«ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى»
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ بۇيرۇقى
23-نۇمۇرلۇق
مائارىپ قانۇن، قائىدە-نىزاملىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مائارىپ مىنىستىرلىكى، ج خ مىنىستىرلىكى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، قۇرلۇش مىنىستىرلىكى، قاتناش مىنىستىرلىكى، مەدىنىيەت مىنىستىرلىكى، سەھىيە مىنىستىرلىكى، سودا سانائەتنى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، ئاخبارات نەشىرىيات باش ئىدارىسى «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزۈپ چىقتى، ھازىر ئېلان قىلدۇق، 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.
1.باب. ئومۇمى پىرىنسىپ.
1-ماددا: ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەكتەپ ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ نورمال بولغان تەلىم تەربىيە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قوغداش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى»قاتارلىق قانۇن، قائىدە-نىزاملارغا ئاساسەن بۇچارە تۈزۈپ چىقىلدى.
2-ماددا: بۇچارە ئادەتتىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى(سىنىپ)، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى، ئىشلەپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مەكتەپلەر دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ماس كىلىدۇ.
3-ماددا: مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتا ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىش، قانۇن بۇيىچە باشقۇرۇش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش فاڭجېىنى قوللىنىلىدۇ.
4-ماددا: مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئاساسلىقى:
1) مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتى كاپالەت قۇرۇلمىسىنى قۇرۇش، مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ھادىسە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛
2) مەكتەپ بىخەتەرلىكى ئاگاھلاندۇرۇش مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لاھىيسىنى تۈزۈپ، ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن ئامىللىرىنى دەل ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلاش، مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىش؛
3) مەكتەپ ئەتراپىنى تۈزەش ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مىخانىزىمىنى قۇرۇش، مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئەتراپىنىڭ مۇھىت بىخەتەرلىكىنى قوغداش؛
4) بىخەتەرلىك تەشۋىقات تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش؛
5) ۋەقە يۈزبەرگەندىن كىيىن جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لاھىيسى بۇيىچە، يارىلانغان ۋە ئۆلگەنلەرنى ئەمەلى قۇتقۇزۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5-ماددا: ھەردەرىجىلىك مائارىپ، ج خ ، ئەدلىيە، قۇرلۇش، قاتناش، مەدەنىيەت، سەھىيە، سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش، سۈپەت تېخنىكا تەكشۈرۈش، ئاخبارات نەشىرىياتى قاتارلىق تارماقلار شۇدەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، قانۇن بۇيىچە مەكتەپ ئەتراپىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە مەكتەپ بىخەتەرلىكى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. مەكتەپلەر بۇچارىدىكى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك تەربىيىسى بىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. ئىجتىمائى تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپى ئۇرۇنلار، باشقا ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى، قوللىشى، مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى قانۇن بۇيىچە قوغدىشى كېرەك.
2.باب. بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى.
6-ماددا: يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە مائارىپ، ج خ ، ئەدلىيە، قۇرلۇش، قاتناش، مەدەنىيەت، سەھىيە، سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش، سۈپەت تېخنىكا تەكشۈرۈش، ئاخبارات نەشىرىياتى قاتارلىق تارماقلار تېگىشلىك ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە قانۇن بۇيىچە مەسئۇل بولۇپ، مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
7-ماددا: مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:
1) مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگەللەپ، مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش نىشانىنى بېكىتىپ، مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بولغان تەكشۈرۈش ۋە يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىدۇ، مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛
2) بىخەتەرلىك خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ھادىسە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن ئامىللىرىنى دەل ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلاپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخمىلىنىش ھادىسلىرىنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ؛
3) مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيسى ئەھۋالىنى دەل ۋاقتىدا ئىگەللەپ، مەكتەپلەرگە قارىتا، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيسىنى قاراتمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەپ، تەربىيىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىدۇ؛
4) مەكتەپ بىخەتەرلىكىدىكى جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لاھىيىسىنى تۈزۈپ، تۆۋەن دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا قارىتا يىتەكچىلىك قىلىدۇ، نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛
5) خەلق ھۆكۈمىتى ۋە باشقا فۇنكىسىيىلىك تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك ھادىسلىرىگە قارىتا قۇتقۇزۇش،ياردەم بىرىش ۋە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ.
مائارىپ مۇپەتتىش تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى مەخسۇس مۇپەتتىش قىلىدۇ.
8-ماددا: ج خ تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە قارىتا تۆۋەندىكىدەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:
1) مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئەتراپىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگەللەپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپنى قوغداش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ، مەكتەپنىڭ نورمال تەرتىپىگە قالايمىقانچىلىق قىلىش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىش دىلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىدۇ؛
2) مەكتەپلەرنىڭ ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، يىتەكچىلىك قىلىدۇ؛
3) مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ ئىچىدە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ؛
9-ماددا: سەھىيە تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە قارىتا تۆۋەندىكىدەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:
1) مەكتەپلەرنىڭ تازىلىق، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمىللەشتۈرىدۇ؛
2) مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانىسى، مەكتەپنىڭ ئىچىملىك سۈيى ۋە سۇئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ تازىلىق ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، نازارەت قىلىدۇ؛
10-ماددا: قۇرلۇش تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە قارىتا تۆۋەندىكىدەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:
1) مەكتەپلەرنىڭ قۇرلۇشى، يېقىلغۇ گاز ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىغا قارىتا باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ھادىسە يۇشۇرۇن خەۋپىنى بايقىغان ھامان، قانۇن بۇيىچە دەرھال تازىلاشقا بۇيرۇيدۇ؛
2) مەكتەپ ياتاقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش باھالاش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ؛
3) مەكتەپلەرنىڭ قۇرلۇشلىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ ياتىقى، پەلەمپەي، بىخەتەرلىك رېشاتكىسى ھەمدە ئوقۇتۇش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىدىكى قۇرلۇش مەجبۇرى ئۆلچىمىگە خىلاپ ئەھۋاللارنى بايقىسا، دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
4) قانۇن بۇيىچە مەكتەپلەرنى قەرەللىك تەكشۈرۈش، رېمۇنت قىلىش ۋە مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
11-ماددا: سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك تارماقلىرى قەرەللىك ھالدا مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس ئەسلىھەلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ.
12-ماددا: ج خ ، سەھىيە، قاتناش، قۇرلۇش تارماقلىرى قەرەللىك ھالدا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرگە مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاتناش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، كونكىرىت ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
13-ماددا: مەدەنىيەت، ئاخبارات نەشىرىيات، سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى مۇناسىۋەتلىك تىجارەت، مۇلازىمەت سورۇنلىرىغا قارىتا باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلغانلارنى قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ياخشى مۇھىتنى قوغدايدۇ.
ئەدلىيە، ج خ تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپ بىخەتەرلىك تەربىيىسى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
14-ماددا: مەكتەپنى تەشكىللىگەن يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كارخانا، كەسپى ئورۇنلار، گىراژدانلار مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىدىكى تۆۋەندىكىدەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئۇيۇشتۇرىدۇ:
1) مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى مەكتەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپ چېگرا تېمى، مەكتەپ ياتىقى، مەيدان، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئىچىملىك سۇمەنبەسى قاتارلىق مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كىلىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛
2) يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى جىددى سەپلەپ، مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇپخانا، تەجىرىبىخانا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ياتىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يورۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش شەرتلىرىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ؛
3) مەكتەپ ياتاقلىرىغا قارىتا قەرەللىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، رېمۇنت قىلىشقا تېگىشلىك بولسا، دەل ۋاقتىدا رېمۇنت قىلىدۇ؛ خەتەرلىك ئۆي دەپ بېكىتلگەنلىرى بولسا دەل ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ سالىدۇ؛
مەكتەپنى تەشكىللىگەن يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەكتەپ ئەتراپى تەرتىپىنى قانۇن بۇيىچە قوغداپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەكتەپنى تەشكىللىگۈچىلەر مەكتەپنىڭ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالىدۇ.
3.باب. مەكتەپ ئىچى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى.
15-ماددا: مەكتەپلەر بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، قائىدە ۋە بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، مەكتەپ ئىچىدىكى تۈرلۈك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ۋە بىخەتەرلىك جىددى ئەھۋال مىخانىزىمىنى مۇكەممەل قۇرۇپ، يۇشۇرۇن ئامىللارنى دەل ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلىشى، ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
16-ماددا: مەكتەپلەر مەكتەپ ئىچى بىخەتەرلىكى خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلۇش تۈزىمىنى يولغا قويىدۇ؛ قوغداش، مۇھاپىزەت قىلىش تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياكى قۇشۇمچە ۋەزىپىدىكى بىخەتەرلىك قوغداش خادىملىرىنى سەپلەپ، بىخەتەرلىك قوغداش خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
17-ماددا: مەكتەپلەر دەرۋازىۋەنلىك (قاراۋۇللۇق) تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ سىرتىنىڭ ئادەملىرىنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشتە تىزىملىتىش ياكى كېنىشكا، ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇناسىۋەتسىز خادىملار ياكى مەكتەپ سىرتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىلمەيدىغان ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتىلايدىغان بۇيۇملار، زەھەرلىك بۇيۇملار، ھايۋانات ياكى تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋابلار قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى مەكتەپ ئىچىگە ئېلىپ كىرىشتىن قاتتىق چەكلەيدۇ.
مەكتەپ دەرۋازىۋەنلىكى(قاراۋۇللىقى)نى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى قوغداش خادىمى ياكى باشقا مەسئۇلىيەتچان خادىملار ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
18-ماددا: مەكتەپلەر مەكتەپ ئىچى بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە خەتەرلىك ئۆيلەرنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بۇيىچە، مەكتەپ ئۆي-ئىمارەتلىرى، قۇرلۇشلىرى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، باھالاش ئېلىپ بارىدۇ؛ بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋىپىلىرى بارلىقى بايقالسا دەرھال ئىشلىتىشتىن توختىتىپ، دەل ۋاقتىدا رېمۇنت قىلىدۇ ياكى ئالماشتۇرىدۇ؛ رېمۇنت قىلىش ياكى ئالماشتۇرۇشتىن ئىلگىرى چۇقۇم زۆرۈر بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللىنىدۇ، ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. مەكتەپلەر ھەل قىلىشقا كۈچى يەتمىگەن ياكى چوڭ بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋىپلىرىنى تازىلاپ چىقىرىشقا ئامال قىلالمىسا، دەل ۋاقتىدا ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يازمىچە دوكلات قىلىدۇ.
مەكتەپلەر مەكتەپ ئىچىدىكى ئېگىز جايلار، سۇ كۆلچىكى، پەلەمپەي قاتارلىق ئاسان خەتەر يۈز بېرىدىغان جايلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىنى تەسسىس قىلىشى ياكى ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەك.
19-ماددا: مەكتەپلەر ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سەپلەپ بەرگەن ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا ئاسراش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك قوللىنىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ھەمدە، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك بەلگىلىرىنى تەسسىس قىلىدۇ، تارقاقلىشىش يوللىرى، بىخەتەر چىقىش ئىشىكلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى يوللىرىنىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
20-ماددا: مەكتەپلەر توك ئىشلىتىش، سۇئىشلىتىش، گاز ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ياكى بەلگىلىمە بۇيىچە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىدۇ، كونىراپ كەتكەن ياكى بۇزۇلغانلىرى بايقالسا، دەل ۋاقتىدا رېمۇنت قىلىدۇ ياكى ئالماشتۇرىدۇ.
21-ماددا: مەكتەپلەر «مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپ تامىقىنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ، «يىمەك-ئىچمەك كەسپى ۋە ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپ تامىقىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بىرىش ئورۇنلىرىنىڭ تازىلىق بەلگىلىمىسى»نى قاتتىق ئىجىرا قىلىپ، تازىلىق مەشغۇلاتىغا رىئايە قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك. ئاشخانا ئەشىيالىرىنى بەلگىلەنگەن نۇقتىدىن سېتىۋېلىش تۈزۈمى، تىزىملاش تۈزۈمى، تاماق،سەيلەردىن نۇسقا ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىچىملىك سۇتازىلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك تازىلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
22-ماددا: مەكتەپلەر تەجىرىبىخانا بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ، ھەمدە، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات تەرتىپىنى كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ.
مەكتەپلەر خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار، رادىئاكتىپلىق ماددىلارنى سېتىۋېلىش، باشقۇرۇش ۋە ساقلاش، ئىشلىتىش، تىزىمغا ئالدۇرۇش، تىزىمدىن چىقىرىۋىتىش تۈزۈملىرىنى قاتتىق تۈزۈپ، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار، رادىئاكتىپلىق ماددىلارنى بىخەتەر جايدا ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
23-ماددا: مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمسى بۇيىچە، كەسپى سالاھىيەتكە ئىگە مەخسۇس داۋالاش ئىشلىرى(ساقلىقنى ساقلاش) خادىمى ياكى قۇشۇمچە ۋەزىپىدىكى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئوقۇتقۇچىسىنى سەپلەپ، بۇلۇشقا تېگىشلىك جىددى قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە دورىلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەمدە، مەكتەپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالى ۋە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى تازىلىق ھادىسلىرىنى دوكلات قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. شارائىتى بار مەكتەپلەر سەھىيە(ساقلىقنى ساقلاش) ئىشخانىسى تەسسىس قىلسا بولىدۇ.
يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندە چۇقۇم بەدەن تەكشۈرۈتۈش ئىسپاتىنى تاپشۇرىدۇ. يەسلى، بالىلار باغچىلىرى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر بالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلاريەسلىگە، باغچىغا، مەكتەپكە كىرىدىغان ۋاقىتتا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنا ئىممۇنىتلاش كېنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەيدۇ.
24-ماددا: مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى ئاخبارات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەكتەپ بەلگىلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىش ۋە مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە نورمالسىز كەلمەسلىك ۋە ئۆزمەيلىچە مەكتەپتىن قايتىش ئەھۋالى، ھەمدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ۋە پىسخىكىلىق نورمالسىزلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرىگە ئۇقتۇرىدۇ.
جىسمانى جەھەتتىن پەرقلىق بولغانلار، مۇئەييەن كېسەللەر ياكى فىزىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىق جەھەتتە نورمالسىز بولغانلار، ھەمدە، زەھەر چىكىش قىلمىشى بار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، مەكتەپلەر بىخەتەرلىك ئۇچۇر خاتىرلىرىنى ياخشى قالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى مۇۋاپىق ساقلاپ ۋە باشقۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى سىرىنى قانۇن بۇيىچە قوغدايدۇ.
25-ماددا: مەكتەپ ياتىقىدا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بار مەكتەپلەر چۇقۇم ، ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەخسۇس ئادەم سەپلەپ، ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىدۇ.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا قارىتا كېچىلىك چارلاش، دىجۇرنىلىك تۈزۈمى ئورنىتىپ، قىز ئوقۇغۇچىلار ياتىقى بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، قىز ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ.
مەكتەپلەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
26-ماددا: مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئەكىلىپ، ئاپىرىپ قويىدىغان ماشىنىلارنى سېتىۋالسا ياكى ئىجارىگە ئالسا، قاتناش قوراللىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، ھەمدە ج خ ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئەكىلىپ، ئاپىرىپ قويىدىغان ماشىنا چوقۇم لاياقەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن بولىشى، ھەمدە، قەرەللىك تۈردە ئاسراپ رېمۇنت قىلىنىشى ۋە تەكشۈرۈلىشى كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنى ئەكىلىپ، ئاپىرىپ قويىدىغان مەكتەپ ماشىنىسى چۇقۇم بىرتۇتاش بەلگە چاپلايدۇ. بەلگىنىڭ نۇسقىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تۈزۈپ چىقىدۇ.
مەكتەپلەرنىڭ ياسىۋالغان ماشىنا، كاردىن چىققان ۋە شەخسلەرنىڭ قاتناش قوراللىرىنى ئوقۇغۇچىلارنى ئەكىلىپ، ئاپىرىپ قۇيۇشقا ئىجارىگە ئېلىشىغا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئەكىلىپ، ئاپىرىپ قويىدىغان ماشىنا شوپۇرىنىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغىنىغا 3يىلدىن ئاشقان، بىخەتەر ھەيدەش تەجىرىبىسى بار، يېقىنقى 3يىل ئىچىدە نۇمۇر خاتىرىلەشتە 12نۇمۇرغا توشمىغان، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىشتەك مەسئۇلىيەتسىزلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلمىغانلارنى سەپلەش كېرەك.
27-ماددا: مەكتەپلەر چۇقۇم بىخەتەرلىك خىزمىتى ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، كۈندىلىك بىخەتەرلىك خىزمىتى، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلىشى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋىپلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىشى كېرەك.
بىخەتەرلىك خىزمىتى ئارخىپى بىخەتەرلىك خىزمىتىنى نىشانلىق باھالاش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە ھادىسىنى بىرتەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ.
4.باب. كۈندىلىك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش.
28-ماددا: مەكتەپلەر كۈندىلىك تەلىم-تەربىيە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش پائالىيىتى جەريانىدا چۇقۇم ئوقۇتۇش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرىشى، مۇۋاپىق ئالدىن پەرەز قىلىشى، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خېيىم-خەتەرنىڭ ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
مەكتەپ تەشكىللىگەن ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىدىغان كوللىكتىپ ئەمگەك، ئوقۇتۇش پىراكتىكىسى ياكى ئىجتىمائى ئەمىلىيەت پائالىيىتى چۇقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق، فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ۋە تەن سالامەتلىك ئەھۋالىغا ماس كېلىشى كېرەك.
مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش، تەلىم تەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، ئىدارە(مەكتەپ) چۇقۇم ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيىتىنى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
29-ماددا: مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى چوڭ تىپتىكى كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە چۇقۇم تۆۋەندىكىدەك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك:
1) ۋاقىتلىق بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تەشكىلى ئاپپاراتى قۇرۇش؛
2) ئوقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىق ھالدا بىخەتەرلىك تەربىيىسى بىرىش؛
3) زۆرۈر بولغان باشقۇرغۇچى خادىملارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، زىممىسىگە ئالغان بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛
4) بىخەتەرلىك جىددى ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش لاھىيسى تۈزۈپ، مۇناسىپ ئەسلىھەلەرنى سەپلەش.
30-ماددا: مەكتەپلەر «مەكتەپ تەنتەربىيە خىزمىتى نىزامى» ۋە ئوقۇتۇش پىلانى بۇيىچە تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش، ھەمدە، ئوقۇتۇش تەلىپىگە ئاساسەن، زۆرۈر بولغان قوغداش ۋە ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەشتە، ئاساسلىق كوچا ۋە مۇھىم قاتناش يوللىرىنى ئايرىۋېتىش كېرەك؛ چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە باشقا چوڭ تىپتىكى ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا، چۇقۇم ئۆتىدىغان مۇھىم كوچا ۋە مۇھىم قاتناش يوللىرىغا قارىتا، ئىشتىن ئاۋال ج خ ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
31-ماددا: باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرى تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى، باغچا بالىلىرىنى مەكتەپكە كىلىش، مەكتەپتىن قايتىشتا ئەكىرىپ ئېلىپ چىقىپ قويىدىغان كۈتىۋېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ۋە باغچا بالىلىرىنى مەكتەپتىن ۋاقچە قۇيۇپ بېرىشكە، مۇناسىۋەتسىز خادىملارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە قەتئى بولمايدۇ.
32-ماددا: ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش بىناسىدا ئوقۇتۇش پائالىيىتى ۋە كەچلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا، مەكتەپ مۇۋاپىق بولغان تارقاقلاشتۇرۇش ۋاقتى ۋە پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشۈش تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرۋاقىتتا، خادىملارنى چارلاپ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىستىلىشىش ۋە دەسسلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان زەخمىلىنىش ھادىسلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلمىغان ۋاقىتتا، مەكتەپ چۇقۇم مەسئۇل خادىم ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشكە، دىجۇرنىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.
33-ماددا: مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا ئوخشاش كەسپى خادىملار ۋە قورامىغا يەتكەن ئادەملەر قىلىدىغان پائالىيەتلەرگە تەشكىللەشكە قەتئى بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى پوجاڭزا ياساش، زەھەرلىك خىمىيىۋى ئوقۇتۇش بۇيۇمى ياساشتەك خەتەرلىك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەشكە ، ئوقۇغۇچىلارنى سودا خاراكتىرلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەشكە قەتئى بولمايدۇ.
34-ماددا: مەكتەپلەر مەكتەپكە تەۋە ئورۇننى باشقىلارغا ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلىك، خېمىيىلىك قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىجارىگە بىرىشكە قەتئى بولمايدۇ.
مەكتەپلەر مەكتەپ ئىچىدىكى مەيدان، ئورۇنلارنى سىرتنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى توختىتىشقا ئىجارىگە بىرىشكە بولمايدۇ؛ مەكتەپ يېرىنى ئىشلىتىپ جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلگەن ماشىنا توختىتىش مەيدانى قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ.
35-ماددا: مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى چۇقۇم مۇناسىپ ھالدىكى ۋەزىپە سالاھىيىتى ۋە شەرت، تەلەپكە ماس كىلىشى كېرەك. مەكتەپلەر قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى ئىشلار جازاسى ئۆتىگەن ياكى روھى كېسەللىك تارىخى بار ئادەملەرنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قاتارىدا تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ.
مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى چۇقۇم كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمىگە ۋە خىزمەت ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى خورلىماسلىقى، ئۇرۇپ دۇمبالىماسلىقى، ئۇلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىكى كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركىتىدىكى خېيىم-خەتەرنى بايقىغان ھامان، دەرھال ئاگاھلاندۇرىشى، توسىشى ھەمدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەسىيلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك.
36-ماددا: ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىدا، چۇقۇم مەكتەپنىڭ ئىنتىزامى ۋە قائىدە تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيىىسى ۋە باشقۇرىشىغا بويسۇنىشى، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.
37-ماددا: ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك قىلغۇچىلىرىنىڭ جىسمانى جەھەتتىن باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، مۇئەييەن كېسەللىك ئەھۋالىنى ياكى فىزىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىق جەھەتتىكى نورمالسىزلىقىنى بايقىغان ھامان، دەل ۋاقتىدا مەكتەپنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.
مەكتەپ جىسمانى جەھەتتىن پەرقلىق بولغانلار، مۇئەييەن كېسەللەر ياكى فىزىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىق جەھەتتە نورمالسىز بولغانلارغا قارىتا مۇناسىپ ھالدا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە غەمخورلۇق قىلىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىق جەھەتتە نورمالسىز بولغان مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋاقتىنچە ئوقۇشتىن توختاپ، ۋەسيلىرى ئۇلارنى داۋالىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنلاشتۇرىلىدۇ.
5.باب. بىخەتەرلىك تەربىيىسى.
38-ماددا: مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ دەرسلىك ئۆلچىمى ۋە يەرلىك دەرسلىك تەلىپى بۇيىچە، بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى يىتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىشى كېرەك.
39-ماددا: مەكتەپلەر ئوقۇش باشلانغاندا، تەتىل قۇيۇپ بىرىشتىن بۇرۇن، قاراتمىلىق ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەركەزلىك ھالدا بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى قانات يايدۇرىشى كېرەك. يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن، مەكتەپ چۇقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە قائىدىلىرىنى ۋاقتىدا چۈشىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
40-ماددا: مەكتەپلەر ئوخشاش بولمىغان دەرسلىك، تەجىرىبە دەرسلىكلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەلىپىگە قارىتا، ئوقۇغۇچىلارغا تەجىرىبە بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە زەھەردىن ساقلىنىش، پارتلاشتىن ساقلىنىش، رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىش، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق بىخەتەرلىك قوغدىنىش تەربىيىسى بىرىش كېرەك.
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا چوقۇم سۇئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىك تەربىيسى ئېلىپ بېرىشى، ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۆزىنى قوغداش جەھەتلەردىكى بىخەتەرلىك تەربىيسىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
41-ماددا: مەكتەپلەر چۇقۇم ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسلىق ئۆزىنى قوغداش ماھارىتىنى ئىگەللىتىپ، قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلىشقا تاقابىل تۇرالايدىغان قىلىش كېرەك.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسى قاتناش قائىدىلىرى ۋە ھەركەت قائىدىلىرىنى ئىگەللىتىش كېرەك.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەربىيىسىنى قانات يايدۇرىشى كېرەك، شارائىتى بارلار ئوقۇغۇچىلارنى شۇيەردىكى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتلىرىغا ئېكىسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسلىق ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئىگەللىتىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭى ۋە ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ قۇتۇلۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك.
مەكتەپلەر ئۆز جايىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا قاراتمىلىق ھالدا، دەريا،كۆل، دېڭىز، سۇئامبىرى قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ، سۇدا ئويناش، سۇ ئۈزۈشتىكى بىخەتەرلىك تازىلىق تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
42-ماددا: مەكتەپلەر ئۆز جايىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ خىل شەكىلدىكى ھادىسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مانىۋېرىغا تەشكىللەش كېرەك.
مەكتەپلەر ھەرئوقۇش مەۋسۇمىدا ئازدىگەندە بىرقېتىم كەلكۈن، يەرتەۋرەش، ئوت ئاپىتى قاتارلىق ئاپەت ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا جىددى تارقاقلىشىش مانىۋېرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا خەۋىپتىن ساقلىنىش، ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئىگەللىتىش كېرەك.
43-ماددا: مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بۇيىچە، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ ، ئەدلىيە قاتارلىق تارماقلار ھەمدە ئالى مەكتەپلەر بىلەن كېڭىشىپ، مۇنەۋۋەر قانۇن تۈزۈم خىزمەتچىلىرىنى مەكتەپنىڭ قۇشۇمچە ۋەزىپىدىكى قانۇن تۈزۈمگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىقى ياكى قانۇن تۈزۈم تەربىيىچىلىكىگە تەكلىپ قىلىش كېرەك.
قۇشۇمچە ۋەزىپىدىكى قانۇن تۈزۈمگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ياكى قانۇن تۈزۈم تەربىيىچىسى چۇقۇم مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە بىخەتەرلىك ھادىسلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش، قەرەللىك ھالدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن تۈزۈم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى ھەقىقى ئەمىلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى نەتىجىسىنى ئىدارىسىنىڭ شۇ شەخسىنىڭ خىزمىتىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزىشى كېرەك.
44-ماددا: مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئاساسلىق خادىملارنى، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى، باغچا مەسئۇللىرىنى ۋە مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملارنى تەشكىللەپ، قەرەللىك ھالدا بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تەربىيىسىسنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.
45-ماددا: مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بىخەتەرلىك تەربىيىسى بۇيىچە تەربىيلەش پىلانى تۈزۈپ، كۆپ خىل يول ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بىخەتەرلىك قائىدە تۈزۈملىرىنى پىششىق بىلدۈرۈپ، بىخەتەرلىك قۇتقۇزۇش ساۋاتلىرىنى ئىگەللىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش، خەتەردىن جىددى ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە ۋاستىلىرىنى ئۆگىتىشىگە يىتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
46-ماددا: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەسىيلىرى چۇقۇم مەكتەپ بىلەن ماسلىشىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىلارغا قارىتا تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەربىيىلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
6.باب. مەكتەپ قورۇسى مەكتەپ ئەتراپى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش.
47-ماددا: مائارىپ، ج خ، ئەدلىيە، قۇرلۇش، قاتناش، مەدەنىيەت، سەھىيە، سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش، سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك، ئاخبارات نەشىرىيات قاتارلىق ئورۇنلار چۇقۇم بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمى ئورنىتىپ، مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قەرەللىك ھالدا تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، مەكتەپ ئەتراپىنىڭ تەرتىپىنى قانۇن بۇيىچە قوغدايدۇ؛ كۆپ خىل يول ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى ئاڭلايدۇ.
48-ماددا: قۇرلۇش، ج خ تارماقلىرى مەكتەپ ئەتراپىدىكى قۇرلۇشلارنى قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن، قائىدە، نىزام،تۈزۈم، ئۆلچەملەرگە خىلاپ بولغان مەكتەپ چېگرا تېمى ياكى ئۆي ئىمارەت قۇرلۇشىنى، مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتىلايدىغان، ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىئاكتىپلىق، چىرىتىش خاراكتىرلىك خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغان، ئېلىپ ساتقان، ساقلىغان، ئىشلەتكەن ئورۇن ياكى ئەسلىھەلەرنى، ئۇندىن باشقا مەكتەپ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى دەرھال توختىتىدۇ.
49-ماددا: ج خ ئورگانلىرى مەكتەپ ئەتراپىدىكى جايلارنى نۇقتىلىق ئامانلىقنى قوغداش چارلاش رايۇنى قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى مۇرەككەپ بولغان مەكتەپ ئەتراپى رايۇنلىرىغا ئامانلىقنى قوغداش قاراۋۇلخانىسى ياكى ساقچىغا مەلۇم قىلىش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ تەسسىس قىلىپ، بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋىپلىرىنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تۈزىتىپ، مەكتەپ تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغان ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەركەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىدۇ.
50-ماددا: ج خ، قۇرلۇش ۋە قاتناش تارماقلىرى قانۇن بۇيىچە مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يولغا ئۆلچەملىك قاتناش ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىپ، پىيادىلەر يولى توغرا سىزىقى سىزىپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن، قاتناش سىگنال چىرىقى، سۈرئەت ئاستىلىتىش بەلبېغى، يولدىن ئۆتىدىغان كۆتۈرمە كۆۋرۈك قاتارلىقلارنى ئورنىتىدۇ.
يەر ئۈستى قاتنىشى مۇرەككەپ يول بۆلەكلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپكە كىلىش، مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتىدا، ج خ ئورگانلىرى ئېھتىياجغا ئاساسەن مۇۋاپىق ساقچى كۈچى ياكى ياردەمچى قاتناش باشقۇرغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يول قاتناش تەرتىپىنى قوغدايدۇ.
51-ماددا: ج خ ئورگانلىرى ۋە قاتناش تارماقلىرى يېزىلاردىكى قاتناش قوراللىرىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى قانۇن بۇيىچە كۈچەيتىپ، سالاھىيىتى يوق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ توشۇشىنى دەرھال توختىتىدۇ.
52-ماددا: مەدەنىيەت تارماقلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ قورۇسى ئەتراپىدىكى 200مېتىر دائىرە ئىچىدە ئېنتىرنېت تور مۇلازىمەت تىجارەت سورۇنلىرىنى قۇرۇشنى مەنئى قىلىدۇ، ھەمدە، قورامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرگۈزگەن ئېنتىرنېت تور مۇلازىمەت تىجارەت سورۇنلىرىنى قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىدۇ. سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن قۇرىۋالغان ئېنتىرنېت تور مۇلازىمەت تىجارەت سورۇنلىرىنى قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىدۇ ۋە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
53-ماددا: ئاخبارات نەشىرىيات، ج خ ، سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى مەكتەپ ئەتراپىدىكى قانۇنسىز نەشىرىيات بۇيۇملىرىنى بازارغا سالغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ۋە گۇۋاھنامىسى يوق يايمىلارنى قانۇن بۇيىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى شەھۋانىيلىق، قاتىللىق، زوراۋانلىق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەشىرىيات بۇيۇملىرىنى ياسىغان ۋە ساتقان ئورۇن ۋە شەخىسلەرنى قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىدۇ.
54-ماددا: سەھىيە، سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى مەكتەپ قورۇسى ئەتراپىدىكى يىمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرىنىڭ تازىلىق ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان كىچىك دۇكان، يىمەك-ئىچمەك يايمىلىرىنى قانۇن بۇيىچە بىكار قىلىدۇ.
7.باب. بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش.
55-ماددا: يەرتەۋرەش، كەلكۈن، لاي شېغىللىق ئېقىن، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق تەبىئى ئاپەتلەر ۋە زور ئامانلىق ھادىسلىرى، ئاممىۋى تازىلىقتىكى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ھادىسلەر كېلىپ چىققاندا، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنى ئېلىش لاھىيسىىنى ھەركەتلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەل ۋاقتىدا يۆتكىشى ۋە تارقاقلاشتۇرىشى ياكى زۆرۈر بولغان مۇداپىئەلىنىش ۋە قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
56-ماددا: مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە ئوت ئاپىتى، يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، زور ئامانلىق ھادىسلىرى، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى ۋە تەبىئى ئاپەتلەر كۆرۈلگەندە، مەكتەپ دەرھال جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنى ئېلىش لاھىيسىنى ھەركەتلەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى خەۋىپتىن جىددى قۇتۇلدۇرۇش، قۇتقۇزۇش ۋەياردەم بېرىش، قوغداش ۋە مۇھاپىزەت قىلىشقا تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە جىسمانى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
57-ماددا: ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخمىلىنىش ھادىسلىرى كۆرۈلگەندە، مەكتەپ چۇقۇم «ئوقۇغۇچىلارنى زەخمىلەندۈرۈش ھادىسلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش چارىسى» دىكى بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ ۋە تەرتىپلەر بۇيىچە، دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش ئېلىپ بېرىشى، ھەمدە، مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك.
58-ماددا: ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخمىلىنىشتەك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كۆرۈلگەندە، مەكتەپ ۋاقتىدا ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشى كېرەك؛ زور ھادىسىلەرگە تەۋە بولغانلىرىنى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بۇيىچە دەل ۋاقتىدا دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقىرىغا يوللاش كېرەك.
59-ماددا: ئۆلكىلىك مائارىپ مەمۇرى تارمىقى چۇقۇم ھەريىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارمىقىغا ئۆتكەن بىريىللىق مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى زەخمىلەندۈرۈش ھادىسلىرىغا ئائىت ئەھۋاللاردىن يازمىچە دوكلات سۇنىشى كېرەك.
8.باب. مۇكاپاتلاش ۋە مەجبۇرىيەت.
60-ماددا: مائارىپ، ج خ، ئەدلىيە، قۇرلۇش، قاتناش، مەدەنىيەت، سەھىيە، سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش، سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك، ئاخبارات نەشىرىيات قاتارلىق ئورۇنلار مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتى جەريانىدىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ياكى كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قارىتا، ئەھۋالغا قاراپ بىرلىشىپ ياكى ئايرىم تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ.
61-ماددا: مائارىپ، ج خ، ئەدلىيە، قۇرلۇش، قاتناش، مەدەنىيەت، سەھىيە، سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش، سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك، ئاخبارات نەشىرىيات قاتارلىق ئورۇنلار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ھەمدە باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بۇيىچە ئىجىرا قىلىمىغان مەكتەپلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يوللاپ تەنقىد قىلىدۇ؛ بىۋاستە جاۋابكار خادىمنى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار ۋە ئۆز ئورنى ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ تەنقىدى تەربىيە بىرىدۇ ياكى مەمۇرى جەھەتتىن بىرتەرەپ قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بۇيىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
62-ماددا: مەكتەپلەر بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك تەربىيىسى مەجبۇرىيىتىنى ئىجىرا قىلمىسا، بىخەتەرلىكتىكى زور يۇشۇرۇن ئامىللارنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ۋاقتىدا تۈزەتمىسە، مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق باشقۇرۇغۇچى تارماقلار مۆھلەت بەلگىلەپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قەتئى ئۆزگەرتمىگەن ياكى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى مەكتەپكە مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك خادىمغا مەمۇرى جەھەتتىن چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بۇيىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
1) زور بىخەتەرلىك ھادىسلىرى كۆرۈلگەندە، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆلىشى ۋە يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارسا؛
2) ھادىسە يۈزبەرگەندىن كىيىن ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق تەدبىر قوللانماي، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارسا؛
3) زور ھادىسىلەرنى يۇشۇرۇپ مەلۇم قىلسا، يالغان مەلۇم قىلسا، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلسا؛
4) ھادىسىنى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلسا ياكى ساختا ئەھۋال بىلەن تەمىنلىسە؛
5) مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قانۇن بۇيىچە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلش تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى رەت قىلسا.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ھەمدە يولغا قۇيۇش نىزامىدا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى مۇشۇ بەلگىلىمە بۇيىچە ئىجىرا قىلىنىدۇ.
63-ماددا: مەكتەپ سىرتىدىكى ئورۇنلار ياكى شەخىسلەر ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەكتەپ بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا ياكى مەكتەپ بىخەتەرلىك ھادىسلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا، مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار، ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار ج خ ئورگانلىرى قانۇن بۇيىچە بىرتەرەپ قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بۇيىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؛ مەكتەپ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بۇيىچە تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
64-ماددا: ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى زەخمىلىنىش ھادىسىسى تۆلىمى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، قائىدە نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى ھەمدە «ئوقۇغۇچىلارنى زەخمىلەندۈرۈش ھادىسلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش چارىسى» بۇيىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
9.باب. قۇشۇمچە پىرىنسىپ.
65-ماددا: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكا ئەمگىكىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرش چارىسى ئايرىم تۈزۈلىدۇ.
66-ماددا: بۇچارە 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]