تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۈچۈن ، ئاپتۇنۇم رايۇن جەمىيەتتىن ئاشكارە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچى قۇبۇل قىلىشنى قارار قىلدى . مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىگىچە :
قۇبۇل قىلىش پىرىنسىپى
ئاشكارە ، باراۋەر ، رىقابەت ، ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش .
قۇبۇل قىلىش ئوبىكتى
1. شىنجاڭ نۇپۇسى ياكى شىنجاڭدا تۇغۇلغان پۇتۇن كۈنلۇك تۇزۇمدىكى ئالى مەكتەپ پۇتتۇرگەنلەر
2. شىنجاڭدىكى پۇتۇن كۈنلۇك تۈزۈمدىكى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئىچكىردە تۇغۇلغانلار
3. ئالى مەكتەپ پىدايىلىرى غەرىپ مۇلازىمەت پىلانى مۇلازىمەت ۋاقتى توشقانلار ۋە باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان پىدايىلار
4. “三支一扶” مۇلازىمەت ۋاقتى توشقانلار ۋە بىر مەۋسۇمدىن يۇقىرى ياردەمچى ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمەت تەجىربىسى بولغانلار
5. شىنجاڭدا قېلىپ قالغان جەڭچىلەرنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى
تۆۋەندىكىلەر قۇبۇل قىلىش دائىرسىگە كىرمەيدۇ
1. شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بىر تۇتاش تەشكىللەپ ئاساسى قاتلامغا ئەۋەتكەن مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغانلار
2. ئوتتۇرا باشلانغۇچ، يەسلى ئىشتاتلىق ئۇقۇتقۇچىلار ھەم 2014-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن كىيىن ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلەر
3. ئۇچ يىل جەرياندا مەمۇرلۇق ، كەسپى ئىشتات ئىمتاھانلىرىدا قايدىگە خىلاپلىق قىلغانلار ، يالغانچىلىق قىلىش قىلمىشى بولغانلار
4. مەمۇرى جازا بىرىلگەنلەر ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ، ھۆكۈمەت ئورنىدىن ھەيدەلگەنلەر ، قانۇن -قايدىلەردە ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتى قىلسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلەر
قۇبۇل قىلىش شەرتى
1. سىياسى ساپاسى ياخشى ، دۆلەتنى قىزغىن سۇيدىغان ، كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ، ئەخلاقلىق ، مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى كۇرىدىغان بۇلىشى كېرەك .
2. 30 ياشنىڭ ئاستىدىكىلەر ( يەنى 1985-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كىيىن تۇغۇلغانلار )
3. خىزمەت ھۆددىسىدىن چىققۇدەك بەدەن ساپاسى بۇلىشى كېرەك .
4. ئۇرۇن جەدىۋېلىدىكى ئۇقۇش تارىخى ۋە كەسىپ شەرتىگە ماس كىلىشى كېرەك .
5. ئۇرۇن جەدىۋېلىدىكى بارلىق شەرتلەرگە ماس كىلىشى كېرەك .
مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر :
شىنجفڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 2015-يىللىق جەمىيەتتىن ئاشكارە قوش تىل ئالاھىدە ئۇقۇتقۇچىلىق قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرشى ۋە ئۇرۇن جەدىۋېلى تۆۋەندىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىدۇ
شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېتى
شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمايى كاپالەت ئىدارىسى تور بېتى
قۇبۇل قىلىش تەرتىۋى
1. توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش
تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى : 2015-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە
بىر ئادەم پەقەت بىر ئۇرۇنغا تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بۇلىدۇ ،كۆپ ئۇرۇنغا تىزىملاتسا ئىناۋەتسىز . تىزىملىتىشتا مائارىپ نازارىتى تور بېتىگە كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ تەلەپكە ئاساسەن تىزىملىتىپ رەسىم چىقىرىدۇ ، تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدىۋېلىنى چۈشۈرۇپ تولدۇردۇ . تولدۇرغاندا ئۇچۇرنىڭ توغىرا بۇلىشىغا ، ساختىپەزلىك قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
2. سالاھىيەت تەكشۇرۇش
سالاھىيەت تەكشۇرۇش ئورنى ئۈزى تىزىمغا ئالدۇرغان ئۇرۇندىكى ۋىلايەت ، ئوبلاستلىق ، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمايى كاپالەت ئىدارىسى ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بۇلىدۇ . قايسى ئۇرۇنغا تىزىمغا ئالدۇرغان بولسا شۇ ئۇرۇن تۇرۇشلۇق مائارىپ ئىدارىسى ئۇرۇنلاشتۇرغان سالاھىيەت تەكشۇرۇشكە قاتنىشىدۇ ( مەسىلە : ئاقسۇدىكى ئۇقۇتقۇچىلىققا تىزىملاتقانلار ئاقسۇ مائارىپ ئىدارىسى ئۇرۇنلاشتۇرغان سالاھىيەت تەكشۇرۇشكە قاتنىشىدۇ . )
سالاھىيەت تەكشۇرۇشكە قاتناشقان ۋاقىتتا تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى تۇلۇق ئېلىپ كىلىشى كېرەك .
1. كىملىك ئەسلى نۇسقىسى
2. دىپلوم ئەسلى نۇسقىسى
3. خەنزۇتىلى سالاھىيەت كېنىشكىسى ئەسلى نۇسقىسى
4. ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كېنىشكىسى ئەسلى نۇسقىسى
5. مىنكاۋخەن ئۇقۇغۇچىلار چۈقۇم مەكتەپ چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتى بۇلىشى كېرەك .
6. تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدىۋېلى
7. شەخسى ئارخىبى
توردىن ئىمتاھان ئۇرۇن ئۇقتۇرشى ۋە ئىمتاھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى چىقىرىش ۋاقتى : 2015-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە
يۈزتۇرانە ئىمتاھان ۋاقتى : 2015-يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
يۈزتۇرانە ئىمتاھان ۋاقتى : 2015-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە
ئۇمۇمى نەتىجىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى : 2015-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
ئۇمۇمى نەتىجىنى ھىساپلاش ئۇسۇلى :
ئۇمۇمى نەتىجە = يىزىقچە ئىمتاھان نەتىجىسى %50+ يۈزتۇرانە ئىمتاھان نەتىجىسى%50 ، يۈزتۇرانە ئىمتاھاندا لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ ئۇمۇمى نەتىجىسى ھىساپلانمايدۇ .
سالامەتلىك تەكشۇرۇش ، سىياسى تەكشۇرۇش ۋاقتى : 2015-يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە
تەڭشەپ ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى : 2015-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە
ئېلان قىلىش ۋاقتى : 2015-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە
قۇبۇل قىلىنغانلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى : 2015-يىل 8-ئاينىڭ 19-كۈنى
ئىشتىن بۇرۇنقى تەربىلەش 2015-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە
ئىش ئورنىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى : 2015-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە
سۇرۇشتۇرۇش تىلفۇن نۇمۇرى
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى : 0991-7606250 ، 7606238 ، 7606272
نازارەت قىلىش تىلفۇنى
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئىنتىزام تەكشۇرۇش ئىشخانىسى : 0991-7606199
تور ياردەم تىلفۇنى : 0991-7606092 ، 7606281
مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەللەرنى چۈشۈرۈش
شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى مائارىپ نازارىتى
شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمايى كاپالەت نازارىتى
2015-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]