خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

خىزمەت ئىستىلى توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىم

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-12-10 00:04

 

خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك

بەلگىلىمىگە قاراپ چىقىلدى


  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2013–يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت تەھلىل ۋە مۇھاكىمە قىلىندى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 4– دېكابىر يىغىن ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە قاراپ چىقتى، 2013–يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى تەھلىل ۋە مۇھاكىمە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى : رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىستىلىنىڭ قانداق بولۇشى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىغا، ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كەيپىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشنى ئالدى بىلەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىن باشلاپ، باشقىلاردىن قىلىشنى تەلەپ قىلغاننى ئۆزى بىرىنچى بولۇپ قىلىش، باشقىلاردىن قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغاننى ئۆزى قەتئىي قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ياخشى پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىش كېرەك. قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئامما بىلەن بولغان گۆش بىلەن قاندەك مۇناسىۋەتنى باشتىن–ئاخىر ساقلاش كېرەك.
يىغىندا خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە بىردەك ماقۇللاندى . بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى بارلىق يولداشلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاپ ، ئاساسىي قاتلامغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارغاندا ، ئەمەلىي ئەھۋالنى چوڭقۇر ئىگىلەپ ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى ، ئاممىدىن ئۆگىنىشى ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا ئۆگىنىشى، ئامما بىلەن كۆپرەك سۆھبەتلىشىشى، كادىرلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىشى، مەسىلىلەرنى كۆپرەك كېڭىشىشى ۋە مۇزاكىرە قىلىشى ، تىپلارنى كۆپرەك ئانالىز قىلىشى، قىيىنچىلىق ۋە زىددىيەت مەركەزلەشكەن ، ئامما كۆپ پىكىر بەرگەن جايلارغا كۆپرەك بېرىشى ، رەسمىيەتچىلىك ، شەكىلۋازلىقتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك ؛ ئېغىرچىلىق سالماي ، ھەمراھ بولىدىغانلارنى ئازايتىپ، كۈتۈۋېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، لوزۇنكا، شوئار چاپلىماي–ئاسماي، كۈتۈۋېلىشقا ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرماسلىق، مېھمانلارنى كۈتۈش ئۈچۈن مەخسۇس گىلەمدىن پايانداز سالماسلىق ، گۈل تىزماسلىق ، زىياپەت ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك . يىغىن پائالىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ، يىغىن ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ ، مەركەز نامى بىلەن چاقىرىلغان مەملىكەت خاراكتېرلىك تۈرلۈك يىغىن ۋە چوڭ پائالىيەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، خىزمەتنى يۈزەكىلا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋە تەلەپ قويىدىغان يىغىنلارنى ئاچماسلىق، مەركەزنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ھەرقانداق لېنتا كېسىش، ئۇل سېلىش پائالىيىتى ۋە تەبرىكلەش يىغىنى، خاتىرىلەش يىغىنى، تەقدىرلەش يىغىنى، كۆرگەزمە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە تۈرلۈك مۇنبەرلەرگە بىردەك قاتناشماسلىق كېرەك؛ يىغىننىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يىغىننى قىسقا ئېچىپ، گەپنى مېغىزلىق قىلىپ، قۇرۇق گەپ ساتماسلىق، قېلىپلىشىپ كەتكەن تەكەللۇپ سۆزلىرىنى ئاز قىلىش كېرەك . ھۆججەت ، قىسقا خەۋەرلەر گېزىتىنى ئىخچاملاپ ، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى بولمىغان، تارقاتسىمۇ، تارقاتمىسىمۇ بولىدىغان ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەر گېزىتىنى بىردەك تارقاتماسلىق كېرەك. زىيارەت پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، زىيارەت پائالىيىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، بىللە زىيارەتكە بارىدىغان خادىملارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، قاتناش قوراللىرىغا قەتئىي بەلگىلىمە بويىچە ئولتۇرۇش، ئادەتتە جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاپپارات ، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ، جۇڭگولۇقلار ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىنى ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋېلىش ، ئۇزىتىپ قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك . قوغداش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشقا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قاتناشنى ئىدارە قىلىشنى ئازايتىپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا يولنى قامال قىلماسلىق، مەيدان–سارايلارنى تاقاشتەك ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك . خەۋەر قىلىشنى ياخشىلاپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار قاتناشقان يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنى خەۋەر قىلىش–قىلماسلىقنى خىزمەت ئېھتىياجى ، ئاخبارات قىممىتى ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن قارار قىلىپ، خەۋەر ھەجىمى، ماقالىنىڭ خەت سانى، ۋاقىت قەرەلىنى يەنىمۇ ئىخچاملاش كېرەك. ئەسلىي نۇسخىسىنى ئېلان قىلىشتا قاتتىق بولۇش، مەركەز بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا ئەسەر، سۆز كىتابچىسىنى شەخسلەر ئاشكارا نەشر قىلماسلىق، تەبرىك سۆزى، تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتمەسلىك، بېغىشلىما، قوليازما يېزىپ بەرمەسلىك كېرەك. ئىقتىسادچان–تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۇرالغۇ ئۆي، ئاپتوموبىل سەپلەپ بېرىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەمىناتى بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.
  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى : بۇ جەھەتتىكى بەلگىلىمىنى بېكىتىشتىكى يېتەكچى ئىدىيە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت. خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ۋە مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشىلاپ ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاپ ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى باشلامچىلىق بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك . جايلار، تارماقلار بۇ بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ، ئىزچىللاشتۇرۇش ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسىنى تۈزۈپ ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك . جايلار ، تارماقلار مەزكۇر بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ، ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈشى ، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈشكە قەرەللىك ھەيدەكچىلىك قىلىپ ، ھەر يىلى يىل ئاخىرىسىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك . ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام–مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىشنى پارتىيە ئىستىلى ، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتىكى بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشى كېرەك . ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى ھەر يىلى جايلار، تارماقلارنىڭ يىغىن پائالىيىتى قاتارلىق خىراجەتلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى : كېلەر يىلى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۇنجى باشلىنىش يىلى ، 12–بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇپ ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ھالقىلىق بىر يىل، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سالىدىغان مۇھىم بىر يىل ، شۇڭا ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ ، باش تېما ۋە ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ ، مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ ، ماكرولۇق تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ ، ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى : ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ ، مۇۋاپىق پەيتتە لايىقىدا ئالدىن تەڭشەپ ، سىياسەتنىڭ ئۇيغۇنلىشىش ، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك . ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ ، تۈرتكىلىك كۈچى كۈچلۈك بولغان ئىستېمالنىڭ بىر تۈركۈم يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېزلىكتە يېتىلدۈرۈپ ، مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم ئېشىشى ۋە قۇرۇلمىنىڭ ئەلالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئىككىدە يۇقىرى بولۇش›› ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىدىغان ساھەلەرنىڭ قارىغۇلارچە كېڭىيىشىنى داۋاملىق قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكىسى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارەت ئەندىزىسىگە ئىلھام بېرىپ، ئېتىز–ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ كەسىپ نىشانى ئېنىق بولغان دۆلەتنىڭ زور پەن–تېخنىكا تۈرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇشىنى قوللاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىدىغان ساھەلەرنى قوشۇۋېتىپ قايتا تەشكىللەش، ياخشىلىرىنى يۆلەپ، ناچارلىرىنى شاللاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر–بازارلاشتۇرۇشنى پائال ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر–بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يەرنى تېجەپ، تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنىڭ شەھەرلىشىشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. رايون تەرەققىياتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلارنى مەركەزلىك، بىر تۇتاش راۋاجلاندۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز–ئوكيان ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېكسپورت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىمپورتنى پائال ئاشۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ ‹‹چىقىرىش››ىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى قوللاش كېرەك. مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، مۇھىم تاۋار بازىرىدىكى تەمىنلەش–تەلەپنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوبوروت تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، بازار باھاسى ۋە ھەق ئېلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان رايون ۋە ساھە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بايلىق خاراكتېرىدىكى مەھسۇلات باھاسىنى بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە يېزا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن–تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، مەمۇرىي تەستىقلاش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، شەھەر–يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جامائەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنى بىر تۇتاش غەملەش قاتلىمى ۋە كاپالەت سەۋىيەسىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلارنى ياخشىلاپ، ئۆي–زېمىن بازىرىنى تەڭشەش، تىزگىنلەش ۋە تۇرالغۇ كاپالىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى قوغداش كېرەك .


بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار