خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ھەقىقىي ئۇچۇر ئىنتېرنېت تورى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى چېك

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2012-02-15 23:12

 

ھەقىقىي ئۇچۇر ئىنتېرنېت تورى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى چېكى بولۇپ قالدى

 

 يېقىندىن بۇيان ئۇچۇر كۆپ مەنبەلەشكەن ئىنتېرنېت تورى تىنچىمىدى. بىر تەرەپتىن چەتئەل تاراتقۇلىرى بېيجىڭ رايونىدا يادرو چىقىپ كېتىش خەتىرى بار دېسە، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلىتىمىزدىكى تاراتقۇلار بېيجىڭ پىچاق ئەمەلىي ئىسىم تۈزۈمىنى يولغا قويماقچى دېدى. گەرچە بۇ ئۇچۇرلار نوپۇزلۇق تارماقلار تەرىپىدىن ناھايىتى تېز ئىنكار قىلىنسىمۇ، لېكىن كىشىنى ئويغا سالىدۇ.

پىتنە ئىغۋالار نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېز تارقىلىدۇ؟ بىر تەرەپتىن بۇنى ئىنتېرنېت تورى دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن، خەۋەرلىشىش قوراللىرى ياخشىلانغان، تور مەھسۇلاتلىرى بېيىغانلىقتىن، كىشىلەر ھەر ۋاقىت ، ھەر جايدا، ھەتتا خالىغانچە ئۇچۇر تارقىتالايدۇ، ھازىر ھەممە كىشى ئۇچۇر قوبۇل قىلغۇچى ۋە تارقاتقۇچى بولۇپ قالدى، بۇ ئۇچۇرنىڭ تارقىتىشنىڭ كۆپ مەنبەلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنى پىتنە-ئىغۋانىڭ ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن، پىتنە-ئىغۋا ھەمىشە ھەقىقىي ئۇچۇرغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە بۇرمىلىنىش ئارقىلىق تارقىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ تونۇش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاڭلىغۇچىلار خاتا يېتەكلىنىدۇ، ئۇ ناھايىتى زور ئالداش ۋە قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىنتېرنېت تورى دەۋرىدە پىتنە ئىغۋا تارقىتىشنىڭ تەھدىت كۈچى ئاجىزلىماستىن، ئەكسىچە كۈچەيدى.

  نۆۋەتتە پىتنە ئىغۋالارنىڭ تېز تارقىلىشىغا ماس كېلىدىغىنى ئۇنىڭ غايەت زور بۇزغۇنچىلىق كۈچى. بىر كۆپ مەنبەلىك ئۇچۇر مەيدانىدا، كىشىلەر مۇقىمسىز ئۇچۇرغا نىسبەتەن ئىشەنسە بار، ئىشەنمىسە يوق بولۇش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. بۇ پىتنە ئىغۋانىڭ خالىغانچە تارقىلىشىغا ماكان يارىتىپ بېرىدۇ. پىتنە ئىغۋا يەنە كىشىلەرنىڭ ئىدراكسىز كەيپىياتىنى ناھايىتى ئاسان قوزغايدۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىدراكسىز تاللىشى ۋە قىلمىشى ئارقىلىق، نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ ئاممىۋىي ئىشەنچلىكلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت تەننەرخىنى كۆپەيتىدۇ. تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە، بىر پىتنە ئىغۋانى تۈگىتىش ئۈچۈن، پىتنە ئىغۋا پەيدا قىلغانغا قارىغاندا ئون ھەسسىدىن ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىكەن.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار