خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ( شەنبە )

iOS ئەپلىرىنىڭ خېيىم-خەتەر دەرىجىسى ئاندىرويىدقا قارىغاند

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2014-02-20 00:09

 

iOS ئەپلىرىنىڭ خېيىم-خەتەر دەرىجىسى ئاندىرويىدقا قارىغاندا يۇقىرى

iOS ئەپلىرىنىڭ خېيىم-خەتەر دەرىجىسى ئاندىرويىدقا قارىغاندا يۇقىرى


بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Appthority ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە, iOS ئەپلىرىنىڭ خېيىم-خەتەر دەرىجىسى ئاندىرويىد ئەپلىرىگە قارىغاندا يۇقىرى تۇرىدىكەن. iOS سۇپىسىدىكى ئالدىنقى 100 داڭلىق ئەپ ئىچىدە, %91 دىن ئارتۇق ئەپتە يوچۇق باركەن ياكى ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويىدىكەن؛ ئاندىرويىد سۇپىسىدىكى ئالدىنقى 100 داڭلىق ئەپنىڭ ئىچىدە, %83 ئەپ ئابونتلار ياكى شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويىدىكەن.
Appthority شىركىتىنىڭ باش لېدىرى, شىركەت قۇرغۇچىسى Domingo Guerra بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن:
 « ئابونتلار ئەپ بىخەتەرلىك مەسىلىنى ئويلاشقاندا, ئالدى بىلەن يامان نىيەتلىك ئەپلەرنى ئېسىگە ئالىدۇ, بۇ خىل مەسىلە ئاندىرويىد سۇپىسىدا تېخىمۇ ئېغىر. بىراق, iOS ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەپ سېتىۋېلىش, تېلفون ھەققى تاپشۇرۇش ۋە ئۈسكۈنىنى ئويناش قاتارلىق ئىشلارغا سەرىپ قىلىدىغان ۋاقتى ئاندىرويىد ئابونتلىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ, مۇشۇنداق بولغاچقا, ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ iOS سۇپىسىغا بولغان مۇئامىلىسى ئاندىرويىد بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا, بىز دائىم ئاڭلايدىغان iOS سۇپىسى بىخەتەر دىگەن سۆزلەر پۈتۈنلەي بىر خاتا قاراش.»
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە, قوللىنىشچان ئەپلەردە ساقلانغان خېيىم-خەتەرلەر كۆپ خىل بولۇپ, ئۇ جۇغراپىيىلىك ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى ئىز قوغلاش, ئەپ نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئاجىز بولۇش, ئېلان ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىش, تېلفون دەپتىرى ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ۋە ئابونتلار ياكى ئۈسكۈنىنىڭ ID سىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالما شىركىتى كېيىنكى كۈنلەردە ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ iOS ئۈسكۈنىسىنىڭ بىردىنبىر پەرقلەندۈرۈش كودىغا ئېرىشىش ھوقوقىنى چەكلىۋەتكەن بولسىمۇ, بىراق, iOS سۇپىسىدىكى ئالدىنقى 100 ئەپنىڭ ئىچىدە, يەنىلا %26 ئەپ ئۈسكۈنىنىڭ بىردىنبىر پەرقلەندۈرۈش كودىنى كۆرسىتىپ بىرىدىكەن, بۇ نىسبەت ھازىر بۇلتۇر 7-ئايدىكىگە قارىغاندا %6 ئاشقان.
Guerra يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «ئەپ ئاچقۇچىلار قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى ئاچقاندا, ئەڭ ئەلالاشتۇرۇلغان تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈشى ناتايىن, بەزىدە ئۇلار ئۈچىنچى تەرەپ قوراللار, فۇنكىسيە كودلىرى ۋە تەييار كودلاردىن پايدىلىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئەپ ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولسىمۇ, بىراق, ئابونتلارغا يېڭى-يېڭى مەسىلىلەرنى ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن.»
«مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا, جۇغراپىيىلىك ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى ئىز قوغلاش ئانچە مۇھىم بىلىنمەيدۇ, بىراق, كارخانا نۇقتىسىدىن قارىغاندا, مەلۇم بىر شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئورۇن ئۇچۇرلىرى ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۇگېلنىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇرغان ئورنىنى بىلەلىسىڭىز, ئۇ ھالدا گۇگېلنىڭ كىيىنكى قەدەمدە قايسى شىركەتنى قوشۇۋالماقچى بولغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالىشىڭىز مۇمكىن. يانفوندىكى كالىندار ئەپلىرىمۇ ھەرخىل مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ, سەۋەبى, ئۇنىڭغا ئابونتلارنىڭ پائالىيەت ئۇچۇرلىرى, يىغىن ۋاقتى, مەزمۇنى, تېمىسى ۋە باشقا مۇھىم ئۇچۇرلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن.
Appthority تەرەپنىڭ بايقىشىچە, iOS ۋە ئاندىرويىد سۇپىسىدىكى ئالدىنقى 200 ھەقسىز ئەپ ئىچىدە, %95 ئەپنى ئەڭ ئاز دىگەندە بىر تۈرلۈك خېيىم-خەتەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دىيىش مۇمكىنكەن, ھەقلىق ئەپلەر ئىچىدە بۇ نىسبەت %80 ئىكەن. iOS ۋە ئاندىرويىد سۇپىسىدىكى ئالدىنقى 200 ھەقسىز ئەپ ئىچىدە, %31 ھەقسىز ئەپ ئابونتنىڭ تېلفون دەپتىرى ياكى ئالاقىلاشقۇچى كىشىلىرىنىڭ تېزىملىكىنى قولغا چۈشۈرەلەيدىكەن, بۇ نىسبەت ھەقلىق ئەپلەرگە قارىغاندا %22 يۇقىرى بولىدىكەن.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار