خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بىر خاككىر ئۆسمۈرنىڭ جىنايەت خاتى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئېلتەرىش2011-05-18 10:58

 

بىر خاككىر ئۆسمۈرنىڭ جىنايەت خاتىرىسى

       2000-يىلى 4- ئاي، بىر جۈمە كۈنى كەچ، سەھەر سائەت ئۈچ ئەتراپى. مەن دوستۇم پاترىكنىڭ مونتىرىيالئەتراپىدىكى ئۆيىدە تۈنەۋاتاتتىم. بىز 15 ياشلىق ئىككى بالا بىر تەرەپتىن ئەخلەتيېمەكلىكلەرنى يېگەچ، بىر تەرەپتىن قارا قوللارنىڭ زوراۋانلىق فىلىمى « ناۋادائوغرىلىق يوللۇق بولسا»نى كۆرىۋاتاتتۇق.
توساتتىن يانفۇنۇم سايراپ كەتتى. دادامتېلېفۇن قىلغانىدى.
-
ھەي ، مايكول ، سەن نەدە؟ -دېدى ئۇ.
ئۇنىڭ ئاۋازىخۇددى شامال سوققان يۇپۇرماقتەك تىترەپ چىقىۋاتاتتى.
-
ساڭا نەدەبولىدىغانلىقىمنى دەپ بەرگەنتىمغۇ، پاترىكنىڭ ئۆيىدە ، نېمە ئىش؟
-
ئۇلار بۇيەردە مايكول
-
كىملەر ئۇ يەردە ؟
-
كانادا خان جەمەتى ئاتلىق ساقچىلىرى-دېدىدادام ئۇلار سېنى تۇتقىلى كەپتۇ.
مەن ئۆيدىن چىقتىم . نەچچە مىنۇتتىن كېيىنكۈچلۈك چىراق نۇرى تۈن قوينىنى يېرىپ، قىزىل رەڭلىك بىر بولكىۋاي قاراڭغۇلۇقتىنچىقىپ كەلدى. ئۇ كەينىمدە توختىدى-دە، ئىشىك سېيرىلىپ ئېچىلدى. مەن بولكىۋايدائولتۇرغان نۇرغۇن ساقچىلارنى كۆردۈم. بەستلىك كەلگەن قىزىل چاچلىق بىر ئەرماشىنىدىن چۈشتى. ئۇ ئوق ئۆتمەس كىيىم كىيىۋالغانىدى.
-
مايكول، بىز بىلەن ماڭ، -دېدى ئۇ قوپال تەلەپپۇزدا.
كېيىن ئۇنىڭ كانادا خان جەمەتى ئاتلىق ساقچىقىسمىدىكى مىلادشىي سېرژانت ماك گېسسارلىن ئىكەنلىكىنى بىلدىم. يېرىم كېچىدىكى بۇئۇچرىشىش ئۇنىڭ بىر نەچچە ئايلىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
بولكىۋايدا ساقچىلار مېنى ئوراپ ئولتۇرۇشتى. گېسسارلىن بولسا ئالدى ئورۇندۇقتائولتۇراتتى.
-
نېمە ئۈچۈن بۇ يەردىلىكىڭنى بىلىسەن، شۇنداقمۇ ؟ - دەپ سورىدى ئۇ.
مەن ئۈندىمىدىم.

ئالتە ياش: مەن خاككىربولىمەن

   ئاتا- ئانام ئايرىلىپ تۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن ،دادام يېڭى تۇرالغىمىزدا، مەن بىلەن ھەپتە ئاخىرىنى ئۆتكۈزۈشكە خۇشاللىق بىلەنماقۇل بولاتتى. ئەمما، ئۇنىڭ خىزمىتى دائىم پىلانىمنىڭ بېلىگە تېپەتتى. ئۇ مېنىڭھەپتە ئاخىرىدىكى زېرىكىشلىك تۇرمۇشۇمنى كۆرگەندىن كېيىن، ماڭا ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغانبىر نەرسە ئېلىپ بەرگۈسى كەلدى.
      بىر جۈمە كۈنى كەچتە ، مەن دادامنىڭماڭا تەييارلىغان سوۋغىسى –بىر دانە كومپىيۇتېرنى تاپشۇرىۋالدىم .
ئىككى يىلدىنكېيىن مەن ئامىرىكا لىنىيىسى (America online) نىڭ 30 كۈنگىچە ئېنتىرنىتنى ھەقسىزئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. كومپىيۇتېر ئىكرانىغا قاراپ ، خۇشاللىقتىن ئۆزۈمنى باسالمايلا قالدىم. ئەمما،قانداق باشلاش ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيتىم. نېمىلەرنى ئىزدىشىم كېرەك؟
      بىر كۈنى مەن تور چايخانىسىدا، شېفىر يېشىش يۇمشاق دېتالىنى سۈرۈشتە قىلغانىدىم،دەرھاللا چايخانىدىن تېپىپ چىقىرىلدىم. ھەتتا، ئامىرىكا لىنىيىسىنىڭ مۇلازىمىتىمۇتوختىتىلدى. بۇ زادى نېمە ئىشتۇ؟
    مەن ناھايىتى تېزلا بۇنداق ئىشنىڭ دائىمكۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇنداقلار «تەپكەك» (Punting)دېيىلىدىكەن. بىراۋ زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ماڭا ھۇجۇمقىلىپ، مېنى بىر « چىكىپ»لا توردىن چۈشۈرىۋىتىپ، مېنىڭ ئۇلىنىشىمنى ئۈزىۋىتىدىكەن. بۇنىڭغا بەكلا قىزىقىپ قالدىم. بۇ قارىماققا ئاجايىپ بىر چاقچاقكەن. تىپىك يېگەنلەرئاسانلا تورغا چىقىپ يەنە چايخانىغا كىرەلەيدىكەن.
ئەينى چاغدا مېنىڭمۇباشقىلارنى تىپىپ چىقىرىۋەتكۈم كەلدى. شۇنداق ھاياجىنىمنى باسالمايلا قالدىم.
مەن ئىنتىرنىتنى ئاقتۇرۇپ، ماڭا ياردەم بېرىدىغان « تەپكەك»لەرنى ئىزدىدىم. « مائۇسنى ئوڭ چېكىپ كۆرۈڭ ياكى پىكىر يېزىڭ» نى قىلالايدىغانلارنى ئىزدىدىم. مۇشۇئىككى جۈملە بىلەن مەن پەقەت « ئورىگىنال سولتەك»(script kiddie) بولالايتىم. بۇسۆزلەر مەخسۇس خاككىر بولۇش خىيالى بار ، بىراق ،پەقەت باشقىلارنىڭ قوللىنىشپىروگىراممىلىرىنى ئىشلىتىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارغا ئىشلىتىلەتتى. ئورىگىنالسولتەك خاككىر ھېساپلانمايتى. چۈنكى، ئۇلار قانداق كود تۈزۈشنى بىلمەيتتى. ماڭانىسبەتەن بۇنداق بۇزغۇنچى قوراللارنى ياسىغان پىروگىراممىچىلار ۋە توردىكىئىسيانكارلار مەۋھۇم بوشلۇقتىكى ئەڭ قالتىس گۇيلار ئىدى. ئۇلار بىلەن دوستلاشقۇم،خاككىر بولغۇم بار ئىدى!

11
ياش:

       11 يېشىمدا، مەن 50 دىن ئارتۇق قانۇنسىز پائالىيەتلەرگەياردەم بېرىدىغان پاراڭلىشىش قانىلى بار، ئەڭ داڭلىق تور چايخانىلىرىنىڭ بىرى Efnet نى تاپتىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە #Wareziwc قىسقارتىلىپ IWC دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانالبار بولۇپ، كومپىيۇتېر تورىغا ھۇجۇم قىلدىغان بىر خاككىر قوبۇل قىلىۋىتىپتۇ.
     IWC غا كىرىش خىيالىدا ئەسەبىيلەشتىم ھەمدە تورغا قانداق كىرىۋىلىشنىئۆگەندىم. ئەمما، مەن بىر بالا ئىدىم، ئاددىي خاككىر قوراللىرىنى ئىشلىتىشنىبىلىدىغان ئامىرىكا لىنىيىسىدە چاتاق چىقىرىپ يۈرۈيدىغان بىر بالا ئىدىم. مەنقانالنىڭ ئىگىدارى دوگلاسقا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزۈمنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولماقچىئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىجازەتسىز ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىپ،كومپىيۇتېرنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم. ئۇنىڭجاۋابى شۇ بولدىكى،ئۇ قانداق قىلىشنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغانلارنى ئىزدەيدىكەن.
       مېنىڭ مەھكەم تۇرىۋىلىشىم بىلەن ئاخىرى دوگلاسنىڭ رەھمى كېلىپ، ماڭائاددىي ھۇجۇم قىلىش –يوچۇقلارنى سىكاننېرلاپ، ھۇجۇم پىروگىراممىسىنى ئىجرا قىلىشنىئۆگىتىشكە باشلىدى. ئەمما، ھەقىقىي خاككىر بولاي دېسەم، پىروگىرامما تۈزۈشماھارىتىم بولىشى كېرەك ئىدى. مەن پىروگىرامما تۈزۈش، كومپىيۇتېر تورى ھەمدە باشقائالاقىدار ماتىرىياللارنى ئەسەبىيلەرچە ئوقۇشقا باشلىدىم. بۇلاردىن پايدىلىنىپ مەنئاددى بىر قوللىنىش پىروگىراممىسى ياسىدىم، ئۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىۋىدى. خوشلۇقتىنبېشىم كۆككە يەتتى.
       8- يىللىقتىكى بىر كۈنى مەن IWC قانىلىغا كىردىم . دوگلاس ۋە باشقىلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇم. ئەمما، دوگلاسنى تاپالمىدىم. بىزنىڭباشلىقىمىزغا نېمە بولغاندۇ؟ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، بىز تارقىلىپ كېتىدىغانبولدۇق. ناۋادا، بىرەرسى دوگلاسقا ھۇجۇم بىلەن توردىن چۈشۈرىۋەتكەن بولسا ياكىئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزسەك بىرئاز ياخشى بولىدىكەن.
     ئەمما، ناھايىتىتېزلا خاككىرنىڭ تەشكىلاتىدىن ئايرىلسا، ئۇنىڭ بايلىق مەنبەسى ۋە بىلىمىنىڭچەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدىم. مەن تەشكىلاتقا قايتىدىغان يولنى تېپىشىمكېرەك ئىدى. بىر مۇنەۋۋەر تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى نام چىقىرىشئىدى. ئەمما، بۇنى قىلىشنىڭ بىر ئامالى بار ئىدى. يەنى كۆرەش قىلىش. مېنىڭ بۇمۇقەددەس ئۇرۇشۇمنىڭ ئاخىرىدا ، ئۇ خاككىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىپ، 12قانالنى كونتۇرول قىلىۋالدىم. ئاخىرىدا خېلى زور بىر خاككىرلار تەشكىلاتى «ئارفا» مېنى تەكلىپ قىلدى. مەن قوبۇل قىلدىم.
       بىر كۈنى كومپىيۇتېرنى ئېچىپ،ئۆزۈمنىڭ ئىنىمنىڭ ئابونت نامى « قارا قول پارتىيىسىدىكى بالا» نامىدا مەشغۇلاتئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىمنى بايقىدىم. بۇنداق ئاتىلىشنى ياقتۇراتتىم. مەن تەشكىلاتىمغامېنى يۇقىرىقى نام بىلەن ئاتاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلدىم.

15
ياش: زوراۋانلىق قىلىش

      مەن تورغاچىقىپ، توردىن چىقىپ يۈرىدىغان ئىككى خىل تۇرمۇشتىن ناھايىتى خوشال ئىدىم. مەنئۈچۈن رىئال دۇنياسىكى ئادەملەر ئەمما ، ئىنتىرنېت تورىنىڭ موھىملىقىغاسېلىشتۇرغاندا چېنىپ قالاتتى.توردا قائىدە –يوسۇن، ئاتا- ئانا ياكى ياش ۋە ئىقتىدارجەھەتتە ئالدىن ماڭغانلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايتىم. 9- يىللىقتىكى چېغىمدائىنتىزامسىزلىقىم ۋە ماتىماتىكىدىن باشقا بارلىق پەنلەردىكى ناچار نەتىجەم بىلەنبىر نەچچە قېتىم ئوقۇشتىن توختىتىلدىم.
       1999- يىلى، يازنىڭ باشلىرىدا، Outlaw net شىركىتىگە تەۋە بولغان ئورېگون شىتاتىدىكى ئېنتىرنېت مۇلازىمىتى بىلەنتەمىنلەيدىغان ئورۇنغا كىرىۋالدىم ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر مۇلازىمىتىرىنى ئۇلىۋالدىم. مەن ئۇ مۇلازىمىتىرنى دائىم ئىشلىتەتتىم. ئۇ خېلىلا چوڭ بولۇپ، مەن Outlaw net ئارقىلىق ئۆز مۇساپەمنى لاھىيىلەپ، بىر چايخانىغا كىردىم .مېنىڭ ئۇلىنىشىمقارىماققا ئورىگوندىن كەلگەندەك قىلاتتى.
      6- ئاينىڭ 14- كۈنى ، ئامىرىكافىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. ئۇلار مۇلازىمىتىرگەكىرىۋاتقان ۋە چىقىۋاتقان ئۇچۇر مىقدارىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ھۇجۇم مەنبەسىنىتېپىشقا ئۇرىناتتى. 12- ئايدا فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى كانادا خان جەمەتىساقچى قىسمىدىكى ماك گىسسارلىن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇمنىڭ كانادادىكىسىپۇلىنتىر شىركىتى قارىمىقىدىكى بىر توردىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. گېسسارلىنئىزدەش دائىرىسىنى مونتىرىيالدىكى بىر ئىنتىرنېت تور مۇلازىمىتى بىلەنتەمىنلەيدىغان سودىگەرگە مەركەزلەشتۈرگەن. ئەمما، ئۇ ئۆزى قىزىقىۋاتقان ئابونتنىڭخاككىر ھۇجۇمى بىلەن گۇمان قىلىنىپ، بىر قانچە ئاي بۇرۇن تاقىۋىتىلگەنلىكىنىبايقاپتۇ. ئارقىدىن يىپ ئۇچى گېسسارلىننى دادامنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىپتۇ. ئەمما،دەلىل- ئىسپات كەمچىل بولغاچقا، ئاخىرلاشتۇرالماپتۇ. شۇنداقتىمۇ ، بىزنىڭ ئائىلە،توختىتىلغان ئابونت ۋە مەن ئوقىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا ئوتتۇرىسىدىكىباغلىنىشلارفىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دادامغا تېلېفۇن قىلىشىغا يېتەرلىكئىدى. دادام چاتاق چىققانلىقىنى سېزىپ، مېنىڭ ئىنتىرنىتتىكى ئابونتىمنى ئەمەلدىنقالدۇرىۋىتىپتۇ. ئەمما، مەن ئوغرىلىۋالغان تور ئابونتىنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقىداۋاملىق توردا ئەگىپ ئاقتۇرۇپ يۈرەتتى.
     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن « ئارفا»ن نى تاشلاپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان TNT نىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ، Efnet تاخاككىرلار تەشكىلاتلىرى ئارا كەسكىن ئۇرۇشقا غەرق بولۇپ كەتتىم. ئەمەلىيەتتە، بۇبىر مەيدان ھەربىي ھازىرلىقلار ئۇرۇشى ئىدى. پەقەت، ئۇلار ئوق-دورا ئىشلەتمىگەنئىدى ، خالاس. ۋاھالەنكى ، سانلىق مەلۇماتلار خالتىسى- يەنى ئېنتىرنېت تورىدايوللاش ئۈچۈن . سانلىق مەلۇماتلارغا سىغداپ كىرگۈزۈلگەن كىچىپ بىر ئۇچۇر جۇغلانمىسىئىدى. ھالقىلىق مەسىلە كىمنىڭ تورنىڭ كۆپ قىسمىنى، زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى ئەڭياىشى يۇمشاق دېتال بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىدا.
       1999-يىلى TNTنىڭبايلىق ئېچىش ئۇيۇشمىسنىڭ بىر ئەزاسى بىر يېڭى قورالنى ئېلان قىلدى. بۇ قورالقىسقىغىنە بىرنەچچە مىنۇتتا، يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تورىدىكى 30مۇلازىمىتىرنى ئېتىۋىتەلەيتى. ئەمدى مەن ئۆزۈمنىڭ زور تىپتىكى مۇلازىمىتىرىنىڭ تورئۇلىنىشىنى بىر- بىرىگە ئۇلاپ، بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدىم. ماشىنىنىئىزدەش مېنىڭ ئەڭ ئالىي نىشانىم . چۈنكى، ئۇ زور مىقداردىكى ئېنتىرنىت تورى ئېقىممىقدارىنى بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەينى چاغدا ياھۇ ئېنتىرنېت تورىدىكى زىيارەت مىقدارىئەڭ زور تور بېكىتى ئىدى. مەن بۇ قېتىمقى مەخپىي ھەرىكىتىمنى« رىۋولتا» يەنىئىتالىيان تىلىدا « زوراۋانلىق» دەپ ئاتىدىم.

  2000- يىلى 2- ئاينىڭ 7- كۈنى دۈشەنبە.
   مەن ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ياھۇغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىقىنىقىلىۋاتاتتىم.مەن كومپىيۇتىرىمدىن ئايرىلغاندا، ھۇجۇم قىلىشقا قولايلىق بولسۇنئۈچۈن، ئالدىن پىروگىرامما تۈزۈپ قويدۇم. بۇنداق بولغاندا، باشقا خاككىرلار ياكىساقچىلار مەندىن ھۇجۇمغا ئائىت ئىشلارنى سۈرۈشتۈر، مەن مەكتەپتىلىكىمنى دېسەمبولىۋىرەتتى.ھۇجۇم چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا باشلاندى. ئۆزۈم سىنىپتا بولساممۇ،خىيالىم ھۇجۇمدا ئىدى. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ياھۇ تەخمىنەن ئامىرىكىنىڭشەرقى قىسىم ۋاقتى بىردە ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كېلىپ پالەچلىنىپ قالغانىدى. كىشىلەربۇ تور بېكەتنى زىيارەت قىلالمىغان بەزىلەر ھەتتا، ھەقسىز ئېلخەت ساندۇقىدىنپايدىلىنالمىغان. بۇ تور بېكىتى كەينى- كەينىدىن كەلگەن كۆپ مەنبەلىك سانلىقمەلۇماتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . ھەممە ئىش ئويلىغىنىمدەك بولىۋاتاتتى. ھەممە ئىشئويلىغىنىمدەك بولىۋاتاتتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت تۆت ئەتراپىدا، مەن ئۆيگەقايتتىم. ياھۇغا يەنىلا چىققىلى بولمايتى. ئۇ يەنىلا پالەچ ئىدى. كومپىيۇتېرئالدىدا ئولتۇرۇپ قاتتىق چۆچىدىم. بۇ تامامەن ئويلىغىنىمدەك بولدى.
     نېمەئىش بولدى؟
      ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە كومپىيۇتېر بىخەتەرلىك تەشكىلاتلىرىبەس-بەستە قىياس قىلىشاتتى. مەن تور چايخانىسىغا كىردىم.ياھۇنىڭ ھۇجۇمغائۇچرىغانلىقى قىزغىن مۇھاكىمە قىلىنىۋېتىپتۇ. كونتۇرۇللىقىمدا تۇرىۋاتقان زورمىقداردىكى كەڭ بەلباغلار تومۇرىمدىن ئېقىۋاتقاندەك ، ئۆزۈم ئۇلارغا تۇتىشىپتۇرغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئەمما، بۇلار زېھىننى بەكلا خورىتاتتى. ھەتتا ، مېنىۋەيران قىلغىلى تاسلا قالدى، نەچچە ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بالدۇرلا ئۇخلىدىم. 2- كۈنى ئويغىنىپلا يەنە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلدىم. بىراق، ئوخشاش ئۇسۇل بىلەننەرسە سېتىۋىلىش تورى (Buy com) غا ھۇجۇم قىلىنغانىدى. بىراۋ ماڭا جەڭ ئېلانقىلغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بۇ مېنىڭ ياھۇغا قىلغانلىرىمنى باشقىلارنىڭمۇقىلالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيتى.مەن تېزدىن يېڭى بىر نىشان-ئېلىكتىرونلۇق پورت (e Bay)نى نىشان قىلىپ بېكىتتىم.
      ئۇ كۈنى مەن كەچرەك ھۇجۇم باشلىدىم. بۇقېتىم كومپىيۇتېرنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمىدىم. e Bay نىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش سۈرئىتىياھۇنىڭكىدىن تېز بولدى. كىم ئارتۇق سودىسىغا ئەگەشكۈچىلەر ۋە باھادارىقابەتلەشكۈچىلەرمۇ بۇ بېكەتكە كىرەلمىدى. مەن ئەمدى قانائەت تاپقاندەك بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن TNT غا كىرىپ ، خاككىرلارنىڭ نىمىلەرنى دېيىشىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكچىبولدۇم پىلانىمدا ئۆزگىرىش بولىۋاتتى.بىۋەستە ئۇرۇش قوزغىماي تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇممەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ ، نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچىبولدۇم.
       ناۋادا، ئاددىيلا « مەن مەسئۇل بولىمەن » دېسەم ماڭا ھېچكىمئىشەنمەيتى. شۇڭا، ھەر بىر ئادەمدىن قايسى تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلغىلىبولمايدىغانلىقىنى سورىدىم. بەزىلەر ئامىرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە خەۋەر تورى (CNN)نىكۆرسەتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ تورى ئىلغار، ئېقىم مىقدارلىق سانلىق قىممەتكە ئىگە بولۇپ،يەنى زور مىقداردىكى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى ئىدى.
بولىدۇ، CNNبولسۇن.
      قىسقىغىنە بىر نەچچە مېنۇتتا ھۇجۇمنى باشلىۋەتتىم.كۈتتىم،تاكى CNN پۈتۈنلەي پالەچلەنگەندىن كېيىن ، ئاندىن قانالغا قايتىپ كەلدىم. CNNنىكۆرۈپ بېقىڭلار-دېدىم مەن.
چايخانىدىكىلەر CNN نىڭ پالەچلەنگەنلىكىنىكۆرگىنىدە، مەن تاقەتسىزلىك ئىچىدە ئامازۇنغا ھۇجۇم قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغاقويدۇم. مەن ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي، كىشىلەرگە ئۆزۈمنى كۆرسىتىشنى ، ئېتىراپقائېرىشىشنى ھەمدە قورقىتىشنى ئويلايتتىم.
     ئامازۇن شۈنچىلىك تېزپالەچلەندىكى، مېنىڭمۇ ئىختىيارسىز ئىچىم ئاغرىپ قالدى. تور بېكىتى بىر سائەتپالەچلەنگەندىن كېيىن، مەن ھۇجۇمنى توختاتتىم.
     بەك كەچ بولۇپ كەتكەنىدى،ئالدىنقى كۈنىدىكىدەك ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەن پېتى كارۋاتتا ياتاتتىم. ئەمما،ئۇخلىيالمىدىم. مەن پاراڭلىشىش تورىنى ئاچسام، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى مېنىڭ قىلغان- قىلمىغانلىقىنى سوراپ سەكسەن پارچە ئۇچۇر كەپتۇ. مەن جاۋاپ قايتۇرمىدىم. چۈنكى،دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەنىدىم. توردا يېرىم كېچىگىچە تۇرۇپ، ئېكراندىكى ئۇچۇپيۈرگەن پاراڭ خاتىرەمگە قاراپ تۇردۇم. ئۇيقۇلۇقتا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قوزغىماقچىبولدۇم.
      ئېلىكتىرونلۇق سودا تورى ETRADE بۇ قېتىملىق نىشانىم ئىدى. مەنئۇنى تەخمىنەن بىر سائەتتىن ئۇزۇنراق پالەچلەپ قويدۇم. ئاندىن سۆرۈلۈپ كارۋىتىمغاكەلدىم. بۇ چاغدا ، ئەتىگەن سائەت يەتتە بولغانىدى.ناھايىتى تېزلا مەكتەپكەماڭاتتىم.
       ئامىرىكا بىرلەشمە كوپىراتىۋى 2-ئاينىڭ 9- كۈنىدىكىدوكلاتىدا، خاككىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان داڭلىق تور بېكەتلىرىنىڭ كوپىيىشىگەئەگىشىپ، ئەھۋال بارغانسېرى سىرلىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. دېيىلگەن. كىشىلەرنىڭئېنتىرنېت تورىنىڭ ئاجىزلىقىغا بولغان تەشۋىشى بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. پاي چېكىبازىرىدا باھا چۈشۈپ كەتتى. ئامىرىكىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئوتتۇرىغاچىقىپ، بارلىق تىرىشچانلىقى بىلەن توردىكى يامان نىيەتلىك بۇزغۇنچىلىققا زەربەبېرىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەردى. ئالدىنقى كۈندىكى قىزغىنلىقىم تېخىبېسىقمىغانىدى. كېيىنكى بىر ھەپتىدە، مەن يەنە ئارقا- ئارقىدىن ھۇجۇم قوزغىدىم. بىرقېتىمدا، كۆپلىگەن نىشانلارنى ئۆتكىزىۋىلىپ، ئاسالىق قاناللارنىڭ كونتۇرول ھوقۇقىنىتارتىۋىلىپ،دۈشمەننى ھۇجۇم بىلەن توردىن چۈشۈرۈپ، ئۆزۈم چېقىلغان ھەر بىر ئورۇنغا « قارا قول پارتىيىسىدىكى بالا» بىلەن TNT بەلگىسىنى ئاستىم. بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقىھۇجۇمۇم، شۇنداقلا ھەقىقىي غەلبەم ئىدى.

16
ياش، قولغا ئېلىنىش، جازا ئۆتەش

         7- يىللىقتىن بۈگۈنگىچە،مەن دائىم ئۆزۈمنىڭ ھۇجۇمىمنى توردىكى پاراڭ تېمام قىلاتتىم. بىر ياقتىن #sheis قانىلىدا، خەتەرگە قارىماي، ئۆزۈمنى ماختىسام، يەنە بىر ياقتىن ھۇجۇمنى داۋامئەتتىم.
چايخانىدا،فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خاككىر بولىۋالغان بىرخادىمى بارىكەن. 2- ئاينىڭ 8- كۈنى ياھۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئاخىرقى كۈنى مەنتوردىكىلەر بىلەن ھەدەپ ئۆز قابىلىيىتم ھەققىدە جىدەللىشىۋاتقاندا، ئۇ سوغۇقكۆزلىرىنى تىكىپ تۇرغانىكەن.
        2- ئاينىڭ 14- كۈنى ،فىدىراتسىيە تەكشۈرۈشئىدارىسى كانادا خان جەمەتى ساقچىلىرىغا تېلېفۇن بېرىپ ، موتىرىيالنى بازا قىلغانخاككىر « قارا قول پارتىيىسىدىكى بالا » نى تېپىشنى تەلەپ قىپتۇ. بۇ دېلو ماكگېسسارلىننىڭ قولىغا ئۆتۈپتۇ. ئەتىسى ئۇ مونتىرىيالدىكى تور مۇلازىمىتى بىلەنتەمىنلەيدىغان ئىككى سودا ئورنىغا « قارا قول پارتىيىسىدىكى بالا »نىڭ ئىلگىرىئۇلار بىلەن ئالقىلەشكەن- ئالاقىلەشمىگەنلىكىنى ئنىلاشقا بۇيرۇپتۇ. گېسسارلىنئابونتقا دائىر ئۇچۇرلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرىۋاتقاندا، بىر قىسىم نەرسىلەرناھايىتى تونۇش بىلىنىپتۇ. ئۇ كونا ئەنزىنى ئەسلەپ، خاتىرىسىنى قوزغاتماقچى بوپتۇ. Outlaw netدېلوسىنى ئېچىپلا، گېسسارلىن ناھايىتى تېزلا قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭئۆزىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى سېزىپتۇ. يەنى Outlaw net ۋەقەسى يۈز بەرگەندە قولغاچۈشۈرگەن ئوخشاش تېلېفۇن نومۇرى ۋە ئادرىسىنى بايقاپتۇ. خاككىر مونتىرىيالدىكى بىرتۇرالغۇدا تۇرىدىكەن.
8-
ئاينىڭ 3- كۈنى، مەن 64 تۈرلۈك ئەيىپلەندىم. ئۇلارنىڭھەممىسى ئامىرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە خەۋەر تورىغا ھۇجۇم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇنداق قىلىپ 16 يېشىمدا يەتمىش تۈرلۈك ئەيىپلەندىم.
2001-
يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى ئەيىپلىگۈچى تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان 66 تۈرلۈك ئەيىپلەشنىڭ 58 تۈرىنى بوينۇمغائالدىم. 9- ئايدا، سودىيە مېنى مۇلازىمەت ھۇجۇمىنى رەت قىلىش (denial-of-service attacks ) نامى بىلەن تۆت ئايلىق قاماققا، سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان تورلارنى ئاساس قىلىپتۆت ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر يىل كۈزىتىلەتتىم.

17
ياش: خەير-خوش، قارا قول پارتىيىسىدىكىبالا

      ئىللىق ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئاستا- ئاستا تاڭئاتتى. بۈگۈن مەن قويۇپ بېرىلەتتىم.
ناھايىتى ئەتىگەن ئويغىنىپ ، يۈك- تاقلىرىمىنى رەتلەشكە باشلىدىم. دادام كەلگەندە، بىز نەرسىلىرىمنى سىرتقا ئېلىپچىقىپ، ماشىنىغا سالدۇق. ئاندىن ئارقامغا يېنىپ خوشلىشىپ چىقتىم. دادامنىڭ ئۆيىگەكەلدۇق . ئۆگەي ئانام ۋە ئىنىم بىزنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن. مەن ھوجرامغا كىرىپ نەرسەكېرەكلىرىمنى يىغىشتۇردۇم. ھېلىقى كومپىيۇتېر ئېتىك ئىدى. پەقەت كونۇپكىنى باسساملاتور دۇنياسىغا يەنە كىرىپ كېتەتتىم.
       كومپىيۇتېر مېنى ئۆزىگە قاتتىقتارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئەمما، يەنە بىر خىل كۈچ مېنى كەينىمگە تارتاتتى. مەن كومپىيۇتېرنىڭ قاپقاراڭغۇ ئېكرانىغا بىرنەچچە مېنۇت تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن ،ئارقامغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتىم.
      قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن نېمەئىش قىلىشھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئويلاندىم. شۇ كۈنلەردە مەن كومپىيۇتېر بىخەتەرلىكىگە ئائىتمەخسۇس سەھىپىلەرنى چىقاردىم ھەم بىر كومپىيۇتېر دۇكىنىغا ئىشلىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭياخشى بىر بالا بولىدىغانلىقىمغا ، ئېنتىرنېت تورىنى تېخىمۇ بىخەتەرقىلىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.
مەن دائىم، ناۋادا، 2000- يىلىدىن باشلاپ ھۇجۇمقىلىشنى باشلىمىغان بولسام، بۈگۈن قانچىلىك ئۇزاپ كېتەر ئىدىم، بەلكىم، تولۇقئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقار ئىدىم، دەپ ئويلايمەن. بەلكىم، ئۆزشىركىتىم بولار ئىدى، بەلكىم، بىخەتەرلىك ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ ، كۆپ پۇل تېپىپ،ئۆزۈمدىن ھالقىپ كېتەر ئىدىم.....
نۆۋەتتە، مەن بىر قىسىم دەرسلەرگە قاتنىشىپ،كومپىيۇتېر بىخەتەرلىك ساھەسى ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرگە ئېرىشتىم. بۇ ھېكايىنىيېزىش ئارقىلىق، بۇ بەتلەرنى يېپىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىمەكچىمەن.
«
قاراقول پارتىيىسىدىكى بالا » گەرچە مەڭگۈ مېنىڭ بىر قىسمىم بولسىمۇ، ئەمدى ئۇ ئۆلدى.

توردا ئۆز-ئۆزىنى قوغداشنىڭ ئېپى ،« قارا قولپارتىيىسىدىكى بالا »نىڭ تەكلىپى

     *ئەڭ كۈچلۈك بىخەتەرلىكقورالى يۇمشاق دېتال بولماستىن، ئۆز- ئۆزىنى قوغداش ئېڭى. يامان نىيەتلىكخاككىرلارنىڭ پايدا ئېلىشىدىكى ھالقىلىق سەۋەپ، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى قانداق قوغداشنىبىلمىگەنلىكىڭىز.
*
ئېلخەت بىر نام كارتۇچكىسىغاباراۋەر.
بىر پارچە ئېلخەت خۇددى بىر پارچە نام كارتۇچكىسىنى قارشىتەرەپكە ئېۋەتكەنگە باراۋەر. مۇلازىمىتىر بىلەن مۇلازىمىتىر ئوتتۇرىسىدايەتكۈزىلىۋاتقان ئۇچۇرلار بەلكىم ئوقىلىشى، ئېلىۋىلىنىشى مۇمكىن. سىز سېستىمائارقىلىق ئېلخېتىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ، ئۇلار سىز ئېۋەتكەن ئېلخەتنى مەخپىيشىفىر ئارقىلىق قۇلۇپلاپ قوغدىيالايدۇ.
*
ساپيازما ھۆججەت ئەڭ ياخشى.
HTML
شەكلىدىكى ئېلخەت ئېۋەتسىڭىز ياكى قوبۇلقىلسىڭىز سىزنىڭ ئالدىنىش خەۋپىڭىز ئېشىشى مۇمكىن. ئېلخەتنى بازا قىلغان نۇرغۇنئالىي دەرىجىلىك ھۇجۇملارسۇقۇنۇپ كىرىش شەكلىدىكى رەسىم ۋە ئۇلىنىشلار ئارقىلىق ،سىزنى ئالداپ سىزدە قانۇنلۇق دېگەن خاتا چۈشەنچىسى ھاسىل قىلىدۇ. سىزنىڭ ئېلخەتپىروگىراممىڭىزنى پەقەت ساپ يازما ھۆججەت شەكلىدە يوللىنىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغانقىلىپ تۈزىۋالسىڭىز بولىدۇ.
*
كۈچلۈك شېفىر :
شېفىر تۈزگەندە چوڭ-كىچىك يېزىلىشتىكى ھەرپلەرنى ئارىلاشتۇرۇش كېرەك. شېفىر ئاز بولغاندىمۇ سەككىز خانىدىن تۈزىلىشى كېرەك. يەنە بە ھەرپ بەلگىلەرئارلىشىپ كەلسە بولىدۇ. مەسىلەن: ”!“ ، ”′“ ،”&“،”$“ دېگەندەك.
*
شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا ھېزى بولۇڭ
شەخسىيئۇچۇرلىرىڭىز ئىسمىڭىز ، ئادرىسىڭىز، ئىناۋەتلىك كارتا نومۇرىڭىز ۋە باشقىلارشەخسلەرنىڭ موھىم ئۇچۇرلىرى بولىدۇ. ناتۇنۇش تورلاردىن نەرسە سېتىۋالماڭ ۋە ئېلخەتئارقىلىق ئىناۋەتلىك كارتا نومۇرىڭىز ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئېۋەتمەڭ. ناتونۇشتور بېكەتلىرىنىڭ جەدۋەللىرىنى تولدۇرغاندا ئېھتىيات قىلىڭ، پەقەت ئەڭ ئاز ساندىكىئۇچۇرلارنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئېلتەرىش تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-11 12:05 ئاخىرقى كەلگىنى:2011-05-18 11:05