خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2011-11-09 01:50

يەسلى باشلىقى يەسلىدە ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى

 

يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھىرىدە ئەمدىلا 20 ئايلىق بولغان بىر بوۋاقنى ئاتا-ئانىسى يەسلىگە ئاپىرىپ بەردى. بىر كۈنى يەسلىدە بالىلارغا تاماق بېرىلىۋاتقاندا، بۇ بوۋاقنىڭ گېلىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالدى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى بالىنى قۇتقۇزۇشقا خېلى تىرىشقان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بالا ئۆلۈپ كەتتى. جىددىيلىشىپ كەتكەن يەسلى باشلىقى تاڭ جىڭيەن يەنە بىر خىزمەتچى بىلەن بىللە بالىنىڭ جەسىتىنى مەخپىي كۆمۈۋېتىپ، بالىنى ئوغرىلاندى دەپ ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلدى. ئاخىردا يەسلى باشلىقىنىڭ ئەپت-بەشىرىسى ئاشكارىلىنىپ، قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلدى.

يېقىندا يۈشى شەھىرى خوڭتا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقىپ، 1-سوتتا بۇ ئىككى جاۋابكارنى بالىنىڭ تۇغقانلىرىغا دەپنە پۇلى، ئۆلۈم تۆلىمى، روھىي زىيان تۆلىمى قاتارلىقلار ئۈچۈن جەمئىي 180 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشكە بۇيرىدى.

2011-يىلى 31-مارت ئەتىگەن سائەت سەككىزدە يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھىرى خوڭتا رايونىدا ئىشلەيدىغان ليۇ زۇڭچۈەن 20 ئايلىق بولغان بالىسى شياڭ شياڭنى «ئەقىل بۇلىقى» يەسلىسىنىڭ مېنىبۇسىغا سېلىپ بېرىپ، ئىشقا كەتتى. ئۇ 28-مارت بالىسىنى يەسلىگە بەرگەندىن باشلاپ يەسلىنىڭ ئاپتوموبىلى ھەركۈنى ئەتتىگەن سائەت سەككىزدە كېلىپ بالىنى ئېلىپ كېتىپ، كەچ سائەت ئالتىدە ئەكېلىپ قوياتتى، لېكىن 31-مارت كەچ سائەت ئالتىدىن ئاشقان بولسىمۇ، يەسلىدىكىلەر بالىنى ئەكېلىپ بەرمىدى. ئەنسىرەپ ئولتۇرالماي قالغان ليۇ زۇڭچۈەن دەرھال يەسلى باشلىقى تاڭ چېڭيەنگە تېلېفون بەردى.

 -بالىنى ھېلىلا ئاپىرىپ بېرىمىز، خاتىرجەم بولۇڭ،-دېدى يەسلى باشلىقى.
 يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى. بىراق ئۇلار بالىنى ئەكەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ليۇ زوڭشۈەن يەسلى باشلىقىغا يەنە تېلېفون بەردى. شۇ چاغدىلا باغچا باشلىقى چۈشتىن كېيىن بالىنى ئېلىپ كوچىغا چىققاندا، بالىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن ليۇ زۇڭشەن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلدى ھەم دەرھال بىر قانچە ئۇرۇق-تۇغقىنىنى ياردەمگە چاقىرىپ بالىنى ئىزدەشكە باشلىدى. لېكىن، بالىنىڭ دېرىكىنى ئالالمىدى.
 تاڭ چېڭيەنمۇ 31-مارت سائەت 19:30 دا ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ يەسلىسىدىن شياڭ شياڭنى ئېلىپ چىقىپ كوچا ئايلىنىپ، يۈشى شەھىرى خوڭتا رايونى «سۇمۇرغ» يولىدىكى باغچىنىڭ يېنىدا تاۋۇز ئېلىۋاتقاندا بالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، بالىنى باشقىلار ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتتى. بىراق، ساقچىلار تاڭ چېڭيەن ئېيتقاندا باغچا ئەتراپىدىكى سېن كامېرالىرىنى قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ، تاڭ چېڭيەن ۋە بالىنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار «ئەقىل بۇلىقى» يەسلىسىنىڭ باشلىقى تاڭ چېڭيەن يالغاندىن دېلو مەلۇم قىلغان، بۇ يەردە چوقۇم بىر مەسىلە بار. دەپ گۇمان قىلدى.

1-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ساقچىلار ليۇ زوڭچۈەن بىلەن تاڭ چېڭيەننى ساقچىخانىغا چاقىرىپ داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلىدى. تاڭ چېڭيەن بالا يىتىپ كەتتى دېگەن گېپىدە چىڭ تۇردى. ليۇ زوڭچۈەن ساقچىلارغا تاڭ چېڭيەن مىنىدىغان موتوسىكلىتنىڭ ئارقا تەرىپىدە بارماقتەك چوڭلۇقتىكى قان دېغىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. قانۇن دوختۇرلىرى باھالاپ بىكىتكەندىن كېيىنلا، تاڭ چېڭيەن بالىنىڭ يىتىپ كەتمىگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.

ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 31-مارت سائەت 15:40 تا «ئەقىل بۇلىقى» يەسلىسىدە بوۋاق شياڭ شياڭنىڭ كانىيىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قېلىپ، تاڭ چېڭيەن بىلەن گۇيجىتاڭ بوۋاقنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان، لېكىن بوۋاق قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. تاڭ چېڭيەن بىلەن گۇيجىتاڭ مەسلىھەتلىشىپ، بوۋاقنىڭ جەسىتىنى خوڭتا رايونىدىكى لىچى قەدىمىي قەبرىستانلىقىغا كۆمۈۋەتكەندىن كېيىن، تاڭ چېڭيەن شياڭ شياڭ يوقاپ كەتتى دەپ يالغان سۆزلىگەن. گۇيجىتاڭمۇ ساقچىلاردىن ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان.

يۈشى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى خوڭتا رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار تارماق ئەترىتى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسى تاڭ چېڭيەننىڭ شياڭ شياڭنى ئۆلتۈرۈش مۇمكىنچىلىقى يوق، دەپ قارىدى. ئەمما تاڭ چېڭيەن دېلونى يالغان مەلۇم قىلغانلىقى، گۇيجىتاڭ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن، 5-ۋە 8-مارت ئايرىم-ئايرىم تۇتۇپ تۇرۇلدى.

بوۋاقنىڭ دادىسى ليۇ زۇڭچۈەن يەسلى باشلىقى تاڭ چېڭيەن، يەسلى ئوقۇتقۇچىسى گۇيجىتاڭ، يەسلى خىزمەتچىسى جاۋ يۈ قاتارلىقلار ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، بارلىق زىيانلىرى ئۈچۈن جەمئىي 407 مىڭ 976 يۈەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. دەۋاگەر ئەرزىدە «ئەقىل بۇلىقى» يەسلىسى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەستىقىسىز قۇرۇلۇپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان، يەسلىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قانۇنسىز بولغاچقا، كونكرېت ھەرىكەت ئىگىسى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، تۆت جاۋابكارنىڭ ھېچقايسىسى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىگە بولۇش مەسئۇليىتىنى ئادا قىلمىغان، شۇڭا يەسلى بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

تۆت جاۋابكار سوتقا ئۆزى قاتناشماي، ۋاكالەتچىسىنى قاتناشتۇردى. بۇ ۋاكالەتچى بالىنىڭ ئۆلۈمىدە تاڭ چېڭيەننىڭ ھېچقانداق سەۋەنلىكى يوق، شۇڭا ھېچقانداق تۆلەم مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك، دوختۇرلار بوۋاقنى كانىيىغا نەرسە تۇرۇپ قېلىپ ئۆلگەن دەپ دىياگنوز قويغان، شۇڭا جاۋابكارنىڭ بالىغا قاراش مەسئۇليىتى بىلەن بالىنىڭ ئۆلۈمى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭ چېڭيەن بالىدىكى غەيرىلىكنى سەزگەن ھامان دوختۇرخانىغا ئاپارغان، شۇڭا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىسىمۇ مەۋجۈت ئەمەس،دېدى. ئۇ يەنە دەۋاگەر ئوتتۇرىغا قويغان روھىي زىيان تۆلىمى ۋە ئىزدەش چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما دەۋاگەرنىڭ تەلەپ قىلغىنى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتتى.

يۈشى شەھىرى خوڭتا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغد قاراپ چىققاندىن كېيىن، جاۋابكار تاڭ چېڭيەننى دەۋاگەرگە 96مىڭ 205 يۈەن، جاۋابكار تاڭ چېڭيەن، گۇيجىتاڭلارنى بىرلىكتە دەۋاگەرگە جەمئىي 82مىڭ 740يۈەن تۆلەم تۆلەشكە بۇيرىدى.

سودىيە مۇنداق دېدى: بۇ دېلودا تاڭ چېڭيەن «ئەقىل بۇلىقى» يەسلىسىنى رەسمىيەتسىز ئاچقان، يەسلىنىڭ شارائىتى ناچار، باشقۇرۇشى قالايمىقان، مۇناسىۋەتلىك سەھىيە خادىملىرى يوق بولغاچقا، شياڭ شياڭنىڭ كانىيىغا نەرسە تۇرۇپ قالغاندا دەل ۋاقتىدا بايقىماي، مۇۋاپىق دائىرىدە قوغداش، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي، شياڭ شياڭنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان، شۇڭا بۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە يەسلىنىڭ قۇرغۇچىسى تاڭ چېڭيەن مەسئۇل بولۇشى كېرەك. شياڭ شياڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، تاڭ چېڭيەن بىلەن گۇيجىتاڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىك ۋە چىقىمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇلار يەنە مەسلىھەتلىشىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شياڭ شياڭنى كۆمۈۋېتىپ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغان ھەم زور روھىي زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئىككىيلەن تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. «ئەقىل بۇلىقى» يەسلىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاۋ يۈبونىڭ بۇ دېلودا ھېچقانداق مەسئۇليىتى يوق. شۇڭا دەۋاگەرنىڭ ئۇنىڭدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئەرزى رەت قىلىندى.

قانۇنسىز يەسلىلەرنى تۈگىتىش كېرەك، بىز «ئەقىل بۇلىقى» يەسلىسىدەك قانۇنسىز يەسلىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە شەھەرلەردە كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغانىدۇق. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2009-يىلى 23-سېنتەبىردىلا يۈشى شەھىرى خوڭتا رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ، «ئەقىل بۇلىقى» يەسلىسىنى قانۇنىي رەسمىيەتلىرى يوق، تەلەپكە لايىق ئەمەس، دەپ تاقاشقا بۇيرىغان. 2010-يىلى ئىيۇلدا خۇڭتا رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى بۇ يەسلىنىڭ لىچى بازىرىغا كۆچۈپ بارغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسنى تاپشۇرۇۋېلىپ، تەكشۈرۈپ بۇ يەسلىنىڭ يەنىلا يېتەرلىك شارائىت ھازىرلىمىغانلىقىنى ئېنىقلىغان ۋە يەسلىنى تاقاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. كېيىن تاڭ چېڭيەن يەنىلا ئەسلىدىكى جايىدا بالىلارنى قوبۇل قىلىپ، گۇيجىتاڭ بىلەن جاۋ يۈنى ياللاپ، يەسلىنى داۋاملىق ئاچقان.

مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە، مۇنداق يەسلىلەرنى قۇرۇش ئۈچۈن چىقىم ناھايىتى ئاز كېتىدىكەن، 30مىڭ يۈەندىن 50مىڭ يۈەنگىچە پۇل بولسا، نەچچە ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، ئىككى ئوقۇتقۇچى ۋە بىر شوپۇر ياللىسىلا، يەسلىنى ئاچالايدىكەن. سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر بالىلارنى مۇنتىزىم يەسلىلەرگە بېرەلمىگەچكە، مۇشۇنداق يەسلىلەرگە بەرمەي ئامالى يوق ئىكەن. بۇنداق يەسلىلەر سۇغۇرتا شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىمۇ قىلىپ باقمىغاچقا، كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىپ قالسىلا، بارلىق چىقىمنى يەسلى خوجايىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.
 مۇتەخەسىسلەر مۇنداق قارىدى: شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شەھەرگە كىرىدىغان ئىشلەمچىلەرمۇ كۆپەيدى، بۇنىڭ بىلەن مۇنداق ئىككى قۇتۇپ شەكىللەندى، بىرى، يېزىلاردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەسلىشىپ، ئوقۇتۇش بايلىقى ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ بولۇش. يەنە بىرى، شەھەرلەردىكى ئاقما نوپۇسلارنىڭ بالىلىرى كۆپىيىپ، ئۇلارنى يۇقىرىقىدەك يەسلىلەرگە بېرىشكە مەجبۇر بولۇش. شۇڭا بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىشى قىيىن بولۇش مەسلىسىنى تەلتۆكۈس ھەق قىلغاندىلا، بۇنداق قانۇنسىز يەسلى، قانۇنسىز مەكتەپلەرنى يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىقىدەك كۈتۈلمىگەن ھادىسلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بۇ بىر ئاددىي مىسال بولسىمۇ، مۇشۇنىڭدىن ئوتتۇرىغا چىققان قانۇنىي رەسمىيىتى تولۇق بولمىغان يەسلى مەسىلىسى نۇرغۇن جايلاردا مەۋجۈت. سەۋەبىنى ئىزدىسەك يەنىلا ئېھتىياج، بازار ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشلاردا ساقلىنىۋاتقان يوچۇققا بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇنداق تىراگېدىيەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنىلا مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ئوخشاش بىز زېمىندا ياشاۋاتقان بالىلارنى ئوخشاش مائارىپ شارائىتىدىن بەھرلەندۈرۈش قاتارلىقلار بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار