بەزىلەرنىڭ دېھقانلارنى «نادان، قارا قورساق» دەپ ئەيىپلىگىنىنى ئاڭلىغىنىمدا ئاچچىقىم كېلىدۇ. مەسىلىلەرنى ئۇزاق تارىخى جەريان ۋە نۆۋەتتىكى رېئاللىق بىلەن باغلاپ، ئىلمىي تەپەككۇر قىلىش كېرەك. سېستىمىلىق مائارىپ بىلەن ئۇچرىشالماي بۈگۈنگە ئۇلاشقان بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىدە تىزلا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشى ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس - دە!
يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلىنىڭ «پەن - مائارىپ» پروگراممىسىدا ئۈستۈنئاتۇش دېھقانلىرىنىڭ مائارىپ ئېڭى ھەققىدىكى فىلىم كۆرسىتىلدى. فىلىمدە تونۇشتۇرۇلغان دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسى يېرى ئاز، ئىقتىسادى كىرىمى تۆۋەن بولسىمۇ، بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمەي، مەدىكارلىق قىلىپ بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىنى ئىقتىسادى كاپالەت بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىۋاتقان، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى يولىغا نۇرلۇق چىراغ بولۇپ يېنىۋاتقان جاپاكەشلەر ئىدى. ھەتتا بەزىسى ئۈچ بالىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش داۋامىدا نامراتلىشىپ كەتسىمۇ، يەنىلا ھاياتلىقتىكى چىقىش يولىنى مائارىپ، ئىلىم - پەن ئارقىلىق تېپىش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىگەن. ئۇلارنىڭ «چاپان كونا، مەينەت بولسا يۇغىلى بولىدۇ، قەلب ساۋاتىسىزلىقىنى يۇغىلى بولمايدۇ» دېگەندەك قەلب سۆزلىرى كىشىلەرنى ھاياجانغا سالدى. مېنىڭچە بۇنى كۆپلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۆڭۈل سۆزى دېيىشكە بولىدۇ.
دېھقانلارنىڭ مائارىپ ئېڭى ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا، بىز يەنىلا رېئال مەسىلىلەرگە نەزەىمىزنى ئاغدۇرايلى. بىر دېھقان مىڭ تەسلىكتە پۇل جەملەپ بالىسىنى بىر ئالىي تېخنىكومغا يولغا سالغان. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئوغۇل «ماڭا ئايدا مانچە پۇل ئەۋەتسەڭ ئوقۇيمەن، بولمىسا دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا ئىزا تارتىدىكەنمەن. پۇل بېرەلمىسەڭ ئوقۇمايمەن» دەپ شەرت قويغان. ئەسلىدىلا كۈنىنى ئاران ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ ئائىلىگە ئوغلىنىڭ شەرتى ئېغىر كەلگەچكە، دادا ئوغلىنى مەكتەپتىن قايتۇرۋالغان. بىز بۇ دېھقاننىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئۇنى ھەرگىزمۇ بالىسىنى يۇقىرىلاپ ئوقۇتۇشقا دەۋەت قىلالمىغان، ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلالمىغان دىيەلمەيمىز. ئۇ ساۋاتسىزلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ بالىسىنى ئوقۇتۇشقا تىرىشقان. دېھقانلار ھەقىقەتكە، رېئاللىققا بەكرەك ئىشىنىدۇ. بىز دېھقانلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ماكاندا مائارىپ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقىنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ خەلق ئىچىدە تىكلىگەن ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىپ، مائارىپ ئارقىلىق ئەۋلادلارنى تەربىيلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇتۇش ھەققىدە ئىزدەنسەك، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۈچلۈك بولۇشى مۇقەررەر.
نۆۋەتتىكى تۈرلۈك مائارىپ سىياسەتلىرى، مائارىپ تارىخى، پەن - تېخنىكا ۋە مائارىپنىڭ كۈچىنى تەشۋىق قىلىش زۆرۈر ۋاسىتە. بۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپ روھىنى ئۇرغۇتۇش ۋە ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ دېھقان بولۇش، ھۈنەرۋەن بولۇش ئۈچۈنمۇ يۇقىرى ئوقۇش مەلۇماتىغا، بىلىمگە ئىگە بولۇش كېرەكلىكىنى، تىل ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇندىلا ئۆز ئىشىدا نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ تەرەققىياتقا ئىنتىلىدۇ. بىز ئۇلارنى مائارىپ ئارقىلىق تۇرمۇشىدا بۇرۇلۇش ياساشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ، ئىدىيىسىگە تەسىر قىلىۋاتقان پاسسىپ ئامىللارنى ئاكتىپ ئامىللار ئارقىلىق تۈگەتسەكلا، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]