خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مەكتەپنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت تۈزۈمى؛

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ياخشى ئادەم2012-02-27 22:24

 

 مەكتەپنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت تۈزۈمى؛
1.مەكتەپ، ئائىلىكلەرنىڭ توك يۇلىنى خەتەرسىزلەندۈرۈش، بىخەتەر توك ئىشلىتىش ئۇمۇملاشتۇرىلىدۇ. ھەرقايسى مەكتەپتىكى ئۇقۇتۇشقا كىرەكلىك ئۆيلەرنىڭ توك سىملىرى، توك مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈپ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى ئىنىقلاپ مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە يوللاشقا مەكتەپ مەسئۇلى مەسئۇل بولىدۇ. ئالماشتۇرۇش رىمۇنىت قىلىش، خەتەرسىزلەندۈرۈش خىزمىتىگە مەكتەپ مەمۇرىيتى مەسئۇل بۇلىدۇ. ئۆزلىرى ئامال قىلالايدىغانلىرىغا نىسبەتەن بىخۇتلۇق قىلىپ ياكى ئامال قىلالمايدىغان ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا مەكتەپ مەمۇرىيتىگە يوللىماي بىرەر مەسىلە ياكى ھادىسە كۈرۈلسە، مەكتەپ مەسئۇلى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىم بارلىق ئىختىزادى زىياننى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىپ 200 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. مەكتەپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مەكتەپ ۋە ئائىلىكلەرنىڭ توك ئشلىتىش ئەھۋالىنى، توك مەنبەسى ۋە سىم يوللىرىنى قەرەللىك-قەرەلسىز تەكشۈرۈپ تۈرىدۇ. خەتەر چىقىش ئىھتىماللىقى بولغان ئەھۋاللار 5كۈن ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرىلىدۇ. ئەگەر 5كۈن مۆھلەت ئىچىدە تۈزەتمىسە، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن 100يۇەندىن 200يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ئەگەر تۈزەتمەي بىرەر ۋەقە-ھادىسە كىلىپ چىقسا بارلىق ئىختىزادى زىياننى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن 200يۇەندىن 500يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر خىزمەت ئىلغارى، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى قىلىپ باھالانمايدۇ. مەكتەپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ھەر بىر ئائىلىدىن ئىمكان بار توك ئۇچىقى، توك دەزمىلى، گاز ئىشلەتمەسلىكنى، ئەگەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە سايمانلارنىڭ تېخنىكىلىق ھالىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىنى، يۇقارقى ئۈسكىنە، سايمانلار ئىچىدە لاياقەتسىز بولغانلىرىنى قەتئى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا تېلىفۇن سىمى بىلەن توك سىمى بىر يەرگە كىلىپ قالماسلىقىنى، توك سىملىرىغا كىيىم-كىچەك يايماسلىقنى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر خىلاپلىق قىلىپ بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە بارلىق ئىختىزادى زىيان ۋە مەسئۇلىيەتنى شۇ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
2.ئائىلىكلەر بىلەن ئېغىل، ئوت-چۆپلەر دۈۋىسى ئارىسىدا مەلۇم بىخەتەر ئارلىق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوت-پاسالارنى مۇرا ۋە توك سىملىرى ئەتراپىغا چىقارماسلىق، مەكتەپ ئىچىگە سىنىپ، ئىشخانا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىگە ئوت-چۆپ دۈۋىلىمەسلىك كىرەك. ئەگەر يۇقارقى تەلەپ بويىچە ئىش كۆرمەي، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالسا نەخ مەيداندا تەدبىر قوللىنىلىدۇ. ئەگەر شۇ سەۋەپلىك ۋەقە ياكى ھادىسە كىلىپ چىقسا بارلىق ئىختىزادى زىيانغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر مەسئۇل بولغاندىن سىرت، 200يۇەندىن 500يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
3.ھەر قانداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئېغىر-يىنىك شەخسى ئىشىغا سېلىش بىردەك قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى شەخسى ئىشىغا سالسا بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىر سائەتلىك ۋاقتى ئۈچۈن 5يۇەندىن ھەق ئېلىنىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى ئىشىغا سېلىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىسا، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ داۋالىنىش قاتارلىق بارلىق چىقىمى ۋە ئاقىۋىتىگە ئىشقا سالغۇچى مەسئۇل بولغاندىن سىرت، ئىشقا سالغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن 300يۇندىن 1000يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى بالا چاقىرىشقا سالسا، بۇخىل قىلمىشمۇ شەخسى ئىشىغا سالغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، بىر سائىتىگە 5يۇەندىن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى داڭ چالدۇرسىمۇ شەخسى ئىشىغا سالغان ھىساپلىنىدۇ.
4.ئوقۇغۇچىلارنى كوللىكتىپ ئەمگەك ۋە ھەرخىل كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە ئەمگەك ۋە پائالىيەت ئورنىغا ئاپىرىش، تەشكىللەش، قايتۇرۇش ئىشلىرىغا مەكتەپ مەسئۇلى، سىنىپ مۇدىرى، يىتەكچى ئوقۇتقۇچى بىۋاستە مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي، بىخۇتلۇق قىلىپ كۈتۈلمىگەن ھادىسە كۆرۈلسە، كۆرۈلگەن ھادىسە ۋە ئىختىزادى زىيانغا مەكتەپ مەسئۇلى، سىنىپ مۇدىرى ۋە يىتەكچى ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولغاندىن سىرت، ئۇلاردىن 100يۇەندىن 1000يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
5.ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتەرلىك ئۇيۇن، خەتەرلىك بويۇملارنى قەتئى ئوينىماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. يەنى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا مۇز تېيىلماسلىق، سۇغا چۈمۇلمەسلىك، دەرەخكە چىقماسلىق، ئۆگزىگە چىقماسلىق، دۆڭگە چىقماسلىق، قوغلىشىپ ئوينىماسلىق، سىنىپنىڭ دەرىزىلىرىگە چىقماسلىق، ۋېلىسىپىت مىنمەسلىك، توك سىملىرىغا، قاتناش قۇراللىرىغا ئېسىلماسلىق، سەرەنگە، رەگەتكە، پىچاق، ساقلىماسلىق، ئوينىماسلىق جەھەتتە كۈنلىرى 15مىنۇتتىن 30مىنۇتقىچە تەشۋىقى تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. مەخسۇس بىخەتەرلىك تەربىيسى توغرىسىدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم لىكسىيە تەييارلاپ نۆۋەت بويىچە سۆزلەيدۇ. سىنىپ ئىچىدىكى بىر دوسكىغا ھەر ھەپتىسى بىر سان، مەكتەپ ئىچىدىكى بىر دوسكىغا ھەر ھەپتىسى بىر سان بىخەتەرلىك تەشۋىقات مۇنبىرى چىقىرىدۇ. ياز كۈنلنرى كەلكۈن مەزگىلىدە ئۇقۇغۇچىلارنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇش جەريانىدا دەريادىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا، ئائىلىسى يىراق ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ، گۇرۇپپا باشلىقى تۇرغۇزۇپ ئائىلىسىگە بىخەتەر قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەكتەپ ئىچىدە ياكى ئائىلىسىگە قايتىش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ۋەقە، ھادىسىلەر كۆرۈلسە مەكتەپ مەسئۇلى، دۇجۇرنى ئوقۇتقۇچى ۋە سىنىپ مۇدىرى كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ۋە ئىـختىزادى زىيانغا مەسئۇل بولغاندىن سىرت، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكىلىكىگە ئاساسەن ئۇلاردىن مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە 100يۇەندىن 500يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال دەرس ۋاقتىدا يۈزبەرسە، شۇ سائەتلىك دەرسنى ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى بارلىق ئاقىۋەت ۋە ئىختىزادى زىيانغا مەسئۇل بولغاندىن سىرت، 100يۇەندىن 500يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. شۇ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مەسئۇلى ماۋسۇملۇق،يىللىق خىزمەت ئىلغارى، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى قىلىپ باھالانمايدۇ.
6. خەتەرلىك قۇرۇلۇش، خەتەرلىك تام، خەتەرلىك ئائىلىكلەر قۇرۇسى تېمى ۋە خەتەرلىك جايلارغا «ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى» چاپلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا خەتەرلىك جايلارغا بارماسلىق، ئوينىماسلىق، پائالىيەت ئېلىپ بارماسلىق، خەتەرلىك سىنىپ، ياتاق، ئۆيلەرگە كىرمەسلىك جەھەتتە ھەرۋاقىت تەشۋىقى-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ يىتەكچىلىك ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ. مەكتەپ مەسئۇلى، سىنىپ مۇدىرى ھەرۋاقىت خەتەر كۈرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولغان قۇرۇلۇش، تام-تۇرۇسلارنى تەكشۈرۈپ قەغەز چاپلاپ كۆزىتىدۇ. ئەھۋالنى ۋاقتى-ۋاقتىدا مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە مەلۇم قىلىدۇ، خەتەرلىك ھادىسلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغان، ئۆزى ئامال قىلىپ خەتەرلىك ھادىسلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئىشلاردا بىخۇتلۇق قىلىپ مەسىلە، ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارسا مەكتەپ مەسئۇلى، سىنىپ مۇدىرى بارلىق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولغاندىن سىرت، مەكتەپ مەسئۇلى، سىنىپ مۇدىرىدىن 100يۇەندىن 1000يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. خىزمەت ئىلغارى، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى قىلىپ باھالانمايدۇ. ئەگەر ئىختىزادى جەھەتتە ۋە ماددى جەھەتتە خەتەرسىزلەندۇرۇشكە تىگىشلىك ئەھۋاللارنى مەكتەپ مۇدىرىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، جىددى تەدبىر قوللانماي، يەنىلا شۇ پېتى تۇرۇپ بۇجەھەتتە مەسىلە كىلىپ چىقسا، بارلىق ئاقىۋەتكە مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولىدۇ.
7.ھەر قانداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ رەسمىيىتى تولۇق بولمىغان، تۇرمۇز، چىراق، رول قۇرۇلمىلىرى لاياقەتلىك بولمىغان قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ. ئەگەر يۇقارقى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ رەسمىيەتسىز موتۇسىكىلىت ۋە ماشىنا ھەيدىگۇچىلەر بايقالسا 50يۇەندىن 200يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ، ھەمدە قاتناش قۇرالى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. مەكتەپ مەسئۇلىدىن ئۆز تەۋەلىكىنى ياخشى باشقۇرمىغان دەپ قاراپ 50يۇەن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. رەسمىيىتى بار تۇرۇپمۇ، ھاراق ئىچىپ، ھاراق پۇرىتىپ قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگۇچىلەر بايقالسا، بىر قېتىملىقى ئۈچۈن 200يۇەندىن 500يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ھەمدە قاتناش قۇرالى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. مەكتەپ مەسئۇلىدىن ئۆز تەۋەلىكىنى ياخشى باشقۇرمىغان دەپ قاراپ 50يۇەن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ئەگەر قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ قايسى بىر خىل شەكىلدىكى ۋەقە،ھادىسە چىقارغۇچىلار بايقالسا كۆرۈلگەن بارلىق ئاقىۋەت ۋە ئىختىزادى زىيانغا ماشىنا ۋە موتوسىكىلىت ھەيدىگۈچى مەسئۇل بولغاندىن سىرت، بىر قېتىملىقى ئۈچۈن ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن 500يۇەندىن 1000يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ھەمدە ماۋسۇملۇق خىزمەت ئىلغارى، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى قىلىپ باھالانمايدۇ. مەكتەپ مەسئۇلىدىن ئۆز تەۋەلىكىنى ياخشى باشقۇرمىغان دەپ قاراپ 50يۇەن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قانداق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقى-تەربىيەنى سىنىپ مۇدىرى ھەر ۋاقىت ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ھەرخىل قاتناش ۋاستىلىرنى ھەيدىگۇچىلەر كۆرۈلسە بىر قېتىملىقى ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرىدىن 10يۇەندىن 50يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ئەگەر ۋەقە، ھادىسە كىلىپ چىققان بولسا، بارلىق ئاقىۋەتكە سىنىپ مۇدىرى مەسئۇل بولغاندىن سىرت، سىنىپ مۇدىرىدىن 50يۇەندىن 500يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ، ھەمدە بۇ ئوقۇتقۇچى خىزمەت ئىلغارى، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى قىلىپ باھالانمايدۇ. مەكتەپ مەسئۇلىدىن ئۆز تەۋەلىكىنى ياخشى باشقۇرمىغان دەپ قاراپ 50يۇەن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
8. موتۇسىكىلىت ۋە ماشىنا ھەيدەش كىنىشكىسى بولماي تۇرۇپ ياكى كىنىشكىسى بولسىمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ۋە مۇتۇسىكىلىت ھەيدەپ ۋە ئاشۇنداق مۇتۇسىكىلىت، ماشىنا ھەيدىگۇچىلەر ھەيدىگەن قاتناش ۋاستىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋەقەگە يۇلۇقۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالسا دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقتى بىردەك سەۋەپسىز خىزمەتكە قاتناشمىغان دەپ قارىلىپ ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ھەمدە بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولغاندىن سىرت 300يۇەندىن 500يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىندۇ. مەكتەپ مەسئۇلىدىن ئۆز تەۋەلىكىنى ياخشى باشقۇرمىغان دەپ قاراپ 50يۇەن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
9.بارلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق بولسىمۇ، قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ ۋەقەگە يولۇقسا ئاساسلىق مەسئۇلىيەت شۇ كىشىدە بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالسا دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقتى بىردەك سەۋەپسىز دەپ قارىلىپ، ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ، ھەمدە بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولغاندىن سىرت 300يۇەندىن 500يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىندۇ.
10. مەكتەپتە ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئۇرۇشۇپ، ھەرخىل ماجرا چىقىپ ھادىسە كىلىپ چىقسا ياكى يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سىنىپ مۇدىرى يارىلانغان ئوقۇغۇچىنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلىگەندىن سىرت 100يۇەندىن 200يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىندۇ. سىنىپلاردا يېزا ئاتلاپ مەكتەپتىن قاچقان ئوقۇغۇچى كۆرۈلسە، شۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئىز قوغلاپ مەكتەپكە قايتۇرۇپ كىلىدۇ. ئەگەر مەكتەپكە ۋاقتىدا ئەكەلمىسە، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە كەلمىگەن ۋاقتى 15كۈندىن ئېشىپ كەتكەن بولسا شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىر كۈنلۇك ۋاقتى ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرىدىن 5يۇەندن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. مەكتەپ مەسئۇلىدىن بىر يۇەندىن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ئەگەر مەكتەپ بىر تۇتاش ھەل قىلسا بارلىق چىقىمنى سىنىپ مۇدىرى ۋە مەكتەپ مەسئۇلى بەشتە بىر نىسبەت بويىچە تۆلەيدۇ.
11. ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ساغلاملىق، ساقلىقىنى-ساقلاش، يىمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى تەشۋىقى-تەربىيەنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ. ياتاقلىق سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاش-تاماق تازىلىقىنى، چاينىڭ سۈپىتىنى مەكتەپ چىنگۇڭ مۇدىرى ھەركۈنلىكى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئاش-تاماقتىن، يىمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىش ھادىسسى كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە ئاشپەز ۋە ياردەمچى خادىم مەسئۇل بولغاندىن سىرت، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن 100يۇەندىن 300يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ، يەنى ياتاقلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىنىش، بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا مەسئۇل خادىم بىۋاستە مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەكتەپ مەسئۇلى، سىنىپ مۇدىرى ۋە شۇكۈنىدىكى جىبەرمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر بىرەر ۋەقە، ھادىسە كىلىپ چىقسا يۇقارقى كىشىلەر مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە مەسئۇل بولغاندىن سىرت، شۇ كۇنىدىكى جىبەردىن 50يۇەندىن 100يۇەنگىچە، سىنىپ مۇدىرىدىن 50يۇەن، ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل خادىمدىن 300يۇەن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا چاي ياكى قايناقسۇ تۇكىلىپ كىتىپ ۋەياكى مەش-تۇڭزا ئۆرۈلۈپ كىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتسە، ھەمدە زەھەرلىنىش ھادىسسى كۆرۈلسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا مەسئۇل خادىم بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلىگەندىن سىرت، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن 50يۇەندىن 200يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋاللار سىنىپ ئىچىدە كۆرۈلسە بارلىق ئاقىۋەتكە ۋە داۋالىنىش چىقىمىغا سىنىپ مۇدىرى مەسئۇل بولغاندىن سىرت، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن 50يۇەندىن 200يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
12.ھەر قانداق مەكتەپنىڭ ۋە شەخىسنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى چامىسى يەتمەيدىغان خەتەرلىك ئەمگەكلەرگە سېلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا دەرەخ كەستۈرۈش، شاخ چاتىتىش، ئۆگزىگە چىقىرىش، ئۇتۇن يادۇرۇش، ياغاچ-تاش كۆتەرتىش، داڭ چالدۇرۇش، ماي يولدا يۇگىرتىش ۋە باشقا ھەرقانداق شەخسى ئىشىغا سېلىش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ. يۇقارقى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ مەسىلە كۆرۈلسە بارلىق مەسئۇلىيەت ۋە ئىختىزادى زىياننى ئەمگەككە ياكى ئىشقا بۇيرۇغۇچى، يىتەكچىلىك قىلغۇچى، سىنىپ مۇدىرى، مەكتەپ مەسئۇلى مەسئۇلىيەت دائىرى بويىچە ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. تەنتەربىيە دەرىسى ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر تەنتەربىيە دەرىسى ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار بىرەر ۋەقە ياكى ھادىسىگە ئۇچرىسا بارلىق ئاقىۋەت ۋە ئىختىزادى زىيانغا تەنتەربىيە دەرىسىنى ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولىدۇ.
13. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاققا رىئايە قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا كۇيىنىشى، ئاسرىشى كىرەك. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارغا كۈيۈنمەي، كەسپى ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن 50يۇەندىن 200يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ، ھەمدە شۇ ئوقۇتقۇچى ئىلغار، مۇنەۋۋەر قىلىپ باھالانمايدۇ.
14. مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىدىكى يولداشلار نوقتا بويىچە مەسئۇل بولغان مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مەسىلە، ۋەقە، ھادىسە كىلىپ چىقسا، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان دەپ قارىلىپ، شۇ مەكتەپكە مەسئۇل رەھبەرلىك بەنزە خادىمىدىن 100يۇەندىن 300يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ، ھەمدە خىزمەت ئىلغارلىقىغا تەسىر قىلدۇرىلىدۇ.
15. يېزا، ناھىيە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتا نومۇر كەتكۈزۈپ قويسا، نومۇر كەتكۈزۈپ قويغۇچىدىن  بىر نومۇر ئۈچۈن 50يۇەن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ھەمدە مەكتەپ مەسئۇلى ۋە نوقتىدا تۇرغان بەنزە ئەزاسىدىن شەخستىن ئېلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلىنىڭ %50تى بويىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
16. بەنزە خادىملىرى تۈرلۈك ئارخىپ  ماتىرىياللارنى ۋاقتىدائىشلەپ مېڭىشى كىرەك. ھەمدە چوقۇم 95يىن يۇقىرى نومۇر ئېلىشى كىرەك. 95دىن يۇقىرى نومۇرغا ئىرىشسە بىر نومۇر ئۈچۈن 50يۇەن مۇكاپات بىرىلىدۇ. 95تىن 92گىچە ئارلىق قالدۇرىلىدۇ. ئەگەر ئارخىپ-ماتىرىياللارنى ۋاقتىدا تولۇق ئىشلىمەي تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردە نومۇر كەتكۈزۈپ قويسا 92دىن كەملىگەن ھەر بىر نومۇر ئۈچۈن 50يۇەندىن  مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
19-ماددا: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى باھالاش تۈزۈمى؛
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى-ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش، تەلىم تەربىيە خىزمىتى ۋە بارلىق ئىجىتمائى پائالىيەتلەردە رىئايە قىلىش زۈرۈر بولغان ئۆلچەم ۋە ھەركەت قائىدىسنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى خىزمەتچى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاققا ھەر ۋاقىت رىئايە قىلىشى شەرت.
ئوقۇتقۇچى ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق توغرا سىياسى كۆز قاراشنى، كوممۇنىستىك ئەخلاقى پەزىلەتنى، ئىلغار ئىدىيۋى كەيپىياتنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە تۈرتكە بۇلىدىغان مەخسۇس خادىملار، بۇلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنىڭ قانداق بۇلىشى، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ قانداق ئىزباسارلاردىن بۇلۇپ چىقىشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقىنى ئەستايىدىل ئۈگۈنۈپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئۇرۇندىشىمىز لازىم :
1. مەكتىۋىمىزدىكى ھەرقايسى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىم تەربىيە پائالىيىتىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگۈلمىسى، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى ئاساسىدا ئېىلىپ بېرىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئوموميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش تەلەپ قىلنىدۇ.
2. مائارىپ كەسپىنى قىزغىن سۈيۈش، مەسئۇليەتچان بۇلۇشنى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ئەكىس ئەتتۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنىقى ئۇرۇنغا قۇيۇش ئاساسىدا ئوقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەيدۇ.
3. ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيۈش، ئاسراش، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش، تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش، ھاقارەتلەش قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ۋە فىزىلوگىيىلىك ساغلاملىقىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ.
4. خىزمەت داۋامىدا ئۆزلۈكسىز ئۆگۈنۈپ، مەدەنىيەت كەسپى سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسپى خىزمەتتىكى ئوقۇتۇش ماھىرلىرنى تاللاپ مۇكاپاتلاش، ئارقىدا قالغانلارغا تەنقىدى- تەربىيە بىرىش، ئىش ئورنىدا تەربىيلەش، ئۈنۋان باھالاش، يىللىق، ماۋسۇملۇق خىزمىتىگە تەسىر قىلدۇرۇش چارىسى بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلنىدۇ.
5. ئۆز-ئارا ئىتىپاقلىق، ھەمكارلىق، كەمتەر ئىھتىياتچان بۇلۇش، ئۆزىنىڭ ئىسىل پەزىلىتى ئارقىلىق مائارىپقا، مەكتەپكە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش، مەدەنىيەتلىك مەكتەپ ئوبرازىنى يارىتىشتا ئۇدا چىڭ تۇرۇش تەلەپ قىلنىدۇ.
6. ئاتا-ئانىلار بىلەن دائىم يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ پىكىر تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش، ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى، ئاتا-ئانىلار مەكتىۋىدىن ۋە ئايرىم سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ماسلاشقان ياخشى تەلىم تەربىيە مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ.
7. پاك ئىنتىزامچان بۇلۇش، ئۆزمەنپەتىدىن كىچىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە تۆھپە قۇشىدىغان، ئىسىل ئەخلاقى-پەزىلەتنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قالايمىقان سېلىق سالىدىغان، راسخۇد يىغىدىغان، جىرىمانە قۇيىدىغان، نەرسە كىرەك تەلەپ قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى شەخسى ئىشقا سالىدىغان ئىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىدۇ.
8. جەمئىيەت ئەخلاقى، كەسپى ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى جەھەتتە نەمۇنىلىك رول ئويناشنى، تۇرمۇشتا ئاددى-ساددا بۇلۇش، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىق، كىيىم-كىچەكنى پاكىزە رەتلىك كىيىش، مەدەنىيەتلىك ئەدەپلىك بۇلۇش، ناچار ئىللەتلەردىن خالى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
9. ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاققا رىئايە قىلىش ئوقۇتقۇچىنىڭ دائىملىق خىزمىتى بۇلۇپ، سىياسى كەسپى ئۈگۈنۈش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، بىخەتەرلىك، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە، كوممۇنىستىك ئەخلاقتا ھەر ۋاقىت باشقىلارغا، ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانىلارغا ئۆلگە بۇلۇش. بۇجەھەتتە مەكتەپ مەسئۇللىرى، دۈجۈرنى ئوقۇتقۇچى، قوغداش نۆۋەتچىسى قاتارلىقلار ، ھەر كۈنى كۈزۈتۈپ، نازارەت قىلىپ، ناچار گەپ-سۆزلەرنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇسۇش، مەسلە كۈرۈلسە مۇۋاپىق شەكىلدە تەنقىد-تەربىيە بىرىش، مەكتەپ تەشكىلىگە مەلۇم قىلىش، ماۋسۇملۇق، يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىغا تەسىر قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئەگەر مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر ئوقۇتۇشنى قانۇن بۇيىچە توغرا سىياسى يۈلۈنىشكە كاپالەتلىك قىلىپ ئېلىپ بارماي، ناتوغرا ئىدىيۋى-كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، مەكتەپ خىزمىتىگە تەسر يەتكۈزسە، كەسىپنى قىزغىن سۆيمەي ئوقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىق خىزمەتلىرىنى تەلەپ بۇيىچە ئىشلىمىسە، ئوقۇغۇچىلارغا قۇپال مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ھاقارەتلىسە، تەن جازاسى بەرسە، ئوقۇغۇچىلاردىن قالايمىقان راسخۇد، جەرىمانە يىغسا، شەخسى ئىشقا سالسا، مەكتەپ مال مۈلىكىنى ئىگەللىۋالسا، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزسە، ئۇرۇش-جىدەل قىلىپ ئىتىپاقلىقىنى بۇزسا، كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلسا ، دىنى تۈس ئالغان كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىپ دەرس مۇنبىرىگە چىقسا، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا داغ يەتكۈزۈپ يامان تەسىر پەيدا قىلسا، مەسلە سىزىلگەن ھامان تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنامىنىڭ تەلىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ياخشى ئادەم تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-01 15:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-06-16 13:06