خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كومپيۇتېر بىلىملىرى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىخلاس2011-11-22 13:42

بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كومپيۇتېر بىلىملىرى

 

1. CMOS دىن قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈلمىسە، قاتتىق دىسكىنى ئاۋازى يۇقىرى بولسا ئېلېكتر ماتورى، ماگنىت بېشى، دىسكا يۈزى، كونتروللاش توك يولى بۇزۇلغان، بۇ خىل كاشىلىنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

 2. نۆلىنچى ماگنىت يولى بۇزۇلغان بولسا DM ئارقىلىق نۆلىنچى ماگنىت يولىنى ئەسلىدىكى 1_ ماگنىت يولىغا يۆتكەڭ. باشقا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، قاتتىق دىسلىنى قورال يۇمشاق دېتاللاردىن تەكشۈرۈڭ، ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ، فورماتلاڭ، تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلاڭ.

 قاتتىق دىسكىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

 (1) سىلكىنىشتىن ساقلىنىش: قاتتىق دىسكا نازۇك ساقلاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، قاتتىق دىسكا ئىشلەتكەندە ماگنىت باش دىسكا يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ (دىسكا يۈزى بىلەن ماگنىت باش ئارىلىقى بىر نەچچە مىكرومېتر كېلىدۇ). قاتتىق دىسكا ئىشلىمىگەندە ماگنىت باش دىسكا يۈزىگە تېگىپ تۇرىدۇ، قاتتىق دىسكا ئوقۇش _ يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا سىلكىنىشكە ئۇچرىسا ماگنىت باش بىلەن دىسكا تېگىپ دىسكا بۇزىلىدىغان، ئۇچۇر يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ، كومپىيۇتېر ئۆچۈرۋېتىلگەن شارائىتىمۇ قاتتىق دىسكا سىلكىنمەسلىكى كېرەك.

 (2) چاڭ - توزاندىن ساقلىنىش: چاڭ - توزان كۆپ، نەملىك مەۋجۇت شارائىتتا قاتتىق دىسكا نورمال ئىشلىمەيدىغان، قىسقا تۇتۇش ھاسىل بولۇپ، توك يولى بۇزۇلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

 (3) قاتتىق دىسكا ئوقۇش - يېزىش مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا توكتىن ئۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك. قاتتىق دېسكا ئوقۇش - يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا دىسكا يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان بولغاچقا، توساتتىن توك ئۈزۈلسە ماگىنىت باش بىلەن دىسكا سۈركىلىش نەتىجىسىدە قاتتىق دىسكىدا بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ.

 (4) ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش: كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتتىق دىسىكىغا نىسبەتەن زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلالايدۇ، شۇڭا يېڭى نەشردىكى  ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق تازىلاپ تۇرۇڭ، كۆپ قېتىم فورماتلاشتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى كۆپ قېتىم فورماتلىغاندا قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ.

 (5) يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىن ساقلىنىش: مۇھىت شارائىتىدا نەملىك يۇقىرى بولسا ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ھەم ئارىلاپ - ئارىلاپ توكقا ئۇلاپ تۇرۇڭ، بۇنداق قىلغاندا كومپيۇتېردىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق، نەملىكنى پارلاندۇرۇپ كومپيۇتېرنى قوغدايدۇ.

 (6) كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانىدىن ساقلىنىش: كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانى قاتتىق دىسكىنىڭ دۈشمىنى، شۇڭا كۈچلۈك ماگىنىت رادىئاتسىيىسىگە  ئىگە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى قاتتىق دىسكىدىن يىراق بولۇشى كېرەك.

 (7) بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن تازىلاش، رەتلەش ئېلىپ بېرىڭ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئىخلاس خانىم تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-02 20:11 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-03-31 11:03