نۆۋەتتە توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلمەكتە
2013-يىلى ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭدىن 130 مىڭ 100 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ ، 2012-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 6700 ئوقۇغۇچى كۆپ قوبۇل قىلىنىدىكەن .
16-ئىيۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن خۇڭشىننىڭ ئېيتىشىچە ، 130 مىڭ 100 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا ، تولۇق كۇرسقا قاتلاملار بويىچە 66 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى ، مەخسۇس كۇرسقا قاتلاملار بويىچە 36 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، 25-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكا نومۇرى ۋە كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن نومۇرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن . 28-ئىيۇن ئەڭ تۆۋەن نومۇر چەك ئېلان قىلىنىپ ، 3-ئىيۇلدىن باشلاپ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىدىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]