ئامبار مۈلۈكلىرىنى بىخەتەر باشقۇرۇش تۈزۈمى
يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش تەلىپىنىڭ روھىغا ئاساسەن مەكتەپنىڭ ھەرخىل مال- مۈلۈكىنى ساقلاش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تىنىچ -ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىپ مەكتەپتە خاتىرجەم ئوقۇ-ئوقۇتۇش مۇھىىتى يارىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكىدەك تۈزۈم تۈزۈپ چىقىلدى؛
1) ئامباردىكى مال – مۈلۈك تۈر، تەتىۋى بويىچە قويۇلغان بولۇش، ئامبار باشقۇرغۇچى ئامبارغا قويۇلغان مال-مۈلۈكلەرنى تۈرلەر بويىچە پىششىق بىلىش.
2) ئامبار مۈلۈكلىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوتتىن، سۇدىن، ھەرخىل تەبىئى ئاپەتلەردىن قوغدىنىش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان بولۇش ۋە ئىشلېتىشنى بىلگەن بولۇش.
3) ئامبار مۈلۈكلىرىنىڭ پاكىزە ساقلىنىشى ئۈچۈن ئامبارنىڭ مۇھىتى ياخشى بولۇش، ئامباردىكى ئاسان بۇزۇلىدىغان ۋە چىرىيدىغان مال – مۈلۈكلەرگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش.
4) مۇقىم مۈلۈك دەپتىرى بولغان بولۇش، مال مۈلۈكلەرنى ئالغان، ئامبارغا كىرىم قىلغان ۋاقتى ئىنىق تۇرغۇزىلىشى كىرەك.
5) بۇزۇلغان ۋە ئاكتا قىلىنغان مال مۈلۈكلەرنى تىزىملاش خاتىرىسى بولۇش . ئاكتا قىلىنغان مال مۈلۈكلەرنى مەكتەپ مۇدىرى تەستىقلىغان ئىسپات بولىشى كىرەك.
6) ئوقوتۇشقا ئائىت بولغان تەجىرىبە سايمان،مۈلۈكلىرىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقى كۈچەيتىش ، ئارىيەتكە بىرىش – ئىلىش خاتىرسى ئىمزا تولۇق بولغان بولۇش.
7) مەكتەپ مال – مۈلۈكىنى ئامبارغا كىرىم قىلىش بىلەن چىقىم قىلىشتا ھىساب دەپتىرىگە ئورنۇتۇپ تالۇن ئارقىلىق رەسمىيەت بىجىرىشنى يولغا قويۇش.
8) ئوقۇتقۇچىلارغا ئارىيەتكە بىرىلگەن ھەرخىل مال – مۈلۈكلەرئارىيەتكە بىرىش،ئارىيەت ئىلىش خاتىرسى ئۆز ۋاقتىدا تىزىملىنىش ، مال-مۈلۈكنىڭ ئۆز ئەسلى بويىچە قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ، ناۋادا يۈتتۈرۈپ قويسا ياكى بۇزىۋەتسە ئۆز ئەسلى بويىچە قايتۇرۋىلىش ياكى تولۇق تۆلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئارىيەت بىرش قايتۇرۋىلىش ياكى تولۇق تۆلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
9) ئوت كېتىش ئېھتىماللىقى بولغان نەرسىلەرگە بولغان تەكشۈرۈش ۋە ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈش ۋە قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈش ،تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خاتىرە قالدۇرۇش لازىم.
10) مەكتەپنىڭ ھەرخىل ئىشلىرى ئۈچۈن لازىملىق نەرسە كىرەك سىتىۋىلىشتا، مەكتەپ مەمۇرىيتى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كىيىن سىتىۋىلىشى خالىغانچە نەرسە كىرەك سىتىۋىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.
11) ئامبار باشقۇرغۇچى ئامبار ئۆينىڭ ئىشىك ، دىرىزە (ئەينەك، راملار) تاملار، تورۇسلارنى ۋە ئامبار ئۆيى ئەتراپىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى ۋە خاتىرە قالدۇرۇشى لازىم.
12) ئامبار باشقۇرغۇچى يوقالغان ، بۇزۇلغان مال مۈلۈكلەرنى دەل ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئەگەر ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، ئامبار باشقۇرغۇچى ئۆز باھاسى بويىچە تۆلەيدۇ.
13) ئامبار باشقۇرغۇچى بىخەتەرلىكتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئوت ئاپىتى، توك ئاپىتى، ئوغىرلىق ۋە باشقا ھادىسلەر كۆرۈلسە بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە ئەھۋالنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپ مال-مۇلۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن باشقا 500يۈەندىن 1000يۈەنگە قەدەر مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئىلىنىدۇ.