خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

دادىسىنى ‹‹ساتقان›› ئالدامچى تۈرمىگە يول ئالدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2014-10-04 14:45

 
دادىسىنى ‹‹ساتقان›› ئالدامچى تۈرمىگە يول ئالدى

2008-يىل ئىيۇلدا، سادىق ئېلى پۇل تېپىش مەقسىتىدە باشقىلار ئارقىلىق يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىدىغان يەن xx بىلەن تونۇشتى. ئۇ يەن xxكە گۆرۈگە قويىدىغان ئۆز نامىدىكى يەر-زېمىن بولمىغانلىقتىن، ئۆيىدىكى دادىسى ئېلى مەمەتنىڭ بۇرۇن كەنت سېكرىتارى بولغان ۋاقتىدا يەر-زېمىنى بار دېھقانلارغا تارقاتقاندا ئېشىپ قالغان، تولدۇرۇلمىغان ‹‹يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى››نى ئېلىپ چىقىپ ، ‹‹ ئۆز نامىمدا كەنتتە 289 مو تېرىلغۇ يېرىم بار›› دەپ كىنىشكىگە تولدۇرۇپ ، دادىسى ئىشلەتكەن تامغىنى بېسىپ يالغان گۇۋاھنامە ياساپ چىقىپ، ئاندىن زىيانلانغۇچى يەن xxxنى دادىسى ئېلى مەمەتنىڭ كەنتدىكى 144 مو تېرىلغۇ يېرىگە ئاپىرىپ، ‹‹مۇشۇ مېنىڭ 289 مو تېرىلغۇ يېرىم›› دەپ كۆرسەتتى. 2008-يىل 21-ئىيۇل ئۇ يەن xxنى كورلا شەھىرىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا باشلاپ ئاپىرىپ، يەن xx بىلەن ئۆز ئارا قەرز پۇل ئېلىش كېلىشىمنامىسى تۈزۈپ ، يەنxxxدىن 250 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنى ئالتە ئايلىق مۆھلەت بىلەن ئالدى. يەنxx بۇ 250 مىڭ يۈەن پۇلدىن 37 مىڭ500 يۈەن پۇلنى قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ ئالتە ئايلىق ئۆسۈمى سۈپىتىدە تۇتىۋېلىپ، 212 مىڭ 500 يۈەن يۈەن نەق پۇلنى سادىق ئېلىغا بەردى. سادىق ئېلى پۇلنى ئالغاندىن كېيىن باشقىلاردىكى قەرزلىرىنى قايتۇردى. قالغان ئېشىپ قالغان پۇلنى ئۆزىنىڭ خىراجىتىگە ئىشلىتىپ تۈگىتىۋەتتى. كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سادىق ئېلىنىڭ ھەققىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، توختامنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى يوق ئەھۋالدا باشقىلار بىلەن توختام تۈزۈپ، پۇلنى ئېلىۋالغان قىلمىشى توختام ئالدامچىلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قاراپ سادىق ئېلىنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار