خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن، دەپ ئايرىلمايدۇ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-12-09 13:50

 
مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا، پەنلەر ئازايتىلىدۇ، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن، دەپ ئايرىلمايدۇ
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن، دەپ ئايرىلمايدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – دېكابىر تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ لىمىن 5 – دېكابىر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان ئېلىش – ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى تۈزۈپ بولدى، پات ئارىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، تۈزىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ يولغا قويىدۇ.

   ليۇ لىمىن مۇنداق دېدى: ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى››دا، ئىمتىھان ئېلىش – ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك لايىھەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئۇ دۆلىتىمىز مائارىپىنىڭ ئىمتىھان ئېلىش – ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىدىكى سىستېمىلىقلىقى، ئۇنىۋېرساللىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىسلاھات بولۇپ، ئىمتىھان مائارىپى خاھىشىنى روشەن ئۆزگەرتىپ، سانسىزلىغان ئوقۇغۇچىنى كۆپ خىل ئوقۇش تاللاش يولى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش يولىغا ئىگە قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپ بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان، كۆپ خىل ئوقۇش نەتىجىسى ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ‹‹ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى››نى بەرپا قىلىدۇ.

   ليۇ لىمىن ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي لايىھە رامكىسى ئاساسىدا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى چارىسى قاتارلىق نۇرغۇن يانداش يولغا قويۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

   باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا، مائارىپ مىنسىتىرلىقى ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇشتا يېقىن جايدىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› نى تۈزۈلۈپ بولغان، پات ئارىدا تارقىتىلىپ، ئوقۇشقا كىرىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق بەلگىلەش، ئوقۇشقا كىرىش ئوبيېكتىنى تەرتىپلىك بېكىتىش، ئوقۇشقا كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆلچەملىك بېجىرىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئاشكارا قوبۇل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ئالاھىدىلىك بويىچە قوبۇل قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىش، تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئوقۇش رايونى خاراكتېرلىك ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش جەھەتلەردە جايلارغا ئېنىق تەلەپ قويۇلىدىكەن.

   ئۇ مۇنداق دېدى: مەكتەپ تاللاش مەسىلىسى چوڭ ۋە ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەردە گەۋدىلىكرەك بولۇۋاتىدۇ، بىز 19 نۇقتىلىق چوڭ شەھەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇشقا كىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەخسۇس يېتەكچىلىك قىلماقچى بولۇۋاتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە جايلارنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە، ياخشى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق تەقسىملەش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىمىز.

   ليۇ لىمىن مۇنداق دېدى: ‹‹قارار››دا ‹‹ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشنى ئاساس قىلغان كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىش مېخانىزمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىمتىھانلاردا ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ، ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك ۋە دەرىجىگە ئايرىش ئۇسۇلى بويىچە گەۋدىلەندۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىنىدۇ، 100 نومۇرلۇق تۈزۈم قوللىنىلمايدۇ، مۇشۇ ئاساستا ‹‹ھەر بىر نومۇر ئۈچۈن ھېسابلىشىدىغان ئەھۋال››نىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ئارزۇسى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، قىسمەن دەرىجە ئىمتىھان پەنلىرىنى تاللاپ قاتنىشىدۇ، ھەر بىر پەن ئۆتۈلۈپ بولغاندىن كېيىنلا ئىمتىھان بېرىش، ‹‹بىر پەن، بىر پەندىن ئىمتىھان بېرىپ تۈگىتىش›› ئارقىلىق ئوقۇش پۈتكۈزىدىغاندا ‹‹بىر قېتىمدا ئۈچ يىللىق پەندىن ئىمتىھان بېرىش›› نىڭ بېسىمى يېنىكلىتىلىدۇ.

   ئۇ مۇنداق دېدى: شارائىت ھازىرلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىر پەندىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەڭ ياخشى ئىمتىھان نەتىجىسىنى ھېسابلىشىمىز كېرەك.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات قەدىمى تەدرىجىي تېزلىتىلدى، ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاشنىڭ ئوبيېكتىپ، ئەينەن بولۇش – بولماسلىقى پۇقرالار گۇمانلىنىدىغان تېمىغا ئايلاندى. ليۇ لىمىن مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش قاتارلىق سەمىمىيەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماتېرىيالنىڭ ھەقىقىي، ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشمىز كېرەك.

   ئۇ يەنە مۇنداق دەپ تەكىتىلدى: دۆلەت بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىشنى ئسىلاھ قىلىدۇ، بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆگىنىش سەۋىيەسى ئىمتىھانىنىڭ فۇنكىسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پەن تۈرلىرىنى قىسقارتىپ، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن دەپ ئىمتىھان ئېلىش پەنلىرى تەسىس قىلماسلىق ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىدا بىر يىلدا كۆپ قېتىم ئىمتىھان ئېلىشتەك ئىجتىمائىيلاشقان ئىمتىھان ئۇسۇلى، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان ۋاقتى ۋە قېتىم سانىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى، نەتىجىسى، ئىپادىلەش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇش جەھەتتە ئىزدىنىشىمىز كېرەك.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار