ئەل ئوغلى قاتارلىق تورداشلارغا:
ئاساسى گەپكە كەلسەك بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن تارتىپ مەن بۇ توربەتتىن جىق مەنپەئەتكە ئىرىشتىم.خىزمەت قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ بۇرۇنقىدەك ئالدىراشچىلىق ۋە باش قىتىنچىلىقتىن خىلىلا قۇتۇلدۇم. بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن بىرى مەن قاتارلىق كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ھەقىقى تۇردە نەپ ئىلىپ كىلىۋاتقان بولغاچقا،مىنىڭ ۋە باشقا ئوقۇتقۇچى تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە مەدىتىگە ئىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ.قوشۇن بارغانسىرى زورىيۋاتىدۇ.
مەن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن بىرى ئىزچىل بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ بىز ئەزاسى بولۇپ كەلدىم.ئىلگىرى مۇنبەر بارچاغدا ھەممە كىشى بەشتاشقا ئىنتىلەتتى. تور باشقۇرۇش قائىدە تۇزۇملىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئارقىسىدا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى مۇنبەر ئاچمايدىغان بولۇپ،بۇ بەت سىستىمىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن كىيىن دەسلەپتە مەنمۇ كۆنەلمىدىم. لىكىن كىيىن قارىسام بۇ بەتمۇ خىلى قولايلىق ئىكەن. بولۇپمۇ ئەمگىكىگە قاراپ ھەق ئىلىش،تۆھپىسىگە قاراپ تەقدىرلىنىش ھەقىقى تۇردە ئەمىللىشىدىكەن.قۇرۇق گەپ سۆزدىن ھەقىقى تۇردە خالى بولىدىكەن.
بەشتاش ئەپەندىنىڭ كۆڭۇل بولىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا باشقۇرغۇچى بولغان بولساممۇ ،لىكىن خىزمەت ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن كۆپ ھاللاردا تورغا چىقىپ بولالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن باشقۇرۇش ۋە باشقا ئىشلارغا ئانچە قارىشالمىدىم.
بۇگۇن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىمىزنى ئارىلاۋىتىپ،نۇرغۇن تورداشلارنىڭ شۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللىغانلىقىنى،لىكىن مەزمۇنى يوق ياكى دەرس تەييارلىقىنىڭ بوشلۇققا چىقىرىلمىغانلىقىنى بايقىدىم. ئامالسىز كۆزۇم قىيمىغان ھالدا بۇ تىمىلارنى ئۆچۇرۇپ تاشلىدىم. ھەم بۇتىمىنى يىزىشىنى لايىق تاپتىم.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى مەزكۇر تور بەت سىستىمىسىغا كۆچكەندىن كىيىن بەشتاش ئەپەندى بىرقانچە قىتىم دەرسلىك ئىشلەپ تارقاتتى. ئادرىسى:
يەنە تىما يوللىماسلىققا نىمە باھانە بار: /jiaoyan/cankao/2011/0116/1321.html /jiaoyan/cankao/2010/0826/824.html
ئەزا مەركىزى قوللانمىسى:
تور بىتىمىز يۇقارقى دەرسلىكنىڭ مۇكەممەل بولىغان تەرەپلىرىگە قارىتا تولۇقلاش ئۇچۇن،تولۇق بولغان تور بىتىمىز قوللانمىسىنى تۇزۇپ چىقتى . ئادرىسى: /helip
ئەگەر دوسلار يەنە ھەل قىلالمىغان بىلەلمىگەن جايلار بولسا بىكىتىمىز مەسئۇلى بەشتاش ئەپەندى بىلەن 282763137 نومۇرلۇق كوت-كوت ياكى 13899107420 نومۇرلۇق تىلفۇن بىلەن ئالاقىلاشسىمۇ ۋە ياكى بىكىتىمىزنىڭ باشقا بىكەت باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلاشسىمۇ بولىدۇ.
مەن ياردەم قىلاي دىسەم كۆپ ۋاقىتلاردا توردا يوق،شۇڭا دوسلاردىن ئەپۇ سورايمەن.
ئاخرىدا ئەلئوغلى قاتارلىق تورداشلارنىڭ بىزنى يىقىندىن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئىيتىمەن.ھەمدە تىمىسىنى ئۆچۇرۇپ تاشلىغانلىقىم ئۇچۇن ئۆزرە سورايمەن. ئاخىرىدا بۇ دوسلارنىڭ يۇقارقى قىممەتلىك ماتىرياللارنى قايتىدىن يوللاپ قويىشىنى ھەمدە تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.
ھۆرمەت بىلەن دوستۇڭلار: ئىزدەن
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]