خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىس

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2010-03-17 21:46

جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسى

 



(1993-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى  جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قورۇلتىيىدا ماقۇللانغان )
ئومومىي پىرىنسىپ
جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى – جوڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلىدىغان ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرلەشكەن ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتى ، پارتىيىنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاستە ،دۆلەت ھاكىميىتىنىڭ مۇھىم ئىجتىمائىي تۆۋرۈكى ، ئۇيۇشما ئەزالىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى .
جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاساسىي قانۇنىنى ئۆز پائالىيىتىنىڭ تۈپ مىزانى قىلىدۇ . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى » ۋە « جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسى » بويىچە مۇستەقىل ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ ،قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ ۋە مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىدۇ .
      ئىشچىلار سىنىپى – ئېلىمىزنىڭ رەھبىرىي سىنىپى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ۋەكىلى ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋېلاشتۇرۇش قۇرلىشى ئىشلىرىدىكى ئاساسىي قوشۇن ، جەمىئەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك ھەم مەركەزلەشكەن ئىجتىمائىي كۈچ . جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى جوڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزىريىسىنى يىتەكچى قىلىپ ، پارتىيىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلىشىنى مەركەز قىلىش ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي لوشىيەننى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجتىمائىي فونكىسيىسىنى ئوموميۈزلۈك ئادا قىلىدۇ . پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئومومىي مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كونكىرت مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەيدۇ ۋە قوغدايدۇ . پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى  ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ ئۇلارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارتىپ مەملىكىتمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋېلاشقان ، باي قۇدرەتلىك ، دېموكراتىك مەدىنيەتلىك مەملىكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ، كۆرەش قىلىشىقا يىتەكلەيدۇ .
جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسلىق ئىجتمائىي فونكىسيىسى مۇنۇلار : ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى ۋە دېموكراتىيە ھوقۇقىنى قوغداش  ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى قۇرۇلۇشقا ۋە ئىسلاھاتقا ئاكتىپ قاتنىشىپ ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجىتمائىي تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى ۋە ئىجىتمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئۈچۈن ، ئىشچىلار ھەركىتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ .
جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى – دېھقانلار ئىتتپاقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ، شىياڭگاڭ ، ئاۋمىنلىق قېرىنداشلارنى ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ۋەتەننىڭ بىرلىككە كىلىشى ، گۈللىنىشى ۋە بېيىپ قۇدرەت تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
      جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خەلىقئارا ئىشلاردا مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ، كەڭ ئالاقە باغلاش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ ، مۇستەقىل بولۇش باراۋەر بولۇش ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ، بىر بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىق پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىلەن بولغان دوسلۇق مۇناسىۋېتىنى كەڭ تۈردە راۋاجلاندۇرىدۇ ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىشچىلار ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىلەن بىرلىكتە ، دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ، تەرەققىيات ، ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتى ۋە جەمىئەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ .

بىرىنجى باب : ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى
1-ماددا : جوڭگو تەۋەلىكىدىكى كارخانىلار ، كەسپىي ئورۇنلارۋە ئىدارىلەردە ئىشلەيدىغان ، ئىش ھەققى كىرىمىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسى قىلىدىغان جىسمانىي ئەمگەكچىلەر ۋە ئەقلىي ئەمگەكچىلەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسىنى ئېتراپ قىلسىلا ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولالايدۇ . جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى مىللەت ، ئېرىق ، جىنىس ، كەسىپ ، دىنىي ئىتىقاد ، تەربىيلىنىش ئەھۋالى جەھەتلەردە چەكلىمىگە ئۇچىرمايدۇ .
2- ماددا : ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا كىرىشتە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىلتىماس قىلىدۇ ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى گورۇپپىسى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللايدۇ ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ھەيئەتلىرى تەستىقلايدۇ ھەمدە ئەزالىق كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىدۇ .
3- ماددا : ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ .
1) سايلاش ، سايلىنىش ۋە ئاۋاش بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ .
2) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق خادىمىنى تەنقىد قىلىدۇ ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خادىملىرىنى يەڭگۈشلەشنى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى ئۈستىدە نازارەتچىلىك قىلىدۇ .
3) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىدىن دۆلەت ھاياتى ۋە ئجىتمائىي تۇرمۇش مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرى بەرگەن تەنقىد ۋە تەكلىپلەرنى مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە ئەينەن ئىنكاس قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ .
4) قانۇنى ھوقۇق – مەنپەئىتى دەخلى تەرۈزگە ئۇچىرغاندا ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ .
5) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان مەدىنيەت تەلىم-تەربىيە، تەنتەربىيە ، ئورۇنداشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش ؛ ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، دۆلەت ئىشلىرى ۋە جەمىئەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ، كارخانا ، كەسپىي ئورۇن ۋە ئىدارىلەردىكى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىش؛ ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ئىدىيىۋىي – ئەخلاق ۋە پەن مەدىنيەت جەھەتتىكى سۈپىتىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ، غايىلىك ، ئەخلاقلىق ، مەدىنيەتلىك ، ئىنتىزامچان ، ئىشچى خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش .
  جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسىي ھوقوقىنى قوغداش بىلەن بىرگە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ماددىي ، مەدەنىي مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ، ئەمگەك مۇناسىۋېتىنى ماسلاشتۇرۇشقا ، ئىجىتمائىي زىددىيەتنى تەڭشەشكە قاتنىشىشنى مۇھىم خىزمەت قىلىپ ، ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە جەمىئەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرشكە تىرىشىدۇ .
جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قلىدىغان ، ئىشچى دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلىدىغان خەلق دېموكراتىيسى دېكتاتۇرلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت ھاكىميىتىنى قوغدايدۇ ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئېلىپ بېرىشىغا ھەمكارلىشىدۇ ، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مەمۇرىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزىشى جەريانىدا ، دېموكراتىك ئاساستا قاتنىشىش ۋە ئىجىتمائىي نازارەتچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ .
جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا مەمۇريەتنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ھوقوقىنى يۈرگۈزىشىگە مەدەت بېرىدۇ ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك ئاساستا نازارەتچىلىك قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا ئۇيۇشتۇرىدۇ ، مەمۇريەت بىلەن مەسلىھەتلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ ، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشتۈرۈلگەن تەشكىلىي رەھبەرلىك پىرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ ، دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ .
جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاممىۋېلاشتۇرۇش ، دېموكراتىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، ئۇيۇشما ئەزالىرى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ ، ئۇيۇشما ئەزالىرىغا تايىنىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ . ھەر دەرىجىلىك ئىشىچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلارغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى « ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى » قۇرۇپ چىقىدۇ .
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرغان كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش ، ساياھەت ، داۋالىنىش ، دەم ئېلىش ئىشلىردىن ئالاھىدە بەھرىمان بولىدۇ ؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بەرگەن تۈرلۈك مۇكاپاتلاردىن بەھرىمان بولىدۇ .
6) ئىشچىلار ئيۇشمىسىنىڭ خىزمىتى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېغىنلىردا ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ گېزىت – زورناللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىگە قاتنىشىدۇ .
4-ماددا : ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى تۆۋەندىكى مەجبۇريەتلەرنى ئادا قىلىدۇ :
1) سىياسىنى ، ئىقتىسادنى ، مەدىنيەتنى ، ئىلىم پەننى ۋە تېخنىكىنى ئۈگىنىش ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئائىت ئاساسىى بىلىملەرنى ئۈگىنىش
2) دېموكراتىك باشقۇرۇشقا پائال قاتنىشىش ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئورۇنداش .
3) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىش ، ئىجىتمائىي ئەخلاقنى ۋە كەسىپ ئەخلاقىنى قوغداش ، ئەمگەك ئىنتزامىغا رىئايە قىلىش .
4) دۆلەت، كوللىكتىپ ۋە شەخىستىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋېتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ، دۆلەت ۋە جەمىئەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارشى كۆرەش قىلىش .
5) ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئىتتىپاقلىقىنى ۋە بىرلىكىنى قوغداش ، سىنىپىي مېھرىبانلىقنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ۋە قۇتقۇزۇشنى ياخشى يولغا قويۇش .
6) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىش ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ، ھەرئايدا ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇش .
5-ماددا : ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزاسى ئۇيۇشمىسىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولسا ،ئىشچلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ھەيئىتى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە ئەزالىق كىنىشكىسىنى قايتۇرۋالىدۇ .
ئۇيۇشما ئەزاسى سەۋەپسىز ئالتا ئاي ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرمىسا ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمىسا ، تەربىيە بېرىلگەندىن كىيىنمۇ تۈزەتمىسە ،ئۇيۇشمىدىن ئۆزلىكىدىن چېكىنگەن دەپ قارىلىدۇ .
6- ماددا : ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قارارلىرىنى ئىجر قىلمىغان ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئۇيۇشما ئەزالىرىغا تەنقىت تەربىيە بېرىلىدۇ ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھەمدە جىنايى ئىشلار جازاسىغا تارتىلغان ئۇيۇشما ئەزالىرى ئۇيۇشمىدىن چىقىرىلىدۇ . ئۇيۇشما ئەزالىرىنى ئۇيۇشمىدىن چىقىرىشتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى گورۇپپىسى مۇزاكىرە قىلىپ پىكىر قويىدۇ . ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاساسىي قاتلام ھەيئىتى قارار قىلىدۇ ۋە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگەن ئالدۇرىدۇ .
7-ماددا : ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىدىن دەم ئىلىشقا ، پىنسىيگە چىققان  ، ئىشقا ئوتۇنلىشىنى كۇتۇپ تۇرغانلارنىڭ ئەزالىق سالاھىتى ساقلاپ قېلىندۇ . ئۇيۇشما ئەزالىق سالاھىيىتى ساقلاپ قىلىنىغان مەزگىلدە ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرمايدۇ .
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى دەم ئىلىشقا ، پىنسيىگە چىققان ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىنى كۇتۇپ تۇرغان ئۇيۇشما ئەزالىرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۇل بۆلۇپ ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ تەلەپلىرى ئاكتىپ ھالدا مۇناسىۋەتلىك تەرەپكە ئىنكاس قىلىشى لازىم .
ئىككىنجى باپ تەشكىلى تۇزۇم
8-ماددا : جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى دىمىكۇراتىيە مەەكەزلەشتۇرۇش تۇزىمى يولغا قويىدۇ . ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇندا :
(1)    شەخس  تەشكىلگە بويسۇنىدۇ . ئازچىلىق كۆپچىلىككە بويسۇنىدۇ ، تۆۋەن دەرجىلىك تەشكىلات يۇقىرى دەرجىلىك تەشكىلاتقا بويسۇنىدۇ .
(2)    ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ ھەر دەرجىلىك رەھبىرى ئورگانىلىرنىڭ ئۆزلىرى ئەۋەتكەن ۋەكالەت ئورگانلىردىن باشقلىرى دىمكۇراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كىلىدۇ .
(3)    ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالى رەھبەرلىك ئورگىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ مەمىلىكەتلىك قۇرۇلتيىۋە ئۇ ۋۇجۇتقا كەلتۇرگە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىجىرائىيە ھەيئىتىدۇ . .ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ يەرلىك ھەر دەرجىلىكقۇرۇلتيى ۋە ئۇ ھۇجۇتقا كەلتۇرگەن باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىتىدۇر.
(4)    ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ ھەر دەرجىلىك ھەيئەتلىرى تەڭ تەرجىلىك ئۇيۇشما ئەزالرى يىغىنى ياكى ئۇيۇشما ئەزالىرى قۇرۇلتيىي ئالدىدا جاۋاپكار بولىدۇ .ھەم ئۆز خىزمىتىددىن دوكىلات بىرىپ ، ئۇيۇشما ئەزالىرنىڭ نازارىتنى قوبۇل قىلىدۇ . ئۇيۇشما ئەزالىرى يىغىنى ۋە ئۇيۇشما ئەزالىرى قۇرۇلتيى ئۆزلىرى سايلىغان ۋەكىلللەرنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمسى ھەيئىتىنىڭ تەركىۋىدىكى خادىمىلارنى ئالماشتۇرۇش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلاشقا ھوقوقلۇق .
(5)    ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ ھەر دەرجىلىك ھەيئەتلىرى  كوللىكتىپ رەھبەر بولۇش ۋە ئىشنى تەقسىم قىلۋىلىپ مەسئۇل بولۇش ئۆز ئارا بىرلەشتۇرۇلگەن تۇزۇمنى يولغا قويدۇ . مۇھىم بولغانلىكى مەسللەرنى ھەيئەت دىمكۇراتىك ئاساستا مۇزاكىرە قىلىپ شۇ مەسىللەر ئۇستىدە قارار چىقردۇ . ھەيئەت ئەزالرىرى كوللىكتىپنىڭ قارارى ۋە ئىش تەخسىماتى بويىچە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ .
(6)    ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ ھەر دەرجىلىك رەھبىرى ئورگانلىرى دائىم تۆۋەن دەرجىلىك تەشكىلارتلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ تۇردۇ ،تۆۋەن دەرجىلىك تەشكىلات ئۇيۇشما ئەزالىرنىڭ پىكىرنى ئىلىپ ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان مەسلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە ھەل قىلىدۇ .
تۆۋەن دەرجىلىك تەشكىلاتلار يۇقىرى دەرجىلىك تەشكىلاتلاردىن يوللورۇق سوراپ ، خىزمىتىدىن دوكىلات بىرىدۇ .
  9-ماددا : ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ ھەر دەرجىلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللرىنى ۋە ھەيئەتلىرنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرۇشتە ، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق گەۋىدىلەندۇرۇشتە ، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۇرشى كىرەك .نامزاتلارنىڭ ئىسىمىلىكى قايتا –قايتا پىكىرلىشىپ ، تولۇق مۇزاكىرە قىلىشتىن ئۆتكۇزۇلىشى كىرەك .سايلامدا يوشۇرۇن ئاۋاز بىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ . نامزاتلارنىڭ سانى سايلىغۇچىلارنىڭ سانىدىن كۆپ بولۇشتەك سايلام ئۇسۇلنى بىۋاستە قوللىنىش ئارقىلىق رەسمىي سايلام ئىلىپ بىرىشقىمۇ بولىدۇ ، شۇنداقلا ئالدى بىلەن ئارتۇق نامزات كۆرسىتىش سايلام ئۇسۇلنى قوللىنىپ تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۇزۇپ ، سايلام ئۇسۇلنى قوللىنىپ تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۇزۇپ ، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى ۋۇجۇتقاچىقىرىپ ، ئاندىن كىيىن رەسمىي سايلام ئىلىپ بىرىشقىمۇبولىدۇ . ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ئاۋاز بەرگۇچىلەرنى مەلۇم ئادەمنى سايلاش ياكى سايلىمسالىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ .
10-ماددا : جۇڭگو ئشچىلار .ئۇيۇشمىسى سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن يەرلىك ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشتۇرۇلگەن تەشكىلى رەھبەرلىك پىرىنسىپىنى يولغا قويدۇ . ئوخشاش خىلدىكى كارخانا ، كەسپى ئورۇن ، ئورگان ئىدارىلەردىكى ئۇيۇشما ئەزالىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ بىرەر ئاساسى قاتلام تەشكىلاتىغا ئۇيۇشتۇرلىدۇ ،ئوخشاش خىلدىكى كەسىپلەر تەشكىلى ياكى خاراكتىرى ئوخشاپراق كىتىدىغان بىر نەچچە كەسىپلەردە ئىھتىياجىغا قاراپ مەملىكەتلىك ياكى يەرلىك سانائەت ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى تەشكىلى قۇرۇلىدۇ . ئاز ساندىكى مەمۇرى باشقۇرۇش تۇزۇلملىرى بويىچە كەسپى ئورۇنلار باشقۇرۇشنى يولغا قويۋاتقان سانائەت تارماقلىردا ،سانائەت ئىشچلىرى ئۇيۇشمىسى بىلەن يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ قوش رەھبەرلىكى يولغا قويۇلغان ، سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ رەھبەرلىكى ئاساس قىلىنغاندىن تاشقىرى ،باشقا سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ ھەممسىدە يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقرى دەرجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش  تۇزۇمى يولغا قويۇلىدۇ .سائائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ رەھبەرلىك تۇزۇلمىسىنى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى بەلگىلەيدۇ .
ئۆلكە ،ئاپتۇنۇم رايۇن ، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ، ئاپتۇنۇم ئوبلاست ، شەھەر ، ناھىيە (خۇشۇن) دە يەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلىدۇ .يەرلىك باش ئىشچلار ئۇيۇشمىسى شۇ جايدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ۋە سانائەت ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى يەرلىك تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئورگخنى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .جوڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئورگىنى بولۇپ ھىساپلىندۇ .
جوڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىجىرائىيە ھەيئەتنىڭ ئەزارلىرى ۋە سانائەت ئىشىلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ھەيئەتنىڭ ئەزالىرغا قارىتا ئورننى تولدۇرۇش تۇزىمىنى يولغا قويدۇ . يەرلىك ھەر دەرجىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەيئەتنىڭ ئەزالىرى ۋە يەرلىك سانائەت ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ھەيئەتنىڭ ئەزالرىغا قارىتا ئورننى تولدۇرۇش تۇزىمى يولغا قويسا بولىدۇ .
11-ماددا : ناھىيە ۋە ناھىيدىن يۇقىرى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەيئەتلىرى خىزمەت ئىھتىياجىغا قاراپ ۋەكالەت ئورگانلىرنى ئەۋەتىشكە بولىدۇ .
  ناھىيە ۋە ناھىيدىن يۇقىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەيئەتلىرى ئىككى قىتىملىق قۇرۇلتاي ئارقىلىق زۆرۇر دەپ قارىغاندا ، ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىپ ۋاقىتىدا ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىللەرنى مۇزاكىرە قىلساۋە بەلگىلىسە  بولىدۇ . ۋەكىللەر يىغىننىڭ ۋەكىل سانىنى ۋە ۋەكىللەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرۇش ئۇسۇلنى ۋەكىللەر يىغىننى چاقىرغۇچى باش ئىشچىلار .ۇيۇشمىسى بەلگىلەيدۇ .
مەملىكەتلىك سانائەت ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى ،يەرلىك ھەر دەرجىلىك سانائەت ئىشىچىلار ئۇيۇشمىلىرى، يېزا (بازار)ئىشىچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە شەھەر مەھەللە ئىشىچىلار ئۇيۇشمىلىرى ھەيئەت بىرلىشىش تۇزۇمى ، ۋەكىللىك تۇزۇمى پىرىنسىپى بويىچە تۆۋەن دەرجىلىك ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىڭ دىمكۇراتىك ئاساستا سايلانغا ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ۋە مۇۋاپىق نىسپەتتە ئالاقىدا تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللرىدىن تەشكىللەنسە بولىدۇ .
12-ماددا: ھەر دەرجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلتايلىردا سايلام ئارقىلىق ئۆزى بىلەن تەڭ دەرجىلىك خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئەتلىرنى ۋۇجۇدقا كەلتۇردۇ . جۇڭخوا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتىدە دائىمىي ھەيئەت تەسس قىلىنىدۇ . ئۆلكىلىك (ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر )باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتى ۋە خىراجەتنى مۇستەقىل باشقۇردىغان مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئەتلىردىمۇ دائىمىي ئەزا تەسىس قىلسا بولىدۇ ؛ خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتى تەڭ دەرجىلىك ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كارخانا ، كەسپى ئورۇنلارنىڭ كىرىم چىقىم ۋە مال مۆلۇك باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۇرۇشكە مەسئۇل بولىدۇ . ماليە ئىقتىساد، قانۇن – ئىنتىزامنىڭ ئىزچىل ئىجىرا قىلىنىشىنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتىنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتىنىڭ يىتەكچىلىكلىنى قوبۇل قىلىدۇ ؛ ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئتى تەڭ دەرجىلىك ئۇيۇشما ئەزالىرى يىغىنى ياكى ئۇيۇشما ئەزالىرى قۇرۇلتيى ئالىدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكىلات بىردۇ ؛ قۇرۇلتاي يىپىق مەزگىلدە ،تەڭ دەرجىلىك ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكىلات بىرىدۇ .
يۇقىرى دەرجىلىك خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتى زۆرۇر دەپ قارىغاندا ياكى تۆۋەن دەرجىلك خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتى تەلەپ قىلغاندا ، يۇقىرى دەرجىلىك خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتى تۆۋەن دەرجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كارخانا ، كەسپى ئورۇنلارنىڭ كىرىم –چىقىم ۋە مال مۆلۇك باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۇردۇ .
جوڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتنىڭ ئەزالىرغا قارتا ئورنىنى تولدۇرۇش تۇزىمى يولغا قويۇلىدۇ ، يەرلىك ھەر دەرجىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزارلىرى ۋە خىراجەتنى مۇستەقىل باشقۇردىغان سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتنىڭ ئەزالىرىغا قارتا ئورنىنى تولدۇرۇش تۇزۇمى يولغا قويمىسىمۇ بولىدۇ .
13-ماددا : ھەر دەرجىلىك ئىشىچىلار ئۇيۇشمىلىردا ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەر ھەيئىتى قۇرۇلۇپ ، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قامۇمى ھوقوق مەنپەتى قوغدىلىدۇ .ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەر ھەيئىتى تەڭ دەرجىلىك ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىتىنىڭ كۆرسىتىشى ئارقىلىق ، تولۇق كىڭىشىش ئاساسىدا تەشكىللىنىدۇ .تەڭ دەرجىلىك ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەت ئىلىپ بارىدۇ .
14-ماددا: ناھىيە ۋە ناھيىدىن يۇقىرى دەرجىلىك ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىردا ئىشىچى –خىزمەتچىلەر ۋە ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرنىڭ قانۇنىي ھوقوق –مەنپەتىنى قوغداش ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغان قانۇندىن مەسلەھەت بىرىش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى قۇرۇلىدۇ .
15-ماددا :ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرنى قۇرۇش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىشىلىرنى ئۇيۇشما ئەزالىرى قۇرۇلتيى ماقۇللىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسىغا تەستىقلىشى كىرەك .ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى تۇرۇشلۇق كارخانا مەۋجۇت بولماي قالسا ياكى ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى تۇرۇشلۇق كارخانا كەسپى ئورۇن ۋە ئورگان ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا ، شۇ ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرلىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرجىلىك ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسغا ئەنگە ئالدۇرلىدۇ .باشقا تەشكىلات ياكى شەخسىلەرنىڭ ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتنى خالىغانچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشغا شۇنىڭدەك ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىدىن ئاپاراتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، قوشۋىتىشكە ياكى باشقا خىزمەت تارماقلىرغا تەۋە قىلپ قويۇشقا بومايدۇ .
ئۈچىنجى باب  مەملىكەتلىك تەشكىلات
16-ماددا : جوڭگو ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بەش يىلدا بىر قتىم ئۇتكۇزۇىلدۇ . ئۇنى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئىجىرائىيە  ھەيئتى چاقىردۇ . پەۋقۇلاددە ئەھۋالدا ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئىجىرائىيە  ھەيئتى ھەيئەت رىياسىتنىڭ تەكلىۋى بىلەن ، ئىجىرائىيە ھەيئىتى ئومومىي يىغىننىڭ ماقۇللىشى ئارقىلىق مۇددەتىن بۇرۇن ياكى كىچىكتۇرۇپ ئۆتكۇزۇشكە بولىدۇ . ۋەكىللەرنى سايلاش چارىسىنى جوڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى بەلگىلەيدۇ .
17-ماددا : جوڭگو ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىينىڭ خىزمەت ھوقوقى مۇنۇلار :
1)    جوڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئىجىرائىيە ھەيئتنىڭ خىزمەت دوكىلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ . 
2)    جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئىجىرائىيە ھەيئىتىنىڭ خىراجەت كىرىم –چىقىم توغىرسىدىكى دوكىلاتنى ۋە خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتىنىڭ خىزمەت دوكىلاتىنى ۋە خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتنىڭ خىزمەت دوكىلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ .
3)    جۇڭگو ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ نىزامنامىسىگە تۇزىتىش كىرگۇزىدۇ .
4)    جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجىرائىيە ھەيئىتى ۋە خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتىنى سايلايدۇ .
18-ماددا : جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئىجىرائىيە  ھەيئتى مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي مەزگىلىدە  مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرنى ئىجىرا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ . تۇپۇن مەملىكەتتكى ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ .
ئىجىرا ھەيئىتىنىڭ ئومومىي يىغىنى بىر رەئىس ، بىر قانچە مۇئاۋىن رەئىس ، بىر قانچە ھەيئەت  رىياسەت ئەزالىرنى سايلاپ ، ھەيئەت رىياستى تەشكىل قىلىدۇ .
ئىجىرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئومومىي يىغىننى ھەيئەت رىياسىتى چاقىردۇ ، بۇ يىغىن ئاز دىگەندە يىلدا بىر قتىم ئۆتكۇزىلىدۇ .
19-ماددا :ئىجىرائىيە ھەيئىتنىڭ ئومومىي يىغىنلىرى يىپىق مەزگىلدە ئىجىرائىيە ھەيئىتنىڭ خىزمەت ھوقوقىنى ھەيئەت رىياسىتى يۇرگۇزىدۇ . ھەيئەت رىياسىتنىڭ ئومومىي يىغىننى رەئىس چاقىردۇ ،بۇ يىغىن ئادەتتە ھەر پەسىلدە بىر قىتىم ئۆتكۇزىلىدۇ .
ھەيئەت رىياسىتى قارمىقىدا شۇجىچۇ تەسىس قىلىنىدۇ ، شۇجىچۇ ھەيئەت رىياسىتى ھەيئەت رىياسىتى ئازالىرى ئىچىدىن كۆرسەتكەن بىر نەپەر بىرنجى شۇجى ۋە بىر قانچە نەپەر شۇجىلاردىن تەركىب تاپىدۇ . شۇجىچۇ ھەيئەت رىياسىتنىڭ رەھبەرلىكىدە ، مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمسىنىڭ كۇندىلىك خىزمەتلىرگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ .
20-ماددا : سانائەت ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك تەشكىلاتنىڭ تەسىس قىلىنىشى جۇڭخوا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئىھتىياجغا قاراپ بەلگىلەيدۇ .
سانائەت ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ھەيئىتى  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ تەستىقى بىلەن ، بىرلەشمە تۇزىمى ، ۋەكىللىك تۇزۇمى پىرىنسىپلىرغا ئاساسەن تەشكىل قىلنسا بولىدۇ ؛سانائەت ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ . مەملىكەتلىك ھەيئتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ ..ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندا ،ئۆز قەرەلىدە يىغىن چاقىرىپ ،نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئۆتكۇزۇش كىرەك ؛ پەۋقۇلاددە ئەھۋالدا ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ تەستىقى بىلەن يىغىننى مۇددەتىن بۇرۇن ياكى كىچىكتۇرۇپ ئۆتكۇزۇشكە بولىدۇ .
سائانەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلتىينىڭ ۋە بىرلەشمە تۇزىمى ، ۋەكىللىك تۇزىمى پىرىنسىپلىرغا ئاساسەن تەشكىللەنگەن ھەيئەت ئومومىي يىغىننىڭ خىزمەت ھوقوقى مۇنۇلار : سانائەت ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ خىزمەت دوكىلاتنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ ؛ سانائەت ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى مەملكەتلىك ھەيئىتىنى ياكى سانائەت ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ھەيئىتى  دائىمى ھەيئىتنى سايلايدۇ ھەمدە سانائەت ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيغا ياكى ھەيئەت ئومومىي يىغىنىغا ئۆز خىزمتىدىن دوكىلات بىرىدۇ . سانائەت ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ھەيئىتى بىر رەئىس ، بىر قانچە مۇئاۋىن رەئىس ۋە بىر قانچە دائىمي ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ .
تۆتىنجى باب  يەرلىك تەشكىلاتلار
    21-ماددا :ئۆلىكىلىك (ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بىۋاستە قەراشلىق  شەھەرلىك ، ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق شەھەرلىك ، ناھىيىلىك ) ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ قۇرۇلتايلىرنى تەڭ دەرجىلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ھەيئەتلىرى چاقىردۇ ، بۇ قۇرۇلتايلار بەش يىلدا بىر قىتم ئۆتكۇزىلىدۇ . پەۋقۇللادە ئەھۋالدا تەڭ دەرجىلىك باش ئىشىچلار .ئۇيۇشمىسى  ھەيئىتنىڭ تەكلىۋى بىلەن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ تەسىتىقى ئارقىلىق ، مۇددەتىن بۇرۇن ياكى كىچىكتۇرۇپ ئۆتكۇزۇشكە  بولىدۇ ، ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى يەرلىك ھەر دەرجىلىك قۇرۇلتايلىرنىڭ خىزمەت ھوقوقى مۇنۇرلار :
1)    تەڭ دەرجىلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىنتىڭ خىزمەت دوكىلاتنى قاراپ چىقىۇد ۋە تەستىقلايدۇ .
2)    تەڭ دەرجىلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ھەيئتىنىڭ خىراجەت كىرىم – چىقىمى توغىرسىدىكى دوكىلاتنى ۋە خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتنىڭ خىزمەت دوكىلاتنى قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلاپ چىقىدۇ .
3)    تەڭ دەرجىلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىتنى ۋە خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتنى سايلايدۇ . يەرلىك ھەر دەرىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەيئەتلىرى قۇرۇلتاي يىپىق مەزگىلدە يۇقىرى دەرجىلىك ئىشىچلار ئۇيۇشمسىنىڭ قارارلىرنى ئىجىرا قىلىدۇ ، ئۆز رايۇنىدىكى ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ خىزمتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرجىلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىتىگە ئۆز خىزمتىدىن قەرەللىك دوكىلات قىلىپ تۇردۇ .
خىزمەت ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئۆلكىلىك ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ۋىلايەتلەردە ۋەكالەت ئورگىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە تەۋەسىدە رايۇن بولغان شەھەرلەردىكى باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرى رايۇنلاردا رايۇن دەرجىلىك ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرنى قۇرسا ياكى ۋەكالەت ئورگىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ .
ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى رايۇنلار يېزا (بازار)لاردا ۋە مەھەللىلەردە يېزا(بازار) ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ۋە مەھەللە ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرسا بولىدۇ .
22-ماددا : يەرلىك ھەر دەرجىلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ھەيئەتلىرى بىر رەئىس ، بىر نەچچە مۇئاۋىن رەئىس ، بىر نەچچە ھەيئەت سائىمى ئەزاسى سايلاپ ، دائىمى ھەيئەت تەشكىل قىلىدۇ ،ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىتى ، دائىمىي ھەيئەت رەئىس ، مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ ۋە خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتنىڭ سايلام نەتجىسى بىر دەرىجە يۇقىرى باش ئىشىلار ئۇيۇشمىسىغا تەستىقلىتىشى كىرەك .
يەرلىك ھەر دەرجىلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىتنىڭ ئومومىي يىغىنى ئاز دىگەندە يىلدا بىر قىتىم ئۆتكۇزىلىدۇ . بۇ يىغىننى دائىمىي ھەيئەت چاقىردۇ . يەرلىك ھەر دەرجىلىك باش ئىشىلار ئۇيۇشمىسى دائىمىي ھەيئەت ئومومىي يىغىننى يىپىق مەزگىلدە ھەيئەت خىزمەت ھوقوقىنى يۇرگىزىدۇ .
23-ماددا : يەرلىك ھەر دەرجىلىك سانائەت  ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرنىڭ تەسىس قىلىنىشى تەڭ دەرجىلىك يەرلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى شۇ رايۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ .
بەشنىجى باب ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى 
24-ماددا :ھەر خىل مۇلۇكچىلىك كارخانا ، كەسپى ئورۇن ۋە ئىدارە قاتارلىق ئاساسى قاتلام ئورۇنلاردا قانۇن بويىچە ئىشىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرنى ، ئىشىلار ئۇيۇشمىسنىڭ ئاساسي قاتلام ھەيئىتىنى قۇرۇش كىرەك ؛ ئۇيۇشما ئەزالىرى 25 كىشىگە يەتمىگەن ئورۇنلاردا بىر كىشى تەشكىلاتچى قىلىپ سايلانسا بولىدۇ ، ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرنى سايلاپ ، ئىشىلار ئۇيۇشمىسنىڭ خىزمەتلىرگە رىياسەتچىلىك قىلسىمۇ بولىدۇ .
25-ماددا : ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلرنىڭ ئۇيۇشما ئەزالىرى يىغىنى ياكى ئەزالار قۇرۇلتىيى ئادەتتە ھەر يىلى بىر قىتىم چاقىرلىدۇ . ئۇيۇشما ئەزالىرى قۇرۇلتيىنىڭ ۋەكىللىرىگە قارىتا دائىمى ۋەزىپە ئۆتەش تۇزىمى يولغا قويۇلىدۇ .ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ .ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالرى يىغىننىڭ ياكى ئۇيۇشما ئەزالىرى قۇرۇلتيىنىڭ خىزمەت ھوقوقى مۇنۇلار :
1)ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى ئاساسى قاتلام ھەيئىتنىڭ خىزمەت دوكىلاتىغا قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ .
2)ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئاساسى قاتلام ھەيئىتنىڭ خىراجەت كىرىم چىقىم ئەھۋالى توغىرسىدىكى دوكىلاتنى ۋە خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتنىڭ  قاراپ چىقىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ .
3) ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرى ئاساسى قاتلام ھەيئىتى ۋە خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتى سايلايدۇ .
ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ ئاساسى قاتلام ھەيئىتى ۋە خىراجەت  تەكشۇرۇش ھەيئىتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ .
26-ماددا : ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ ئاساسى قاتلام ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى  ئۇيۇشما ئەزالىرى ياكى ئۇيۇشما ئەزالرى ۋە كىللىرى ئىچىدە تولۇق پىكرلىشىش كىڭىشىش ئاساسىدا سايلام ئارقىلىق ھۇجۇتقا كىلىدۇ . رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلەر ئۇيۇشما ئەزالرى يىغىنىدا ياكى مۇئاۋىن رەئىسلەر ئۇيۇشما ئەزالرى يىغىندا ياكى ئۇيۇشما ئەزالىرى قۇرۇلتىيىدا بىۋاستە سايلام ئارقىلىق ھۇجۇتقا كەلتۇرسىمۇ بولىدۇ .چوڭ يىپتىكى كارخانلار ۋە كەسپى ئورۇنلاردىكى ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى ھەيئتى ، خىزمەت ئىھتىياجىغا ئاساسەن ،يۇقىرى دەرجىلىك ئىشچلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەستىقلشى  ئارقىلىق دائىمىي ھەيئەت تەسىس قىلسا بولىدۇ . ئىشىچىلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ ئاساسى قاتلام ھەيئىتى ، دائىمى ھەيئەت ۋە رەئىس ، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە خىراجەت تەكشۇرۇش ھەيئىتنىڭ سايلام نەتجىسى بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشچىلارئۇيۇشمىسنىڭ تەستىقلىتىدۇ .
27-ماددا :ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئاساسى قاتلام ھەيئىتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپسى مۇنۇلار :
      (1)  ئۇيۇشما ئەزالرى يىغىنى ياكى ئۇيۇشما ئەزالرى قۇرۇلتىينىڭ قارارلىرنى ئىجىرا قىلىش ، ئاساسى قارلام ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ كۆناۇلۇك خىزمەتلىرگە رىياسەتچىلىك قىلىش .
    (2) ئىشچى خىزمەتچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى تەشكىللەپ قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن  ، ئىشىچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئۆز ئورنىنىڭ دىمكۇراتىك باشقۇرۇش ۋە دىمكۇراتىك نازارەت قىلىشىغا قاتنىشىدۇ . كارخانا ۋە كەسپى ئورۇنلاردىكى ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىتى ئىشچى –خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىينىڭ خىزمەت ئاپاراتى بولۇپ ، ئىشىچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ كۇندۇلۇك خىزمەتلىرگە مەسئۇل بولىدۇ . ئىشچى _ خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىينىڭ قارارلىرنىڭ ئىجىرا قىلىنىشىنى تەكشۇردۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ .
  (3) ئەمگەك مۇناسىۋەتلىرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەمگەك ئۇستىدىكى تالاش تارتىشنى كىلشتۇرۇش ئىشىلىرغا قاتنىشىش ، كارخانا ۋە كەسپى ئورۇنلارنىڭ مەمۇريىتى بىلەن كېڭىشىش تۇزىمى ئورنىتىپ ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ جانجان مەنپەتىگە تاقىلىدىغان مەسىللەرنى كىڭىشىش يولى بىلەن ھەل قلىش ، ئىشچى خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانا كەسپى ئورۇنلار مەمۇريىتى بىلەن ئەمگەك توختاملىرنى تۇزۇشىگە ياردەم بىرىش ۋە يىتەكچىلىك قىلىش .ئىشچى خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن كارخانا ،كەسپى ئورۇنلار مەمۇريىتى بىلەن كوللىكتىپ توختام ۋە باشقا توختاملارنى تۇزۇش ھەم ئۇنىڭ ئىجىرا قىلىنىشىغا  نازارەت قىلىىش .
(4) ئىشىچى خىزمەتچىلەرنى ئەمگەك مۇسابىقىسى قانات يايدۇرۇشقا ،مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش ، تىخنىكا يىڭىلاش ۋە تىخنىكا ھەمكارلىقى پائالىيەتلىرنى ئىلىپ بىرىشقا تەشكىللەپ ، ئىلغار تەجىربىلەرنى يەكۇنلەپ كىڭەيتىش ،ئىلغار ئىشلەپچىقارغۇچى (خىزمەتچى ) ۋە ئەمگەك نەمۇنچىلىرنى سايلاش ، تەقدىرلەش ، تەربىيلەش باشقۇرۇش خىزمەتلىرنى ياخشى ئىشلەش .
(5) ئىشچى –خىزمەتچىلەرگە قارتا سىياسى ئىدديۋى تەربىيە ئىللىپ بىرىپ ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مەدىنيەت ، پەن –تىخنكا باشقۇرۇش بىلىملىرنى ئۇگىنىشكە ئىلھام بىرىش ، ۋە ئۇنى قوللاش ، ساغلام بولغان مەدىنيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرنى قانات يايدۇرۇش ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ مەدىنيەت ، مائەرىپ تەنتەربىيە ئىشرلىنى ياخشى يولغا قويۇش .
(6) مۇناسىۋەتلىك قانۇن –نىزاملارنىڭ ئىزچىل ئىجىرا قىلىنشىغا نازارەتچىلىك قىلىش ، مەمۇريەتكە ياردەملىشىپ ئەمگەك سۇغۇرتىسى ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچلىك قىلىش ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ كوللىكتىپ پاراۋانلىق ئىشلىرنى ياخشى يولغا قويۇپ ، ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش .
(7) ئايال ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە مەنپەتنى قوغداش ؛ئايال ئىشچى _خىزمەتچىلەرنى كەمسىتىش ، خارلاش ، دەپسەندە قلىش ، زىيانكەشلىك قىلىش ھادىسلىرگە قارشى كۆرەش قىلىش .
(8) ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ ، دىمكۇراتىك تۇزۇم ۋە دىمكۇراتىك تۇرمۇشنى مۇكەممەللەشتۇرۇش . ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئاكتىپلار قوشۇننى قۇرۇش ۋە زورايتىش . ئىشىچلار ئۇيۇشمىسىغا يىڭى ئەزا قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش .
(9) ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ خىراجەتلىرنى يىغىش ، باشقۇرۇش ، ئىشلىتىش ئىشلىرنى ئوبدان ئىشلەپ ، ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ مال مۇلۇكلىرى ۋە كارخانا ، كەسپى ئىشلىرنى ياخشى باشقۇرۇش .
      28-ماددا: چەتئەل سودىگەرىلىر مەبلەخ سالغان كارخانلار ۋە خۇسۇسىي كارخانلاردىكى ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانلار مەمۇريىتى بىلەن كىڭىشىش ،سۆھبەتلىشىش تۇزۇمى ئورنىتىپ ، دىمكۇراتىك قاتنىشىنى يولغا قويۇش ، قانۇن بويىچە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى ھوقوقى ۋە ماددى مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ، دۆلەت ۋە جەميەتنىڭ مەنپەتنى قوغداش ،مەبلەخ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقوق – مەنپەتىگە ھۆرمەت قىلىپ ، كارخانلارنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئورتاق چارە ئىزدەش .
29-ماددا : مائارىپ ، پەن تەتقىقاتى ، مەدىنيەت ، سەھىيە ، تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپى ئورۇنلار ۋە ئورگانلاردىكى ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرى ئەقىلى ئەمگەكچىلەر بىر قەدەر مەزكەزلەشكەن ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىغان ھالدا خىزمەتنى قانات يايدۇرۇپ ، ئىشچى _خىزمەتچىلەرنىڭ ئىددىيە ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئاكتىپ تۇردە ئىگىلەپ ۋە ئۇلارغا كۆڭۇل بولۇپ ، پارتىينىڭ زىيالىلار سىياسىتنىڭ ئىزچىل ئەمىللىشنى ئىلگىرى سۇرۇش .ئىشچى –خىزمەتچىلەرنى  تەشكىللەپ ئۆز ئورۇنلىرنىڭ دىمكۇراتىك باشقۇرۇش ۋە دىمكۇراتىك نازارەتنى ياخىش يولغا قويۇش ، ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتنى جارى قىلىدۇرۇش ئۇچۇن ياخشى شارائىت يارىتىش .
30-ماددا : ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ ئاساسى قاتلام ھەيئەتلىرى خىزمەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ،شۆبە زاۋۇت (سېخ ، بۆلۇم ، ئىشخانا ) لاردا شۆبە زاۋۇت (سېخ ، بۆلۇم ، ئىشخانا ) ئۇيۇشما ئەزالرىرى يىغىنى ياكى ئۇيۇشما ئەزالرى قۇرۇلتىيى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۇردۇ ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ ئاساسى قاتلام ھەيئەتلىرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ .
ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ ئاساسى قاتلام ھەيئەتلىرى ۋە شۆبە زاېۇت ھەيئەتلىرى ئىھتىياجىغا ئاساسەن ، بىر قانچە مەخسۇس ھەيئەت ياكى مەخسۇس گۇرپا تەسىس قىلسا بولىدۇ .
ئىشلەپچىقىرىش  سېمىنا –گۇرپپىلىردا ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى گۇرۇپلىرى قۇرۇلىدۇ ، گۇرپا باشلىقلىرى دىمكۇراتىك ئاساستا سايلاپ چىقىلىپ ، ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشمىسى گۇرپىلىرنىڭ پائالىيتى پائال قانات يايدۇرلىدۇ .
ئالتىنجى باب ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرى
31-ماددا : ھەر دەرجىلىك ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش ، ياشلاشتۇرۇش ، بىلىم ئەھلىگە ، كەسىپ ئەسلىگە ئايلاندۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن ، پارتىينىڭ ئاساىسي لۇشىيەنىدە چىڭ تۇردىغان ، ئۆز كەسپىگە پىششىق ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلەيدىغان  كادىرلار قوشۇنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كىرەك .
ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ كادىرلىرى تۆۋەندىكىلەرنى تىرىشىپ ئورۇندىشى لازىم :
(1) ماركىسىزىم – لىنىنىزىم ، ماۋزىدوڭ ئىدديسىنى ئەستايىدىل ئۇگىنىش ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزىريىسىنى ئەستايدىل ئۇگىنىش ، ئىقدىساد قانۇن ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ كەسپى بىلىمىلىرنى ئۇگىنىش .
(2) پارتيىنىڭ ئاساسى لۇشيەنى ۋە تۇرلۇك فاڭجىن ، سياسەتلىرنى ئىجىرا قىلىش ،دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرغا رىئايە قىلىپ ، ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش ، ئىشىكىنى ئىچىۋىتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشى داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن يول ئىچىپ يېڭلىق يارىتىش .
(3) ئۆز خىزمىتگە ، ئورنىغا سادىق بولۇپ ، تىرشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىش ، پاك –دىيانەتلىك بولۇش ، ئومومىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئىتتپاقلىقنى قوغداش .
  (4) ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش ، ئىخلاس بىلەن تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىش ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرلىرنى ، ئارزۇ ۋە تەلەپلىرنى ئەينەن ئىنكاس قىلىش .
(5)پىرىنسپتا چىڭ تۇرۇپ ، ئۆز نەپسىگە چوغ تارىتماسلىق ئىشچى –خىزمەتچىلەر ئۈچۈن قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلىش ۋە ئىش قلىىش ، ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقوق –مەنپەتىنى قوغداش .
(6) ئىستىلدا دىمكۇراتىك بولۇش ، ئامما بىلەن ئالاقە باغىلاش ، ئىشچى – خىىزمەتچىلەر ئامىسىنىڭ تەنقىدى ۋە نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش .
32-ماددا : ھەر دەرجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ كادىرلىرنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەت بويىچە  باشقۇرۇش ، ياش كادىرلار ، ئايال كادىرلار ،ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيلەشكە ۋە ئۆستۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىش .
ھەار دەرجىلىك ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ رەئىش ، مۇئاۋىن رەئىسلىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن خىزمىتىنى خالىغانچە يۆتكىمەسلىك ، خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن يۆتكەشكە توغىرا كەلگەندە ، شۇ دەرجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى  ھەيئىتى ۋە بىر دەرجدە ئىشىچلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىش كىرەك .
33-ماددا : ھەر دەرجىلىك ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى كادىرلارنى تەربىيلەش تۇزۇمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇپ ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كادىرلار بىلەن شۆيۇەن ، مەكتەپلەرى ۋە ھەر خىل تەربىيلەش كۇرۇسلىرنى ياخشى باشقۇرۇش .
34-ماددا :ھەر دەرجىلىك ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرى تەشكىلاتلىرى ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرنىڭ ئىدديە ، ئۇگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۇل بۆلۇش ، تىگىشلىك تەمىناتنىڭ ئەمىللىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ، ئۇلارنىڭ خىزمتىنى قوللاش ، ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرغا زەربە بىرىپ ئۆچ ئالىدىغان قىلمىشلارغا قارشى قەتئى كۆرەش قىلىش ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش .
يەتتىنجى باب  ئىشىچلار ئۇيۇشمىنسىڭ خىراجىتى ۋە مال – مۆلىكى
35-ماددا : ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتىنىڭ مەنبەسى :
(1) ئۇيۇشما ئەزالىرى تاپشۇرغان ئەزالىق بەدەل پۇلى .
(2) كاخان ئورۇنلىرى ۋە كەسپى ئورۇنلار ئىدارە ئورگانلار ئومومىي ئىشچى –خىزمەتچىلەر ئىش ھەققى ئومومىي سوممىسىنىڭ يۇزدىن ئىككى پىرسەنتى بويىچە ئاجىرتىپ بەرگەن خىراجەت .
(3) ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرغا قاراشلىق كارخانا ، كەسپى ئورۇنلار تاپشۇرغان كىرىم .
(4) خەلق ھۆكۇمىتى ۋە كارخانا ئورۇنلىرى ، كەسپى ئورۇنلار شۇنىڭدەك ئىدارە ئورگانلارنىڭ قوشۇمچە ياردەم پۇلى .
36-ماددا : ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى خىراجەتتە مۇستەقىىل باشقۇرۇش پىرنسىپىغا ئاساسەن ، خامچوت ، نەخچوت ۋە خىراجەتنى تەكشۇرۇش ، نازارەەت قىلىش تۇزىمنى ئورنىتىدۇ . بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ، دەرجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت مالىيە تۇزۇلمىسى يولغا قويۇلىدۇ .ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ خىراجىتىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش چارىسىنى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تۇزۇپ چىقىدۇ .
37-ماددا ھەر دەرجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەيئەتلىرى بەلگىلىمە بويىچە خامچوت ، نەخچوت تۇزىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ . خىراجەت ، كىرىم –چىقىم ئەھۋالىنى قەرەلىك ھالدا ئۇيۇشما ئەزالرى يىغىنى ياكى ئۇيۇشما ئەزالرى قۇرۇلتىيغا ۋە بىر دەرجىلىك يۇقىرى ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىتىگە دوكىلات قىلىپ تۇردۇ . تەڭ دەرجىلىك خىراجەت تەكشۇرۇش كومىتىتنىڭ تەكشۇرشسى ۋە نازارتىنى قوبۇل قىلىدۇ .
38- ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ خىراجىتى ، مال – مۆلۇكى ۋە دۆلەتنىڭ شۇنىڭدەك كارخانا ئورۇنلىرى ، كەسپى ئورۇنلارنىڭ ئىشىچلار ئۇيۇشمىسىغا ئاجىرتىپ بەرگەن تۇراقلىق مۆلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ . ئۇنى ھەر قانداق .ورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋىلىشغا ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋىلىشغا ۋە خالىغانچە يوتكشىگە بولمايدۇ ؛ ئىشىچلار ئۇيۇشمىسىغا قاراشلىق كارخانلار كەسپى ئورۇنلارنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ .
ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى قوشۋىتىلسە ئۇنىڭ خىراجەتلىرى ۋە مال مۆلىكى قوشۋىتىلگەندىن كىيىنكى ئىشىچلار ئۇيۇشمسىنىڭ ئىگىدارچىقلىدا بولىدۇ ؛ ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا ياكى تارقىتىۋىتلسەئۇنىڭ خىراجىتى ۋە مال – مۆلىكنى يۇقىرى دەرجىلك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىر تەرەپ قىلىدۇ .
سەككىزىنجى باپ ئۇيۇشما گىرىبى 
39-ماددا : جوڭگو ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ گىرىبىگە  <<  中>> << 工  >> دېگەن ئىككى خەت چۇشۇرلگەن بولۇپ ،ئۇنىڭ يۇمىلاق بەدئى شەكلىنىڭ ئۇستى - ئۇستىگە  قويۇلىشىدىن تەركىب تاپقان . ئۇ جوڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە جوڭگو ئىشىچلار سىنىپنىڭ ئىتتپاقىلىقى ، بىرلىكىنىڭ سىموۋلى . ئۇيۇشما گىرىبىنىڭ ياسىلىش ئۆلچىمى جوڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى بەلگىلەيدۇ .
40-ماددا : جوڭگو ئىشىچلار ئۇيۇشمىسنىڭ گىرىبىنى ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئىش بىجىرىش ئورنىغا ، پائالىيەت سورىنىغا ، يىغىن مەيدانىغا ئىسىشقا بولىدۇ، خاتىرە بۇيۇمى ، ئىش بىجىرىش بۇيۇملىردا ئىشىچلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بەلگىسى  قىلىشقا بولىدۇ . ئىزناك قىلىپ تاقاشقىمۇ بولىدۇ .
توققۇزىنجى باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ
41-ماددا : بۇ نىزامنامىنى ئىزاھلاش ھوقوقى جوڭخۇا  مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا.
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار