قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى
1. ئۆگىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىش
ۋىلايەتلىك پارتكوم ئەزالىرى ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، ۋىلايەتلىك مەركىزىي گۇرۇپپىسى ھەر ئايدا بىر قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك؛
2. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش
دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 – سېپىگە ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋاقتى يىلدا 50 كۈندىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. سەپەر تەييارلىقلىرى ئاددىي، ھەمراھلىرى ئاز بولۇشى، ئىلاج بار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ ھەمراھ بولۇپ بارىدىغانلارنى ئازايتىپ، قاتلاممۇ قاتلام ھەمراھ بولۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك؛ كۈتۈۋېلىش ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى، ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشى ئېلىش مەزمۇنىدىكى پىلاكاتلار ئېسىلماسلىقى، ئامما قارشى ئېلىشقا، ئۇزىتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى، مېھمانلارنى كۈتۈش ئۈچۈن پايانداز سېلىنماسلىقى، مەقسەتلىك گۈللەر تىزىلماسلىقى، مەخسۇس ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى تەشكىللەنمەسلىكى كېرەك. ئالدىن خەۋەردار قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.
3. يىغىن پائالىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش
يىغىن ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يىغىن قېتىم سانىنى ئازايتىپ، يىغىن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ۋىلايەت خاراكتېرلىك يىغىنلارنى ئاچقاندا ئىلاج بار تېلېۋىزىيە – تېلېفون شەكلىنى ياكى ۋىدىئو شەكلىنى قوللىنىش كېرەك. ئادەتتىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلما ۋە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان يىغىنلارنى ئاچماسلىق كېرەك. يىغىننى قىسقا ئېچىش، سۆزنى قىسقا قىلىش، راست گەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇق گەپ، قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تۈرلۈك لېنتا كېسىش، ئۇل سېلىش پائالىيەتلىرى ۋە تەبرىكلەش يىغىنى، خاتىرىلەش يىغىنى، تەقدىرلەش يىغىنى، كۆرگەزمە، مۇھاكىمە يىغىنى ھەم تۈرلۈك مۇنبەرلەرنى، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن تۈرلۈك تەكشۈرۈش، باھالاش، سېلىشتۈرۈش، ئۆلچەمگە يېتىش پائالىيەتلىرىنى ئەستايىدىل تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
4. ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەرنى ئىخچاملاش
يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەر سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك، قانۇن – نىزاملاردا ئېنىق بەلگىلەنگەن، تولۇق تېكىستى ئاشكارىلىنىپ گېزىتتە بېسىلغانلىرى، ماھىيەتلىك مەزمۇنى يوقلىرىنى، ئېلان قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىرىنى بىردەك ئېلان قىلماسلىق، قىسقارتىشقا بولىدىغانلىرىنى چوقۇم قىسقارتىش كېرەك، تارماقلار ھۆججەت تارقىتىپ ھەل قىلالايدىغان بولسا بىرلىشىپ ھۆججەت تارقاتماسلىق كېرەك؛ تارماقلار بىرلىشىپ ھۆججەت تارقىتىپ ھەل قىلالايدىغانلىرىنى پارتكوم، ھۆكۈمەت قايتا ھۆججەت بېسىپ تارقاتماسلىقى كېرەك.
5. ماقالە ئورىگىنالىنى ئېلان قىلىشنى قاتتىق تۇتۇش
ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن باشقا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى شەخسىي ئەسەرلىرىنى، نۇتۇق تېكىستلىرىنى ئاشكارا نەشر قىلدۇرماسلىقى، تەبرىك خېتى، تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتمەسلىكى، ماۋزۇ، بېغىشلىما، مۇقەددىمە يازماسلىقى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ژۇرنال، مەتبۇئاتلارنىڭ پەخرىي خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك.
. 6ھۆكۇمەت كۇتىۋىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاش
ۋىلايەت تەشكىللىگەن كۇتىۋىلىشنى پەقەت قەشقەر مىھمانخانىسى ياكى پارتكوم مىھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.سىرتقى كۇتىۋىلىش خىزمىتىدە مۇناىسىۋەتلىك ئۆلچەمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش،مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمەت تامىقىنىڭ ۋاقتى 45 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
7. زىيارەتكە چىقىش پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش
ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا ئىنچىكە تەشكىللەش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرغاندا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، ئادەم سانى ۋە قېتىم سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك.
8. ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش
خىزمەت ئېھتىياجى، ئاخبارات قىممىتى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن خەۋەر قىلىشقا بولىدىغان، بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلغاندا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئادەتتىكى يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى خەۋەر قىلماسلىق كېرەك. خەۋەر يازغاندا ئىخچام، ئەمەلىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بەزىلىرىنى قىسقا خەۋەر قىلىپ بېرىش، بەزىلىرىنى ماۋزۇ خەۋەر قىلىپ بېرىش، ئۇنىۋېرسال خەۋەر قىلىپ بېرىشكە بولىدىغانلىرىنى ئايرىم خەۋەر قىلماسلىق كېرەك. ۋىلايەت خاراكتېرلىك يىغىن خەۋەرلىرىنى ئىخچاملاش كېرەك. ئادەتتىكى خەۋەرلەرنى ئازايتىش كېرەك. مۇسىبەت پائالىيەتلىرى ۋە تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىخچاملاش كېرەك. تور قاتارلىق يېڭى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ۋىلايەتلىك پارتكومدىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ئامما بىلەن بولغان بىۋاسىتە ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
9. ئىقتىسادچان – تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش
ۋىلايەت رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىپ ئىگىلىك تىكلىشى كېرەك. ھۆكۇمەت خىراجىتىنى ئازايتىپ،زۆرۇر بولمىغان بارلىق چىقىملارنى ئازايتىش كېرەك.ھۆكۇمەت خىراجىتى ۋە ھۆكۇمەت مۇلكىنى باشقۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تۈزۇملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ،ئادەم ،مالىيە،مۇلۇكنى قەدىرلەش،ئىسراپ قىلماسلىق،بەلگىلىمىدنن ھالقىغان،ئىشىپ كەتكەن ھۆكۇمەت ماشىنىلىرىنى سىتىۋىلىش،ماشىنىغا ئالاھىدە قۇرۇلمىلارنى سەپلەش،ئىچىنى ئالاھىدە بىزەش قىلمىشلىرىنى قاتتىق چەكلەش، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولغان ئاپتوموبىللارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللارغا تەدرىجىي ئالماشتۇرۇش كېرەك. بىنا،ساراي قۇرۇلۇشلىرىنى قاتتىق كو نتىرول قىلىش،ئىشخانىلارنى زىيادە بىزەشنى قاتتىق چەكلەش كىرەك.
10. پاك، تەلەپچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش
رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك بولۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە ئۆلچەمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «بىر ئورۇن ئىككى بۇرۇچ»نى ئاڭلىق تونۇپ،باشلامچىلىق بىلەن پاكئىنتىزامچنا بولىشى،تۇغقانلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى ياخشى باشقۇرىشى،رەھبىرى كادىرلارنىڭ چوڭ ئىشلارنى مەلۇم قىلىش تۇزىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كىرەك.باشلامچىلىق بىلەن ناچار ئۆرۈپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم، تەبرىكلەش ئىشلىرىدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئۆي، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەمىناتلىرىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ياخشى ئىستىل ۋە غەيرەتلىك، تىرىشچان بولۇش روھىي ھالىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.