‹‹ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش›› نى ‹‹نۆۋەتچىلىك قىلىش›› قا ئۆزگەرتىپ، ئىش ھەققى قوشۇپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ھادىسىسى
]‹‹ئەمگەك قانۇنى›› نىڭ بەلگىلىمىسى[ ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› نىڭ 44 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە ئەمگەكچىگە نورمال ئىش ۋاقتىدىكى ئىش ھەققىدىن يۇقىرى ھەق بېرىشى كېرەك: (1) ئەمگەكچىنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، بېرىلىدىغان ھەق شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ %150ىدىن تۆۋەن بولماسلىق؛ (2) دەم ئېلىش كۈنلىرى ئەمگەكچىلەرنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ بېرەلمىگەندە، بېرىلىدىغان ھەق شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ %200ىدىن تۆۋەن بولماسلىق؛ (3) ئەمگەكچىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىشلەتكەندە، بېرىلىدىغان ھەق شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ %300ىدىن تۆۋەن بولماسلىق.
]ئىجرا ئەمەلىيىتى[ ‹‹1 – ماي›› دىن بىر ھەپتە بۇرۇن، شاڭخەيدە مەمۇرىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خې خۇي ئىدارىسىنىڭ بايرامدا نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىشلەيدۇ، بىراق، ئۇنىڭغا ئىلگىرىكىدەكلا ھېچقانداق نۆۋەتچىلىك قىلىش ھەققى ياكى تولۇقلاپ دەم ئېلىش بېرىلمەيدۇ. ئۇ رەھبەرنى ئىزدەپ ئەھۋالنى ئېيتىدۇ، ئەمما رەھبەر ئۇنىڭغا: نۆۋەتچىلىك قىلىش ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئۇقۇم، دەيدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردە دەم ئالغۇسى بولسىمۇ دەم ئالالمايدۇ، يەنە كۆپ قىسىم كىشىلەر شەنبە كۈنى چوقۇم ئىشلەيدۇ، يەكشەنبە كۈنىمۇ ئىشلىمەسلىككە ھۆددە قىلالمايدۇ، ھەتتا قوش دەم ئېلىش كۈنىمۇ دەم ئالالمىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە ھېچقانداق ھەق ئالالمايدۇ.
]مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسى[ شاڭخەي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ چۈەنشىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش›› نى ‹‹نۆۋەتچىلىك قىلىش››قا ئايلاندۇرۇش كۆز بويامچىلىق قىلغانلىق. بەزى ئىش ئورۇنلىرىدا بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە نۆۋەتچىلىك قىلىش نورمال ئىش، بۇنىڭدا ئىدارە نۆۋەتچىلىك قىلىش پۇلى بېرىدۇ، مەسىلەن: ئامانلىق قوغدىغۇچى. ئەمما، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى نۆۋەتچىلىك قىلىش دەپ ئاتىۋېلىشقا بولمايدۇ. نۆۋەتچىلىك قىلىش بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنىڭ پەرقى ئىشلەش – ئىشلىمەسلىكتە، نۆۋەتچىلىك قىلغاندا ئەگەر ئەمگەكچى خىزمەت قىلغان بولسا، ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىلەرگە ھەسسىلەپ ھەق بېرىلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى سەۋەبلىك دەۋالىشىپ سوتقا چىقىدىغانلار ناھايىتى ئاز. كۆپ قىسىم ئەمگەكچىلەر ‹‹ئازغىنە پۇل›› ئۈچۈن رەھبەرلەرنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشنى، ‹‹تاماق قاچىسى››دىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئاز تاپشۇرغان ياكى تاپشۇرمىغاندا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كاپالەت پۇلى ئازلايدۇ
]‹‹ئەمگەك قانۇنى›› نىڭ بەلگىلىمىسى[ ‹‹ئەمگەك قانۇنى››نىڭ 70 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى تەسىس قىلىدۇ، ئەمگەكچىلەرنى ياشانغان، كېسەل بولغان، ئىش ئۈستىدە زەخىملەنگەن، ئىشسىز قالغان ۋە تۇغقان چاغلاردا ياردەم ۋە ئىقتىسادىي تولۇقلىمىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
72 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك.
]ئىجرا ئەمەلىيىتى[ ‹‹شىركەت ۋەيران بولغاندا بىز ئاندىن شىركەتنىڭ ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە سىناقتا ئىشلەش مەزگىلىمىزدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىمىزنى تاپشۇرمىغانلىقىنى ئۇقتۇق، شۇنىڭ بىلەن كاپالەت پۇلىمىزمۇ يوققا چىقىپتۇ.›› يېقىندا، خەينەن يۇمېي ئىچ كىيىم چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ شىركەتنىڭ 1000 غا يېقىن ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ 1992 – يىلىدىن 1996 – يىلىغىچە بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرمىغانلىقىنى بايقىغان. يۇمېي شىركىتى بۇنىڭغا، سىناق مەزگىلىدىكى خادىملارنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك ئادەم ئىشلىتىش پەرقى چوڭراق، يۆتكىلىشچان بولغاچقا بۇ پۇل تاپشۇرۇلمىغان، دەپ جاۋاب بەرگەن.
قىسمەن ئورۇنلار ۋە كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى كەينىگە سۈرۈش ياكى تاپشۇرماسلىق ئەھۋالى دائىم ئۇچرايدۇ، بۇ ‹‹خادىملارنىڭ ئىش ھەققىدىن سۇغۇرتا پۇلىنى ئاز تۇتۇپ، ئايلىق ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش›› تەك ساختا كۆرۈنۈشنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلغاندا خادىملارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە داۋالىنىش قاتارلىق كاپالەت پۇلى ئازلاپ، كەلگۈسى تۇرمۇشىغا يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلىدۇ.
]مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسى[ خەينەن ئۆلكىسى ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى يۈ گەنجۇ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى ۋاقتىدا تاپشۇرماسلىقى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋال، كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىگە سېلىشتۇرغاندا، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس. قىسمەن كارخانىلار ئادەم كۈچى تەننەرخىنى تېجەش ئۈچۈن، ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ، بەزىلىرى تېخى تاپشۇرمايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ھەر ئايدا تۇتۇلىدىغان سۇغۇرتا پۇلى ئازايغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ‹‹كۆپ تاپشۇرۇپ كۆپ ئېلىش›› پىرىنسىپى بويىچە، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش تەمىناتى ئازىيىپ كېتىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر زور زىيان تارتىدۇ.
ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھامىلىدار بولغاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ‹‹ئىلتىماس›› سۇنۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى توشماي تۇرۇپ مەجبۇرىي خىزمەتكە بېرىش
]‹‹ئەمگەك قانۇنى›› نىڭ بەلگىلىمىسى[ ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› نىڭ 58 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: دۆلەت ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارغا ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى يولغا قويىدۇ.
‹‹ئەمگەك قانۇنى›› نىڭ 62 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى 90 كۈندىن كەم بولمايدۇ.
]ئىجرا ئەمەلىيىتى[ يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسى گاۋيۇ شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ مۇنداق بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان: پەرزەنتلىك بولماقچى بولغان ئايال ئوقۇتقۇچىلار بىر مەۋسۇم بۇرۇن يازما ئىلتىماس سۇنۇپ، مەكتەپ مۇدىرى ئىمزا قويغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولۇشى كېرەك، بولمايدىكەن، نورمال تۇغۇت ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالمايلا قالماي، يەنە ئىلغارلىق نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ‹‹جازالاش›› تەدبىرى قوللىنىلىدۇ.
بۇ ئىش يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن توختىتىلغان بولسىمۇ، بىراق ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش بەس – مۇنازىرىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
]مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسى[ گەنسۇ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شيادې مۇنداق دېدى: تۇغۇت ھوقۇقى ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ھەم مۇھىم ئاساسىي ھوقۇقى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ تۈزۈمى قانۇن – بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلماسلىقى كېرەك، ھەرقانداق ‹‹خىزمەت ئېھتىياجى››، ‹‹ئىچكى جەھەتتىن بەلگىلەش›› ئارقىلىق ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت، تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە بالا ئېمىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش خاتا قىلمىشتۇر. قىسمەن ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى قانۇننى بىلمەي ۋە قانۇنغا رىئايە قىلماي، ئورۇنلارنىڭ ھوقۇقىنى نامۇۋاپىق كېڭەيتىدۇ. بۇنداق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تۈزىتىشتىن باشقا، ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار يەنە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ھوقۇقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
ئەمگەك توختامى بولمىسا، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى ئېتىراپ قىلىشتا نېمە كاپالەت بولىدۇ؟
]‹‹ئەمگەك قانۇنى›› نىڭ بەلگىلىمىسى[ ‹‹ئەمگەك قانۇنى››نىڭ 16 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەمگەك توختامى ئەمگەكچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان كېلىشىم. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا ئەمگەك توختامى تۈزۈش لازىم.
]ئىجرا ئەمەلىيىتى[ ياغاچچى تاڭ شىگۇي 2010 – يىلى 9 – ئايدا ئىش ئورنىدا يىقىلىپ يارىلانغان، كېيىن ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق 10 – دەرىجىلىك مېيىپ بولغانلىقى بېكىتىلگەن. خەينەن ئۆلكىلىك 2 – بىناكارلىق – قۇرۇلۇش شىركىتى ئۇنىڭغا 38 مىڭ يۈەن يارىلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىش دەخلى پۇلى ۋە مېيىپلىك تۆلەم پۇلى بەرگەن. بىراق، تاڭ شىگۇي ئۆزى بىلەن خەينەن 2 – بىناكارلىق – قۇرۇلۇش شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىي ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت، خەينەن 2 – بىناكارلىق – قۇرۇلۇش شىركىتى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى بويىچە 140 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم پۇلى بېرىشى كېرەك، دەپ سوتقا ئەرز سۇنغان.
ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى، خەينەن ئۆلكىلىك ئالىي سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكىدەك كېسىم چىقارغان: تاڭ شىگۇي ھۆددىگەر تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن ۋاقىتلىق ئىشچى بولغاچقا، ھۆددىگەر بىلەن ئادەم ياللاپ ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ، ئۇ خەينەن 2 – بىناكارلىق – قۇرۇلۇش شىركىتى بىلەن ھېچقانداق ئەمگەك توختامى تۈزمىگەچكە، ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش تۆلەم پۇلى ئېلىش سەۋەبى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
]مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسى[ جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىنستىتۇتى ئەمگەك مۇناسىۋىتى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى چياۋ جيەن مۇنداق دېدى: ئەمگەك توختامى تۈزۈش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بېكىتىش ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش تۆلىمىنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى ئالدىنقى تەرتىپ، بىناكارلىق ئىش ئورنىدىكى ئالاھىدە ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى ۋە بىناكارلىق شىركىتى تۈزۈمىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاجىز نۇقتا. ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئەگەر كارخانىلار ئادەم ئىشلىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا، ئەمگەك مۇناسىۋىتىدىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]