خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

خۇيۈ (虎鱼) ‏uyntv قاتارلىق بەتلەردىن فىلىم چۈشۈرۈش

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-07-13 13:04

 
خۇيۈ (虎鱼) ‏uyntv قاتارلىق بەتلەردىن فىلىم چۈشۈرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، پات-پات ھەر قايسى تور بەتلەردە خۇيۈ (虎鱼) ‏uyntv ۋە cctv ئۇيغۇرچە بېتىدىكى فىلىملەرنى (‏cctv ئۇيغۇرچە بېتىدىكى فىلىم ئۇلىنىشىنى چەكسىڭىز uyntv فىلىم بېتىگە ئۇلىنىدۇ) چۈشۈرۈش ياكى تولۇق چۈشۈرۈش (بەزى دېتاللار پارچىلاپ چۈشۈرۈپ بېرىدۇ) ھەققىدە ياردەم تېمىلىرىنى ئۇچرىتىمىز. بۈگۈن مۇشۇ ھەقتە بىلگىنىمنى سۆزلەپ باقتىم. بىلىدىغانلار زاڭلىق قىلماڭلار، كەم قالغان جايلىرى بولسا بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويارسىلەر.
بىلگەننى يوللاڭ، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن. بىلمىگەننى سوراڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن – ئىنتىل سەيناسى شوئارى.
ئاۋۋال خۇيۈ (虎鱼) دىكى فىلىمنى تولۇق چۈشۈرۈشتىن باشلاي.
ئۇيغۇرچە تور  بەت ئادرېسى: http://www.xjtvs.com.cn/uyghurwy/
مۇشۇ بەت شۇ. كۆرۈنۈشى مۇشۇنداق چىقىدۇ.
بۇ بەتكە كىرىپ، ئۇيغۇرچە لازىملىق فىلىم بار ئۇلىنىشقا كىرىمىز.
بۇ تور بەتتىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىدىغان دېتالىم بولسا خەلقئارادا يۈز تاپقان چۈشۈرگۈچ Internet Download Manager(IDM)
بۇ دېتال ھەقلىق، قۇربىتى يېتىدىغانلارنىڭ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. لېكىن شۇ جۇڭگوچىلىقتا ھەقسىزلىرىنى تېپىشنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر. شۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ ئىشەنچلىك بىرىنى تەۋسىيە قىلاي.
دېتال نامى: (Internet Download Manager(IDM
ئىقتىدارى: ھەر قايسى تور بەتلەردىن ھەر خىل فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى تېز سۈرئەتتە چۈشۈرۈش
تىلى: كۆپ تىللىق، مەن تەۋسىيە قىلغىنى خەنزۇچە، باشقا تىللارنى ئۆزىڭىز چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
نەشرى: 6.2.2 ھەقسىز نەشرى (بۇ مەن تەۋسىيە قىلغىنى). ئەسلىي ھەقلىق نەشرىنىڭ 6.3 نەشرىمۇ چىقىپ بولدى.
ئىجرا مۇھىتى:  windows) winall نىڭ ھەممە نەشرى.) مەن winxp/7/8 لەردە سىناپ باققان.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت. مەن ھەر ئىككىسىدە سىناپ باققان.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.internetdownloadmanager.com/
خۇيۈ تورىدىن مەزكۇر دېتالدا فىلىم چۈشۈرۈش سۈرەتلىك دەرسى:
مەزكۇر دېتالنى تەمىنلىگەن ئادرېستىن چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز ھەم قوزغىتىسىز. (ئەسكەرتىش: يېڭىلامسىز دەپ چىقسا يېڭىلىماڭ، بولمىسا 30 كۈندىن كېيىن ئىشلىتەلمىسىڭىز مەن ئىگە ئەمەس)
كومپيۇتېرىڭىزدىكى IE تور كۆرگۈچ (ئېكراندىكى e دەپ سىنبەلگىسى بار شۇ) ياكى گۇگۇل تور كۆرگۈچتە خۇيۈ تورىدىكى فىلىم ئادرېسىنى ئاچىسىز. (باشقا تور كۆرگۈچلەردە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز دېتال تەڭشىكىدىن تاللايسىز، بۇ تېما ئاساسلىقى فىلىم چۈشۈرۈش ھەققىدە بولغانلىقى ئۈچۈن دېتال ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىدىم.)
گۇگۇل تور كۆرگۈچتە بۇ دېتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن دېتال قىستۇرمىسىنى ئېچىۋىتىشىڭىز كېرەك. ئۈستىدىكى تىزىملىكنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ قوراللار (更多工具) تاللاپ، يەنە كېڭەيتىلگەن پىروگرامما (扩展程序) نى تاللىسىڭىز بۇ چۈشۈرگۈچنىڭ قىستۇرمىسىنى كۆرىسىز.
شۇ يەردىن تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
IE تور كۆرگۈچتە ھېچقانداق تەڭشەش ئېلىپ بارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ، چۈشۈرمەكچى بولغان فىلىم ئۇلىنىش بېتىنى چۈشۈرۈش دېتالى ئوچۇق ھالەتتە يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىككى تور كۆرگۈچتە ئاچىمىز. (دېتال قوزغىتىلمىغان بولسا ئۆزى سەكرەپ قوزغىلىدۇ فىلىم بېتىنى ئاچسىڭىز)
مەسىلەن: بۇ شېرىن شېرىن چۈش پىروگراممىسىنىڭ يېڭى سانىنى ئاچقاندىكى كۆرۈنۈش
قارىسىڭىز بىرەر بۇلۇڭ-پۇچقاقتا مەزكۇر دېتال بۇ فىلىمنى چۈشۈرۈش (下载该视频)، دېتال تىلى ئىنگلىزچە بولسا Download this vedio دەپ چىقىدۇ. مائۇس ئستېرىلكىسىنى شۇ يەرگە ئاپارسىڭىز فىلىم چوڭلۇقى چىقىپ تۇرىدۇ. شۇ خەتنى چېكىپ، ساقلاش ئورنىنى بەلگىلەپ بەرسەك تولۇق چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
ساقلاش ئورنىنى بەلگىلەپ بولۇپ، چۈشۈرۈشنى باشلاش (开始下载) (start download) نى باسسىڭىزلا بولىدۇ. چۈشۈپ بولغاندا ئەسكەرتىش چىقىدۇ.
(Internet Download Manager(IDM سىغىمى: 4.40 مېگابايت
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
سومكامدىن: http://www.somkam.com/3d5
باشقا تور دىسكا: http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZS2rsn
قەيەردىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: بۇ دېتالنى يېڭىلاش ئەسكەرتمىسى چىقسا يېڭىلىماڭ. بولمىسا 30 كۈندىن ئىشلىتەلمەيسىز.

ئەمدى uyntv ۋە cctv ئۇيغۇرچە بېتىدىكى فىلىملەرنى (‏cctv ئۇيغۇرچە بېتىدىكى فىلىم ئۇلىنىشىنى چەكسىڭىز uyntv فىلىم بېتىگە ئۇلىنىدۇ) تولۇق چۈشۈرۈش ھەققىدە توختىلاي.
بۇ تور بەتلەرنىڭ ئادرېسى:
Uyntv: http://uyntv.cntv.cn/
cctv ئۇيغۇرچە بېتى: http://uyghur.cntv.cn/
بۇ بەتلەردىكى فىلىملەرنى يۇقىرىدا دېگەن دېتالدا چۈشۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ دېتال پارچىلاپ چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. ئۆزىڭىز بىرىكتۈرۈش خوش ياقمايدۇ ھە قاچان. شۇڭا «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش» رېتسېپى بويىچە تور بەتكە قاراپ باشقا دېتال تەۋسىيە قىلدىم.
دېتال نامى: vidown 维棠视频下载器  فىلىم چۈشۈرگۈچ
چۈشەندۈرۈش: ئاساسلىقى تور بەتلەردىن فىلىم چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
تىلى: كۆپ تىللىق، كۆپرەكىمىز بىلىدىغان تىلدىن خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە بار.
نەشرى: 1.3.2
ئىجرا مۇھىتى: winxp/7/8، مەن بۇ سىستېمىلارنىڭ ھەممىسىدە سىناپ باققان.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت. مەن ئىككىلىسىدە سىناپ باققان.
ئىقتىدارى: فىلىم بەتلىرىدىكى قويۇلۇۋاتقان فىلىملەرنى چۈشۈرۈش.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.vidown.cn/
دېتالنى قاچىلاش ۋە يۇقىرىقى ئىككى بەتتىن فىلىم چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:
قاچىلىغاندا دىققەت قىلىڭ، بۇ دېتالغا بىر قانچە دېتالنىڭ ئېلانى قىستۇرۇلغان بولۇپ قاچىلاش جەريانىدا شۇلارنى توسۇپ قويمىسىڭىز كېيىن ئېلان قىستۇرۇلغان دېتالنى يوللاپتۇ دەپ مەندىن رەنجىمەڭ. بولۇپمۇ كۆزىنى يۇمۇپلا كېيىنكى قەدەمنى بېسىۋىرىدىغانلار دىققەت قىلىڭ.
بۇ ئاۋۇ بەتنى باش بەت قىلىش ئېلانى
بۇ بەيدۇ ۋىروسخۇرى بىلەن UC تور كۆرگۈچنىڭ ئېلانى
مۇشۇ ئىككىسىنىڭ توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ قاچىلاڭ.
ئەمدى ئاۋۇ ئىككى تور بەتتىن ئۆزىمىزگە لازىملىق فىلىم بار ئۇلىنىشقا كىرىمىز.
مەسىلەن: بۇ uyntv تورىدىكى «كۆۋرۈك» دېگەن فىلىمنى ئاچقاندىكى كۆرۈنۈش.
بۇ فىلىمنىڭ ئۈستىدىكى ئادرېسنى كۆچۈرۋالىمىز. ئاندىن بۇ ئادرېسنى vidown دېتالىدا چۈشۈرىمىز.
ئادرېسنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن دېتالنى ئېچىپ، يېڭىدىن قۇرۇش (新建) دېگەننى باسىمىز. ئادەتتە دېتال كۆچۈرۈلگەن ئادرېسنى ئۆزى چاپلاپ بولىدۇ. بولمىسا سىز چاپلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
چاپلاپ بولۇپ، ھېچقانداق تەڭشەككە چېقىلماي ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
ئاندىن نورمال چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.
چۈشۈرۈپ بولۇپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ، چۈشۈرگەندە ئاۋۋال پارچىلاپ چۈشۈرۈپ كېيىن ئاپتوماتىك بىرىكتۈرۈپ بېرىدۇ.
سىغىمى: 5.30 مېگابايت
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ئىگە تەرەپتىن بىۋاسىتە چۈشۈرۈش: http://www.vidown.cn/download.php
سومكامدىن: http://www.somkam.com/3d6
باشقا تور دىسكا: http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZS2rfo
قەيەردىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
قوشۇمچە: يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىككى چۈشۈرۈش دېتالىنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار. قىزىقسىڭىز ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار