خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش چارىسى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 2015-03-03 18:11

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

(157 – نومۇرلۇق)

‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش چارىسى›› 2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 4 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدىم، 2008 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇربەكرى

2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى

1 – ماددا بۇ چارە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش نىزامى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ چىقىرىلدى.

2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە قۇرۇلغان ياكى قۇرۇلۇۋاتقان توك بېرىش ئەسلىھەلىرى، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش ئەسلىھەلىرى، توك يولى ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلەر (تۆۋەندە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى دېيىلىدۇ)نى قوغداشقا تەتبىقلىنىدۇ.

3 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشى ھەم ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ، ئورمانچىلىق، زېمىن بايلىقى، قۇرۇلۇش، قاتناش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

5 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ئۇلار ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى توسۇشقا ھوقۇقلۇق ھەم ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىدۇ.

6 – ماددا توك بېرىش ئەسلىھەلىرى، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش ئەسلىھەلىرى، توك يولى ئەسلىھەلىرىنى قوغداش دائىرىسى ۋە توك يولىنى قوغداش رايونى گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئېلېكتر ئەسلىھەلىرىنى قوغداش نىزامى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئايرىلىدۇ. 750 كىلوۋولتلۇق توك يولىنى قوغداش رايونى تۈۋرۈك ۋە سىم ئاساسىنىڭ سىرتقا سوزۇلغان 15 مېتىر ئىچىدىكى، ئۆتكۈزگۈچ چەت سىملارنىڭ يانغا گورىزونتال سوزۇلغان 25 مېتىر ئىچىدىكى ھەم يەر يۈزىگە بولغان تىكلىكىدىن شەكىللەنگەن ئىككى پاراللېل تەكشىلىكتىكى دائىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئايرىلغان قوغداش دائىرىسى ۋە قوغداش رايونىدا ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قوغداش بەلگىسى ئورنىتىدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇنى يۆتكىۋېتىشىگە ۋە بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

7 – ماددا شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش تارمىقى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ياكى كېڭەيتىش يىرىك پىلانى ۋە پىلانىنى شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان ياكى كېڭەيتىلىدىغان تۈرلەرنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، ئالاقىدار ئورۇنلار شۇ جايدىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

8 – ماددا يەر ئاستىغا تۇرۇبا، سىم ۋە يەر ئاستى ئېلېكتر ئېنېرگىيە تۇرۇبىسى كۆمگەندە، كابېللار گىرەلەشكەندە ياكى تەڭ تارتىلغاندا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىلەن كېڭىشىشى ھەم تېگىشلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

9 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تارتىلغان توك سىمى تۈۋرۈكى ۋە تارتىلغان سىم ئاساسىنىڭ سىرتىدىكى تۆۋەندىكى دائىرىگە كىرىپ توپا ئېلىشىغا، قوزۇق قېقىشىغا، قېزىشىغا، كولىشىغا ياكى كىسلاتا، ئىشقار، تۇز ۋە باشقا خىمىيىۋى بۇيۇملارنى تۆكۈشىگە يول قويۇلمايدۇ:

1) 35 كىلوۋولتلۇق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن توك سىمى تۈۋرۈكى ۋە تارتىلغان توك سىمى ئەتراپىدىكى بەش مېتىر دائىرىدە؛

2) 110 كىلوۋولتلۇقتىن 500 كىلوۋولتلۇققىچە بولغان توك سىمى تۈۋرۈكى ۋە تارتىلغان توك سىمى ئەتراپىدىكى ئون مېتىر دائىرە؛

3) 750 كىلوۋولتلۇق توك سىمى تۈۋرۈكى ۋە تارتىلغان توك سىمى ئەتراپىدىكى 15 مېتىر دائىرە.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئارىلىقنىڭ سىرتىدا يۇقىرىقى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

1) توك سىمى تۈۋرۈكى، توك سىمى ئاساسىنى تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىشقا بارىدىغانلارنى ۋە ئاپتوموبىل ماڭىدىغان يولنى قالدۇرۇش كېرەك؛

2) ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ئاساسىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشكە بولمايدۇ، ئۇل ئەتراپىدىكى توپا ۋە شېغىل، تاشنىڭ گۆمۈرۈلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا، توسما ياساپ پۇختىلاش كېرەك؛

3) ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ يەرگە ئۇلانغان قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ قويۇشقا ياكى ئۇنىڭ كۆمۈلگەن چوڭقۇرلۇقىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

10 – ماددا تارتىلغان توك سىمى قوغداش رايونىدا ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

توك سىمى تارتىلغان قوغداش رايونىدا ئۆسۈملۈك تېرىش گوۋۇيۈەننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چىقارغان ئۆسۈملۈكنىڭ تەبىئىي ئۆسۈشىگە ئالاقىدار ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىك بىلەن توك سىمى لىنىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەر ئارىلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؛ تارتىلغان توك سىمى لىنىيىسى ھەقىقەتەن شەھەر كۆكەرتىش بەلۋېغىدىن ئۆتمەكچى بولسا، تارتىلغان توك سىمى لىنىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان دەل – دەرەخلەرنى باشقۇرغۇچى ئورۇن پۇتايدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىسا، ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ئۇنى توسۇشى ياكى قانۇن بويىچە پۇتىشى ۋە كېسىۋېتىشى كېرەك.

11 – ماددا توك سىمى تارتىلغان قوغداش رايونىدا تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ:

1) پوجاڭزا ۋە ساليوت ئېتىش؛

2) ئايروپىلان مودىلى، لەگلەك، شار ياكى لەيلەيدىغان باشقا نەرسىلەرنى قويۇپ بېرىش؛

3) ترانسفورماتور جاھازىسى، توك سىم تۈۋرۈكى ۋە تۈۋرۈك مۇقىملاشتۇرۇش سىمىغا يامىشىپ چىقىش؛

4) قانۇن – نىزام ۋە قائىدىلەردە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا قىلمىشلار.

بەلگىلەنگەن ئېگىزلىكتىن ئېشىپ كەتكەن ئاپتوموبىللار ياكى ماشىنىلار تارتىلغان توك سىمى ئاستىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ياكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا خەۋەر قىلىشى ھەمدە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

12 – ماددا تۆمۈر يول، تاشيول، سۇچىلىق، تېلېگراف، شەھەر يولى، كۆۋرۈك، سۈڭگۈچ ۋە تۇرۇبا قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يېڭىدىن باشلىغاندا، ئۆزگەرتكەندەياكى كېڭەيتكەندە، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەسى بىلەن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىخەتەر ئارىلىق قويۇش كېرەك. ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى ھەقىقەتەن كۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىسى بىلەن كېڭىشىشى كېرەك، ئۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چىقىرىدۇ.

13 – ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش دائىرىسىدە پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىشتا ج خ ئورگىنىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ ج خ ئورگىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىسى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەسىنىڭ ئىگىسىدىن ياكى باشقۇرغۇچىسىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىشتا تەدبىر قوللىنىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

14 – ماددا كونا، كېرەكسىز كابېل ۋە ترانسفورماتور قاتارلىق ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋالغۇچى ئورۇن ساتقۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى، كىملىك نومۇرى ياكى ساتقان ئورۇننىڭ ئىسپاتى ۋە كونا، كېرەكسىز ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەسىنىڭ نامى، سانى، ئۆلچىمى، يېڭى – كونىلىقى ۋە مەنبەسى قاتارلىقلارنى ئەينەن تىزىملىشى كېرەك.

15 – ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇشتا، ئۆزگەرتىشتە ياكى كېڭەيتىشتە ئەتراپتىكى ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە باشقا ئەسلىھەلەر بىلەن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىخەتەرلىك ئارىلىقى قالدۇرۇش كېرەك؛ ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى كۆچۈرۈشكە ياكى مۇناسىپ تېخنىكا تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىسى ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنىڭ ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى بىلەن كېڭىشىپ ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشى كېرەك.

16 – ماددا يېڭىدىن تارتىلىدىغان توك سىمىنى ئاسان كۆيىدىغان ۋە ئاسان پارتلايدىغان ئامبار رايونىدىن ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ؛ توغان ۋە ئېتىز – ئېرىقتىن ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا، مۇقىملاشتۇرۇش سىمى تارتمايدىغان تۈۋرۈك ئىشلىتىش كېرەك.

17 – ماددا يېڭى توك سىمى تارتماقچى بولغاندا ئورمانلىقتىن ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. ئورمانلىقتىن ئۆتكۈزمىسە بولمايدىغان ئەھۋال بولۇپ، دەل – دەرەخلەرنى پۇتاشقا توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئورمان ئىگىسى ياكى ئۇنى باشقۇرغۇچىسى بىلەن كېڭىشىپ، ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى؛ ئورماننى ھەقىقەتەن كېسىشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە رەسمىيەت بېجىرىشى ھەم ئورمان ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى بىلەن كېڭىشىپ، ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

18 – ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ئىمارەت، قۇرۇلما، ئورمان قاتارلىقلارنىڭ ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى بىلەن تولۇقلىما ئۆلچىمى ھەققىدە كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كېلەلمىسە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ئالاقىدار تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ؛ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كەسپىي ئاپپاراتلارنى تەشكىللەپ تولۇقلىما بېرىش ئىشلىرىنى مۆلچەرلىگەندىن كېيىن باھالاش ئۆلچىمى بويىچە تولۇقلىما بەرسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدارلار تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

19 – ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىلەن ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى باشقا ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قانۇن بويىچە چارلىشى، ئاسرىشى ۋە تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشى، بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىشى ھەم ئادەم، تېخنىكا، ئۈسكۈنە جەھەتلەردە مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىپ، خەۋپنى ۋە كاشىلىنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

20 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسى تۈزۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس لايىھىسى تۈزۈپ، مۇناسىپ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەسى، ئەسۋابى ۋە ئەشياسىنى زاپاس ساقلىشى كېرەك.

21 – ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.

1) خەۋپكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش، تەھدىتكە ئۇچرىغانلارنى چېكىندۈرۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش؛

2) ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىشنى تېزدىن تەشكىللەش؛

3) توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، قاتناشقا چەك قويۇپ، يولنى جىددىي رېمونت قىلىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش؛

4) ئەشيا، ئادەم، قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش؛

5) توك تەمىناتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم ئورۇنلارنى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش.

22 – ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە، ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك:

1) خەۋپ مەنبەسىنى تۈگىتىپ، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش؛

2) بۇزۇلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى دەرھال رېمونت قىلىش؛

3) توك بىلەن تەمىنلەشنى جىددىي تەشكىللەپ، مۇھىم ئورۇنلارنىڭ توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛

4) نورمال توك تەمىناتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان باشقا جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش.

23 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش بەلگىسىنى يۆتكىۋەتكەن ۋە بۇزۇۋەتكەنلەرنى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئۆتسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلەرگە 200 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

24 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، توك سىمى لىنىيىسىنى قوغداش رايونىدا پوجاڭزا، ساليوت ئاتقان، ئايروپىلان مودىلى، لەگلەك، شار ياكى باشقا لەيلىمە نەرسىلەرنى قويۇپ بەرگەن، ترانسفورماتور جاھازىسى، توك سىمى تۈۋرۈكى ۋە تۈۋرۈك مۇقىملاشتۇرۇش سىمىغا ياماشقان، شۇنىڭدەك بەلگىلەنگەن ئېگىزلىكتىن يۇقىرى ئاپتوموبىل ياكى ماشىنىلارنى ئۆز مەيلىچە ھەيدەپ ئۆتكەن ۋە ئۆتكۈزگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، قوشۇمچە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

25 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كونا كابېل، ترانسفورماتور قاتارلىق ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىپ تىزىملاتمىغانلار ياكى ئەينەن تىزىملاتمىغانلارغا ج خ ئورگىنى 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

26 – ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرىدىغان باشقا ئورۇنلار ھەم ئۇنىڭ خادىملىرىدىن بۇ چارىدىكى بەلگىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى، خاراكتېرى ۋە ئاقىۋىتىگە قاراپ، ئالاقىدار ئورۇنلار بىۋاسىتە مەسئۇل خادىملارغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

27 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان چارە كۆرۈشكە تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

28 – ماددا بۇ چارە 2008 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار