ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەن ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى›› ھەققىدە ئومۇمىي يىغىندا چۈشەندۈرۈش بېرىمەن.
1. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارار لايىھەسىنى تۈزۈش جەريانى توغرىسىدا
ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىلگىرىكى 3 – ئومۇمىي يىغىنلاردا قانداق قارالمىلار مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، قانداق قارارلار چىقىرىلغانلىقى، قانداق تەدبىرلەر قوللىنىلغانلىقى، قانداق ئۇچۇرلار تارقىتىلغانلىقى، كىشىلەرنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنى ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى بولۇپ كەلگەن. بۇ كەلگۈسى بەش يىللىق ھەتتا ئون يىللىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەركەز 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىلىرىنى تۈزۈشكە باشلىغان. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانلىرى بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تېخىمۇ چوڭ سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل – پاراسەت بىلەن، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نۇقسانلارنى يوقىتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يولغا قويسا ئۈنۈم بېرىدىغان تۈزۈلمە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر جەھەتكە چېتىلىدىغان تۈزۈلمىلەرنى تېخىمۇ مۇقىم قىلىپ بېكىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بىزنىڭچە، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك نىشانلار ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى تاماملاش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
ج ك پ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۈزلەندۈرۈش كېرەك دەپ قارار چىقىرىلدى، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تارىخىي تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 35 يىل بولدى. بۇ 35 يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ قىياپىتىدە، سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ قىياپىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغانلىقى، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە مۇھىم ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
1992 – يىلى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېگەن:‹‹سوتسىيالىزم يولىدا، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىدا چىڭ تۇرمىغاندا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرمىغاندا، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىمىغاندا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىمىز››. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ بۇ سۆزىنىڭ تېگىگە چوڭقۇر يېتىمىز. شۇڭا، بىز سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىقلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، دەپ تەكىتلەۋاتىمىز.
مەركەز تارىخىي تەجرىبىلەر ۋە رېئال ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا ئىككى ‹‹100يىل›› كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى قايتا – قايتا تەكىتلەۋاتىدۇ.
تەرەققىيات، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چېكى يوق، بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ۋە چېكىنىشكە بولمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىگە قارىتا، بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن بىر قاتار گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
ھازىر، ئىچكى – تاشقى مۇھىتتا كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، تەرەققىياتتا بىر قاتار گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز. مەسىلەن: تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ماسلاشماسلىق، سىجىل بولماسلىق مەسىلىلىرى يەنىلا گەۋدىلىك، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، تەرەققىيات شەكلى يىرىك بولۇش، شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ كىرىم تەقسىمات پەرقى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ روشەن كۆپىيىشى، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، ئولتۇراق ئۆي، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش، قانۇن ئىجراسى، ئەدلىيە قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ، قىسمەن ئاممىنىڭ تۇرمۇشى قىيىن، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپچىلىق مەسىلىلىرى گەۋدىلىك، بەزى ساھەدىكى پاسسىپ چىرىكلىشىش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىشى، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇشى قاتارلىقلار. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم ئاچقۇچ.
بۇ يىل 4 – ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلدى.
20 – ئاپرېل ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ھەققىدە پىكىر ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى چىقاردى. جايلار ۋە تارماقلار بىردەك ھالدا: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى، بۇ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، جەمئىيەت ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلدى، دەپ قارىدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 3 – ئومۇمىي يىغىنلىرىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان، پارتىيەمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تۇغىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، ج ك پ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيانقى نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەتلەردە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم ئۇچۇرنى تارقاتقان. تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، يېڭى تارىخىي شارائىتتا قانداق تۇغنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانداق يولدا مېڭىش مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىلىپ كەلدى.
ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسلىق قارالما قىلىش پارتىيەمىزنىڭ يولداش دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى،‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسلىق تەجرىبىلىرى ۋە ئاساسىي تەلەپلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تۇغىنى ئېغىشماي ئېگىز كۆتۈرگەنلىكىنىڭ مۇھىم بايانى ۋە مۇھىم ئىپادىسى.
قارالما بېكىتىلگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، مەن گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم، يولداش ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، قىسمەن ئۆلكە ۋە شەھەر رەھبەرلىرى قاتناشتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىنى تەييارلىدۇق.
ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يەتتە ئايغا يېقىن ۋاقىتتا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، مەخسۇس تېمىلاردا دەلىللەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قايتا – قايتا مۇزاكىرە قىلىپ، قارارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ مەزگىلدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئۈچ قېتىم، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ قارارنى قاراپ چىقتى، پارتىيە ئىچىدىكى پېشقەدەم يولداشلار، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومېتىتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە پارتىيەسىز زاتلاردىن پىكىر ئېلىندى.
ئىنكاس قىلىنغان تەكلىپ – پىكىرلەردىن قارىغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك ھالدا: ئومۇمىي يىغىندا ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسى نىشانى بايان قىلىندى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېتەكچى ئىدىيەسى، ۋەزىپىسى، مۇھىم پىرىنسىپى ئوتتۇرغا قويۇلدى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى خەرىتىسى، يېڭى مەنزىلى، يېڭى نىشانى تەسۋىرىلەندى،ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى مۇلاھىزىسى، يېڭى تەدبىرى يىغىنچاقلاندى، جەمىئىيەتنىڭ ساداسى، جەمىئىيەتنىڭ تەلىپى، جەمىئىيەتنىڭ ئارزۇسى ئىنكاس قىلىندى، ئومۇمىي پارتىيە، ئومۇمىي جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىدىيە ئورتاقلىقى ۋە ھەرىكەت ئىدىراكى ئويۇشتۇرۇلدى، دەپ قارىدى.
ھەرقايسى تەرەپلەر يەنە: ئومۇمىي يىغىندا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيە مۇھىم نۇقتىسى، ئەۋزەل تەرتىپى، ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى، خىزمەت مېخانىزمى، ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتىدىكى بىر يۈرۈش يېڭى زور بۆسۈشلەر شەكىللەندى، بۇ، ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى، ئومۇمىي جەھەتتىن سەپەرۋەر قىلىنىشى بولۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىسزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىدى.
پىكىر – تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. مەركەز لايىھە تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا بۇ تەكلىپ – پىكىرلەرنى رەتلەش ، مۇزاكىرە قىلىشنى تاپشۇردى، ھۆججەت لايىھەسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسى ئومۇمىي يىغىن قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ.
2. ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ ئومۇمىي رامكىسى ۋە نۇقتىلىق مەسىلە
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مۇنداق قارىدى: يېڭى ۋەزىيەت ، يېڭى ۋەزىپە ۋە يېڭى تەلەپ ئالدىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئادىل رىقابەت تەرەققىيات مۇھىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بەرپا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت خىزمەت ئۈنۈمى ۋە رولىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە باراۋەرلىكنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش مۇھىم ئاچقۇچ.
بۇ بىر نەچچە زور تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى، مەسىلىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئاڭ بولۇش، چوڭ مەسىلىلەرنى يېتەكچى قىلىش، مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق ۋە مۇھاكىمە قىلىش، ئېلىمىز تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان بىر يۈرۈش گەۋدىلىك زىددىيەتلەر ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلىش كېرەك. بىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرىمىزنىڭ ئىنقىلاب قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇشى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان . شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىسلاھات مەسىلىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن باشلانغان، مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىدا چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.
35 يىلدىن بۇيان، بىز ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كەلدۇق. شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، كونا مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان بولساقمۇ يېڭى مەسىلىلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، تۈزۈمنى داۋاملىق ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ ، شۇڭا، ئىسلاھاتنى بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا شۇنداقلا بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا قانائەت قىلىشقا بولمايدۇ.
ئومۇمىي يىغىن قارار لايىھەسىدە بەش جەھەتتىكى مۇزاكىرە گەۋدىلىك بولدى. بىرىنچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئىككىنچىسى، ئىسلاھاتنى ئاساسلىق لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى تەدبىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئادەتتىكى تەدبىرلەرنى، تەكرارلانغان تەدبىرلەرنى، يالغۇز تەرەققىيات خاراكتېرىنى ئالغان تەدبىرلەرنى يازماسلىق. ئۈچىنچىسى، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق كۈچلۈك ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، خەلقنىڭ ساداسى ۋە ئۈمىدىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بىر – بىرىگە باغلاش رولىنى گەۋدىلەندۈرۈش. تۆتىنچىسى، ئاكتىپ ۋە پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرىنى لايىھەلەشتە يۈرەكلىك بولۇش، قەدىمى مۇقىم بولۇش كېرەك. بەشىنچىسى، ۋاقتى 2020 – يىلىغىچە لايىھەلەندى، بۇ ۋاقىتقىچە بولغان مەزگىلدە ئىسلاھات يېڭى ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
رامكا قۇرۇلمىسىدا، ئومۇمىي يىغىندا كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىندى. مۇقەددىمە ۋە خاتىمەدىن باشقا ، جەمئىي 16 قىسىم، ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈندى. بىرىنچى قىسمىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ئومۇمىي بايان بولۇپ ، ئاساسلىقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەپەككۇر يولى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى قىسىمدىن 15 – قىسىمغىچە بولغان ئىككىنچى بۆلەك قىسمەن بايان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن بايان قىلىندى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالتە تۈرلۈك بەلگىلىمە (ئىككىنچى قىسىمدىن يەتتىنچى قىسىمغىچە)، سىياسىي جەھەتتە ئۈچ تۈرلۈك بەلگىلىمە(سەككىزىنچى قىسىمدىن 10 – قىسىمغىچە)، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر تۈرلۈك بەلگىلىمە (14 – قىسمى)، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە جەھەتتە بىر تۈرلۈك بەلگىلىمە(15 – قىسمى) بېكىتىلدى. 16 – قىسمى ئۈچ چوڭ بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلەندى، ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش بايان قىلىندى.
بۇ يەردە ئومۇمىي يىغىندا چىقىرىلغان قارارغا چېتىلىدىغان بىر قانچە مۇھىم مەسىلە ۋە مۇھىم تەدبىر توغرىسىدا مەركەزنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تونۇشتۇرىمەن.
بىرىنچى، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراش. چۈنكى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يەنىلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى يادرولۇق مەسىلە يەنىلا ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتۇر.
1992 – يىلى پارتىيەنىڭ 14 – قۇرۇلتىيىدا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم دۆلەتنىڭ ماكرو تەڭشەش – تىزگىنلىشى ئاساسىدا، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلەندى. نەزەرىيەۋى جەھەتتىكى بۇ مۇھىم بۆسۈش ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
20 نەچچە يىل ئەمەلىيەتتە سىناش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا خېلى كۆپ مەسىلە مەۋجۇت، ئاساسلىقى بازار تەرتىپى قېلىپلاشماسلىق، ناتوغرا ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇش؛ ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى بولغان بازارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش، ئاساسلىق ئامىللار بىكار قېلىش بىلەن نۇرغۇن ئۈنۈملۈك ئېھتىياج قانماسلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇش؛ بازارنىڭ قائىدىلىرى بىردەك بولماسلىق، تارماق قورۇقچىلىقى بىلەن يەرلىك قورۇقچىلىق مەۋجۇت بولۇش؛ بازار رىقابىتى يېتەرلىك بولماي، ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللاشقا ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىقلار. بۇ مەسىلىلەر ياخشى ھەل قىلىنمىسا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ.
پارتىيە 14 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا بىز ئىزچىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، يېڭى ھەم ئىلمىي تەبىر بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدۇق. پارتىيە 15 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹دۆلەتنىڭ ماكرو تەڭشەش – تىزگىنلىشىدە بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسلىق رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسلىق رولىنى تۈزۈم جەھەتتىن يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسلىق رولىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىزنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان تونۇشىمىزمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا.
بۇ قېتىم مۇزاكىرە قىلىش ۋە پىكىر ئېلىش جەريانىدا، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىگە نەزەرىيە جەھەتتىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەبىر بېرىش كۆپ تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى ۋە ئەمەلىي تەرەققىيات تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، قايتا – قايتا مۇزاكىرە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەركەز بۇ مەسىلىگە نەزەرىيە جەھەتتىن يېڭى تەبىر بېرىش شارائىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلدى ھەم بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ‹‹ئاساسلىق رولى›› دېگەن سۆزنى ‹‹ھەل قىلغۇچ رولى›› دېگەن سۆزگە ئۆزگەرتىش كېرەك دەپ قارىدى.
ھازىر ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، بازارلىشىش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ بازار قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ماكرو تەڭشەش – تىزگىنلەش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، سۇبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ شارائىتلار ھازىرلاندى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى قەدەم بېسىشىمىز كېرەك.
ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتە بايلىق تەقسىملەشتە بازار ھەل قىلغۇچ رول ئوينامدۇ ياكى ھۆكۈمەت ھەل قىلغۇچ رول ئوينامدۇ دېگەن مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش دېگەنلىك بايلىقنى بولۇپمۇ كەمچىل بايلىقلارنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىق سېلىنمىسىنى ئازلىتىپ، كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بازارنىڭ بايلىقنى تەقسىملىشى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشنى بەلگىلىشى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيىتى بولۇپ، بازار ئىگىلىكى ماھىيەتتە بايلىق تەقسىملەشنى بازار بەلگىلەيدىغان ئىگىلىكتۇر. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى جەزمەن مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىشى، بازار تۈزۈلمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، ھۆكۈمەت كۆپ ئارىلىشىۋېلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. ‹‹بازار بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى كېرەك›› دېگەن بۇ تەبىرنىڭ بېرىلىشى پۈتۈن پارتىيە ۋە جەمئىيەتتە ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توغرا قاراشنى تىكلەشكە، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە، پاسسىپ چىرىكلىك ھادىسىسىنى چەكلەشكە پايدىلىق.
ئەلۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يولغا قويۇۋاتقىنى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بولۇپ، بىز داۋاملىق ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. بازار بايلىق تەقسىملەشتە تولۇق رول ئوينىماستىن بەلكى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ھەم بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ھەم ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، لېكىن، بۇنىڭدا بازارنىڭ رولى بىلەن ھۆكۈمەت رولىنىڭ فۇنكسىيەسى ئوخشىمايدۇ. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىلمىي بولغان ماكرو تەڭشەش – تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك بولغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى دەپ تەكىتلەندى. ئومۇمىي يىغىن قارارىدا: ماكرو تەڭشەش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئادا قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى ماكرو ئىگىلىكنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش، باراۋەر رىقابەتلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش، بازارنىڭ نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش رولىنى كۈچەيتىش، بازار تەرتىپىنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ تىزگىنسىز قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەندى.
ئىككىنچى، تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى.
ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مۈلۈكچىلىك قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز تەڭشەلدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئىگىلەيدىغان سالمىقى ئۆزگىرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى. بۇنداق ئەھۋالدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق نامايان قىلىش شۇنىڭدەك تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش بىز دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلە.
ئومۇمىي يىغىن قارارىدا: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى قەتئىي مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئاساسىي ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى، تىزگىنلەش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى.
ئومۇمىي يىغىن قارارىدا پارتىيە 15 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇناسىۋەتلىك بايانلاردا چىڭ تۇرۇش ۋە مەزمۇنىنى بېيىتىش، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دۆلەت كاپىتالى، كوللېكتىپ كاپىتال، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتال قاتارلىقلار بىرلىكتە پاي كونترول قىلىش، ئۆزئارا بىرىككەن ئارىلاشما ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم شەكلى، ئۇ دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قىممەتنى ساقلاش ۋە ئۆستۈرۈش، رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئاساسىي ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى، تىزگىنلەش كۈچى، تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ۋە مۇقەررەر تاللىشىدۇر.
ئومۇمىي يىغىن قارارىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كاپىتالنى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۆلەت كاپىتالى بىلەن تىجارەت قىلىشقا ھوقۇق بېرىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش؛ دۆلەت كاپىتالىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا يەنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى بولغان مۇھىم كەسىپلەر، ئاچقۇچلۇق ساھەلەر، جامائەت مۇلازىمىتى، زور ئىستىقبالغا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر، ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ئاسراش، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك. قىسمەن دۆلەت كاپىتالىنى ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاشقا ئاجرىتىش؛ دۆلەت كاپىتالى كىرىمىنى جامائەت مالىيەسىگە تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، شۇنىڭدەك خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىش كېرەك.
دۆلەت كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ئورتاق نەپكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ. ئۇزاق يىل ئىسلاھات قىلىش ئارقىلىق دۆلەت كارخانىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن بازار ئىگىلىكى بىلەن ئۆزئارا بىرىكتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت كارخانىلىرىدا قىسمەن مەسىلىلەر ۋە ناچار تەرەپلەر كۆرۈلۈپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كەلدى. ئومۇمىي يىغىن قارارىدا بىر قاتار قاراتمىلىققا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى يەنى دۆلەت كاپىتالىنى جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كارخانىلارغا كۆپلەپ ئىشلىتىش؛ دۆلەت كاپىتالى داۋاملىق پېيىنى تىزگىنلەپ باشقۇرىدىغان تەبىئىي مونوپول كارخانىلاردا ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، مەمۇرىيەت بىلەن كاپىتالنى ئايرىش، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت قىلىش، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش، ئوخشىمىغان كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تور بىلەن توشۇشنى ئايرىش، رىقابەت خاراكتېرلىك كەسىپلەرنى قويۇۋېتىش؛ ماس قەدەمدە يۈرۈشىدىغان، ئۈنۈملۈك تەڭشەپ تىزگىنلەيدىغان شىركەت قانۇنىي ئىگىلىرىنى رەتكە سېلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ كەسپىي دىرېكتور تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ ئۇزاق ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەتكە مەبلەغ سېلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى كۈچەيتىش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە خامچوت قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۆلەت كارخانىلىرى بازارلىشىش بويىچە تاللاپ تەكلىپ قىلىش نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشى، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى سەۋىيەسى، ۋەزىپە تەمىناتى، كەسپىي تەمىناتىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى ۋە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەدبىرلەر دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ‹‹ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك››تە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن قارارىدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش، قوللاش ۋە ئۇنى يېتەكلەش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىقتىدار جەھەتتە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، ھەممىسىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغىمۇ ئوخشاشلا چېقىلىشقا بولمايدۇ، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سىياسەت ئېتىبارى جەھەتتە ھوقۇق باراۋەر بولۇش، پۇرسەت باراۋەر بولۇش، قائىدە باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن بازارغا كىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەكىتلەندى؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتال پاي كونترول قىلغان ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرىغا مەدەت بېرىش، شارائىتى يار بېرىدىغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشىغا مەدەت بېرىش تەكىتلەندى. بۇ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۈچىنچى، مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا. مالىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي تۈۋرۈك. ئىلمىي بولغان مالىيە – باج تۈزۈمى بايلىق تەقسىملەشنى سەرخىلاشتۇرۇش، بازارنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مالىيە – باج تۈزۈلمىسى 1994 – يىلى باج ئايرىش تۈزۈم ئىسلاھاتى ئاساسىدا تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ شەكىللەنگەن، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.
ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مالىيە – باج تۈزۈلمىسى مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى مۇۋاپىق ئايرىشىغا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئوبيېكتىپ تەلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رېئال تەلىپىگە تازا ماس كەلمەي قالدى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ساقلانغان قىسمەن گەۋدىلىك ئىختىلاپ ۋە مەسىلىلەرمۇ مالىيە – باج سىياسىتىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مالىيە – باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ بىرى. بۇ ئاساسلىقى خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىگە ماس كېلىدىغان تۈزۈم بەرپا قىلىشقا چېتىلىدۇ.
ئومۇمىي يىغىن قارارىدا: ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئوچۇق – ئاشكارا بولغان خامچوت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، مەركەز خىزمەت ھوقۇقىنىڭ چىقىم مەسئۇلىيىتى، دۆلەت مۇداپىئە، دىپلوماتىيە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىش، مەملىكەت بويىچە بازار قائىدىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى مەركەزنىڭ خىزمەت ھوقۇقى؛ قىسمەن ئىجتىمائىي كاپالەت، رايون ھالقىغان زور تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئورتاق خىزمەت ھوقۇقى دەپ ئايرىش، خىزمەت ھوقۇقى مۇناسىۋىتىنى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. مەركەز يۆتكىمە چىقىم قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بەزى خىزمەت ھوقۇقى چىقىم مەسئۇلىيىتىنى يەرلىكنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ؛ رايون ھالقىغان ياكى باشقا رايونلارغا تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان جامائەت مۇلازىمىتىگە قارىتا مەركەز يۆتكىمە چىقىم قىلىش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ قىسمەن خىزمەت ھوقۇقى چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خىزمەت ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، باج سېلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خامچوتنى ئاشكارىلاش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، باراۋەر، بىرلىككە كەلگەن بازار قۇرۇش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ھەم ھازىرقى زامانغا خاس مالىيە سىياسىتى تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە كۈچى خىزمەت ھوقۇقىغا ماس كېلىدىغان مالىيە – باج تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش، مەركەز ۋە يەرلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى جەريان تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنى تەدرىجىي نەقلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز ھازىر يولغا قويغان مەركەز ۋە يەرلىك مالىيە ئەندىزىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدىغانلىقى، مەركەز بىلەن يەرلىك كىرىم تەقسىماتىنىڭ يەنىمۇ رەتكە سېلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
تۆتىنچى، شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا. شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ ۋە ماس بولماسلىق ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم مەسىلە. ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز يېزىلىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. لېكىن، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى، شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا پەرقنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇ مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن قارارىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولۇش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەش، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، شەھەر، يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭىچە سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە باراۋەر قاتناشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن قارارىدا: شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش. بۇ ئاساسلىقى ئائىلىۋى ئىگىلىكنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى نېگىزلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ئاشكارا بازاردا كەسپىي چوڭ ئائىلە، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك كارخانىسىغا يۆتكەشكە، يېزىلاردا ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، سودا – سانائەت كاپتالىنى يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان كارخانىلاشقان ئىگىلىك باشقۇرۇش خاراكتېرىدىكى زامانىۋى تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىققا سېلىشقا مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەشكەن تىجارىتى قاتارلىقلارغا پاي قىلىپ قوشۇشىغا رۇخسەت قىلىش. ئىككىنچى، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مال – مۈلۈك ھوقۇقى بېرىش. بۇ ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىق ھوقۇقىغا، دېھقانلارنىڭ ئۆي ئورنىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش، كېپىل بولۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچى، شەھەر، يېزىلارنىڭ مۇھىم ئامىلنى باراۋەر ئالماشتۇرۇش ۋە جامائەت بايلىقىنى تەڭ تەقسىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بۇ ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىش، دېھقانلارنىڭ يەر قوشۇلما قىممىتىدىن ئادىل بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىجتىمائىي كاپتالنى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىغا يۈزلەندۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ يېزىلاردا تۈرلۈك كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىش؛ شەھەر، يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بايلىقىنى بىر تۇتاش تەڭ تەقسىملەپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنىڭ بىر تۇتاش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، بازار ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسنى قاپلىشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەردە نوپۇسقا ئالدۇرۇپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارنى شەھەر، بازار تۇرالغۇ ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا پۈتۈنلەي كىرگۈزۈش كېرەك.
بەشىنچى، كېڭەشلىك دېموكراتىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا. كېڭەشلىك دېموكراتىيە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئالاھىدە شەكلى ۋە خاس ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ئىپادىسى. دېموكراتىك سىياسىينى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ سىياسىي ئىشلارغا تەرتىپلىك قاتنىشىشى، پارتىيە بىلەن خەلق ئارىسىدىكى قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
ئومۇمىي يىغىن قارارىدا كېڭەشلىك دېموكراتىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىندى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە تاقىلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مەزمۇن قىلىپ، جەمئىيەتتە كەڭ دائىرىلىك كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش جەريانىدا كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇش تەكىتلەندى. تەرتىپى مۇۋاپىق، قەدەم – باسقۇچلىرى مۇكەممەل كېڭەشلىك دېموكراتىيە سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى، پارتىيە، گۇرۇھ تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كېڭىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش. قانۇن چىقىرىشنى كېڭىشىش، مەمۇرىي كېڭىشىش، دېموكراتىك كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ كېڭىشىش، ئىجتىمائىي كېڭىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش؛ بىرلىك سەپنىڭ كېڭەشلىك دېموكراتىيەدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ كېڭەشلىك دېموكراتىيەدە ئوينايدىغان مۇھىم ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش مەزمۇنى، كېڭىشىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كېڭەشلىك دېموكراتىيەنى شەكىل جەھەتتە كېڭەيتىپ، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش، نىشانلىق كېڭىشىش، ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش، تەكلىپ بېجىرىش كېڭىشىنى جانلىق، تەرتىپلىك تەشكىللەپ، كېڭىشىش زىچلىقىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئالتىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا. ئەدلىيە تۈزۈلمىسى سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەدلىيەدە ئادىل بولماسلىققا ئاممىنىڭ پىكرى كۆپرەك مەركەزلەشتى، ئەدلىيە ئىناۋىتىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى مۇۋاپىق بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئەدلىيە ئىسلاھاتى بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئومۇمىي يىغىن قارارىدا بىر قاتار ئۆزئارا باغلىنىشلىق يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئەدلىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن يەرلىك سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كادىرلار ۋە مالىيە ئىشلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي رايونغا مۇۋاپىق ئايرىلغان ئەدلىيە ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ ئەدلىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باش سودىيە، كېڭەشمە سوت دېلو بېجىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوتچى كېسىم چىقىرىش، كېسىمچى مەسئۇل بولۇش؛ جازانى يېنىكلىتىش، كېپىلگە قويۇپ بېرىش، داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش تەرتىپىنى ئەستايىدىل قېلىپلاشتۇرۇش؛ خاتا دېلودىن ساقلىنىش، تۈزىتىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتنى چەتكە قېقىش قائىدىسىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇش؛ قانۇنغا، ئەيىبلەشكە چېتىلىدىغان ئەرز – شىكايەتنى قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش؛ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى جازالايدىغان ۋە تۈزەيدىغان قانۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار.
بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە سوتلاش ھوقۇقى ۋە تەپتىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئەدلىيە ھوقۇقىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدلىيە ئاشكارىلىقى ۋە ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىنسانىي ھوقۇققا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يەتتىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا. چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپرەك غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى مەسىلە ئاساسلىقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ فۇنكسىيەسى تارقاق، بەزى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قىيىن، چىرىكلىشىش دېلولىرى كۆپلەپ يۈز بەرسىمۇ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس.
ئومۇمىي يىغىن قارارىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم كاپالىتى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتكوم ئۈستىگە ئالىدىغان سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۈستىگە ئالىدىغان نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى تۈزۈش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، چىرىكلىشىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىش بەلگىلەندى؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يىپ ئۇچى ۋە دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا تەڭ دەرىجىلىك پارتكومغا دوكلات قىلىش بىلەن بىللە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا دوكلات قىلىش بەلگىلەندى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەركەزدىكى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگىنىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى ئەۋەتىپ، مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، يەرلىك، تارماق، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى.
بۇ تەدبىرلەر ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
سەككىزىنچى، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدا. تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تاقىلىدۇ، شۇنداقلا بىز دۇچ كېلىۋاتقان يېڭىچە ھەر تەرەپلىمە خىرىس.
ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، ئالاقە تور تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغاچقا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى نۇقسانلار ئايدىڭلاشتى، بۇنىڭدا ئاساسلىق بىر نەچچە تارماق باشقۇرۇش، فۇنكسىيە گىرەلىشىپ كېتىش، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت بىردەك بولماسلىق، ئۈنۈمسىز بولۇش. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاقە تورى تاراتقۇلىرىنىڭ خاسلىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تور تاراتقۇلىرىنى باشقۇرۇش ۋە كەسىپلەرنى باشقۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالماي قالدى. بولۇپمۇ تارقىلىشى تېز، تەسىرى چوڭ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە تېز ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئابۇنىچىلىرىنىڭ تېز كۆپىيىشى بىلەن، قانداق قىلغاندا تور قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، توردا ئۇچۇر تارقىتىش تەرتىپى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىز دۇچ كېلىۋاتقان رېئال گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.
ئومۇمىي يىغىن قارارىدا پائال پايدىلىنىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەقسەت ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخنىكىدىن مەزمۇنغىچە، كۈندىلىك بىخەتەرلىكىدىن جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشكىچە بولغان ئالاقە تورى باشقۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، توردىن توغرا پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.
توققۇزىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى. دۆلەت ئامان، جەمئىيەت مۇقىم بولغاندىلا، ئىسلاھات تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز تاشقى جەھەتتە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىچكى جەھەتتە سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتەك قوش بېسىمغا دۇچ كەلدى، تۈرلۈك ئالدىن كۈرۈۋېلىشقا بولىدىغان ۋە ئالدىن كۈرۈۋېلىش قىيىن بولغان خەۋپ – خەتەر ئامىلى كۈرۈنەرلىك كۆپەيدى. خەۋپسىزلىك خىزمەت تۈزۈلمىسى مېخانىزمى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ماس كەلمىدى، كۈچلۈك سۇپا بەرپا قىلىپ دۆلەت خەۋپسىزلىك خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى تەسىس قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىش نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالدى.
دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمەت فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تۈزۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىك خىزمىتىدىكى زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش.
ئونىنچى، دۆلەت تەبىئىي بايلىقى، مال – مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە تەبىئىي بايلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا. دۆلەت تەبىئىي بايلىقى، مال – مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش – تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى زور ئىسلاھات، شۇنداقلا سىستېمىسى مۇكەممەل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇشنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى.
دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ئاسراشتا ساقلىنىۋاتقان بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر مەلۇم جەھەتتە تۈزۈلمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈكنىڭ ئىگىدارى ئەمەلىيلەشمىگەن. ئىگىدارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى ئەمەلىيلەشمىگەن. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، ئومۇمىي يىغىن قارارىدا دۆلەت تەبىئىي بايلىقى، مال – مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇمىي تەسەۋۋۇر – ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بىلەن باشقۇرغۇچىنى ئايرىۋېتىش ۋە بىر ئىشنى بىر تارماق باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈك ئىگىدارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈك ئىگىدارىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىر تۇتاش يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئورنىتىش.
دۆلەت ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ ھەم باشقۇرىدۇ ۋە دۆلەت دۆلەت زېمىنى تەۋەسىدىكى بايلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئالدىنقىسى ئىگىدارنىڭ مەنە جەھەتتىكى ھوقۇقى، كېيىنكىسى باشقۇرۇش مەنىسىدىكى ھوقۇقىدۇر. بۇ تەبىئىي بايلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق دۆلەت زېمىنىدىن پايدىلىنىشنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بىر تۇتاش يۈرگۈزۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈك ئىگىدارى ۋە دۆلەت تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈكنى باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدا ئۆزئارا مۇستەقىل بولۇش، ئۆزئارا ماسلىشىش، ئۆزئارا نازارەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، تاغ – دەريا كۆل، ئېتىز، ئورمان ھاياتلىقنىڭ ئورتاق گەۋدىسى، ئادەمنىڭ جان تومۇرى ئېتىز، ئېتىزنىڭ جان تومۇرى سۇ، سۇنىڭ جان تومۇرى تاغ، تاغنىڭ جان تومۇرى تۇپراق، تۇپراقنىڭ جان تومۇرى دەرەخ. پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تەبىئىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش كېرەك، كۆچەت تىكىدىغانلار كۆچەتنىلا باشقۇرسا، سۇنى تىزگىنلەيدىغانلار سۇنىلا تىزگىنلىسە، ئېتىزنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلار نوقۇل ئېتىزنىلا مۇھاپىزەت قىلسا، ئاخىرىدا ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بىر تارماقنىڭ زېمىن تەۋەسىدىكى بارلىق دۆلەت زېمىنىدىن پايدىلىنىش باشقۇرۇش، تاغ، دەريا – كۆل، ئېتىز، ئورماننى بىر تۇتاش مۇھاپىزەت قىلىپ، بىر تۇتاش ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.
ئون بىرىنچى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشى توغرىسىدا. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، نوقۇل بىر ياكى بىر نەچچە تارماققا تايانغاندا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق رەھبەرلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن قارارىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىسلاھات ئومۇمىي پىلانىغا مەسئۇل بولۇپ، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. بۇنىڭدا پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى: مەملىكەتلىك زور ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساھەلەر ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش.
3. مۇزاكىرىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا
بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ۋەزىپىسى ئومۇمىي يىغىن قارارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەسەۋۋۇرى ۋە لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش. بۇ يەردە كۆپچىلىككە بىر نەچچە تەلەپنى قويىمەن.
بىرىنچى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئىشەنچ ۋە جاسارەتنى ئاشۇرۇش. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا خەلقنى يېتەكلەپ قوزغىغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن بايرىقى. 35 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلق قەلبىنى روھلاندۇرۇپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتا نېمىگە تاياندى؟ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھى ۋە ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى نېمىگە تايىنىپ ئۇرغۇتتى؟ نېمىگە تايىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كاپتالىزم بىلەن بولغان رىقابەتتە نىسبەتەن ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرەلىدى؟ بۇنىڭدا ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشقا تاياندى.
كەلگۈسىگە نىسبەتەن، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن باشقا ئىمكانىيەت يوق.
نۆۋەتتە ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش مەسىلىسىدە، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر زور ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ. ئىسلاھات – ئېچىۋىتىش يېڭى مۇھىم پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتە قىلچە تەۋرەنمەي، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە ئىسلاھات ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل – پاراسەت، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە ئۇسۇل بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە، مەيدان ۋە پوزىتسىيە بولسىلا بولمايدۇ، ئەمەلىي تەدبىر بولۇش كېرەك. ھەرىكەت كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە. مەركەز پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش كېرەك.
ئىدىيەۋى قاراشتىكى توسالغۇنى تۈگىتىش، مەنپەئەت مۇقىملاشقان قاشانى بۇزۇشتا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ھەممىدىن مۇھىم. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە، بەزى ئىدىيەۋى قاراشتىكى توسالغۇ تۈزۈلمە سىرتىدىن ئەمەس، بەلكى تۈزۈلمىنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ. ئىدىيەدە ئازاد بولمىغاندا، بىز تۈرلۈك مەنپەئەتلەر مۇقىملاشقان تۈگۈننى ئېنىق كۆرەلمەيمىز، بۆسۈش يۆنىلىشى ۋە تايىنىش نۇقتىسىنى ئېنىق تاپالمايمىز، ئىجادىي ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايمىز. شۇڭا ئۆز ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش جاسارىتى بىلەن تۈرلۈك رامكىلارنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ، تارماقلارنىڭ مەنپەئەت كاشىلىسنى تۈگىتىپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن ئىسلاھات تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.
ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئېھتىياتچان بولۇش، تەكرار مۇزاكىرە قىلىش، قايتا – قايتا دەلىللەش كېرەك، بىراق شۇنىڭلىق بىلەنلا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئالغا ئىنتىلمىسە، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىسا، سىناق قىلىشقا پېتىنالمىسا بولمايدۇ. ئىسلاھات قىلىش ئۈچۈن، ھازىرقى خىزمەت ئەندىزىسى ۋە تۈزۈلمە ئايلىنىشىغا ئازراقمۇ چېقىلماسلىق، بىر قېلىپقا كىرىۋېلىش، ھېچقانداق خەۋپ – خەتىرى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. تولۇق دەلىللەش ۋە باھالاش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلسىلا، قىلىشقا ۋە ئىشلەشكە تېگىشلىك بولسا يەنىلا دادىل ئىشلەش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى ئويلاشتا چىڭ تۇرۇش. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تاقىلىدىغان زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، مەلۇم ساھە ياكى مەلۇم تەرەپنىڭ يەككە ئىسلاھاتى ئەمەس. ‹‹ئومۇمىيەتنى كۆزلىمىگەنلەرنىڭ مەلۇم ساھەنى كۆزلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ››. كۆپچىلىك ئوخشىمىغان تارماق ۋە ئورۇنلاردىن كەلگەن، ھەممەيلەن مەسىلىنى ئومۇمىيەتتىن قاراپ، ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ ئومۇمىيەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ قانداق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق تەرەققىياتىغا پايدىلىقمۇ قانداق دېگەنگە قاراش كېرەك. كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ھالقىما تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەزىيەتنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاخىرىدا شەكىللەندۈرگەن ھۆججەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئويغۇن كېلىدۇ.
ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ۋە ئومۇمىي پىلاننى ئەتراپلىق تۈزۈپ، ئىسلاھات جەھەتتىكى تۈرلۈك باغلىنىشچانلىقى، سىستېمىلىقى، قوللىنىشچانلىق تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىز دادىل بولۇش، قەدەم پۇختا بولۇشنى تەكىتلەۋاتىمىز، بۇنىڭ ئىچىدىكى قەدەم پۇختا بولۇش بىر تۇتاش ئويلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك دەلىللەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ھەر ساھە ئىسلاھاتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، ھەرقانداق ساھەدىكى ئىسلاھات باشقا ساھەلەرگە باغلانغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا ساھەلەر ئىسلاھاتىدا زىچ ماسلىشىش كېرەك. ھەر ساھە ئىسلاھاتى يۈرۈشلەشمىسە، تەرەپلەر ئىسلاھات تەدبىرى ئۆزئارا باغلانمىسا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش قىيىن بولىدۇ، مەجبۇرىي داۋاملاشتۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]