خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئارخېئولوگىيەدە ئىسپاتلانغان خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى يىپەك يولى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-12-21 11:55

 
ئارخېئولوگىيەدە ئىسپاتلانغان خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى يىپەك يولى
 

ۋاڭ ۋېي

مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

 

    «يىپەك يولى» تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ۋۇدې خان دەۋرىدە جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا ياشىغان كىشىلەر بىلەن غەربىي يۇرت ۋە غەربتىكى رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرۇش خەن سۇلالىسى دەۋرىدە باشلانغان ئەمەس.

    مەشھۇر «مۇتيەنزى تەزكىرىسى»دە: غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇ پادىشاھى مۇۋاڭنىڭ جاھان كەزگەنلىكى، ئۇنىڭ سەپەر ئۈستىدە غەربىي خان ئانا بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلار خاتىرلەنگەن. جۇ پادىشاھى بىلەن خان ئانا كۆرۈشكەن جاينىڭ ھازىر قەيەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىلىم سەھەسىدە ھەر خىل گەپ-سۆزلەر مەۋجۇت. ئەمما بۇ ھۆججەتتىكى خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ ئالماشتۇرۇشى، كېچىككەندىمۇ غەربىي جۇ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مۇۋاڭ دەۋرىدىن باشلانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش ـــ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ، ھەتتا غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى مۇھاكىمە قىلىشنى مول ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    تېرىقنىڭ ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جايى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا تېرىقنىڭ ئون مىڭ يىل بۇرۇن بايقانلغانلىقى ۋە تارقالغانلىقى ئىسپاتلاندى.

    بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى تېرىق غەربىي ئاسىيادىن قېزىۋېلىنغان. شۇنىڭغا ئاساسەن خەلقئارا يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكىلەر «غەربىي ئاسىيالىقلار ئەڭ بۇرۇن تېرىق تېرىغان»، دەپ قارىغان. 2003-يىلى بېيجىڭدىكى دوڭخۇلىن خارابىلىقىدىن بۇنىڭدىن ئون مىڭ يىلنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئۆستۈرۈلگەن چۈژگۈن قوناق ۋە تېرىق بايقالغان بولۇپ، بۇ ئىككى خىل زىرائەتنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىمالىي جۇڭگو رايونىدىن كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى يەكۈننى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ناھايىتى مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك پاكىت بىلەن تەمىنلىدى.

    بۇنىڭدىن يەتتە-سەككىز مىڭ يىللار بۇرۇنقى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا ياشاۋاتقان ئەجدادلىرىمىز غەربىي يۇرت ئاھالىلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. تېرىق تەخمىنەن مۇشۇ ئالماشتۇرۇش مۇھىتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ئاھالىلەر تەرپىدىن ئۆستۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ مەزگىللەردە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئەجداتلار تەرىپىدىن «يىپەك» كەشىپ قىلىنغان ھەمدە يىپەك «شال»دىن ئىبارەت بۇ زىرائەتكە ئەگىشىپ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلارغا تارقالغان.

    رەڭلىك ساپالنىڭ تارقىلىش يۆنىلىشى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا رەڭلىك ساپال مەدەنىيىتىنىڭ غەربتىن كېلىش تەلىماتى ئاخىرلاشقان ۋە ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنىڭ رەڭلىك ساپاللىرى غەربكە كىرگەن، دېگەن يەكۈن چىقىرىلغان.

    1921-يىلى شىۋېتسىيە ئالىمى ج . گ . ئاندېرسون خېنەننىڭ ميەنچى ناھىيەسى ۋە ياڭشاۋ كەنتىدە تارىختىن بۇرۇنقى خارابىلىقلارنى قازغان. بۇ خارابىلىققا ئاساسەن ئۇنىڭغا «ياڭشاۋ مەدەنىيىتى» دەپ نام بەرگەن. ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، رەڭلىك ساپالغا، يەنى ساپال قاچىنىڭ تاشقى يۈزىگە چىرايلىق رەڭلىك سىزما رەسىم سىزىلغان. ج . گ . ئاندېرسون ئەينى يىلى ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنى بايقىغاندا ئۇنىڭ يىل دەۋرىنى چۈشىنەلمىگەنلىكتىن، ياڭشاۋ مەدەنىيىتىدىكى رەڭلىك ساپاللار غەربىي ئاسىيا رايۇنلىرىدىكى رەڭلىك ساپاللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن بارلىققا كەلگەن، دېگەن خاتا يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بۇنى جۇڭگونىڭ ئىپتىدائىي مەدەنىيىتىنىڭ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى قىلىۋالغان. بۇ رەڭلىك ساپال مەدەنىيىتىنىڭ غەربتىن كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىمات ھېسابلىنىدۇ.

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن جايدىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنىڭ خارابىلىقلىرى ۋە قەبرىستانلىقلىرىنى قېزىشتا يەر قاتلىمى ئىلمى ۋە تىپشۇناسلىق ئىلمى، بولۇپمۇ يىلنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۆلچەش نەتىجىسى ـــ ئۇنىڭ يىل دەۋرىنىڭ 7000 يىل ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن 6000 يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنى غەربىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ رەڭلىك ساپاللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يىل دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن ھەم ئۆز ئالدىغا سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەن، شۇڭا رەڭلىك ساپال مەدەنىيىتىنىڭ غەربتىن كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىمات پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.

    تەخمىنەن بۇنىڭدىن 5500 يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە سەنشى، شەنشى ۋە خېنەننىڭ چېگرىسىدىكى رايونلارغا جايلاشقان ياڭشاۋ دەۋرىدىكى ئىبادەتخانا مەدەنىيىتىنىڭ رەڭلىك ساپاللىرى ئەتراپىدىكى رايونلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، شەرقتە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى، شىمالدا خېتاۋ رايونىغا، جەنۇبتا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا، غەربتە گەنسۇ-چىڭخەي رايونىغا بارغىلى بولغان. ئۇنىڭ تەسىرىدە گەنسۇ-چىڭخەي رايونىدا ئۇششاق رەڭلىك ساپالنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان ماجاياۋ مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن. بۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىم روشەن ھالدا ئەتراپىدىكى رايونلارغا كېڭەيگەنلىكى، ئۇنىڭ يىل دەۋرى ۋە تېرىتۇررىيەسى بىلەن قەدىمكى تارىخىي رىۋايەتلەردىكى خۇاڭدې ۋە يەندى گۇرۇھى گۈللەنگەن دەۋر ۋە زېمىن بىلەن ماس كەلگەنلىكى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.

    بۇغداينىڭ تارقىلىشى

    بۇغداي ئەسلىدە غەربىي ئاسىيا رايۇنلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، 7000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. شىنجاڭنىڭ لوپنۇر كۆلىدىكى كىچىك دەريا قەبرىستانلىقى، چىڭخەينىڭ شەرقىي قىسمى، گەنسۇ رايونى ۋە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەنكى ئېقىنى رايونلىرىدىن، بۇنىڭدىن 4000 يىلدىن 4500 يىلغىچە بولغان خارابىلىقلاردىن بۇغداي قېزىۋېلىنغان. بۇنىڭدىن 3500 يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەنكى ئېقىنى رايونلىرىدا بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

    غەربىي ئاسىيانىڭ سېرىق كالىسى بىلەن قويىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان DNA نى ئانالىز قىلىش نەتىجىسى بارلىققا كەلدى.

    جوڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى رايونىدىن قېزىۋېلىنغان بىر قىسىم سېرىق كالا ۋە قوينىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ ئىچىدە ئەسلىدە غەربىي ئاسىيا رايونىدا بېقىلغان سېرىق كالا ۋە قوينىڭ DNA سى بايقالغان بولۇپ، بۇ ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ غەربىي ئاسىيا رايونلىرىدىن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئۇلار بەلكىم بۇغداي بىلەن بىللە «يىپەك يولى» ئارقىلىق خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا تارقالغان بولۇشى مۇمكىن.

    مىس ئېرىتىش ۋە تۆمۈر ئېرىتىش تېخنىكىسىنىڭ تارقىلىشى

    مىس ئېرىتىش تېخنىكىسى ئەڭ بۇرۇن غەربىي ئاسىيا رايونىدا كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 7000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. گەنسۇنىڭ دوڭشاڭدىكى لىنجا ۋە ماجاياۋ مەدەنىيىتى خارابىلىقىدىن تەخمىنەن 5000 يىل بولغان مىس ئورغاق قېزىۋېلىنغان بولۇپ، خېشى كارىدورىغا جايلاشقان سىبا مەدەنىيىتى خارابىلىقىدىن نۇرغۇن ئۇششاق سايمانلار ۋە زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق بىرونزا سايمانلار قېزىۋېلىنغان. بۇ ياۋگاۋ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان شەنشىنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى شاڭپېنتاۋ ئىبادەتىخانىسىدىكى تارىختىن بۇرۇنقى شەھەر خارابىلىقىدىن مىس قوڭغۇراق، مىس ھالقا ۋە مىستىن ئىشلەنگەن چاق شەكىللىك ئەسۋابلار ۋە بىرونزا قاچا قاتارلىقلارنىڭ كەمتۈكلىرى قېزىۋېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ يىل دەۋرىنىڭ بۇنىڭدىن 4100 يىلدىن 4300 يىلغىچە ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ قەدىمكى مىس ئېرىتىش تېخنىكىسى خېشى كارىدورى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقالغان بولۇشى مۇمكىن.

    تۆمۈر ئېرىتىش تېخنىكىسىمۇ ئەڭ بۇرۇن غەربىي ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئەڭ بۇرۇن مېتېئورت تۆمۈردىن پايدىلانغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1400 يىل ئىلگىرى خىتتىتىلار تۆمۈر رودىسى ئېرىتىپ تۆمۈر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ بولغان. ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1000 يىل ئىلگىرىكى ئۇششاق تۆمۈر ئەسۋابلار قېزىۋېلىنغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا ھازىرغىچە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 800 يىلنىڭ ئالدى-كەينىدىكى غەربىي جۇ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياسالغان ئەڭ بۇرۇنقى تۆمۈر ئەسۋابلار بايقالغان. تۆمۈر ئېرىتىش تېخنىكىسى غەربىي ئاسىيادىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئارقىلىق ئېلىمىزگە تارقىلىپ كىرگەن.

    4000 يىل بۇرۇن غەربىي يۇرتتا ياشىغان كىشىلەردىكى «ئاندىرونا مەدەنىيىتى»

    4000 ~ 3500 يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە شىمالىي رايونىدا ئولتۇراقلاشقان «ئاندىرو مەدەنىيىتى»نىڭ ئادەملىرى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى ۋە غەربىي ئاسىيا رايونىدىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاستىسىغا ئايلانغان، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلار ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاش تاختا قەبرىلەر توپى بۇ رايۇنلارغا كەڭ-كۆلەمدە جايلاشقان. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بايقالغان مۇشۇ دەۋردىكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان ئادەم ئۇستىخانلىرىدا، ياۋروپا ئىرقى ۋە موڭغۇل ئىرقىدىكىلەر بار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر قەبرىدە بىرلا ۋاقىتتا ياۋروپا ئىرقى ۋە موڭغۇل ئىرقىدىكىلەر بار ئىكەن. ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى نىكاھلىنىشتىن بەدەن ساپاسىنىڭ ئالاھىدىلىگى ۋە ئىرسىيەت گېنىدا ئارىلىشىپ كېتىش ھادىسىسى كېلىپ چىققان.

    قاشتېشى يولى ـــ شاڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ قاش تېشى ئەسۋابلىرى ئىچىدىكى خوتەن قاشتېشى

    شاڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاستانىسى ـــ يىن خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان قاشتېشى ئەسۋابلىرىنىڭ ئىچىدە چىڭخەي ۋە شىنجاڭ ۋادىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان خوتەن قاشتېشى بار بولۇپ، بۇ شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربتىن شەرققە قاشتېشى تۇشۇيدىغان قاشتېشى يولىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ يەنە بۇ مەزگىللەردىن باشلاپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ غەربىي يۇرت بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مېنىڭچە گەنسۇ-چىڭخەي رايونىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ شاڭ سۇلالىسى بىلەن ئالماشتۇرۇشى قويۇق بولغان قەدىمكى چاڭلار (تاڭغۇتلار) مۇھىم ۋاستىلىق رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.

    جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئېتى ۋە ئات ھارۋىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى سىر ـــ 3000 يىل بۇرۇن شىمالىي جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن ئات ھارۋىسىدۇر.

    شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاستانىسى ـــ يىن خارابىسىدىن ئون نەچچە ھارۋا قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئىككى ئات قوشۇلغان ھارۋۇ ۋە تۆت ئات قوشۇلغان ھارۋۇدىن ئىبارەت. ھارۋىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ لايىھەلىنىشى نىسبەتەن پىشىپ يېتىلگەن. بىراق كىشىنىڭ چۈشەنمەيدىغان يېرى شۇكى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇنقى خارابىلىقلاردىن ئاتلارنىڭ ئۇستىخانلىرى ۋە ئات ھارۋىسىنىڭ ئىزلىرى بايقالمىغان. شيا سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئاستانە ـــ ئەرلىتو خارابىسىنىڭ يول يۈزىدە گەرچە ھارۋا چاقىنىڭ بېسىشىدىن كېلىپ چىققان ھارۋىلارنىڭ ئىزلىرى بايقالغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى چاقنىڭ ئارىلىقى بىر مېتىر كېلىدۇ. بۇ يىن خارابىسىدىكى ئات ھارۋىسىنىڭ ئىككى چاقىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقنىڭ 2.4 مېتىر ئىكەنلىكى بىلەن ئوخشاش، شۇڭا بۇ ئات ھارۋىسى ئەمەس. شۇڭا نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ چېگرىسى ئىچىدە شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئات ھارۋۇسىنىڭ ئىزىدىن بالدۇر بولغان ئىز يوق، ئەمما رۇسىيەنىڭ كاۋكاز رايۇنىدىن غەربىي ئاسىياغىچە، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتلار ئىلگىرى ھارۋا كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، ئات ھارۋۇسى كېچىككەندىمۇ 3500 يىل بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان. ياۋروپا-ئاسىيا يايلاق رايونلىرىدىن شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئات ھارۋىسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئوخشايدىغان ئات ھارۋىسى بايقالغان. شۇڭا شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئات ھارۋىسى ياۋروپا-ئاسىيا يايلاق رايونلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

    ياۋروپا-ئاسىيا يايلىقى ئۇسلۇبىدىكى بىرونزا سايمانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ بېزىكىنىڭ تارقىلىشى

    ئېلىمىزدە ئىچكى موڭغۇلدىن گەنسۇغىچە، چىڭخەيدىن شىنجاڭغىچە بولغان رايۇنلاردىكى بۇنىڭدىن 3000 ~ 2400 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى قەبرىلەردىن ياۋروپا-ئاسىيا يايلىقى ئۇسلۇبىدىكى بىرونزا قورال-ياراغلار، سايمانلار، كۈچلۈك دەۋر ۋە يەرلىك ئۇسلۇبقا ئىگە ھايۋانلارنىڭ زىننەتلىرى خېلى كۆپ قېزىۋېلىنغان. ئۇنىڭ مەزمۇنى ياتقان بۇغا، ئۆرە تۇرغان قوي، ياۋايى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ شىددەت بىلەن ئېتىلغان ياكى ئات قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى چىشلىگەن كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت. بۇلار شۇ دەۋردىكى ياۋروپا-ئاسىيا يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ بىردەكلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ھۆججەتلىرىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ دەۋرلەردە ئۇيسۇن ۋە ياۋچى قاتارلىقلار غەربىي يۇرتنى جانلاندۇرغان. ئۇلار دەل بىرونزا سايمانلار ۋە قەبرىلەرنىڭ ئىگىلىرىدۇر.

    ئەينەكنىڭ تارقىلىشى

    ئەينەك ئەڭ بۇرۇن غەربىي ئاسىيا رايۇنىدا كەشىپ قىلىنغان. جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئەينەك ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قەبرىسىدە بايقالغان. ئەينەكنىڭ تەركىبى ناترىي-كالتسىي ئەينىكى بولۇپ، يىپەك يولى ئارقىلىق تارقىلىپ كىرگەن سىرتنىڭ بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.

    ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرى، ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە غەربىي ئاسىيانىڭ ئەينەك زىننەت بۇيۇملىرى بولغان «يىڭناغۇچ ئەينەك كۆزلەر» ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن سودا بۇيۇمى سۈپىتىدە، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا ئىمپورت قىلىنغان. ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئېلىمىز تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە غەربىي ئاسىيانىڭكىگە ئوخشايدىغان ئەينەك بۇيۇملارنى ياسىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن. بىراق ئۇنىڭ تەركىبى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان (مەسىلەن: قوغۇشۇن بارىي) ئەينەك مارجان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى غەربىي ئاسىيانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى بىلەن يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ئەينەكچىلىك ناھايىتى تېزلا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى بىلەن ماسلىشىپ، قاشتېشى ئەسۋاب (مەسىلەن: ئوتتۇرسىدا تۆشۈكى بار قاشتېشى) لىرى تەقلىدىي بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغان.

    يىپەك يولىدا شەرقتىن غەربكە ئېكسپورت قىلىنغان بۇيۇم بولغان جۇڭگو يىپەكلىرىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە غەربكە تارقىلىشى

    ئېلىمىزدە يىپەكچىلىكنىڭ قاچان باشلانغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. خېنەن ۋە شەنشىدىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتى خارابىسىدىن پىلە غوزىكى قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 6000 يىل بولغان، ئۇ قەدىمكى تارىخىي رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان خۇاڭدېنىڭ ئايالى لوزۇنىڭ «پىلە بېقىش ۋە يىپەك تارتىش»نى كەشىپ قىلغان يىللار بىلەن ماس كېلىدۇ. جېجياڭدىكى چيەنشاڭياڭ خارابىلىقىدىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4200 يىل بۇرۇنقى يىپەكلەر قېزىۋېلىنغان.

    «مۇتيەنزى تەزكىرىسى»دە: جۇ سۇلالىسى خانى مۇۋاڭنىڭ غەربىي خان ئانىغا يۈز گەز ئۇزۇنلۇقتىكى يىپەك، ئۈچ يۈز گەز ئۇزۇنلۇقتىكى × ھەدىيە قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. يىپەك گۈللۈك توقۇلما بۇيۇمنى كۆرسىتىدۇ، «گەز» تۇقۇغان رەختنىڭ بىرلىكى بولۇپ، بىر بۆلەك بىر گەزگە باراۋەر كېلىدۇ. دېمەك، جۇ سۇلالىسى خانى مۇۋاڭ غەربىي خان ئانىغا زور مىقداردىكى يىپەك توقۇلما بۇيۇملارنى ھەدىيە قىلغان. بۇ ھۆججەتلەردىكى خاتىرىلەر ئىچىدە يىپەك توقۇلما بۇيۇملارنى ھەدىيە قىلغانلىقىغا دائىر ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە ھېسابلىنىدۇ.

    ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ بۇ دەۋردىكى ئاقسۆڭەكلەر قەبرىسىدىن قەدىمكى زاماندىكى جۇڭگونىڭ سىپتا يىپەكلىرى قېزىۋېلىنغان. ئۇلار ئەلۋەتتە «يىپەك يولى» ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارغا توشۇلغان. يۇقۇرىدىكى بايانلار غەربىي ئاسىيادىن كەلگەن بۇيۇملانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ جۇڭگونىڭ يىپەكلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇلغانلىقى، سودا مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردە يىپەك قەدىمكى رىمغا تۇشۇلغان بولۇپ، رىملىقلار ئۇنى «سېرىس›› (serice) دەپ ئاتىغان. «Serice» دېگەن سۆز «يىپەك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دەسلەپتە رىملىقلار يىپەكنىڭ قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن، يىپەكنى يىراق دۇنيادىكى سېرىسلار (يىپەك ئېلىنىڭ ئادەملىرى) توقۇغان، دەپ قارىغان. ئۇلار سېرىسلاردىن يىراق جايدا، يەنە بىر سىرلىق دۆلەت (chine)نىڭ بارلىقىنى بىلگەن. «يىپەك» جۇڭگو بىلەن غەرب ئالماشتۇرغان تۇنجى تاۋار بولۇپ، ئەينى ۋاقتىدا يىپەك بىر خىل «بېزەك بۇيۇمى» ھېسابلانغان. ئۇ زىننەتلەشكە، سېلىنچىلارنى ئوراشقا، ئەڭ ئاخىرىدا كىيىم-كېچكلەرنى تىكىشكە ئىشلىتىلگەن. يىپەك بىلەن قوي يۇڭىنى سېلىشتۇرغاندا، يىپەك ئەۋرىشىم ۋە ئازادە بولغاچقا ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.

    خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇن «يىپەك يولى» بارلىققا كەلگەن

    خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇن يىپەك يولىنىڭ بارا-بارا بارلىققا كېلىشى ئارخېئولوگىيە ئارقىلىق بايقالدى. يىپەك يولىنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرى دەل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن دوستلۇق ئالاقىسى قىلغان يولى، ئۆزئارا ئۆگىنىش يولى ۋە ئورتاق راۋاجلىنىش يولى بولغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە كېلىشى بىلەن يىپەك يولى ئېچىلغان ئەمەس، بەلكى قەدىمكى شەرق بىلەن غەرپنىڭ ئالماشتۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقان. پارچە-پۇرات، ئۈزۈلۈپ قالغان ۋە كىچىك كۆلەمدىكى ئەل ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ـــ كەڭ كۆلەملىك، سىجىل، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار بىرلەشكەن ئالماشتۇرۇشقا ئۆزگەرگەن.

    «يىپەك يولى» دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش يولى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى يەرلىك ئىپتىدائىي مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئۆزىدىكى كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتتىن كەلگەن. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى، شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى جەريانىدا باشقا قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئامىللىرىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسىغا سىڭدۈرگەن. باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ زور بىر قىسمى «يىپەك يولى» ئارقىلىق كىرگەن. باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش جەريانىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ۋە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئۈزۈلمىگەن. بۇ جوڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى ۋە بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئارخېئولوگىيەدە ئىسپاتلانغان خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى يىپەك يولى

 ئالتاي تېغىدىكى بازلىق قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان يىپەك توقۇلما

ئارخېئولوگىيەدە ئىسپاتلانغان خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى يىپەك يولى

گەنسۇ ئۆلكىلىك مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان ماجاياۋ مەدەنىيىتىنىڭ ئايلانما سىزىقلىق ئاستى ئۇچلۇق لوڭقا

ئارخېئولوگىيەدە ئىسپاتلانغان خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى يىپەك يولى

شىنجاڭدىكى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ئاداق يېزىسىدىكى قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان ئۆرە تۇرغان بۇغا شەكىللىك مىس ئەينەك

    ئاپتور: ئىجتىمائىي پەنلەر ئەكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، جوڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى

    بۇ ماقالە ‹‹نۇر گېزىتى››نىڭ 14-دېكابىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

    تەرجىمان: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا

 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار