خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2014-01-03 15:46

 
2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر

2014-يىلى كۆپلىگەن يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە:

   12-ئاينىڭ 28- كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنىدا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى لايىھىسىگە قاراپ چىقىلدى ھەمدە قارار چىقىرىلدى. يىغىندا بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنتلىك بولغان ئەر ئاياللار ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش قۇۋۋەتلەندى.

   ئىگىلىنىشىچە، ھازىر خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى قاتارلىق جايلار تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا ئۇيۇشتۇرغان؛ بېيجىڭ شەھىرى، يۈننەن ئۆلكىسى قاتارلىق جايلار قانۇن چىقىرىش تەرتىپىنى باشلىغان.

  مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2014-يىللىق تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇش لايىھىسىگە ئاساسەن، ئېلىمىزدە 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىمپورت ئېكسپورت بېجى تەڭشىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئاممىۋى تازىلىققا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت بېجى تۆۋەنلىتىلىپ،خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ياخشىلاش ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.

  كېلەر يىلىدىن باشلاپ، ئىستېمالچىلار باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالسا باجنى ئاز تاپشۇرىدۇ. بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەن ماشىنىلارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تۆمۈر يول بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى يولغا قويۇلىدۇ. سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىردىن تىز بولغان پويىزلار قاتنايدىغان تۆمۈر يوللار ئومۇميۈزلۈك يېپىق باشقۇرۇلىدۇ. يولۇچىلار چاقماق پويىز ئىچىدە تاماكا چەكسە، پويىزدىن پارچە پۇرات نەرسىلەرنى سىرتقا ئاتسا، مەجبۇرىي پويىزغا چىقسا ياكى پويىزدىن چۈشۈشنى رەت قىلسا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە تۆلەيدۇ.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيىدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھىسىدىكى ۋەزىپە تەقسىماتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، 2014-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمى چىقىرىلىدۇ ۋە يولغا قويۇلىدۇ؛ئۇچۇر تورىدا ھەقىقىي نامىنى تىزىملاش تۈزۈمى چىقىرىلىدۇ ھەمدە يولغا قويۇلىدۇ.

  ئېلىمىزنىڭ ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلەش ھەق ئېلىش تۈزۈمى 2014-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاسپىرانتلارنى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگەن بارلىق ئاسپىرانتلار ئوقۇش ھەققى تاپشۇرىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار