دەرس تەييارلىقلار چەكلىمىسىز چۈشۈرۈشكە ئۆزگەرتىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىلىرى:
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن بىرى كەڭ تورداشلار،ئۇستازلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بۈگۈنگە قەدەم قويدۇق، بۇ جەرياندا باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە كەڭ تورداش، ئۇستازلارنىڭ كۆپ ئەجىر ئەمگىكى ئارقىسىدا تور بېتىمىزدىكى ماتىرىياللار كۇندىن -كۇنگە بىيىدى، كەسىپلەشتى ، موللاشتى، شۇ سەۋەبتىن بارلىق باشقۇرغۇچىلار، تورداشلار، ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار ۋە بارلىك قوللىغۇچىلىرىمىزغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى 2013-يىل 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا دەرس تەييارلىقى تۈرىدىكى ماتىرىياللارغا ئەڭ كۆپ زېھنىمىزنى ئاجراتقان ئىدۇق، لېكىن دەرسلىك ئىسلاھاتى بولىدۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئانچە كۆڭۇلشىمىدۇق. مانا بۇ يىل 2014-يىل 9-ئايدىن باشلاپ بۇ دەرسلىك ئىسلاھاتى كۆرۇلدى، بولۇپمۇ تولۇقسىز قىسمىدا ئەڭ كۆرىنەرلىك بولدى،نۇرغۇن دەرس تەييارلىقلىرى ۋە باشقا ماتىرىياللار بىردەك كېرەكسىز ماتىرىيالغا ئايلىنىپ كەتتى، شۇنىڭغا ماس ھالدا باشلانغۇچ قىسمىدىمۇ مۇئەييەن ئىسلاھات، دەرسلىك مەزمۇنىدا تەڭشەش كۆرىلىشكە باشلىدى.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىكى كەڭ باشقۇرغۇچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، دەرسلىك ئۆزگىرىشى بىلەن تەڭ ماتىرىياللارنى رەتلەپ، ئۈنۈمسىزلىرىنى چىقىرۋىتىشنى ئويلاشقان بولساقمۇ، لېكىن خىزمەت ئالدىراشچىلىقى، ماتىرىياللارنىڭ بىرقەدەر كۆپلىكى سەۋەبلىك بۇ مۇمكىن بولمىدى.
ئۇستىدە دېگەن بىر قاتار مەسىلىلەر ھەمدە قايسى ماتېرىيالنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، قايسىلىرىنى ئىشلەتكىكى بولمايدۇ دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىش، شۇنداقلا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى تورداشلارغا ماتىرىيال تولۇقلانغاندا پۇتۇنلەي چەكلىمىسىز چۈشۈرۈشكە ئۆزگەرتىلىدۇ دېگەن ۋەدىمىزگە ئالدىن جاۋاب بىرىش ئۈچۈن بۈگۈن 2014-يىل 9-ئاي 10-كۈنىدىن باشلاپ بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىكى بارلىق ماتىرىياللار چەكلىمىسىز چۈشۈرۈشكە ئۆزگەرتىلدى،سىز مەيلى ئەزا بولۇڭ، ياكى بولماڭ بىردەك چەكلىمىسىز چۈشۈرەلەيسىز. لېكىن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى ئەڭ ئاخىرقى كۈچىمىز تۈگىگىچە نورمال ئېچىلىدۇ، شۇڭلاشقا سىزنىڭ ئەنسىرىشىڭىز ، ھەممىنى بىركۈندە چۈشۈرۋالىمەن دىيشىڭىز ھاجەتسىز، شۇنداقلا سىزنىڭ بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىن چۈشۈرگەن ماتىرىياللارنى باشقا مۇنبەر ۋە تور بەتلەردە جۇغلانمىغا ئېرىشىش ئۇچۇن يوللىماسلىقىڭىزنى ، ئەگەر يوللىغۇڭىز بولسا ئۇلانما قىلىشىڭىزنى ئەسكەرتىمىز.
شۇنداقلا كەڭ تورداشلارنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك ماتىرىياللارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى بىلىپ، ماتىرىيال ئېزدىشىنى، يىللىق ۋە مەۋسۇم ، پەن نامى ماس كېلىدىكەن دەپلا كۆرگەنلا يەردىكى دەرس تەييارلىقى چۈشۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولماسلىقىنى، يۇقىرى چەكتىكى چۈشۈرۈش تەلىپىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتمەسلىكىنى دوستانە ئەسكەرتىمىز.
تېخىمۇ كۆپ تورداشلار، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار ۋە دوستلارنىڭ بەھىرلىنىشى، سىزدىن مىننەتدار بولىشى ئۇچۇن بۇ خەۋەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ قويىشىڭىزنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز!
ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلار، دوستلار، ئۇستازلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز.