۇ.
8. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا بولغان تەبىيلەشنى كۈچەيتىش لازىم.    ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئېتىقادچى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ. ئۇلارنىڭ رولى قانچە تولۇق جارى قىلدۇرۇلسا، پارتىيە، ھۆكۈمتنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشىگە، ئېتىقادچى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيلەشش، يىتەكلەشكە، قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەر ۋە چىكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەنىڭ سېڭىپ كىرىشىنى توسۇشقا شۇنچە پايدىلىق . شۇڭا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا بولغان تەبىيلەشنى كۈچەيتىش لازىم.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
000000 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-03-13 21:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-28 23:03