خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جىنايەت بېكىتىلگەن ئەمەلدارنىڭ قايتا ۋەزىپىدە ئولتۇرۇشى زادى نېمە سەۋەبتىن؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-05-09 12:50

 
جىنايەت بېكىتىلگەن ئەمەلدارنىڭ قايتا ۋەزىپىدە ئولتۇرۇشى زادى نېمە سەۋەبتىن؟

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ گۇشى ناھىيەسىدىكى ئىككى ئەمەلدار ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا يەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. لىكىن ئۇلار توساتتىن باشقا تون بىلەن يەنە باشقا ئورۇندا ۋەزىپىدە ئولتۇرۇپ ھەتتا داۋاملىق ئۆسكەن. ئۇنداقتا جىنايەت بىكىتىلگەن ئەمەلدارنىڭ قايتا ۋەزىپىدە ئولتۇرۇشى زادى نىمە سەۋەپتىن؟

بىرى يەرنى ھايىنىغا سېتىشقا قاتنىشىش جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپتىن جازا ئۆتەپ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن بۇ ناھىيەنىڭ يەر مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈپىتىدە قانۇن ئىجرا قىلغان؛ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن مەسىلىسى بار يەنە بىر ئەمەلدار، مەسىلىسى بار تۇرۇقلۇق يەنە ئۆستۈرۈلۈپ دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، بۇ خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى گۇشى ناھىيەسىدە ئۈچ كۈن ئىچىدە ئاشكارىلانغان ئىككى خەۋەر.

بۇ ئىككى خەۋەردىكى باش پىرژۇناسلارنىڭ بىرى گۇشى ناھىيەلىك دۆلەت زىمىن بايلىقى ئىدارىسىغا قاراشلىق شەھەر يەر مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جىخۇي، يەنە بىرى بولسا بۇ ناھىيەنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىى شۇشىن، بۇ ئىككەيلەن 2010-يىلىنىڭ ئالدىدا يەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما ھازىر تون ئالماشتۇرۇپ، يەنە باشقا ۋەزىپىدە ئولتۇرغان ھەتتا ئەمىلى ئۆسكەن.

6-ماي، گۇشى ناھىيەسى بۇ ناھىيەنىڭ دۆلەت زىمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈشىننى ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلاش قاراى چىقاردى. 4-ماي بۇ ناھىيە تېخى ئەمدىلا شەھەر يەر مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ جىخۇينىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان شۇنداقلا گۇشى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياڭ جىخۇي دېلوسىغا مەسئۇل سوتچى يەن چىيوۋنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىدى.

مۇخبىر 2010-يىلىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاقتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2010-يىلى 25-ماي يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھايىنىغا سېتىش جىنايىتى بىلەن بۇ ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى يەر مۈلۈك سودا مەركىزىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جىخۇيغا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، بەش يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھەمدە شۇنداقلا 100مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش ھۆكۈمى چىقارغانلىقى ئارقىدىن ياڭ جىجۇن 1-سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، يەنە شىنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە شىكايەت سۇنغانلىقى، خەلق سوت مەھكىمىسى 2010-يىلى 20-ئاۋغۇست ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قىلىش كىسىمى چىقارغانلىقىنى بايقىدى.

بىراق، جازا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كىيىن، ياڭ جىخۇينىڭ ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانماستىن، ئەكسىچە بۇ ناھىيەنىڭ يەر مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا يۆتكەلگەن.

بۇنىڭغا ئوخشاش، 6-ماي خېنەندىكى يەرلىك تاراتقۇلار يەنە گۇشى ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشتىن بىرسىنىڭلا يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ ناھىيەنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈشىن گۇشى ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى كان بايلىقى مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقى ئۈچۈن، 2010-يىلى 27-يانۋار گۇشى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنغان.

گەرچە سوت مەھكىمىسى جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ، لىكىن شۇشىن يەنىلا ئۆستۈرۈلگەن، ئالدى بىلەن ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا ئارقىدىن يەنە تېزلىكتە ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن، «مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇرلارنى جازالاش نىزامى»دىكى بەلگىمىلەرگە ئاساسەن، قانۇنغا، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇرلار مەمۇرىي ئورگان ئۆزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن بۇرۇن، قانۇن بويىچە جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان، ۋەزىپىسىدىن، خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان ۋە ياكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى، مەمۇرىي ئورگانلار ئۆتكۈزگەن قانۇنغا، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن جازا بىرىلىدۇ. مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇلارغا قانۇن بويىچە جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىرى خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ.

گۇشى ناھىيەسىدىكى پۇقرالار مۇنداق سوئال قويۇشتى: جازا ئۆتەش مەزگىلىدە يەنىلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتىغا ھۆكۈم قىلىنىپ يەنە داۋاملىق ئۆستۈرۈلگەن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قاتارلىق مەسىلىسى بار ئەمەلدارلار نىمە ئۈچۈن قايتا-قايتا مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ؟ ئەجىبا، بۇ ئۇلارغا خىزمەت كۆرسىتىپ جىنايىتىنى يۇيۇش پۇرسىتى بەرگەنلىكمۇ؟

بىر قىسىم تورداشلار، ياڭ جىخۇي، شۇشىنلارنى تاراتقۇلار ئاشكارىلىغاندىن كىيىنلا، يەرلىكنىڭ ناھايىتى تىزلار ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى بايقىدى، تورداشلار بۇنىڭغا بۇ يەردىكى جازا خۇددىي ئوت ئۆچۈرگەنلىك بىلەن ئوخشاش، قارىماقتا بۇ ئىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەندەك قىلىپ، تىزلىكتە ھەرىكەتكە كىلىپ، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ ئىككى ئىش 2010-يىلىلا يۈز بەرگەن، بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا، ئالاقىدار نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورۇنلىرى نىمە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايدۇ دەپ سوئال قويدى.

ياڭ جىخۇينىڭ جازا ئۆتەش مەزگىلىدە شەھەر يەر مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى ئۆتىگەنلىكى توغرىسىدا، گۇشى ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پەن جيايۈن چۈشەندۈرۈپ: ھىچكىم ئۇنىڭغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان قىلىنمىغان ياكى جازا بىرىلگەن بىرىلمىگەنلىكىنى بىلمەيدۇ دېدى. لىكىن ياڭ جىجۈننىڭ ھۆكۈمنامىسىدە گۇشى ناھىيەلىك دۆلەت زىمىن بايلىقى ئىدارىسى تەمىنلىگەن ئىسپات ماتىرىياللىرىنىڭ بارلىقى ئىنىق يېزىلغان.

ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇشىننىڭ مەسىلىسى بار تۇرۇپ ئۆستۈرۈلگەنلىكىگە قارىتا، گۇشى ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىنىڭ شۇجىسى يى جىنگۇاڭ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سوت مەھكىمىسىنىڭ شۈشىنغا چىقارغان ھۆكۈمنامىسى تېخى ئەمدىبىزنىڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىغا يەتكۈزۈلدى دېدى.

شۈشىن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۇنىڭ ئالدىدا راستىنلا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتىگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئىزچىل بۇنىڭغا قايىل بولماي، يۇقىرغا ئەرز قىلىپ، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ بولغانلىقى، لىكىن نەتىجىسىنىڭ ئىزچىل چىقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۈشىن چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى: مەن 2006-يىلىلا مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر ئىدىم، 2012-يىلى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدۈم، بۇ ئۆز دەرىجىسىدە يۆتكەش تۇرسا، قانداقسىكە توختىماي ئۆسۈش بولسۇن؟

خېنەن دۇڭلياڭ ئادۋۇكاتخانىسىنىڭ ئادۋۇكاتى شۈ شىياۋچىڭ مۇنداق دېدى: يەرنى ھايىنىغا ساتقان ياڭ جىخۇي ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان شۈشىن بولسۇن، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى ئەدلىيە تارماقلىرى جەزملەشتۈرگەن، ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇلارغا جازا بىرىشى كىرەك ئىدى، ئەمما گۇشى ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇلارنى يەنە داۋاملىق مۇھىم ئورۇنغا قويغان، بۇنداق قىلمىش قانۇنغا قىلىنغان بىھۆرمەتلىك، شۇنداقلا گۇشى ناھىيەسىنىڭ كادىلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەكشۈرۈش تۈزۈمىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار