دۆلەت ۋاكالەت نومۇرى مەركىزىنىڭ سانلىق-مەلۇماتلىرى بەيدۇ تورىغا كىرگۈزۈلدى
بىر كونۇپكا بىلەنلا كارخانا، ئورگانلارنىڭ «كىملىكى»نى تەكشۈرگىلى بولىدىغان بولدى
بۈگۈن مەملىكەتلىك تەشكىلىي ئاپپاراتلارنىڭ ۋاكالەت نومۇرىنى باشقۇرۇش مەركىزى (قىسقارتىلىپ «دۆلەت ۋاكالەت نومۇرى مەركىزى» دېيىلىدۇ) بەيدۇ شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، دۆلەت ۋاكالەت نومۇرى مەركىزىنىڭ نوپۇزلۇق ئېتىراپ سانلىق مەلۇماتلىرى بەيدۇ تورىغا ئېچىۋېتىلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، تورداشلار بەيدۇ تورىدىن «تەشكىلىي ئاپپارات ۋاكالەت نومۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش»نى ئىزدەش ئارقىلىق، كەسپىي تەكشۈرۈش كۆزنىكىگە كىرىپ، تەشكىلىي ئاپپاراتنىڭ نامى، ۋاكالەت نومۇرى ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان كىنىشكا نومۇرلىرىنىڭ خالىغان بىر تۈرىنى كىرگۈزسىلا، ئاپپارات تۈرى، ئادرېسى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە تارقاتقان ئورۇن قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، شۇ تەشكىلىي ئاپپاراتنىڭ راست-يالغانلىقى، ھەقىقىي ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكىگە تېزلا ھۆكۈم قىلالايدۇ.