مەركىزىي كومتېت سىياسىي بيۇروسىنڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتىكى 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى
1. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى بارلىق يولداشلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاپ ، ئاساسىي قاتلامغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارغاندا ، ئەمەلىي ئەھۋالنى چوڭقۇر ئىگىلەپ ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى ، ئاممىدىن ئۆگىنىشى ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا ئۆگىنىشى، ئامما بىلەن كۆپرەك سۆھبەتلىشىشى، كادىرلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىشى، مەسىلىلەرنى كۆپرەك كېڭىشىشى ۋە مۇزاكىرە قىلىشى ، تىپلارنى كۆپرەك ئانالىز قىلىشى، قىيىنچىلىق ۋە زىددىيەت مەركەزلەشكەن ، ئامما كۆپ پىكىر بەرگەن جايلارغا كۆپرەك بېرىشى ، رەسمىيەتچىلىك ، شەكىلۋازلىقتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك ؛ ئېغىرچىلىق سالماي ، ھەمراھ بولىدىغانلارنى ئازايتىپ، كۈتۈۋېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، لوزۇنكا، شوئار چاپلىماي–ئاسماي، كۈتۈۋېلىشقا ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرماسلىق، مېھمانلارنى كۈتۈش ئۈچۈن مەخسۇس گىلەمدىن پايانداز سالماسلىق ، گۈل تىزماسلىق ، زىياپەت ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك .
2. يىغىن پائالىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ، يىغىن ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ ، مەركەز نامى بىلەن چاقىرىلغان مەملىكەت خاراكتېرلىك تۈرلۈك يىغىن ۋە چوڭ پائالىيەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، خىزمەتنى يۈزەكىلا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋە تەلەپ قويىدىغان يىغىنلارنى ئاچماسلىق، مەركەزنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ھەرقانداق لېنتا كېسىش، ئۇل سېلىش پائالىيىتى ۋە تەبرىكلەش يىغىنى، خاتىرىلەش يىغىنى، تەقدىرلەش يىغىنى، كۆرگەزمە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە تۈرلۈك مۇنبەرلەرگە بىردەك قاتناشماسلىق كېرەك؛ يىغىننىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يىغىننى قىسقا ئېچىپ، گەپنى مېغىزلىق قىلىپ، قۇرۇق گەپ ساتماسلىق، قېلىپلىشىپ كەتكەن تەكەللۇپ سۆزلىرىنى ئاز قىلىش كېرەك .
3.ھۆججەت ، قىسقا خەۋەرلەر گېزىتىنى ئىخچاملاپ ، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى بولمىغان، تارقاتسىمۇ، تارقاتمىسىمۇ بولىدىغان ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەر گېزىتىنى بىردەك تارقاتماسلىق كېرەك.
4.زىيارەت پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، زىيارەت پائالىيىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، بىللە زىيارەتكە بارىدىغان خادىملارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، قاتناش قوراللىرىغا قەتئىي بەلگىلىمە بويىچە ئولتۇرۇش، ئادەتتە جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاپپارات ، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ، جۇڭگولۇقلار ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىنى ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋېلىش ، ئۇزىتىپ قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك .
5. قوغداش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشقا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قاتناشنى ئىدارە قىلىشنى ئازايتىپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا يولنى قامال قىلماسلىق، مەيدان–سارايلارنى تاقاشتەك ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك .
6. خەۋەر قىلىشنى ياخشىلاپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار قاتناشقان يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنى خەۋەر قىلىش–قىلماسلىقنى خىزمەت ئېھتىياجى ، ئاخبارات قىممىتى ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن قارار قىلىپ، خەۋەر ھەجىمى، ماقالىنىڭ خەت سانى، ۋاقىت قەرەلىنى يەنىمۇ ئىخچاملاش كېرەك.
7. ئەسلىي نۇسخىسىنى ئېلان قىلىشتا قاتتىق بولۇش، مەركەز بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا ئەسەر، سۆز كىتابچىسىنى شەخسلەر ئاشكارا نەشر قىلماسلىق، تەبرىك سۆزى، تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتمەسلىك، بېغىشلىما، قوليازما يېزىپ بەرمەسلىك كېرەك.
8.ئىقتىسادچان–تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۇرالغۇ ئۆي، ئاپتوموبىل سەپلەپ بېرىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەمىناتى بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.