كېلەر يىلى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل پىراۋىسى ئىمتىھانىدا قوزۇقلۇق ئىمتىھان ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ئۆگىنىش ۋاقتىمۇ مۇناسىپ قىسقارتىلىدۇ
كېلەر يىلدىن باشلاپ شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ تەربىيەلەش ۋاقتى، مەزمۇنى ۋە ئىمتىھان مەزمۇنلىرىدا بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ. C پىراۋىسىنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا قىسقارتىلىدۇ، ئىمتىھاندا قوزۇق ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، «ئاپتوموبىلنى بىخەتەر، مەدەنىي ھەيدەش ساۋاتلىرى»دىن ئايرىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كېنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش-ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»گە بىرلەشتۈرۈپ، تۇنجى قېتىم «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش تەربىيەسى دەرسلىكى ۋە ئىمتىھان پىروگراممىسى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]