خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

تۇرمۇش ھەققىدە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : كۆك بۆرە2012-02-23 22:42

 

  پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.
    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ – داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر.
    ئىجاد – ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.
    تۇرمۇش ئالدىدا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار تولۇق نېسىۋىگە ئېرىشسە، بىكار تەلەپ، لايغەزەللەر ئاخىرى بېرىپ نادامەت پاتقىقىغا پاتىدۇ.
    تۇرمۇشنىڭ ھەممە يوللىرى ئادىللىق بىلەن تولغان ھەم ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال سىز كۆرگەن شېرىن چۈشلەردىلا ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بولىدۇ، بىراق چۈش ئۇ رېئاللىق ئەمەس.
    تۇرمۇشى مول مەنىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ھەسەن – ھۈسەندەك رەڭدار بولىدۇ؛ مەززىسى يوق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇشى توختام سۇغا ئوخشايدۇ.
    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.
    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.
    تۇرمۇش ئاچچىق – چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.
    تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كىشى ئۈشكە روھىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلسا بولىدۇ. ئۈشكىگە چۈشكەن بېسىم قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۇنىڭ تېشىپ كىرىش كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ.
    تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئېلىش ئىستىكىدىلا يۈرگۈچىلەر ھەر دائىم تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە بېخىللىق قىلىۋاتقانلىقىدىن، مەززىسىزلىكىدىن زارلانسا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقان ئىلتىپاتلىرىغا، ئۇنىڭ رەڭدارلىشىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.
    تۇرمۇش پېچىدا ئاجىزلار يوقىلىپ، كۈچلۈكلەر پولاتتەك تاۋلىنىدۇ.
    تۇرمۇش پۈتمەس – تۈگىمەس، مەنىگە باي، شۇنداقلا لەززەتلىك قامۇسقا ئوخشايدۇ، ھەر كىم ھەر كۈنى بۇ قامۇس ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ تۇرىدۇ، ئەمما ھەركىمنىڭ ئۇنى يېزىش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ.
    تۇرمۇش تەڭرىتاغ چوققىلىرىدىكى قار لەيلىسىگە ئوخشايدۇ. قارلىق چوققىلاردىكى قەھرىتان سوغۇق، كۈچلۈك شىۋىرغانلارنىڭ چېنىقتۇرۇشى ئارقىلىقلا ئاشۇنداق چىرايلىق، كۆركەم قار لەيلىسى كۆز ئاچىدۇ.
    تۇرمۇش يېڭىلىق يارىتىش، ئالغا ئىنتىلىش دېگەنلىكتۇر. تۇرمۇش قىسسىسى كۈرەشچان قەلەم ئارقىلىقلا يېزىلىدۇ.
    تۇرمۇش — بىپايان دېڭىز. ئۇنىڭدا قورقۇنچاقلا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ، قەيسەر ئوغلانلارلا دولقۇنلار ئەۋجىدە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
    تۇرمۇش ئاچچىق – چۈچۈك زەيتۇن مېغىزىغا ئوخشايدۇ.
    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
كۆك بۆرە تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-11 00:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-10-24 10:10