خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بۇ ئايدا 50 تىن ئارتۇق دۆلەتتە iPhone 5 تارقىتىلىدۇ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-12-10 00:32

 

بۇ ئايدا 50 تىن ئارتۇق دۆلەتتە iPhone 5 تارقىتىلىدۇ


بۇ ئايدا 50 تىن ئارتۇق دۆلەتتە iPhone 5 تارقىتىلىدۇ

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئالما شىركىتى دۈشەنبە كۈنى ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ ئايدا 50 تىن ئارتۇق دۆلەتتە iPhone 5 نى تارقىتىدىغانلىقى جاكارلىغان بولۇپ، 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كورېيەدە تارقىتىلىدىكەن ھەم بىر ھەپتىدىن كېيىن رۇسىيە، بىرازىلىيە، جۇڭگو تەيۋەن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ۋە رايونلاردا يېڭى مەھسۇلاتىنى تارقىتىدىكەن.

ئالما شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە iPhone 5 نىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ھازىر iPhone 5 ئاللىقاچان 47 دۆلەتتە سېتىلىشنى باشلىغان. 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار بولسا ئالبانىيە، ئانتىگۇئا، باربۇدا، يامايكا، باھاما، بەھرەيىن، بولىۋىيە، بىرازىلىيە، چىلى، جۇڭگونىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقى، كوستارىكا، سىپرۇس، ئېكۋاتور، گېرىنادا، ھېندىنوزىيە، ئىسرائىلىيە، يامايكا، ئىيوردانىيە،كۇۋەيت، ماكىدونىيە، مالايسىيا، مولداۋا، قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى، پاناما، پاراگۋاي، فىلىپپىن، قاتار، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، جۇڭگو تەيۋەن رايونى، تۈركىيە، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ۋېنسۇئىلا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما شىركىتىنىڭ 12-ئاينىڭ 21-كۈنى iPhone 5 نى ئېلان قىلماقچى بولغان دۆلەت ۋە رايونلىرى بولسا باربادوس، بوتسىۋانا، كامېرون، ئۇتتۇرا ئافرىقا خەلق جۇمھۇرىيىتى، مىسىر، گىۋىنىيە، كوتىدىۋا، كېنىيە،ماداغاسقار، مالى، ماۋرىتىئۇس، ماراكەش، نېگىر، سېنىگال، ساينت كىتىس ۋە نېۋىس فېدېراتسىيەسى،ساينىت لۇسىيە، تۇنىس، ئۇگاندا ۋە ۋېيتنام قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئالما شىركىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئالما شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى iPhone 5 نى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭگو تەيۋەن رايونىدا ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، ئىگىلىنىشچە، تەيۋەندىكى بارلىق ئېلىكتىرون تىجارەت سودىگەرلىرى بىر ھەپتە بۇرۇنلا iPhone 5 نىڭ زاكازىنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىغان.

iPhone5 نىڭ ئامېرىكا قاتارلىق مۇھىم بازارلاردىكى تەمىنلىنىش ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتىنىڭ خەلىقئارا بازارلىرىغا كېڭىيىش سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە، ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما شىركىتى يەنە ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى تور دۇكانلىرى ئارقىلىق iPhone 5 نىڭ ئېچىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى سېتىشنى باشلىغان.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار