خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

19 بالىنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەب بولغان گەنسۇ جېڭنىڭ مەكتە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئالىپتىكىن2011-12-01 17:37

19 بالىنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەب بولغان گەنسۇ جېڭنىڭ مەكتەپ ماشىنىسى ۋەقەسى ئۇقتۇرۇلدى

19 بالىنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەب بولغان گەنسۇ جېڭنىڭ مەكتە

 

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا 19 نەپەر يەسلى مەكتەپ بالىسىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان گەنسۇ ئۆلكىسى چىڭياڭ شەھىرى 16-نويابىر زور قاتناش ۋەقەسىنى ئۇقتۇردى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە ئانالىز قىلىنىشىچە، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ماشىنىغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، تۇمانلىق ھاۋادا سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش ئاساسىي سەۋەب بولغان.بۇ ۋەقەدىن بەزى رايونلاردا ماشىنىلارغا قانۇنغا خىلاپ نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، قانۇنسىز ئۆزى خالىغانچە ماشىنىلارنى ئۆزگەرتىش، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەكتەپ ماشىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش جەھەتتە مەسئۇلىيىتى كۈچلۈك بولماسلىق، تەدبىر تولۇق ئەمەلىيلەشمەسلىك، نازارەت ۋە باشقۇرۇشتا يوچۇق بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئايان بولدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى رەھبەرلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەمدە مۇھىم تەستىق سالدى، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى بۇ ۋەقەنى مەخسۇس تەكشۈردى. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى پات ئارىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جايلاردىن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەر ماشىنىلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەر ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-13 00:02