خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

QQتوغرىسىدا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپىيە2012-02-08 22:59

ھازىرقى تور ۋەزىيىتى ھەققىدە يەنە چۈشەندۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا دەيلى.
1- مەيلى QQ توپ ياكى باشقا ئۇسۇلدا بولسۇن QQ پۇلى تېپىش،  جۇغلانما كۆپەيتىش مەقسىتىدە بىزەڭلىك بىلەن تەكرار ئۇچۇر يوللاۋىرىشتىن ساقلىنىڭ.
2-  ھازىر تور بېخەتەرلىكى دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم خىزمەت بولۇپ توردىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىش يىللاردىكىدىن ھەسسىلەپ كۈچەيتىلدى.
3- باشقىلار بىلەن ئايرىپ QQ  سۆھبىتى قىلغاندىمۇ ئەدەبلىك ئىلمىي بولۇڭ، باشقىلارنى غەرەزلىك تىللايدىغان، تىللاپ پۇخادىن چىقىدىغان ئىشنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
4- مەيلى كىم بولسۇن دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ، ئىناۋىتىگە مۇخالىپ  ئۇچۇرنى تەۋسىيە قىلسا سىزمۇ راستمىكىن دەپ تەۋسىيە قىلىپ يۈرمەڭ.   چۈنكى QQ  غا دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدىن ھەر خىل ئادەملەر بىمالال چىقالىشى تۇرغانلا گەپ.  ناۋادا شۇ ئۇچۇرنىڭ چاتىقىغا قالسىڭىز سىزگە ئۇچۇر يوللىغۇچىنى تېپىپ بولغۇچە ھەرەج تارتقىنىڭىز تارتقان بولىدۇ.
5- http://xx.qq.com دىن باشقا ئادرىستا كىلىۋاتقان QQ  پۇلى، ئۇچى- بۇچى دەيدىغان ئۇچۇرلارغا ئالدىراپ ئىشەنمەڭ.  يادىڭىزدا بولسۇنكى QQ   شىركىتىنىڭ ئادرىسى چوقۇم « . » تىن كېيىن QQ   دېگەن خەت يەنە « . » تىن كېيىن com كىلىپ تاماملىنىدۇ.  يەنى http://xx.qq.com دېگەندەك .چۈنكى ھازىر QQ نىڭ ئۆزىدىلا ئۇچۇر ياكى QQ نومۇرنى پاش قىلىش ئەسكەرتمىسى قوشۇقلۇق بولۇپ بۇ ئەسكەرتمە http://safe.qq.com/site غا ئۇلانغان  ، بۇ يەردىكى «ناچار نومۇرنى پاش قىلىش»  (  举报恶意QQ帐号) ۋە « ناچار بەتنى پاش قىلىش»نى بېسىش  ئارقىلىق ھەرقانداق ئادەم سىزنى  يەنى QQ نومۇرىڭىزنى ياكى ئۇچۇرىڭىزنى پاش قىلالايدۇ.
ئەلبەتتە بۇنىڭ پاكىتى بولىشى كېرەك. پاكىتى بولمىسا ياكى يامان نىيەتتە پاش قىلىنسا پاش قىلغۇچى ئۆزى چاتاققا قالىدۇ.
بۇ ئەسكەرتىشنى گەرچە قوپالراق يوللاپ قويغان بولساقمۇ سىزنىڭ ھازىرقى تور شارائىتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن مۇھىم رول ئويناپ قالىدۇ دەپ ئىشىنىمىز.  

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سەپىيە تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-08 20:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-02-08 20:02