خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ رايونغا ئايرىش قورالى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-06-26 03:39


 
قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ رايونغا ئايرىش قورالى

قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ رايونغا ئايرىش قورالىيېڭىدىن خاتىرە كومپيۇتېر ياكى قۇراشتۇرما كومپيۇتېر سېتىۋالغىنىمىزدا، كۆپىنچە قاتتىق دېسكا رايونغا ئايرىلىپ تەييار سېستىما قاچىلاپ بېرىلىدۇ، Windows 7 ۋە Vista غا ئوخشاش سېستىمىلارنىڭ سىغىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، قاچىلاپ بىر مەزگىلدىن كېيىن C رايوننىڭ سىغىمىنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ، ئېھتىياجىمىزدىن چىقالمايۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىمىز، بۇ چاغدا قاتتىق دېسكىنى قايتا رايونغا ئايرىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ، بىراق بۇ سەۋەپلىك قاتتىق دېسكىدىكى بارلىق ماتېرىياللارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ قويۇشقا ياكى ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ، ناۋادا قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچراتماي تۇرۇپ، خالىغان بىر رايوننىڭ سىغىمىنى چوڭايتقىلى بولىدىغان بىر دانە يۇمشاق دېتال بولغان بولسا، ھەقىقەتەن ئۇسسىغان يەرگە بارغان بولاتتىدە؟
بۇ خىلدىكى قوراللار ئەلۋەتتە بار، بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم مۇشۇ تۈردىكى ھەقسىز يۇمشاق دېتال EASEUS Partition Master بولۇپ، ھەقسىز، XP/Vista/Win7 قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىسىدىمۇ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ، قاتتىق دېسكىدىكى رايونلارنى يۆتكەش، سىغىمىنى ئۆزگەرتىش، يوشۇرۇش، فورماتلاش، ئۆچۈرۈش ۋە يېڭىدىن رايون قۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن. ئەڭ مۇھىم يېرى شۇكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى قاتتىق دېسكا رايونغا ئايرىش يۇمشاق دېتاللىرى قاتتىق دېسكىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە خىزمەت قىلىدۇ، EASEUS Partition Master بولسا ئۇنداق ئەمەس، بىۋاستە Windows 2000, XP, Vista ۋە Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسىدا تۇرۇپلا قاتتىق دېسكىغا نىسبەتەن زەخمىسىز ھالەتتە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايدۇ، بۇ ئۇنىڭ بىزگە ئەڭ نان تېگىدىغان يېرىنىڭ بىرى.
قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ رايونغا ئايرىش قورالى

EASEUS Partition Master نى نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىمىز؟
Windows7نىڭ MSDNھەقىقى نەشىرىنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلغاندىن بېرى، نۇرغۇن تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىدۇ ۋە ناھايىتى ياقتۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى، بىراق كۆپچىلىكنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، Windows7نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن Cرايوننىڭ ئۆزىدىنلا 8GB تىن ئارتۇقراق ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بىر قىسىم ئىلگىرى Windows XP ئىشلىتىۋاتقان ۋە C رايوننى كىچىك بۆلۈپ ئىشلىتىۋاتقان دوستلار Windows 7 گە كۆچكەندىن كېيىن، باشقا قوشۇمچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ قاچىلىنىشىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، C رايونىنىڭ بارغانسىرى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى ھەتتا C رايونغا باشقا نەرسە قاچىلاشقا ئىمكانىيەت بولمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. EASEUS Partition Master بولسا دەل مۇشۇنداق چاغدا ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، قاتتىق دېسكىنىڭ باشقا رايونىدىكى ئارتۇقچە رايوننى بۆلۈپ C رايونغا قوشۇپ بېرىشكە بولىدۇ، بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى Windows مەشغۇلات سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق زىيان زەخمەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.
EASEUS Partition Master نىڭ نۆۋەتتە تېخى خەنچىلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسى يوق بولۇپ، خەنچە يۇمشاق دېتاللارنى بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان تورداشلار ئۈچۈن سەل قىيىنغا توختىشى مۇمكىن، بىراق تەدبىركارنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، زۆرۈر مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى نەچچە كۇنۇپكا بىلەنلا پۈتىدىغان بولۇپ، مەشغۇلات ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن، شۇڭا بەك كۆپ تەسكە توختاپ كېتىشىمۇ ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار باشقا تىلغا ئۆرۈلۈش جەريانىدا، ئەسلى ئىقتىدارلىرى زىيان-زەخمىگە ئۇچرايدىغان، مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ، ناۋادا شۇ سەۋەپتىن ئۇچۇرلىرىمىزغا زەخمە يېتىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىمىز، شۇڭا كۆپچىلىككە يەنىلا ئەسلى نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ رايونغا ئايرىش قورالى

ۋاقىت مۇناسىۋىتى تۈپەيلى، مەنمۇ تەپسىلىي دەرسلىك يېزىشقا ھورۇنلۇق قىلىپ قالدىم، تۆۋەندە EASEUS Partition Master تىن پايدىلىنىپ، قاتتىق دېسكىدىكى باشقا رايونلاردىكى ئارتۇق سىغىمنى C رايونغا قوشۇپ بېرىش ۋە شۇ ئارقىلىق C رايوننىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش ھەققىدە قىسقىچە دەرسلىك قالدۇرۇپ قوياي، ناۋادا قايسى ياخشى نىيەتلىك تورداش بۇ ھەقتە تەپسىلىي دەرسلىك يېزىشنى ۋە كۆپچىلىككە تەقدىم ئېتىشنى خالىسا، مەن تورداشلار نامىدىن ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
EASEUS Partition Master ئارقىلىق C رايوننىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش
1-قىستۇرما رەسىمدىكىدەك ئاۋال ئارتۇق بوشلۇق بار رايوننى تاللايمىز ۋە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ Resize/Move نى باسىمىز، بۇ چاغدا 2-قىستۇرما رەسىمدىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ، ئۈستىدىكى ئورۇندىكى سېرىق رەڭلىك ئورۇن بولسا، ئاشۇنچىلىك ئورۇندا ئۇچۇر بارلىقىنى ۋە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئوڭ تەرەپتىكى كۈل رەڭ ئورۇن بولسا، بۇ ئورۇننىڭ بىكار ئىكەنلىكىنى ۋە ئىشلىتىش(ئۆچۈرۈش/يۆتكەش/يېڭىدىن قۇرۇش)كە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئوڭ تەرەپتىكى ئۈچبۇلۇڭ بەلگىسىنى مائۇس بىلەن بېسىپ تۇرۇپ سولغا تارتساق، تاكى سېرىق رەڭلىك ئورۇن بار يەرگىچە تارتىشقا بولىدۇ، يەنى بۇ رايوندىن پەقەت شۇ ئارتۇق سىغىمنىلا باشقا ئىشقا ئاجرىتىشقا بولىدۇ، ئۇچۇر بار ئورۇنغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، بۇ چاغدا شۇنىڭ ماس ھالدا ئاستىدىكى ئاجرىتىلىدىغان سىغىم سانىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بۇلارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، ئاستىدىكى OK كۇنۇپكىسىنى بېسىپ جەزملەشتۈرىمىز، ئەمدى قارىساق قاتتىق دېسكا رايونلىرى ئارىسىغا باياتىن بىز يېڭىدىن ئۆچۈرگەن يېڭى بىر رايوننىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ئارتۇق سىغىمدىكى ئورۇننى C رايونغا قوشۇپ بېرىش ئۈچۈن، شۇ رايوننى تاللاپ مائۇس بىلەن تارتىپلا C رايون بىلەن D رايوننىڭ ئارىلىقىغا ئەكىلىمىز(بولمىسا C رايون ئاتلاپ D رايوننىڭ كەينىدىكى بىكار ئورۇننى ئۆزىگە قوشالمايدۇ). ئەمدى C رايوننىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ Resize/Move كۇنۇپكىسىنى باسساق، ئۈستى تەرەپتە تېخىمۇ قېنىق كۈلرەڭ ئورۇننىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ دەل باياقى ئارتۇقچە رايون بولۇپ، ئۈچبۇلۇڭ بەلگىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئوڭغا تارتىپ تاكى قېنىق كۈلرەڭ ئورۇن ئاخىرلاشقىچە سۈرىمىز، ئاندىن OK كۇنۇپكىسىنى بېسىپ جەزملەشتۈرسەك بۇ بىكار ئورۇن C رايونغا قوشۇلىدۇ.
ئاخىرىدا يۇمشاق دېتالنىڭ سول ئۈستى تەرەپتىكى Apply كۇنۇپكىسىنى باسساق، EASEUS Partition Master رەسمى ھالدا باياقى مەشغۇلاتلىرىمىزنى ئورۇنداشقا باشلايدۇ ۋە مەشغۇلات تۈگىگەندە رامكا چىقىرىپ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش كۆرسەتمىلىرىنى بېرىدۇ، Yes نى بېسىپ قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن، باياتىندىن بېرى قىلغان بارلىق مەشغۇلاتلىرىمىز كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
دىققەت: بەزىدە كومپيۇتېر تۇنجى قايتا قوزغالغاندا بىر قىسىم چۈشىنىكسىز ئۇچۇرلار كۆرۈنىشى ۋە يەنە قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن، بىراق ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، EASEUS Partition Master بۇ مەشغۇلاتلارنى ھەممىسى ئۆزى ئاپتوماتىك بېجىرىپ بېرىدۇ.
تەدبىركارنىڭ ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتى
پېقىرنىڭ Cرايونىمۇ دەسلىۋىدە كىچىك بۆلۈنگەن بولغاچ، كېيىن قولايسىزلىق كېلىپ چىقىپ مەزكۇر قورالنى ئۇچراتقاندىن كېيىن سىناپ مۇۋاپىقىيەت قازاندىم ۋە يەنە ساۋاقداش مۇشاۋىر قاتارلىق بىر قانچەيلەننىڭ كومپيۇتېرىدا سىناپمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل مەشغۇلاتلار Windows مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلغاچ ھەمدە ئۇچۇرلارغا زىيان يەتكۈزمىگەچكە، بۇ يۇمشاق دېتالغا بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى، شۇ سەۋەپتىن كۆپچىلىككىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. ئەلۋەتتە بۇ EASEUS Partition Master ئارقىلىق C رايوننىڭ سىغىمىنى چوڭايتىشتىن باشقا، يەنە باشقا خېلى كۆپ مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، تەپسىلاتىنى كۆپچىلىكنىڭ يەنە ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغىنىغا ئىشىنىمەن.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار