ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ھادىسە كۆرۈلسە، تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
ھازىر ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىدىغانلار كۆپەيمەكتە. ئۆگىنىش جەريانىدا، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرمۇ كۆرۈلمەكتە. ئۇنداقتا بۇنداق ھادىسىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ئالدى بىلەن چوقۇم مۇنتىزىم شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىدە ئوقۇش كېرەك، ئەگەر مەشىق جەريانىدا ھادىسە كېلىپ چىقسا، ئۆگەنگۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى››نىڭ 12 – ماددا 2 – تارمىقىدا: ‹‹يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقاندا، ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى كۆرسىتىپ بەرگەن يول، ۋاقىت بويىچە مېڭىش كېرەك، يولدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشنى ئۆگىنىشتە مەشىق ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش، ئاپتوموبىلنى چوقۇم ئۆگەتكۈچى شوپۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەيدەش، مەشىق ئاپتوموبىلىغا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى ئولتۇرغۇزماسلىق كېرەك، ئۆگەنگۈچىلەر ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقاندا، قاتناش بىخەتەرلىكىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلسا ياكى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلسا، جاۋابكارلىقىنى ئۆگەتكۈچى شوپۇر ئۈستىگە ئالىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. چۈنكى ئۆگەنگۈچى قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت ھەرخىل مەسىلىلەرنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ. شۇڭا مەشىق جەريانىدا شوپۇرنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنىدۇ، بۇ چاغدا ئاپتوموبىل ئۆگەتكۈچى شوپۇرنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. بۇ جەرياندا قاتناش بىخەتەرلىكىگە خىلاپ ۋەقە سادىر بولسا، ئۆگەتكۈچى شوپۇر مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان دەپ قارىلىپ، كېلىپ چىققان جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىراق ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلەم دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››نىڭ 8 – ماددا 1 – تارمىقىدا: ‹‹قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، ئادەمنى زەخىملەندۈرۈپ قويسا، شۇ قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. دېمەك ئۆگەتكۈچى شوپۇر شوپۇرلۇق مەكتىپىگە ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، بۇ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى شوپۇرلۇق مەكتىپى ئۈستىگە ئالىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]