خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىسا بولىدۇ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-10 00:45

 

توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىسا بولىدۇ


2001-يىلى 1- ئاينىڭ 4-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خىزمەتچىلەر نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىرلىشىپ تارقاتقان « ئاپتونوم رايون شەھەر-بازارلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغقان يوقلاش تەمىناتىغا دائىر مەسىلىلەرگە قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» تىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن : توي قىلمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر پرىنسىپ بويىچە يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىسا بولىدۇ، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى 20 كۈن بولىدۇ. ئەگەر خىزمەت ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن، مەزكۇر ئورۇن شۇ يىلى رۇخسەت بەرمىسە، ياكى ئىشچى-خىزمەتچى ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىككى يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىسا بولىدۇ، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى 45 كۈن بولىدۇ. توي قىلىپ بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىسا بولىدۇ، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى 30 كۈن بولىدۇ. دۆلەت بەلگىلىگەن تۆت يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىسا بولىدىغان تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىغا قارىغاندا، شىنجاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغقان يوقلاش قېتىم سانى كۆپرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئۇدا ئىشلىگەن خىزمەت ستاژى 20 يىلغا يەتكەنلەر ياكى يېشى 40 تىن ئاشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر پويىز ياكى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ تۇغقان يوقلاشقا بارسا، قاتتىق كارىۋاتلىق ئورۇن بېلىتى بىردەك ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ. ئەسلىدە تۇغقان يوقلاش شەرتى ھازىرلىمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر پېنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تۇغقان يوقلاش تەمىناتىدىن بەھىرلەنسە بولىدۇ.   تۇغقان يوقلاش ئوبيېكتى پەقەت ئاكا-ئۇكىسى، ئاچا-سىڭلىسى، قىز-ئوغۇللىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. يول خىراجىتى ئۈچۈن يوقلاش ئوبيېكتى ئارىسىدىكى بىرىنىڭ ئۇدۇل بارىدىغان، مۇۋاپىق يول لېنىيىسىنى ئاساس قىلغان پويىز، ماشىنا ۋە پاراخوت بېلىتى ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار