ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ 750 ئەرنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشچە، بويى پاكارلارنىڭ ئېگىزلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى %11 يۇقىرى بولۇپ، باشقىلاردىن توققۇز – ئون يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. گېرمانىيەنىڭ 100 ياشلىق كىشىلەرنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشچە، 165 ئەر ئۆمۈر چولپىنىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.67 سانتىمېتىر، 410 ئايال ئۆمۈر چولپىنىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.57 سانتىمېتىر ئىكەن. ئىنسانشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى زامان تۇرمۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ 1.68 – 1.65 سانتىمېتىرغىچە، ئاياللارنىڭ 1.62 – 1.59 سانتىمېتىرغىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن.
بويى ئېگىزلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇشى يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيە، مېڭە قان تومۇر سەكتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. فىزىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بوي قانچە ئېگىز بولسا، يۈرەكنىڭ قاننى باش قىسمىغا يەتكۈزۈپ، چوڭ مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەش يۈكى ئېغىرلىشىپ، قان بېسىمنىمۇ ئۆرلىتىۋېتىدىكەن. قان بېسىم بىلەن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قان بېسىم قانچە يۇقىرى بولسا، يۈرەككە بولغان بېسىم شۇنچە ئېغىرلاپ، يۈرەك مۇسكۇلى ئاسانلا يوغىناپ قېلىنلىشىپ كېتىپ، بۇنداق كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن، شۇڭا بويى ئېگىزلەر ئۇزاق ئۆمۈر كۆرمەكچى بولسا، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]