خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش نىزا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 2015-03-03 18:11

(2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(6 – نومۇرلۇق)

   ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش نىزامى›› 2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

1 – ماددا بۇ نىزام تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، پايدىلىنىش، باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە مۇشۇ نىزامغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنى تۈزلەڭلىكتىكى ئىپتىدائىي ئورمان ۋە ئىككىلەمچى ئورمانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ ئورمان يېرى باراقسانلىق دەرىجىسى 0.2 دىن يۇقىرى بولغان تۈزلەڭلىكتىكى تەبىئىي غوللۇق دەرەخلىك ۋە چاتقاللىق، شالاڭ ئورمانلىق، ئورمانلىقتىكى بوش يەرنى شۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يىرىك پىلانىدىكى ئورمانغا باپ باشقا يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ باراقسانلىق دەرىجىسى غوللۇق دەرەخ تاجىسىنىڭ تىك كۆلەڭگە كۆلىمى بىلەن ئورمان يېرى كۆلىمىنىڭ نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ.

4 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا، تۆۋەندىكى پرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ:

(1) ھۆكۈمەت يېتەكلەش، جەمئىيەتلەر قاتنىشىش؛

(2) ئومۇميۈزلۈك مۇھاپىزەت قىلىش، ئېكولوگىيىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش؛

(3) تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش؛

(4) ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تەڭ نەزەرگە ئېلىش.

5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىنى نىشان مەسئۇلىيىتى بويىچە باھالاپ، مۇكاپاتلاش – جازالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى لازىم.

تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۆپەيتىشكە شۇنىڭدەك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك خىراجەت ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمانچىلىق مەيدانى (پونكىتى) ۋە ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار ياكى ناھىيىلىك (شەھەرلىك) ئورمانچىلىق پونكىتلىرى (تۆۋەندە تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇن دېيىلىدۇ) تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قاراش مەسئۇلىيىتىنى قاراش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە كونكرېت ئادا قىلىدۇ.

تەرەققىيات – ئىسلاھات، زېمىن بايلىقى، مۇھىت، مالىيە، دېھقانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىشلەيدۇ.

7 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇنلار تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا ئوبدان قاراپ، قاراش جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. قارىغۇچى ئورۇنلار تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى كوللېكتىپ، شەخسلەرگە قارىتىشتا، ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

8 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا دائىر تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا دائىر ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

9 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ پۇل ئىئانە قىلىش ۋە ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقات، تېخنىكا كېڭەيتىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

10 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تەرەققىيات – ئىسلاھات، زېمىن بايلىقى، مۇھىت، مالىيە، دېھقانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئورمانچىلىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويۇشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش يىرىك پىلانى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، سۇ بايلىقى ئۇنىۋېرسال پىلانى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى شۇنىڭدەك ئالاقىدار باشقا يىرىك پىلانلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇشى لازىم.

11 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، يىرىك پىلاننىڭ ئاساسى ۋە سەۋەبى، كونكرېت مەزمۇنى، نىشانى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، جامائەتنىڭ ۋە مەنپەئەتدارلارنىڭ پىكرىنى ئېلىش لازىم؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئىسپات ئاڭلاش لازىم.

12 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى ئوخشاش بولمىغان ئېكولوگىيىلىك رايون ۋە ئېكولوگىيىلىك ئەھۋالغا ئاساسەن دائىرىگە ئايرىش كېرەك.

ئېكولوگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ياكى ئېكولوگىيىسى ئىنتايىن ئاجىز رايونلاردىكى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق جامائەت پاراۋانلىق ئورمىنى قىلىپ ئايرىلىدۇ.

ئېكولوگىيىلىك ئورنى مۇھىمراق ياكى ئېكولوگىيىسى ئاجىزراق رايونلاردىكى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنىڭ لايىھىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق جامائەت پاراۋانلىق ئورمىنى قىلىپ بېكىتىدۇ.

13 – ماددا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پاراۋانلىق ئورمىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق جامائەت پاراۋانلىق ئورمىنى قىلىپ ئايرىلغان تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمىگە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ.

14 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنىڭ دائىرىسى ئايرىلغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى پاسىل بەلگىسى قويۇشى كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پاسىل بەلگىسىنى بۇزۇۋېتىشىگە ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

15 – ماددا ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلىنىش قىممىتىگە ئىگە تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى قانۇن بويىچە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ ئايرىش ھەمدە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش كېرەك.

16 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجىغا قاراپ، دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈش تەدبىرىنى پىلانلىق قوللىنىشى كېرەك. دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈشتە، دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈش رايونىنى ئايرىش، دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈش مۇددىتىنى بەلگىلەش ھەمدە ئېلان قىلىش كېرەك.

17 – ماددا دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈشتە تولۇق دائىرىلەش، يېرىم دائىرىلەش ۋە نۆۋەت بىلەن دائىرىلەشتەك شەكىللەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

تولۇق دائىرىلىگەندە ئورمان يېتىلدۈرۈشتىن باشقا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يېتىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەر مەنئى قىلىنىدۇ؛ يېرىم دائىرىلىگەندە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئاساسلىق ئۆسىدىغان پەسىلدە تولۇق دائىرىلىنىدۇ، باشقا پەسىللەردە چارۋا بېقىش، ئوت – چۆپ ئورۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ نۆۋەت بىلەن دائىرىلىگەندە، دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈش رايونىنى بۆلەككە بۆلۈپ نۆۋەت بىلەن تولۇق دائىرىلەشكە ياكى يېرىم دائىرىلەشكە بولىدۇ. دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈشتە، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆچۈش يولى ۋە چارۋا يولىنى توسۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈلىدىغان تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمان يېرىدە چارۋا باقىدىغان چارۋىچىلارغا ئوتلاقنى تەڭشەپ بېرىشى ياكى ئالماشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

18 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمان يېرىدە چارۋا بېقىشتا، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك؛ ئوت – چۆپنى بەلگىلەنگەن رايوندا بەلگىلەنگەن ئۇسۇلدا ئورۇش كېرەك، يۇمران كۆچەتلەرنى نابۇت قىلىشقا بولمايدۇ.

19 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇنلار تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شارائىتىغا قاراپ كەلكۈن سۈيى بىلەن سۇغىرىش، ئورمانلىقتىكى بوش يەرگە تولۇقلاپ تىكىش ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇق چېچىش، ئايروپىلان بىلەن ئۇرۇق چېچىش قاتارلىق ئورمان يېتىشتۈرۈش قوشۇمچە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىشى كېرەك.

20 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋادى يىرىك پىلانى، سۇ بايلىقى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى تۈزگەندە، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال رايونغا ئايرىغاندا ۋە سۇ قۇرۇلۇشى قىلغاندا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا كېرەكلىك سۇنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ئېقىن توختاپ قېلىش، كۆللەر كىچىكلەپ كېتىش ۋە يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئېچىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا سۇ يېتىشمىسە، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنى تەشكىللەپ سۇ تولۇقلاش، سۇ يۆتكەش، كەلكۈن سۈيى بىلەن سۇغىرىش ۋە سۇ ئېلىشنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەبىئىي ئورمانغا كېرەكلىك سۇغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

21 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنى ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى ۋە ئوت مۇداپىئە كۆزىتىش سىگنال سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىدىكى زىيانلىق بىئوجانلىقلارنى كۆزىتىش، مەلۇمات بېرىش ۋە ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، تۈگىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇنلار ئوت مۇداپىئە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ ئورماندا كېسەل ۋە ھاشارات ئاپىتى كۆرۈلگەندە، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى لازىم.

22 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمان يېرىدە ئورماننى نابۇت قىلىپ يەر ئېچىش ۋە ئورماننى نابۇت قىلىپ كان ئېچىش، شېغىل، قۇم، توپا ئېلىش ۋە ئورماننى نابۇت قىلىدىغان باشقا ئىشلارنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

ياش ئورمان يېرىدە مال بېقىش، ئوتۇن كېسىش، دورا كولاش، يۇمران كۆچەتلەرنى ئاسان نابۇت قىلىۋېتىدىغان ماشىنا – سايمانلار بىلەن ئوت – چۆپ ئورۇش ۋە تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنىڭ تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز باشقا ئىشلارنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

باراقسانلىق دەرىجىسى 0.2 دىن يۇقىرى بولغان غوللۇق دەرەخلىك، چاتقاللىق ۋە شالاڭ ئورمانلىقتا ئومۇميۈزلۈك يەر تۈزلەپ ئورمان بىنا قىلىش، تەبىئىي ئورماننى نابۇت قىلىپ سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

23 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى يېتىشتۈرۈش يۈزىسىدىن كېسىشتە، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن قانۇن بويىچە ئورمان كېسىش ئىجازىتى ئېلىش ھەمدە تاللاپ كېسىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. كەسكەندىن كېيىنكى غوللۇق دەرەخلىكنىڭ باراقسانلىق دەرىجىسى ياكى چاتقال بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم.

24 – ماددا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق جامائەت پاراۋانلىق ئورمىنى قىلىپ ئايرىلغان تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمان يېرىنى ئىگىلىۋېلىش قەتئى تىزگىنلىنىدۇ. نۇقتىلىق قۇرۇلۇش قىلىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىقلاردا ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، تەكشۈرتۈش، تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتەش ھەمدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

25 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمان يېرىدە ئۇرۇق يىغىش، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى كولاش، ئورمانچىلىق دورىسى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى يېتىشتۈرۈش، تېرىش، ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش، كۆپەيتىش ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئىشلاردا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش، تەستىقلانغان دائىرە، تۈر ۋە ئۇسۇل بويىچە تىجارەت قىلىش ھەمدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش لازىم.

26 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمان بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەت تۈرىنى ئېچىش ياكى ئورمان باغچىسى قۇرۇشتا، دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتنى ھازىرلاش ھەمدە بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش لازىم.

27 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنى كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كۆزىتىش ئۆرنىكى ۋە نۇقتىسى قۇرۇپ، تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمان بايلىقى ۋە ئېكولوگىيە ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، كۆزىتىش نەتىجىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

28 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى توسۇشقا ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

29 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ.

30 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 14 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پاسىل بەلگىسىنى بۇزۇۋەتكەن ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋەتكەنلەرنى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ياكى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇنلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، مۇددەت ئۆتكىچە ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلەرنى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ياكى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇنلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

31 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 17 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈش مەزگىلىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلغانلارنى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، نابۇت قىلغان ھەر كۋادرات مېتىر جاي ئۈچۈن، قوشۇمچە بىر يۈەندىن بەش يۈەنگىچە جەرىمانە قويىدۇ.

32 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل – دەرەخنى ۋە ئورمان يېرىنى نابۇت قىلغانلار زىياننى قانۇن بويىچە تۆلەيدۇ، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، نابۇت بولغان دەل – دەرەخ سانىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن دەرەخنى تولۇقلاپ تىكىشكە بۇيرۇيدۇ، نابۇت قىلغان دەل – دەرەخ قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ نابۇت قىلغان ئورمان يېرىدە دەل – دەرەخ بولمىسا، بەلگىلەنگەن مۇدەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، نابۇت قىلغان ئورمان يېرىنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى ئۈچۈن قوشۇمچە 10 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

دەرەخنى تولۇقلاپ تىكمىسە ياكى تولۇقلاپ تىككىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇن تولۇقلاپ تىكىپ بېرىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

33 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى ئوغرىلىقچە كەسكەنلەر زىياننى قانۇن بويىچە تۆلەيدۇ؛ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇن ئوغرىلىقچە كەسكەن دەرەخ سانىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر دەرەخنى تولۇقلاپ تىكىشكە بۇيرۇيدۇ، ئوغرىلىقچە كەسكەن دەل – دەرەخ ياكى ساتقان تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئوغرىلىقچە كەسكەن دەل – دەرەخ قىممىتىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى كەلسە – كەلمەس كەسكەنلەرنى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇن كەلسە – كەلمەس كەسكەن دەرەخ سانىنىڭ 5 ھەسسىسىگە باراۋەر دەرەخنى تولۇقلاپ تىكىشكە بۇيرۇيدۇ، كەلسە – كەلمەس كەسكەن دەل – دەرەخ قىممىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

دەرەخنى تولۇقلاپ تىكمىسە ياكى تىككىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇن تولۇقلاپ تىكىپ بېرىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى ئوغرىلىقچە كېسىپ، كەلسە – كەلمەس كېسىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

34 – ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەمۇرىي جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

35 – ماددا ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىغا قارىغۇچى ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى كېسىشنى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەستىقلىغانلار؛

(2) كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانماي، ئورمان ئوت ئاپىتى پەيدا بولۇشقا سەۋەبچى بولغانلار؛

(3) ئورماندا يۈز بەرگەن كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنى ۋاقتىدا تىزگىنلىمەي، تۈگەتمەي، ئاپەتنى يامرىتىۋەتكەنلەر؛

(4) مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

36 – ماددا بۇ نىزام 2009 – يىل 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار