4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، مىكروسوفىت شىركىتى Windows XP سىستېمىسىغا بولغان تېخنىكىلىق قوللاش مۇلازىمىتىنى رەسمىي توختاتقان بولۇپ، تۈنۈگۈن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىنژىنىرى، ئاخبارات باياناتچىسى جاڭفېڭ سۆز قىلىپ، مىكروسوفىتنىڭWindows XP نى توختىتىشى دۆلىتىمىزدىكى ئاساسىي ئۇچۇر-ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ چىققان Linux سىسىتېمىسىنى ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جاڭفېڭنىڭ دىيىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مىكروسوفىتنىڭWindows XP سىستېمىسىغا بولغان تېخنىكىلىق قوللاش مۇلازىمىتىنى توختىتىش ئىشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇلار يەنە مىكروسوفىت تەرەپ بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا ئۇلاردىن بۇ ئىشقا قارىتا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەتراپلىق ھەل قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى %70 ئەتراپىدىكى كومپىيۇتېر ئابونتى ھىلىھەم Windows XP سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىكەن.
«Windows XP سىستېمىسى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان يۇمشاق دېتاللارنى قوللايدۇ، بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئابونتلارنىڭ ھاجىتىدىن بىمالال چىقالايدۇ.» دەيدۇ جاڭفېڭ، «نۆۋەتتە Windows XP ئابونتلىرى دۇچ كىلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتى ياكى سىستېما نەشىرىنى يېڭىلاشقا مەجبۇر بولۇش مەسىلىسى بىۋاستە ھالدا كەڭ ئابونتلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە بىرىپ چېتىلىدۇ. Windows XP سىستېمىسى يەنە خەۋەرلىشىش ، ئۇچۇر-ئالاقىسى قاتارلىق مۇھىم كەسىپلەردە يەنىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. مىكروسوفىتنىڭ بۇ سىستېمىغا بولغان قوللاش مۇلازىمىتىنى توختىتىشى ئېلىمىزدىكى ئاساسىي ئۇچۇر-ئالاقە تورىغا بىۋاستە تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ.»
«بىز كەڭ Windows XP ئابونتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئالاقىدار كارخانىلار تەمىنلىگەن بىخەتەرلىكنى قوغداش دېتاللىرىنى دەل ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇچۇر خېيىم-خەتىرىگە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز. كارخانا ۋە ئورگانلاردىكى ئابونتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە كۈچەيتىش ئارقىلىق، خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداقلا ئۆزىدىكى ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ قوللىنىش ئالاھىدىلىكى ۋە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.»
مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ Windows XP سىستېمىسىغا بولغان يېڭىلاشنى رەسمىي توختىتىشىغا ئەگىشىپ، 200 مىليونغا يىقىن ئابونت «ئىگى-چاقىسىز» قالغان بولۇپ، بۈ دۆلىتىمىزدىكى كارخانىلارغا زور سودا پۇرسىتى ئاتا قىلغان. تېڭشۈن، 360، جىنشەن، بەيدۇ قاتارلىق چوڭ كارخانىلار Windows XP نىڭ سىستېما بىخەتەرلىكىنى قوغداش دېتاللىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئاشكارا ۋەدە بىرىپ، مەھسۇلات ئېچىش ۋە سىناش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان، ئۇلار يەنە مەخسۇس ھالدا ئىدارە-ئورگانلاردىكى ئابونتلارغا قارىتىلغان بىخەتەرلىك لايىھەسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىمۇ بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى كەلگۈسىدە ئۇچۇر-ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، Windows XP سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان كەسپى سىستېما ۋە تايانچ سىستېمىلارنى سىرتتىن نازارەت قىلىش ۋە Windows XP سىستېمىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تېخنىكىلىق قوللاش مۇلازىمىتىنىڭ توختىتىلىشى ئېلىپ كېلىدىغان ھەرخىل خېيىم-خەتەر ۋە تەھدىتلەرگە ئۈنۈملۈك ھالدا تاقابىل تۇرىدىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]