باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ -يىلى يازلىق تەتىل ۋە رامىزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق،بىخەتەرلىك ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا مەكتەپ، كەنت،ئوقۇتقۇچى،ئائىلە باشلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن مەسئۇلىيەتنامە
مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى: مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،ئوقۇتقۇچىلارنى ئائىلە زىيارىتى،سۆھبەت يىغىنى، سىنىپ يىغىنى ئېچىشقا ،ئاتا-ئانىلارغا تۈرلۈك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇقىملىق،بىخەتەرلىك تەربىيىسى،ئوت،سۇ،توك بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ.ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كەلگەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى ئىدىيىۋى ئەھۋالى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئىگەللەپ تۈرىدۇ.
كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى: كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالىلار كومېتىتى تەتىل ۋە رامىزان مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەنت تەۋەسىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ.كەنت مەسئۇللىرى تەتىل ۋە رامىزان مەزگىلىدە ئۆز كەنت تەۋەسىدىكى ئائىلە باشلىقلىرىغا باشقۇرۇش،نازارەت قىلىش ۋە تەشۋىقات –تەربىيىنى كۈچەيتىپ،تەتىل مەگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەر ئاستى دىني ئوقۇتۇش نوقتىلىرىدا ئوقۇپ قېلىشنىڭ،ھەر خىل دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كەنت مەسئۇللىرى ئاتا-ئانىلارغا بولغان باشقۇرۇش ۋە تەشۋىقى تەربىيىنى كۈچەيتكەن ئاساستا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى سىرتقا ئىشلىگىلى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتسە كەنت مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قايتۇرۇپ كېلىشكە مەسئۇل بولىدۇ،
ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى:ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە قايتۇرۇشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك،مۇقىملىق،كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.تەتىللىك تاپشۇرۇقنى پىلانلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋاقتىدا تەكشۈرىدۇ.تەتىل مەگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە زىيارەتكە بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىدۇ ، كۈزىتىدۇ،تەششۋىقات-تەربىيىنى كۈچەيتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە ئىدىيىۋى ئەھۋالىدىن دوكلات ئېلىپ يۇقىرىغا يوللايدۇ.
ئائىلە باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى: ئائىلە باشلىقلىرى تەتىل ۋە رامىزان مەزگىلىدە پەرزەنتلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىغا،ناماز ئوقۇشىغا،يەر ئاستى دىنىي ئوقۇتۇش نوقتىلىرىدا ئوقۇشىغا،تەلىم ئېلىشىغا مەجبۇرلىماسلىقى ۋە يول قويماسلىقى لازىم.پەرزەنتلىرىنى ئىپتارغا بىللە ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ. تەتىللىك تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. نورمالنى بولغان ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈرىدۇ.پەرزەنتلىرىنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.بىخەتەرلىك،مۇقىملىق جەھەتتە،تەربىيە ئىشلەيدۇ.ئوت،سۇ،توك قاتناش،يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىن مەسىلە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.تەتىل مەزگىلىدە بىخەتەرلىكتە مەسىلە چىقسا بارلىق مەسئۇلىيەكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.ئەگەر تەتىل مەزگىلىدە پەرزەنتلىرىنى سىرتقا ئىشلىگىلى ئېلىپ چىقىپ كەتسە ھەر بىر كۈنلۈكى ئۈچۈن 30 يۈەندىن مەسئۇلىيەت پۇلى تۆلەيدۇ.پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز ئۆيىدىن باشقا جايدا قونۇشىغا بولمايدۇ، باشقا جايلارغا ئەۋەتىشكىمۇ بولمايدۇ.مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئائىلە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.مەسئۇلىيەتنامە بويىچە ئىش قىلىدۇ.ئۆز پەرزەنتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە تولۇق كاپالەەتلىك قىلىدۇ.بۇ جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە ئائىلە باشلىقلىرى بارلىق مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى:تەتىل ۋە رامىزان مەزگىلىدە مەكتەپتىن ئورۇنلاشتۇرغان قائىدە-تۈزۈم بويىچە نورمالنى پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.تەتىل تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا تولۇق ئىشلەيدۇ.تەتىل ۋە رامىزان مەزگىلىدە روزا تۇتمايدۇ،ناماز ئوقۇمايدۇ،يەر ئاستى دىنىي ئوقۇتۇش نوقتىلىرىدا دىنىي تەلىم ئالمايدۇ ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدۇ،ھېيىت نامىزى،ئىپتار قاتارلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا بارمايدۇ.بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇرۇق-تۇققانلار ۋە باشقىلار مەجبۇرلىسا ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدۇ.ئاتا-ئانىسىنىڭ رۇقسىتىسىز يىراق جايغا بېرىشقا،باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قونۇشقا،بىر قانچە كۈن يوقاپ كېتىشكە بولمايدۇ.ئەگەر ئۆز ئائىلىسىدىن باشقا جايغا بېرىشقا توغرا كەلسە سىنىپ مۇدىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بېرىشى ھەمدە ۋاقتىدا قايتىپ كېلىشى لازىم .ئوت،سۇ،توك ئويناپ خەتەر چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىدۇ.سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەك-ئىچمەكلەرنى يەپ زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ،يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى تولۇق ئاڭلاپ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.تەتىلدىن قايتقاندىن كېيىن تەتىللىك ئىش-پائالىيەتلىرىدىن ئوقۇتقۇچىسىغا دوكلات قىلىدۇ.
ئەگەر يۇقارقى ئورۇن ۋە شەخسلەر مەسئۇلىيەتنامە مەزمۇنى بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلماي مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارسا بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزلىرى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ ۋە يۇقىرىغا يوللاپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
-يىللىق -سىنىپتىكى -كەنتتىن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى سىنىپ مۇدىرى: -----------------------------------
№ | ئىسمى ئاتىسى | ئوقۇغۇچى ئىمزاسى | ئائىلە باشلىقى ئىمزاسى | مەھەللىسى | № | ئىسمى ئاتىسى | ئوقۇغۇچى ئىمزاسى | ئائىلە باشلىقى ئىمزاسى | مەھەللىسى |
1 | | | | | 16 | | | | |
2 | | | | | 17 | | | | |
3 | | | | | 18 | | | | |
4 | | | | | 19 | | | | |
5 | | | | | 20 | | | | |
6 | | | | | 21 | | | | |
7 | | | | | 22 | | | | |
8 | | | | | 23 | | | | |
9 | | | | | 24 | | | | |
10 | | | | | 25 | | | | |
11 | | | | | 26 | | | | |
12 | | | | | 27 | | | | |
13 | | | | | 28 | | | | |
14 | | | | | 29 | | | | |
15 | | | | | 30 | | | | |
باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى(تامغا)ئىمزاسى:
-كەنت پارتىيە ياچېيكىسى(تامغا)ئىمزا:
-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى