ئالما شىركىتى Haswellبىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىمىسى قوللىنىلغان «Mac mini» 3-ئايدا ئېلان قىلىدۇ
ئالما شىركىتى بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكىدا يىغىن ئېچىپ، يېڭى ئەۋلاد Mac mini رەسمىي ئېلان قىلغان.

يېقىندا چەتئەل مېدىيەلىرى خەۋەر بېرىشىچە، ئالما شىركىتى بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكىدا ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى ئەۋلاد Mac mini رەسمىي ئېلان قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى Mac mini بىلەن Apple Tv بىرلكتە ئېلان قىلىنىدىكەن. قاتتىق دېتالنىمۇ بىر قېتىم يېڭىلايدىغان بولۇپ، ناھايىتى تۆۋەن سەرپىياتلىق Haswell بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭى تىپتىكى Mac mini غا 2013-يىلدىكى سامسۇڭ شىركىتى ئېلان قىلغان EVO mini 840 قاتتىق دېسىكىنى قوللىنىشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ-كىچكلىكى ئادەتتىكى نۇسخىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا تەڭ كېلىدۇ، ساقلاش بوشلۇقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەتتىكى نۇسخىسىنىڭ تۆتتىن بىرىچىلىك بولۇپ، ساقلاش بوشلۇقى ئەڭ چوڭ بولغاندا 1TB غا يېتىدىكەن.
يېقىندا، ئالما شىركىتى ئورگان تورىدا Apple Tv ئۈچۈن مەخسۇس بەت تەسىس قىلدى. يېڭى تېلېۋىزور قانال قوبۇللىغۇچى بىزنىڭ ساقلىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك مەھسۇلات. شۇنىڭغا قارىغاندا 3-ئايدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىدىغاندەك قىلىدۇ.