سۇلمىسۇن ئوبراز
ئالدىمدا قىيغىتىپ تاقلاپ ئوينىشار ،
ۋەتەننىڭ ئۈمىدى گۈل-غۇنچىللىرى .
غۇبارسىز چوڭ بۇلۇر تاڭ شەبنىمىدەك،
قونمىسا ناپاكلىق تۇزۇندىللىرى .
ئويلىسام خىيالىم كىتىدۇ چەتنەپ ،
بارىدۇ مەزگىلسىز باشلىق ئالدىغا ،
ئىسىمدە ئىگىلىپ تازىم قىپ تۇرۇپ ،
سوغاتلار بەرگىنىم ئۆتۈپ دالدىغا .
باشلىققا ئىگىلىپ خوش-خوش دىگىنىم ،
يۇقىرىغا يامىشىش تامايىم مىنىڭ ،
ھەمدە ئۇ ئۆسۈشنىڭ ئۇلىنى سالار ،
ھەر جايدا ئىززىتىم ھۆرمىتىم مىنىڭ .
ئاشۇنداق تەمەدە قىرى –ياش بۈگۈن ،
يوقاتتۇق نۇرلۇق شام ئوبرازىمىزنى .
خوش-خوشلاپ يۈردۇق بىز سورۇن تاللىماي
سوقتى بەلكىم ھاياتنىڭ بوران –چاپقۇنى .
باغۋەن تۇرۇپ ئىگىلسە بورانغا بۇباش ،
مەزگىلسىز سوقمامدۇ غۇنچىنى قۇم-تاش .
تىك تۇرۇپ غۇنچىنى پەرۋىش قىلمىساق ،
يۈتمەمدۇ زىمىندىن سېخى بىر قوياش .
ئويلىسام شۇلارنى تۇرۇپ كىتىمەن ،
ئورۇنسىز ئۆزەمچە كۈلۈپ كىتىمەن .
خاتىمە بىرىپ مەن قىلغان ئىشىمغا ،
ياش نوتا قىتىغا چۆكۈپ كىتىمەن
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]