خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-08-10 22:52

يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى تەڭشەش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان «يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەڭشەشنى قېلىپلاشتۇرۇش پىكرى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»گە ئاساسەن، ئېلىمىز مەخسۇس پىلانلاش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىشتىن كېلىپ چىققان ئارىلىق يىراق بولۇش، قاتناش جىددىي بولۇش، ئوقۇغۇچى نورمىدىن ئېشىپ كېتىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىدۇ.

ھازىر بەزى جايلاردا مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى قوشۇۋېتىش سەۋەبلىك ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇشى قالايمىقان بولۇش ۋە ئوقۇغۇچى زىيادە ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. پىكىردە «ئوقۇغۇچى ئېشىپ كەتكەن مەكتەپلەرنىڭ قوشۇۋالغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى يەنە قوبۇل قىلىشىغا بولمايدۇ»، «يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى دۆلەت ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆلچەم بويىچە كۈچەيتىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە دەرسخانا، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ئاشخانا، ئىچىدىغان سۇ ئەسلىھەسى، ھاجەتخانا، مۇنچا قاتارلىق ئەسلىھە ۋە زۆرۈر بولغان باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى سەپلەپ بېرىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پىكىردە مەكتەپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «يېقىن ئەتراپتا ئوقۇش»تەك ئورۇنلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ھەر بىر يېزا، بازاردا كەم بولغاندىمۇ بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، 30 مىڭدىن كۆپرەك نوپۇسى بار يېزا، بازارلاردا ئىككى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ؛ نوپۇس نىسپىي مەركەزلەشكەن كەنتلەردە باشلانغۇچ مەكتەپ ياكى ئوقۇتۇش نۇقتىسى بولۇش؛ نوپۇسى ئاز، چەت، يىراق، قاتناش قولايسىز جايلاردا ئوقۇتۇش نۇقتىسىنى ساقلاپ قېلىش ياكى تەسىس قىلىش كېرەك.

پىكىردە يەنە مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە قوشۇۋېتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى قارشى تۇرغان ئەھۋالدا مەكتەپلەرنى مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى قوشۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى قوشۇۋېتىلگەن مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش زۆرۈر بولغانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

پىكىرگە ئاساسەن، ناھىيە دەرىجىلىك خەلقھۆكۈمىتى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس پىلانىنى تۈزۈشى، مەخسۇس پىلاننى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن ئىلگىرى، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى قوشۇۋېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەك.

پىكىردە ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن بولۇپ، يېزىلاردا يولۇچىلار تىرانسپورتى لىنىيەسىنى كۆپەيتىش، يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، ئاپتوبۇسلارنىڭ يولغا چىقىش ئارىلىقىنى قىسقارتىش، ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس ئاپتوبۇسى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك، ئاستا سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، تىراكتور ۋە قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىل، بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىل قاتارلىقلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى توشۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، دېيىلگەن.


بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار