خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قانۇنسىز بىللە تۇرغان مەزگىلدە بىر تەرەپ ئۆلۈپ كەتسە، يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭ مىراسىغ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-11-23 00:26

 
قانۇنسىز بىللە تۇرغان مەزگىلدە بىر تەرەپ ئۆلۈپ كەتسە، يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلالامدۇ؟

مەلۇم ئەر بىلەن ئايال  2005-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ توي خېتى ئالماي قانۇنسىز بىللە تۇرغان. 2012-يىلى 7-ئايدا ئەر قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئايال ئەرنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلالامدۇ؟
 
 بۇ ئايال بۇ ئەرنىڭ مىراسىغا ۋارسىلىق قىلالمايدۇ. چۈنكى ئايال گەرچە بۇ ئەر بىلەن بىر قانچە يىل ئەر-خوتۇن نامىدا بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، نىكاھلىنىشنى تىزىملىتىپ توي خېتى ئالمىغان. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى نىكاھ قانۇنى> نى تەدبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (1)» نىڭ 5-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا: «1994-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى  <نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش نىزامى> ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ نىكاھلىنىشنىڭ ماھىيەتلىك شەرتىنى ھازىرلىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمسى دېلونى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا نىكاھلىنىشنى تولۇقلاپ تىزىملىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ نىكاھلىنىشنى تولۇقلاپ تىزىملاتمىغان بولسا، ئۆي تۇتۇش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ توي خېتى ئالماي ئەر-ئايال نامىدا قانچە ئۇزۇن بىرگە ئۆي تۇتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا بېرىپ نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمىغان بولسىلا، قانۇنسىز بىرگە ئۆي تۇتۇش ھىسابلىنىپ، نىكاھ مۇناسىۋىتى ھازىرلانمايدۇ. ئۆز-ئارا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار