خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيىتىپ قۇرامىغا يەت

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ساۋاقداش2012-08-26 10:05

 

 قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيىتىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى !
 
1 – مەزمۇن : نىمە ئۈچۈن قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قۇيىمىز ۋە كۈچەيتىمىز؟
2 – مەزمۇن : نىمەن ئۈچۈن ياش – ئۆسمۈرلەردە جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىللىرى سادىر بۇلىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش شەكىللىرى قانداق بۇلىدۇ ؟
3– مەزمۇن : قانداق قىلغاندا ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ ؟
    1 – مەزمۇن : نىمە ئۈچۈن قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قۇيىمىز ۋە كۈچەيتىمىز؟
   يولداشلار بىزىگە مەلۇم ، قانۇن ئارقلىق مەكتەپ باشقۇرۇش بىلەن ئەخلاق ئارقلىق مەكتەپ باشقۇرۇش بىر خەلقئارالىق چوڭ ئېقىم بۇلۇپ كۆپ سانلىق دۆلەتلەر بۇخىل باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا ۋە مۇكەممەللەشتۇرمەكتە. چۈنكى قانۇن ئارقلىق باشقۇرۇش شۇ دۆلەتىتىكى كەڭ خەلق ئاممسىنىڭ ئىرادىسىنى ئاساسەن ئىپادىلىگەن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئادىللىققا ئىگە بۇلىدۇ ۋە پۇقرالار قوللايدۇ ، رىئايە قىلدۇ . شۇڭا ھازىر قانۇن ئارقلىق دۆلەت باشقۇرۇشقا ھەر قايسى دۆلەتلەر يۈرۈش قىلماقتا ھەمدە قانۇنىنى يۇقىرى بېسىملىق توك دەپ ئاتاشماقتا .بۇ قانۇنىنىڭ كىشلەر قەلبىدە مۇقەددەس ئورۇنى ئىگەللىگەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ . ئىلگىرى مەملىكىتىمىز دۇنيادا خېلى بۇرۇنلا قانۇن ئارقلىق تۈرلۈك مەسلىلەرنى ھەل قىلىشنى يولغا قويىغان دۆلەت بولسىمۇ تۈزگەن قانۇنىلار ھۆكمىران سىنپلارنىڭ ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ كەڭ خەلىقىنىڭ ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرمىگەن ، خەلىقىنىڭ مەنپەتىنى قوغدىيالمىغانلقى ئۈچۈن ئادىللىققا ۋە جانلىقلىققا ئىگە بولالمىغان ھەمدە خەلق ئىشەنمىگەن ئىدى، ھەم دۆلەتىنىڭ قانۇن ئاساسىمۇ ئىنتايىن ئاجىز ئىدى . مەملكىتىمىز ئازات بۇلۇپ جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كيىن كەڭ خەلق ئاممسىنىڭ رايىنى سىناش ، پىكىر ئېلىش ئارقلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسى قانۇنى » نى ھۇجۇدقا چىقىرىپ ۋە بۇ ئاساستا 300 دىن ئارتوق قانۇن نىزام تۈزۈپ ئەملىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقلىق ئادىللىقى ئىسپاتلىنىپ كەڭ خەلق ئاممسىنىڭ قوللىىشغا ، ئىتىراپ قىلىشغا ئىرشىتى . دۆلەتىنى سىياسەت ئارقلىق باشقۇرۇشتىن « قانۇن بىلەن ئەخلاقىنى بىرلەشتۇرۇپ باشقۇرۇش » قا تەرەقىقى قىلىپ تۈرلۈك خىزمەتلەر قانۇنى ئاساسىقا ئىگە قىلىنىپ خەلقئارالىق تۈرلۈك مەسىلىلەر قانۇن ئاساسىدا ھەل قىلىنىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى قانۇن ئارقلىق ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ئاساسىمىز تىكلەندى ۋە خەلقئارانىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىتى .
  ئەمما تارىخى ۋە جۇغراپىيلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەملكىتىمزىنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىنىڭ ئىختىساد ، مەدەنىيەت تەرەققىياتى تەكىشىسز بولغانلىقى ئۈچۈن كىشلەرنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشى ، قانۇن ئارقلىق ئۈزىنى قوغداش ئېڭىدە بەلگىلىك پەرقلەر مەۋجۇت بۇلۇپ قانۇنىغا قەستەن خىلاپلىق قىلىش، قانۇنىنى بىلىمەي قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ قۇيۇش ئەھۋاللىرى ھېلى ھەم ساقلانماقتا . بۇلۇپىمۇ قۇرامىغا يەتمىگەن ياش – ئۆسمۈرلەر ئىچىدە كۆپ بولماقتا . يەنى ئىسلاھات – ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن سوتسىيالىسىتك بازار ئىگلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەقىقى قىلشى جەرىياندا ياش – ئۆسمۈرلەر شەخسى مەنپەتكە بىرىلىش ۋە چەتئەلىنىڭ مەدەنىيتىنى ئۆز پېتى كۈچۈرۈپ قۇبۇل قىلىش . بۇرجىئازىيىچە ئەركىنلىشىش خاھىشىنى يۇقتۇرۋېلىش ئەھۋاللىرى گەۋدىلىنىپ ياش – ئۆسمۈرلەر ئىچىدە قانۇنغا خىلاپلىق قلىش قىلىمشلىرى كىشىنى چۈچىتىدىغان دەرىجىگە بىرىپ يەتتى . شۇڭا دۆلىتىمىز مەملىكىتمىزىدىكى 400 مىليۇندىن ئارتۇق ياش – ئۆسمۈرنىڭ ھۇقۇق – مەنپەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 1999 – يىلى ۋە       - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ھۇقۇق – مەنپەتىنى قوغداش قانۇنى ۋە ياش ئۆسمۈرلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ئارقا – ئارقىدىن ئىلان قىلىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تۇلدۇرۇپ كەڭ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق – مەنپەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى ھەمدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدى ئېلىندى . جەمىيەت ئامانلىقى زور دەرىجىدە ياخشلىنىپ خەلق خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈردىغان ، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرشىنى ئويلايدىغان تەرەققىيات ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قۇشىدىغان بولدى . دۆلەتىنىڭ سوتسىيالسىتىك قۇرلۇشىنىڭ قۇرغۇچىللىرى ۋە ئۈمىدى بولغان ياش – ئۆسمۈرلەردىن خاتىرجەم بولدى . بۇنىڭ بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسى قانۇن ئارقلىق باشقۇرۇش بىلەن ئەخلاق ئارقلىق باشقۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيتنى تۇنۇپ يىتىپ قانۇن ئارقلىق ھاكمىيەت يۈرگۈزشىنى قوللىدى . قانۇن ئارقلىق باشقۇرۇشنىڭ ئادىللىقىنى چۇڭقۇر تۇنۇپ يەتتى .
   دىمەك ، قانۇن ئېڭىمىزنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ قانۇن ئارقلىق باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ قانۇنىغا تايانغاندا جەمىيەت ئامانلىقى ۋە سىياسى مۇقۇملۇق كاپالەتكە ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن سوتسىيالسىتك ئىناق جەمىيەت قۇرۇش نىشانىمزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز . شۇڭا قانۇن ئارقلىق باشقۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم .
 2 – مەزمۇن : نىمە ئۈچۈن ياش – ئۆسمۈرلەردە جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرى يۈز بىرىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش شەكىللىرى قانداق ؟
ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ياش باسقۇچىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ كىشلىك تۇرمۇش قارشى دۇنيا قارىشى ، قىممەت قارىشى ، دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىۋاتقان مۇھىم باسقۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھەممە نەرسىگە قىزىقىش ھسىياتدا بۇلىدۇ . ياكى بىلە – بىلمەي بەزى بولمىغۇر ئىشلارنى ۋە قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ قۇيىدۇ . مەسلەن : كىنولاردىكى چامباشچىلارنى ئۈلگە قىلىپ ساۋاقداشلىرنى ئۇرۇپ ياردار قىلىپ قۇيىدىغان ، باشقلارنىڭ دەپتەر ، قەلەم ۋە باشقا نەرسىللىرنى ئۇغۇرلىۋالىدىغان ، باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ، ساۋاقداشلىرى بىلەن گوروھ بۇلۇپ مۇشتلىشىش ، قەستەن قاتىللىق قىلىش ، بۇلاڭچىلىق قىلىش ، زەھەرلىك بۇيۇنلارنى ئېلىپ يۈرۈش ياكى سېتىش ، ئوت قۇيۇش ، پارتىلىتىش ، زەھەر سېلىش ، باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ئادەم ئالداش قاتارلىق قانۇنىغا خىلاپ قىلىمىشلارنى سادىر قىلىدۇ .
 يەنە دەرسكە كىچىكىش ، مەكتەپىتىن قېچىش ، ئائىلىىسگە قايتماسلىق ، باشقلارنىڭ نەرسە كىرەكلىرىنى بۇزۋىتىش ، باشىقلاردىن پۇل – مال تەلەپ قىلىش ، بورىت ئويناش ، شەكلى ئۆزگەرگەن قىمار ئويناش ، شەھۋانىيلىق تەسۋىرلەنگەن ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى كۈرۈش ، ئاڭلاش ، ياش – ئۆسمۈرلەر كىرىشكە بولمايدىغان كەچلىك بەزمىخانىلارغا كىرىش ، تاماكا چىكىش ، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ناچار قىلىمشلارنىمۇ سادىر قىلىپ قۇيىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممسى ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسنىڭ تارلىقى ، پىشىپ يىتلىمگەنلىكىنىڭ ئىپادىسدۇر . بۇ مەسلىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا مەسلىنىڭ ئېغىر – يىنكىلىكىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش يىنىك بولسا تۈزۈتۈش تەكلىپىنى بىرىش ، ئوتتۇرھال بولسا تەنقىد – تەربىيە بىرىش ، ساۋاقداشلار ئالدىدا ئۆزىنى تەكشۈرتۈش ، ئېغىر بولسا قانۇن ئۇرۇنلىرىغا يوللاپ بىر تەرەپ قىلىش كىرەك . ياش – ئۆسمۈرلەردە ئاشۇنداق ئالاھىدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىدا 16 ياشىنى ئۆلچەم قىلىپ جىنايەت بىكىتكەن . شۇڭا بىز ياش – ئۆسمۈرلەرنى لاياقەتلىك ئىز باسار بولسىكەن دەيدىكەنمىز تەربىيىنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئېلىپ بىرىشىمىز . ئۇلارغا نىمىنىڭ ھەق ، نىمىنىڭ ناھەق ، نىمىنىڭ توغرا ، نىمىنىڭ خاتالىقىنى قانداق ئىشلارنىڭ قانۇنىغا خىلاپ قانداق ئىشلارنىڭ خىلاپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇرىشمىز زۈرۈر .
    3 – مەزمۇن : قانداق قىلىغاندا ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئالىغلى بۇلىدۇ ؟
 ھەممىزىگە مەلۇم ياش – ئۆسمۈرلەر بەزىدە قانۇن – تۈزۈمگە خىلاپ ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ قلىدۇ . بەزىدە بىلمەي قىلىدۇ . قانداقلىكى بولمىسۇن ئاقىۋىتىنى بەك ئويلىشىپ كەتمەيدۇ . ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتى سۈرۈشتۈرۈلگەندە قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ . بۇندىن كيىن تۈزۈتىدىغانلىقىنى تەكرار – تەكرار ئېيىتىدۇ . بۇ يۇقىردا دەپ ئۈتۈلگەندەك ئۇلارنىڭ پىسخلوگىيلىك ئالاھىدىلىكى .ئەمما بىز بۇ ئىشلارنى پىسخلوگيىلىك ئالاھىدىلىكى ، تۈزىتىدۇ دەپ قۇيۇپ بەرسەك ئەگىرى يۈنىلىشتە ئۆسكەن دەرەخ چوڭ بولغاندا دوڭغاق بۇلۇپ قالغاندەك ئۇلارنىڭ ئىدىيسى ساغلام بولماي قالىدۇ – دە ، پارتىيە ، ھۈكۈمەت ۋە كەڭ خەلق ئاممسى ئاتا – ئانسى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان ھەتتا ئائىلىسىگە،جەمىيەتكە بالايى- ئاپەت ئېلىپ كىلىدىغان جەمىيەت داشىقلى بۇلۇپ چىقىدۇ .
ياشلار-ئۆسمۇرلەر ئۆسۇپ يىتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقتىن جىسمانىي جەھەتتىن پىشىپ يىتىلمىگەن بولىدۇ ھەم نىسبەتەن تۇراقسىز كىلىدۇ، ئۇلارنىڭ جىنايەت يولىغا مىڭىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش- ئالالماسلىقىنىڭ ئاچقۇچى ئۇلارنى قانداق يىتەكلەشتە. بۇ خىل يىتەكلەش دەل تەربىيە خىزمىتىدۇر.
جىنايەت جەمىئىيەتنىڭ مەھسۇلى شۇنداقلا قىلمىش سادىر قىلغۇچىلارنىڭ سوبىكتىپ ئېڭىنىڭ ئىنكاسى، ئادەمنىڭ قىلمىشى پىسخىكىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى جىنايەت ئۆتكۇزۇش ئامىللىرىنى تۇگەتكەندىلا ئاندىن جىنايەت پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلالايمىز.
ئاساس يارىتىش باسقۇچىدا تۇرغان ياشلار-ئۆسمۇرلەر ئەقىل جەھەتتىن تېخى مۇكەممەل يىتىلمىگەن بولىدۇ. ئۇلاردا ھەق-ناھەقنى ئايرىش ۋە ئۆز قىلمىشىنى كونتىرۇل قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ، جەمىئىيەتتىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئاساس ئۇچراپ جىنايەت ئۆتكۇزۇش خاھىشى پەيدا بولىدۇ.
شۇڭا ياشلار-ئۆسمۇرلەرگە قارىتا جىنايەت ئۆتكۇزۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەربىيىسىنى ئېلىپ بىرىشتا ئىش بولسىلا شۇ ئىشنىلا تەكىتلەپ قويماستىن بەلكى مەسىلىنىڭ تۈپ نىگىزىنى تىپىپ، تەربىيىسىنى شۇنىڭدىن باشلاپ تۇتۇپ،ئۇلارنىڭ كىشلىك تورمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى، تارىخ قارىشىنى يىتىلدۇرۇش توپ چارە ھىسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۇچۇن بۇنىڭدا ياشلار-ئۆسمۇرلەرگە قارىتا غايە، ئەخلاق، قانۇن-تۈزۈم، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە كوللىكتىۋىزىملىق تەربىيىسى ئىلىپ بىرىش ئاساسى مەزمۇن قىلىشى كىرەك.
بۇ خىل تەربىيىنىڭ ئاساسى مەقسىتى ياشلار-ئۆسمۇرلەرنى توغرا دۇنيا قاراش تىكلەش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش، دۆلەت قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش،ۋەتەننى سۆيۇش، كوللىكتىپنى سۆيۇش، سوتسىيالىزىمنى سۆيۇش، دۆلەت ۋە كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۇزىدىغان ياكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.
بۇنىڭدىن سىرىت، ياشلار-ئۆسمۇرلەرگە جىنايەت ئۆتكۇزۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش بۇيىچە مەخسۇس تەربىيە ئىلىپ بىرىشمۇ ئىنتايىن زۆرۇر.
چۇنكى جىنايەت بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر تارىخى ئارقا كۆرۇنۇشى ۋە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي سەۋەبى بار. ئىجتىمائىي خەۋىپى ناھايىتى زور. ئۇنىڭغا قارىتا ئىنىق تونۇش ھاسىل قىلغاندىلا يىتەرلىك ھۇشيارلىققا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ياشلار-ئۆسمۇرلەر بەلگىلىك تەھلىل قىلىش ۋە پەرقلەندۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقتىن ئۇلارغا مۇشۇ جەھەتتىكى تەربيىنى ئېلىپ بىرىش مۇۋاپىق كىلىدۇ. بۇ خىل تەربىيە ئۇلارغا جىنايەت ئۆتكۇزسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپلا قالماي بەلكى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى قانۇنغا خىلاپ ئىشلاردىن ئاڭلىق ساقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ياشلار-ئۆسمۇرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۇزۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەربىيىسىنىڭ مەقسىتى ـــــــ تەربىيە ئارقىلىق ياشلار-ئۆسمۇرلەرنىڭ قانۇن قارىشىنى ئۆستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلىمىشىنىڭ خەۋىپىنى ۋە ئۇستىگە ئالىدىغان قانۇن-جاۋاپكارلىقىنى بىلىش، ئالدىنى ئېلىش ئىڭىنى تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۇچۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي روھى ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۇرۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ياخشى ئەخلاقى-پەزىلەت يىتىلدۇرۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۇزۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن ئائىلە، مەكتەپ، جەمىئىيەت ئۇچ تەربىيىسىنى زىچ بىرلەشتۇرۇش كىرەك.
1.ئائىلە تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بىرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۇزۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.
1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ۋەسسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تۆۋەندىكى ناچار قىلمىشلاردا بولماسلىقى ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بىرىشى كىرەك.
① سەۋەپسىز دەرستىن قىلىش، كىچىسى ئائىلىسىگە قايتماسلىق.
② باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايماننى ئىلىپ يۈرۈش.
③ مۇشتىلىشىش، باشقىلارنى ھاقارەتلەش، تىللاش.
④ باشقىلارنى پۇل-مال بىرىشكە قىستاش.
⑤ پۇل-مالنى ئوغۇرلاش، قەستەن بۇزۇۋىتىش.
⑥ قىمارغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارغا قاتنىشىش.
⑦ ئىشقىۋازلىق، شەھۋانىلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئۈن-سىن ھاسىلاتى، ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلارنى كۆرۇش، ئاڭلاش.
2) ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سەۋەپسىز دەرستىن قالسا، مەكتەپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسيىسى بىلەن ئالاقىلىشىش كىرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئۆز مەيلىچە سىرتقا چىقىپ كىتىپ كىچىسى ئۆيگە قايتمىغانلارنى ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسيلىرى شۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان مەكتەپ بىلەن ئالاقلىشىپ ئىزدىشى، ج خ ئورگىنىدىن ياردەم سورىشى كىرەك.
3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسيلىرى ئۇلارغا تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك ھەققىدە تەربىيە بىرىش كىرەك.
4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسيلىرى ئۇلارغا ناچار قىلىمىشلارنى قىلىدىغان شايكا ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقانلىقىنى سەزگەندە ۋاقتىدا توسۇش ياكى شۇ شايكىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى بارلىقىنى سەزگەندە ج خ ئورگارنلىرىغا دوكلات قىلىش كىرەك.
5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسيلىرى ئۇلارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۇزۇشكە كۇشكۇرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلارنى سەزگەندە ج خ ئورگارنلىرىغا مەلۇم قىلىشى، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللۇنۇپ، ئۇنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش كىرەك.
6) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسيلىرى 16 ياشقا توشمىغانلارنىڭ ھامىيىسىدىن ئايرىلىپ ئايرىپ تۇرۇشقا يول قويماسلىقى كىرەك.
7) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسيلىرى ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۋەتمەسلىكىنى ئۆيدىن چىقىپ كىتىشكە مەجبۇرلاپ، ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچمەسلىكى لازىم.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۆيدىن چىقىپ كەنكەندە ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسيلىرى ۋاقتىدا ئىزدىشى، ج خ ئورگىنىدىن ياردەم سورىشى كىرەك.
8) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسا ئاجراشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ،قايسى بىر تەرپنىڭ ئاجراشقانلىق تۇپەيلىدىن پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا يول قۇيۇلمايدۇ.
9) ئۆگەي ئاتا-ئانا، باققان ئاتا-ئانا ئۆزى بىقىپ تەربىيلىگەن قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆگەي پەرزنتلىرى، باققان پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۇزۇشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەربىيىسىنى كۇچەيتىش كىرەك.
2.مەكتەپتە ئالدىنى ئىلىش.
1) مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر جىنايەت ئۆتكۇزۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەربىيسىنى قانۇنچىلىق تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنى سۈپىتىدە مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۇزۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە كۆپ يۈز بىرىدىغان جىنايەتكە بىرلەشتۇرۇپ ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەققىدە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەربىيە بىرىش كىرەك.
2) مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۇزۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەربىيىسى، ئاساس مەزمۇن قىلغان پائالىيەتلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۇرۇپ ئېلىپ بىرىش كىرەك.
3) مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ناچار قىلىمىش بارلىرىنى تەربىيلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۇچەيتىشى كىرەك. ئۇلارنى ھەرگىزمۇ كەمسىتمەسلىكى، ئۇلارنى ئارىغا ئالماي يالغۇز قالدۇرۇشتىن ساقلىنىش كىرەك.
4) مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر لېكسىيە، سۆھبەت، تەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۇزۇپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى فىزولوگىيلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياخشى، ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۇلارنىڭ ناچار قىلىمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى ۋە تۇزىتىشى كىرەك.
5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ناچار قىلىمىش سادىر قىلىشقا كۇشكۇرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغان ياكى پەزىلىتى ناچار-تەسىرى يامان-مەكتەپتە ئىشلەشكە باب كەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى-خىزمەتىچلەرنى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى، مەكتەپلەر خىزمەتتىن بوشىتىشى ياكى چېكىندۇرۇشى جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى قانۇن بۇيىچە سۇرۇشتۇرۇش كىرەك.
مەكتەپلەر دۆلەتىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى ، ئەقلى ، جىسمانى ، گۈزەللىك جەھەتلەردىن تەربىيە بىرىشى ، ئىجىتمائى تۇرمۇشىغا يىتەكچلىك قىلىشى ۋە ياشلىق باھارى تەربىيسى ئېلىپ بىرىشى لازىم دەپ بەلگىلەنگەن بۇلۇپ مەكتەپلەر ئۇقۇغۇچىلارغا كۈينىشى ، ئاسىرىشى ، ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتە كەمچىلىكى بولغان ، ئۈگۈنۈشتە ئارقىدا قالغان ، قېيىنچلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارغا سەۋرىچانلىق بىلەن تەربىيە بىرىشى ، ياردەم بىرىش ، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى لازىم .
مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتىمىگەن ئۇقۇغۇچىلارىنىڭ تەربىيە ئېلىش ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى خالىغانچە مەكتەپتىن چىقىرۋەتمەسلىكى كىرەك . مائارىپ سىپىمىزىدىكى كۆپ ساندىكى ئۇقۇتقۇچىلار مەخسۇس پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پىسىخىك خاراكىتىرنى چۈشۈنۈپ ئۇلارغا ماس بولغان ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۇلارغا يېقىن تۇرۇپ ئۈگنىش ، تۈرمۈش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بۇلۇپ ئۇلارغا ھەقىقى كۈيۈنۈپ بىلىم بىرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما غەيرى سىفەن مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىغا سەپلىنىشى نەتىجىسىدە مائارىپ سىپىمىزدە بىر قىسىم ناچار كەيىپىيات ، ناچار قىلىمشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ . يەنى ، ياش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيسى ۋە كومپىيۇتىر سەۋىيسى يۇقىرى بولسىمۇ ئۇلار مەخسۇس پىداگوگىكا مەكتەپلىردە تەربىيلەنمىگەن بولغاچقا ئۇقۇغۇچىلارنى ھەقىقى كۈزىتەلمەيدىغان ، ئۇلارنىڭ پىسىخىك ئالاھىدىلكىنى ئىگەللىيەلمەيدىغان ، ئۇلارنى دەرسىكە قىزىقتۇرالمايدىغان ، دەرسخانىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئەھۋاللارغا توغرا تاقابىل تۇرالمايدىغان ئۇقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ئۇلارنىڭ غۇرورىغا تىگىدىغان ، تەن جازاسى بىرىدىغان شۇنىڭ بىلەن ئۇقۇغۇچىلاردا ئۇقۇتقۇچىلارغا قارىتا قارشىلىش پىسخىكىسى يىتىلىپ قېلىش ، مەكتەپتىن بىزار بۇلۇش ، دەرس ئاڭلىغۇسى كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىۋاتىدۇ . شۇ سەۋەپىتىن ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدا ئائىلىسىدە مەكتەپكە بارىمەن دەپ چىقىپ باشقا جايلاردا لاغايلاپ يۈرۈپ مەكتەپكە كەلمەيدىغان ، پۇرسەت تاپسلا مەكتەپتىن قاچىدىغان ھەتتا يۇرۇتتىن چىقىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار ساقلىنۋاتىدۇ . يۇقىرىدىكى سەۋەنلىكلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە پۈتۈنلەي ئۇقۇتقۇچى سەۋەپچى دەپ قاراپ كەتكىلى بولمىسىمۇ يەنى ئۆزىمىزنى قايىتا – قايىتا ئوپراتسىيە قىلىشمىزغا ، ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت ئسىتلىمىز ئۈسىتدە ئويلىنىشمىزغا توغرا كىلىدۇ . ئۇندىن باشقا بىزىنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە  
9 – 10 يىل ئۇقۇپ ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن جەمىيەتكە قايىتقان بىر قسىىم ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدا دۆلەتىنىڭ تۈرلۈك قانۇن – تۈزۈملىرىگە بويسۇنمايدىغان ، خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۈتكۈزدىغان ئەھۋاللار ساقلىنىۋاتىدۇ . ئۇلار ئۆتكۈزگەن جىىنايەتىنىڭ خاراكىتىرى قانداق بۇلىشى ، زىيىنى ئېغىر – يىنىك بۇلىشىدىن قەتىئى نەزەر ئۇلار قانۇن – ئىنتىزامغا ، تۈرلۈك بەلگىلىمە سىياسەتلەرگە خىلاپلىق قىلىغان ئىكەن چۇقۇم بۇنىڭدىمۇ مەكتەپىنىڭ ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار . بىز ئۇقۇغۇچىلارغا ھەقىقى يۈزلىنىپ ئۇلارنىڭ پىسىخىك ئالاھىدىلىكىنى تۇلۇق ئىگەللەپ ، ئۇلارغا سىياسى ئىدىيۋى تەربىيە ۋە ئەخلاق پەزىلەت تەربىيىسى، ھەق – ناھەق تەربىيسىنى ياخشى سېڭدۇرەلىگەن ، ئۇلارنىڭ قانۇن – تۈزۈم ئېڭىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ھەق – ناھەق قارىشىنى تىكلىشىگە توغرا دۇنيا قاراش تىكلىشىگە ، ياخشى ئەخلاقى پەزىلەت يىتلدۈرۈشىگە ئاساس سالالىغان بولساق بەلكىم جەمىيتىىمىزدىكى تۈرلۈك قانۇنىغا خىلاپ ھەركەتلەر يۈز بەرمىگەن ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بۇلاتتى .
   بىز دۆلەتىنى قانۇن ئارقلىق باشقۇرۇش بىلەن ئەخلاق ئارقلىق باشقۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ قانۇن ئېڭىمىزنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەيدىكەنمىز ، چۇقۇم ھەر قايسى مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىللىرنىڭ ئۇقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىللىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرىنىڭ مەكتەپتە تەربىيلىيشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلىشىمىز لازىم . بۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى بەلگىلىملەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىشمىز زۆرۈر . يەنى ، مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىللىرنىڭ ئۇقۇتقۇچى ، ئىشىچى – خىزمەتچىللىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشلىك ئىززەت – غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ، ئۇقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى بىرىشكە ياكى كىشلىك غۇرورىغا ھاقارەت قىلىدىغان ھەركەتلەردە بۇلۇشقا بولمايدۇ . مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتىمىگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ، سالامەتلكىگە خەۋىپ يەتكۈزىدىغان ، مەكتەپ بىنالىرى ۋە باشقا ئۇقۇتۇش مۇئەسسەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغۇزماسلىق كىرەك .
 3.جەمئىيەتتە ئالدىنى ئىلىش.
1) ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ يىزا تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان تانسىخانا، ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا، تورخانا، بورتخانا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدىغان باشقا سۇرۇنلارنى ئىچىش قەتئى مەنئىي قىلىشى كىرەك.
2) ج خ ئورگانلىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇشنى كۇچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى ۋاختىدا تۇسۇشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.شەھەر ئاھالە كومتىتلىرى،كەنت ئاھالە كومتىتلىرى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىنىڭ ئامانلىق خىىزمىتىنى
ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىش كېرەك.
3) ساقچىخانىلار،شەھەر ئاھالە كومتىتلىرى،كەنت ئاھالە كومتىتلىرى ئۆزىگە قاراشلىق رايۇندىكى ۋاقىتلىق ئاھالە ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇرىشى كىرەك. ۋاقىتلىق ئاھالە ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ناچار قىلمىش سادىر قىلسا ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەربىيە بېرىشىگە تۇسۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كىرەك.
4) ھەر قانداق ئادەمنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشىغا كۇشكۇرتۇشكە، زورلىشىغا، ئازدۇرۇشىغا ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىش سادىر قىلىشىغا شارائەت يارىتىپ بىرىشكە يول قويماسلىق كىرەك.
5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوبىكتىپ قىلىنغان نەشىر بۇيۇملىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۇزۇشكە قىزىقتۇرىدىغان مەزمۇن بولماسلىق، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھى ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۇزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق قاتارلىقلار تەرغىپ قىلىنغان مەزمۇن بولماسلىقى كىرەك.
6) ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۇزۇشكە قىزىقتۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھى ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۇزىدىغان زوراۋانلىق، قىمارۋازلىق، تىرورلۇق قاتارلىقلار تەرغىپ قىلىنغان ئوقۇشلۇق ئۇن-سىن بۇيۇملىرى ياكى ئىلىكتىرۇنلۇق نەشىر بۇيۇمىنى ساتماسلىقى، ئىجارە بەرمەسلىكى كىرەك.
ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس خەۋەرلىشىش، كوپمىيۇتېر تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھى ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۇزىدىغان مەزمۇن ۋە ئۇچۇرنى يەتكۇزمەسلىكى كىرەك.
7) رادىئو، كىنو-تىلىۋىزىيە، تىياتىرلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھى ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۇزىدىغان زوراۋانلىق، قىمارۋازلىق، تىرورلۇق قاتارلىقلار تەرغىپ قىلىنغان مەزمۇن بولماسلىقى كىرەك.
رادىئو، كىنو-تىلىۋىزىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى رادىئو، كىنو-تىلىۋىزىيە، تىياتىرلارنى ۋە ئويۇن قۇيۇش، ئاڭلىتىش سۇرۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۇچەيتىش كىرەك.
8) تىجارەت خاراكتىرىنى ئالغان تانسىخانا، بورتخانا، تورخانا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدىغان باشقا سۇرۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئىي قىلىنىدۇ دەپ ئېنىق يىزىپ قويۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى كىرەك.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشى دۆلەت ، خەلق ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھىمىيەتكە ئىگە ياخشى ئىجىتمائى تەرتىپ خەلقىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچلىك قىلىش ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنشى ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىشى ، دۆلەتىنىڭ ئىختىسادى قۇرلۇش ئېلىپ بىرىشنىڭ زۆرۈر شەرىتى . شۇڭا پارتىيە ۋە دۆلەت ئۇزاقىتىن بۇيان جەمىيەت تەرتىۋىنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداشىنى چوڭ ئىش سۈپتىدە تۇتۇشىنى داۋاملىق تەكىتلەپ بۇشاشماي چىڭ تۇتۇپ كەلدى . جەمىيەتىنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش پۈتكۈل خەلىقىنىڭ ئۇرتاق مەسئۇلىيىتى ياخشى ئجىتىمائى تەرتىپىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن خەلق قانۇنى ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشتەك ئەملى ھەركىتى ئارقلىق ئورنتىشى ۋە قوغدىشى لازىم .
 قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋەتەننىڭ ئۈمىدى ، كەلگۈسى ئىز باسارى ، دۆلەتىنىڭ قۇرغۇچىللىرى ۋە جانلىق كۈچى ئۇلار ئۈسىتگە ئالغان تارىخى بۇرۇچ ئۇلاردىن يۇقىرى ساپاغا ئىگە بۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇڭا ئۇلارغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قۇيۇش كىرەك . قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇنىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش بىلەنلا قالماي ، قانۇنىغا رىئايە قىلىشنىڭ نەمۇنىچىسى بۇلۇش لازىم . قانۇنىغا رىئايە قىلىش مەسلىسىدە ھەر ۋاقىت دۆلەت ۋە خەلق ئاممسىنىڭ مەنپەتىنى ئەلا بىلىشى ھەممە جايدا قانۇنىغا خىلاپ قىلىمشلارغا قارىشى باشلامچلىق بىلەن ئاكىتپ كۈرەش قىلىشى دۆلەت قانۇننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلىشى ۋە يولغا قۇيۇلىشىنى يۈكسەك تارىخى بۇرۇچ تۈيغۇسى ۋە خۇجايىنلىق روھى بىلەن پائال ئىلگىرى سۈرۈش لازىم . شۇنداق قىلىغاندىلا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بۇ جەھەتتە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز .
 
شۇڭا بىز ياش – ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈۋەندىكى ئۈچ تەربىيىنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ ئالدىنى ئېلىش بىلەن قوغداشنى ماسلاشتۇرۇشىمىز لازىم.
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ساۋاقداش تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-24 23:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-02-26 23:02