» ئەخلاق ۋە تۇرمۇش« دەرسى ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىدىكى چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ بىر پەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتكە، تەتقىقات ئوبىكتلىرىغا،ئۆزىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا ئىگە. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي- پەزىلىتى ۋە ئەخلاقىي ھەركىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىش جەريانىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشنىڭ پىرىنسىپلىرى، ۋاستىلىرى،يوللىرى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان،مەخسۇس ئادەم تەربىيلەش توغرىسىدا ئىزدىنىدىغان پەندۇر. »ئەخلاق-ۋە تۇرمۇش« دەرسىنىڭ مەقسىدى- ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى بىر ئىدىيىۋىي نۇقتئىنەزەر،ياخشى بىر ھېسيات ۋە ئەخلاقىي پەزىلەت،ياخشى بىرمەدەنىي ھەرىكەت ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋىي- ئەخلاق ساپاسىنى دەۋر ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان،جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى بولسا-سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، .ئىنتىزامچان سوتسىيالىستىك يېڭى پۇقرالارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئىدىيىۋىي ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن- مەدەنىيەت ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ ،دەرسلىك،دەرس مەزمونى،تەلىم –تەربىيە ئۇسۇللىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى.جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم-تەربىيە قۇبۇل قىلىش،جەمئىيەتنى كۈزىتىش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىدىمۇ مۇئەييەن ئۆزگۈرۈشلەر بولدى.
مەن بىرقانچە يىللىق »ئەخلاق ۋە تۇرمۇش« دەرسىنى ئوقۇتۇش ۋە تەلىم تەربىيە خىزمىتى جەريانىدا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مىللىي ئۆرپ –ئادەت ۋە ئەدەپ –ئەخلاقنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ،مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئاخىرىدا ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئېسىل ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەدەب –ئەخلاق قائىدىلىرىنىڭ مۇشۇ دەۋرگە كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەدەپ –ئەخلاق تەربىيىسىنى »ئەخلاق-ۋە تۇرمۇش« دەرسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارغاندا ئوقۇغۇچىلار تەربىيىنى ئاسان قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەدەپ –ئەخلاق قانۇن ۋە باشقا تەرەپلەرگە قارىغاندا ئەڭ بالدۇر كېلىپ چىققان، شۇنداقلا چەكلەش ۋە تەربىيە بېرىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان بىر خىل ھەرىكەت قائىدىسى.ئۇ، قانۇنىي ۋاستە ۋە مەجبۇرىي چارىلەر بىلەن ئەمەس. بەلكى، يۇشۇرۇن ھالدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا تەربىيىلەش، قىلىپلاشتۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇش ۋە تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.
مەن بۇ ماقالەمدە نۇقتىلىق ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا »ئەخلاق ۋە تۇرمۇش« دەرسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت سورۇنى ئەخلاقى، قوشنىدارچىلىق ئەخلاقى، دوستلۇق،ئاغىنىدارچىلىق ئەخلاقى، سىر ساقلاش ئەخلاقى، سالام بېرىش ئادەتلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.
1. جامائەت سورۇنى ئەخلاقى:
بىز تۇرمۇشىمىزدا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلدىن جامائەت سورۇنلىرىغا قاتنىشىمىز. بىزنىڭ شۇ سورۇندىكى ئەخلاقىمىزنىڭ قانداق بولۇشى،كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش –ئېرىشەلمەسلىكىمىزگە بىۋاستە سەۋەپ بولىدۇ.مۇبادا ئۆز ئىش –ھەركىتىمىز ئارقىلىق ئىززەت –ئابرۇيغا ئېرىشىمىز دەيدىكەنمىز ئاممىۋىي سورۇنلاردا تۆۋەندىكىلەرگە رىئايە قىلىشىمىز لازىم.
(1) جامائەت سورۇنلىرىدا چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ياكى تۆرىگە چىقىپ ئولتۇرماسلىق،چوڭلار تۆرىگە تەكلىپ قىلسا، چىرايلىقچە رەت قىلىش،چوڭلارنىڭ ئالدىدا پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ياكى ئۇزۇن سوزوپ ئولتۇرماسلىق.
(2) ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەسلىك،ئادەمگە قاراپ كېرىلمەسلىك،چىشىنى ياكى بۇرنىنى كولىماسلىق،چۈشكۈرۈك كەلسە ۋە ئەسنەك تۇتسا، كىشىلەرگە قاراپ تۇرۇپ چۈشكۈرمەسلىك، ئەسنىمەسلىك،چاپان ياكى كۆڭلەكنىڭ پېشى بىلەن قول ۋە يۈزنى سۈرتمەسلىك.
(3) ئاممىۋىي سورۇنلاردايۇقۇرى ئاۋازدا گەپ قىلماسلىق،قاقاھلاپ كۈلمەسلىك كېرەك. بۇ ھەقتە ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ئەلشىر ناۋائىي : »ئەدەپسىزلىكنىڭ بىر بەلگىسى ئورۇنسىز كۈلكىدۇر.
2. قوشنىدارچىلىق ئەخلاقى:
كىشلىك جەمئىيەتنى ئائىلىسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغىنىدەك ،ئائىلىنىمۇ قوشنىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. دېمەك ،ئىنسان ئۆز ھاياتىدا ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن قۇلۇم –قوشنىلىرى بىلەن ئارىلىشىدۇ، بىللە ياشايدۇ. شۇڭا ،ئەجداتلىرىمىز قوشنىنىڭ ھايات يولىمىزدىكى مۇھىملىقىنى يىغىنچاقلاپ: »يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ياخشى« دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان. قوشنىلار بىلەن ھەقىقىي ئىناق ئۆتۈپ، ھاياتنىڭ مېھىر-ۋاپاسىنى تەڭ كۆرىمەن دەيدىكەنمىز تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
(1) قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش ،ھەرگىزمۇ دۈشمەنلىشىپ قالماسلىق لازىم،چۈنكى، بۇسۇغىمىزدىن ئاتلىغان ھامان قوشنىلار بىلەن ئۇچرىشىمىز، شۇچاغدا بىز ئەڭ ئاۋۋال »ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم« دەپ سالام بېرىشىمىز كېرەك. سالامنى بۇرۇن بېرىش قوشنىدارچىلىق مېھىر-مۇھەببەتنى ئويغۇتىدۇ. قوشنىلار ئارا ئۇقۇشماسلىق،كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ تۇرىدۇ.بۇ ئۇقۇشماسلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى مۇستەسنا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئاۋۋال سالام بېرىشتۇر.
(2) قوشنىدارچىلىق ئادىتىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ،ھازىر يۇقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان يەنە بىر تەرەپ ئۆز ئارا تاماق سۇنۇش ۋە بىر بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئادىتىدۇر. تاماق سۇنۇش ئادىتى ئۇيغۇرلارغا خاس ،ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ،ئائىلىدە ياخشىراق تاماق ئىتىلگەندە قوشنىلار ئارا تاماق سۇنىشىدۇ ياكى تاماققا چاقىرىدۇ. بۇ ئادەت ئاز ساندىكى قوشنىلار ئوتتۇرسىدا مەۋجۇت. بىر- بىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ۋە ھالىغا يىتىشمۇ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەت بولۇپ،قوشنىلار بىرىنىڭ ئۆيىدە ئۆلۈم-يىتىم بولسا، باشقا قوشنىلار خېلى مەزگىلگىچە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارمايدۇ. قوشنىلاردىن بىرەرى يىراق- يېقىنغا كېتىپ قالغاندا باشقا قوشنىلار بۇ ئائىلىدىن خەۋەر ئېلىپ قويىدۇ.
(3)قوشنىلارنىڭ بالىلىرى ئۆز ئارا سوقۇشۇپ قالغاندا ھەرگىز چوڭلار ئارىغا كىرىپ جىدەللەشمەيدۇ. ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاجىرىتىپ، بىر- بىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈش ،ھەمكارلىشىش، ياردەملىشىش توغرىسىدا ئۆز بالىلىرىغا تەربىيە قىلىدۇ ۋە بۇجەھەتتە ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭدۈرىدۇ. ئۇلارنى باتۇرلۇققا، مېھرىبانلىققا، سەمىمىي-مەردلىككە، نۇمۇسچان،غۇرۇرلۇق بولۇشقا، ھالال ياشاشقا دەۋەت قىلىپ،ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاققا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. قىسقىسى، قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىمۇ ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆگەنمىسە بولمايدىغان،ئەنئەنىۋىي مىللىي ئەخلاقنىڭ بىر تۈرىدۇر.
3. دوستلۇق، ئاغىندارچىلىق ئەخلاقى:
» يالغۇزلۇقتا ياشىغان ئادەم چالا ئۆمۈر كۆرگەن بولىدۇ.« شۇنداق! يالغۇزلۇق – ئادىمىيلىك ئەمەس،يالغۇز ياشاش ئىنسانغا خاس خۇسۇسىيەت ئەمەس.بەلكى ياۋايىلىقنىڭ بەلگىسى.ياۋايى ئادەملەردىن ھىچقانداق ياخشىلىق كەلمەيدۇ. ئۆمرىمىزدەخۇشال-خۇرام،بەختلىك ياشاپ،ئەلگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ ئۆتىمەن دەيدىكەنمىز،ئەلۋەتتە،دوستلۇق ،ئاغىنىدارچىلىقنى ئەلا بىلىدىغان ،ئىشەنچىلىك،ئەقىللىق،بىشىڭىزغاكۈن چۈشكەندە سىزگە مەدەتكار بولىدىغان، خۇشاللىقىڭىزغا جۆر بولۇپ،سىز قايغۇرغاندا بىللە قايغۇرىدىغان،تەمە-تەمەنناسىز دوست-ئاغىنىڭىز بولىشى كېرەك. ئەدىپلەر: »بىز بىلەن باشقىلار بىرلىكتە خۇشال بولمىسا،بەختىمىزمۇ ئۆزكۈچىنى يوقاتقان بولىدۇ. بىز ئۈچۈن بىزدىن ئارتۇقراق قايغۇرغۇچى بولمىغاندا قانچىلىك ئېغىر كۈلپەتلەرگە قالمىز-ھە!« دەپ توغرا ئېيتقان. ياخشى دوستىڭىز ياخشى پەزىلەتلىرىڭىزنى ئەلگە تارقىتىدۇ. قۇسۇر نۇقسانلىرىڭىزنى كۆرسە چاۋىڭىزنى چىتقا يايمايدۇ. خۇشاللىق ۋە قايغۇدا بىرگە بولىدۇ.سىر ساقلايدۇ.
4. سىر ساقلاش ئەخلاقى:
سىر دىگىنىمىز- مەخپىيەتلىك دېگەنلىكتۇر. ئۇنداقتا مەخپىيەتلىك دېگەن نېمە؟ ئاڭلىماسلىق ھەم دېمەسلىكتۇر. كىشلىك ھاياتتا ھەر قانداق ئادەمنىڭ باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان سىرى بولىدۇ.كىشىلەرنىڭ سىر –مەخپىيىتىنى بىلىشكە قىزىقىشى ۋە ئۇنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى ساقلىيالماسلىق »ھالال« لىق ئەمەس.شۇڭا سىر ساقلاش ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش كېرەك.
(1) سىز ئەخلاقلىق ئادەم بولسىڭىز باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىشكە قىزىقماڭ.چۈنكى ،باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلۋالغاندىن كېيىن ،سىز باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە قەرزدار قىلىپ قويىسىز.بۇ سىز ئۈچۈن بىر يۈك بولۇپ قالىدۇ.بۇ خۇددى باشقىلارنىڭ ئەيىپ نۇقسانىنى كۆرۈپ قالسىڭىز،ئۇ سىزگە ياخشى كۆزدە قارىمىغاندەك بىر ئىش. بۇ ھەقتە ئەدىپلەر: »نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلۋالغانلىقى ئۈچۈن ياخشى ئاقىۋەتكە قالغان ئەمەس. « دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
5. سالام بېرىش ئەخلاقى:
سالاملىشىش،ئەھۋال سورىشىش،كۆرۈشۈش ئىنسانغاخاس بولغان ئاجايىپ پەزىلەت.ئىنساننىڭ كۆركى.كىشىلەرنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدا يېتىلدۈرگەن، ئۆز ئارا ئالاقە پىرىنسىپى،ئەخلاقىي قىياپەتلىرىدىكى ناملارنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە ھىسابلىنىدۇ. ئەجداتلىرىمىز ئەزەلدىن سالام –سائەتكە يۈكسەك ئېتبار بىلەن قاراپ كەلگەن.بۇ ھەقتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ : »ئوغۇل-قىزغا ئۆگەت بىلىم ھەم ئەدەب،بېرۇر ئاڭا ئىككى دۇنيادا نەپ« دېگەنگە ئوخشاش دىداكتىك مەزمۇنلارنى قالدۇرغان. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، سالاملىشىشنىڭ شەكىللىرى كۆپ خىل بولۇپ،ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش. (2) ئىككى قوللاپ كۆرۈشۈش. (3) قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش.(كۆپرەك قېرىنداشلار،ئاياللار ئارسىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ) (4) چوڭلار بىلەن بالىلار كۆرۈشۈش. (5) قولنى كۆكرەككە قويۇپ سالاملىشىش. بۇ سالاملىشىشنىڭ ئەڭ ئوموملاشقان شەكلى. سالامىنىڭ سېھرى توغرىسىدا ئەپسانىلەردە ئېيتىلىشىچە، يالماۋۇزغا دۇچ كەلگەن بىر يولۇچى قورۇققىنىدىن ھۇدۇقۇپ،نىمە قىلارىنى بىلمەي قاپتۇ ۋە شۇ قورقۇنچ ئىچىدە »ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم« دېگەنىكەن،شۇ چاغدا ئادەمخور يالماۋۇز: »ماڭىمۇ سالام بېرىدىغانلار بار ئىكەن« دەپ ئويلاپ، -»ئەگەر سالىمىڭ بولمىغان بولسا ئىككى يالماپ يۇتىۋىتەتتىم« دېگەنمىش.
يىغىنچاقلىغاندا،يۇقۇرىدا ئېيتىلىپ ئۆتكەن ھەر خىل ئەخلاق قائىدە-مىزانلىرىدا ئادەمنىڭ ئادەمگەبولغان يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە ئىززىتى،ئىللىق تەبەسسۇمى، مېھرىبانلىقى ۋە ئىنسانىي پەزىلىتىنىڭ يالقۇنلۇق تەپتى بار. ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئېتىقادنىڭ يۈكسەكلىكىمۇ شۇلار ئارقىلىق نامايان بولىدۇ.
دېمەك،بىز ياش- ئەۋلادلارنى مېھماندوست،ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيلەيمىز دەيدىكەنمىز،ئەجدادلىرىمزدىن قالغان مىللىي ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىلىرىنى تەكىتلەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ،ئۇنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم. نۆۋەتتىكى جەمئىيەت تەرەققىياتى،پەن- تېخنىكا يۈكسىلىشى،ئالاقە تورىنىڭ كېڭىيىشى، يېڭىچە كىشلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئاڭنى شەكىللەندۈرمەكتە. بىز ھەم ئىلغارلىقىنى قۇبۇل قىلىشىمىز ھەم ئۆزلىكىمىزدە ساقلىنۋاتقان ياخشى بولغان مىللىي ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ھەم مەكتەپتە ھەرخىل پائالىيەت ۋە دەرسلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۆگىتىشىمىز ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز لازىم.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]