ھەممىلا يەرنى قاپلىغان تور بىزنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىش بىلەن بىللە، يىراقتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنىمۇ يېقىنلاشتۇردى. بولۇپمۇ، غېرىپسىنغان، ئىچىڭىز پۇشقان ۋاقىتتا، تور رەڭدار مەزمۇنلىرى ئارقىلىق سىزگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن ھەممە كىشى توردىن ئايرىلالمايدىغان ھالغا يەتتى، تور شەخسنىڭ يان تېلېفون، كومپيۇتېرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۇرمۇشىمىزغا مول مەزمۇنلارنى قوشتى.
ئەمما تور دۇنياسىغا مەپتۇن بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن تورغا باغلىنىپ قالغان ۋاقتىمىزدا، تور سىرتىدىكى دۇنيانىڭمۇ ئوخشاشلا رەڭدار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز. ئويلاپ باقساق، تور يوق چاغدا بوش ۋاقتىمىزنى كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتۇق؛ تور يوق چاغدا، دىققەت نەزەرىمىزنى جانلىق تەبىئەتكە ياكى دالىغا ئاغدۇرۇپ، سىرتلارغا چىقاتتۇق؛ تور يوق چاغدا، تىنچ ئولتۇرۇپ ئۆيدىكىلەر، دوستلار بىلەن سىردىشىپ، مۇڭدىشىپ، مېھىر-مۇھەببەتتىن بەھرىلىنەتتۇق.
ئۇنداقتا تور بىزنى نېمىلەردىن يىراقلاشتۇردى؟ تور بالىلارنى تەڭتۇشلىرى بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە خۇشال بولىدىغان ۋاقىتتىن، پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلدى. تەتىللەردە بالىلار كۆپ قىسىم ۋاقتىنى بىلىپ-بىلمەي تورغا سەرپ قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار دوستلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئەمەس، بەلكى توردىكى مەۋھۇم دۇنيادا پاراڭلىشىدۇ، تور ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
تور بىزنى مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ئەتراپقا نەزەر سالساق، ئىلگىرىكى كوچا دوقمۇشلىرى، ئاۋات رەستىلەر، ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدىكى گېزىت-ژۇرنال بوتكىلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. مەلۇم كىتاپ بوتكىسىنىڭ خوجايىنى گېزىت-ژۇرناللارنىڭ بازىرى بولمىغاچقا، گېزىت-ژۇرنال ساتمايدىغان بولدۇق، دېدى. تور يەنە بىزنى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. يان تېلېفونغا باشچىلاپ بېرىلىپ كەتكەنلەر ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە گەپ قىلىشقا، ئەتراپىدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئېتىبار قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]