بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس
بەشتاش بالىلارمائارىپ تورى باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئالى ئەزالىرى ئارىسىدا -ماۋسۇملۇق دەرس تەييارلىقلىرىنى تۇزۇش خىزمىتىنى باشلىغان ئىدۇق. نۆۋەتتە ئادەتتىكى يىللىقلارنىڭ 1- يىللىقتىن 3-يىللىققىچە بولغان بارلىق پەن دەرسلىكلىرىنىڭ دەرس تەييارلىقلىرى ياخشى قىلىنغان دەرس تەييارلىقلىرى ئاساسىدا كومپىيۇتىرغا كىرگۇزۇش ئاخىرلىشىپ، تەھرىرلەش خىزمىتىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. لىكىن ئادەم كۇچى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن 4-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە بولغان ئۇچ يىللىقنىڭ 1-ماۋسۇملۇق دەرس تەييارلىقىنى تۇزۇشكە ئادەم كۇچى يىتىشمەي قالغان بولغاچقا كەڭ ئۇستازلاردىن بىزگە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۇچۇن 1-ماسۇملۇق دەرس تەييارلىقلىرىنى تۇزۇش ۋە تەييارلاش تەشەببۇسىنى چىقىرىشنى توغرا تاپتۇق.
كەڭ ئۇستازلارنىڭ بىزنى قوللىشى ۋە قىزغىن قاتنىشىپ بىرىشىنى سورايمىز.
بۇ قىتىملىق دەرس تەييارلىقى تەييارلاشتا كومپىيۇتىردا خەت ئۇرۇشنى بىلىدىغان بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار قاتناشسا بولىدۇ.
دەرس تەييارلاش دائىرىسى: ئادەتتىكى يىللىقلارنىڭ 4-،5-،6-يىللىقلىرىدىكى بارلىق دەرسلەر، قوش تىل 3-يىللىقتىن باشلاپ يۇقىرى يىللىقلار
بۇ قىتىملىق دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارغا بىردەك ئۇچ ئۆلچەملىك دەرس تەييارلىق ئەندىزىسى كومپىيۇتىر نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.WORD ۋە EXEL دا تۇزۇلگەن ئىككى خىل ئەندىزىنىڭ بىرىنى تاللاپ تەييارلىسا بولىدۇ.. دەرس تەييارلىقنى 18 ھەپتە بويىچە تەييارلاش تەلەپ قىلىنىدۇ ( مۇنتىزىم ئوقۇش ۋاقتى 18 ھەپتە بولىدۇ).
دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئۆزى مۇستەقىل ھالدا 8-ئاينىڭ 25-كۇنىگىچە بىر ياكى بىردىن يۇقىرى پەننىڭ دەرس تەييارلىقىنى تۇزۇپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.ئالدىن دەرس تەييارلاشقا قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار تەييارلايدىغان پەن تۇرىنى ، يىللىقنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ. ئاخىرىدا قاتنىشمەن دىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن باشقا ئوقۇتقۇچىلار تاللاپ ، ۋەزىپە ئىلىپ بولۇپ ئىشىپ قالغان پەن ۋە يىللىق دەرسلىرىنى ئاساس قىلىپ دەرس تەييارلاشقا قاتنىشىدۇ.
دەرس تەييارلاشقا قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلىشى كىرك:
1) چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى دەل ۋاقتىدا تەلەپ بويىچە تۇگىتىشى
2) تەييارلىغان دەرس تەييارلىقىنى ھەرقانداق ئۇسۇل ۋە ۋاستە بىلەن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىن باشقا توربەت ۋە بىلوگ قاتارلىقلاردا تارقاتماسلىقى ( شەخسى بىلوگ ۋە تور بەت بۇنىڭ سىرتىدا،بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھەقلىق سىتىش قىلمىشى كۆرۇلۇپ، تور بىتىمىزگە بىرقانچە قىتىم ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كەلگەچكە يۇقارقىدەك تەلەپ قويۇلدى. توغرا چۇشەنگەيسىلەر)
3) ھەرقانداق باھانە سەۋەپ بىلەن ھەقلىق سىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارماسلىقى
4) تەييارلىغان دەرس تەييارلىقىنىڭ ئەتراپلىق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ:
1) بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ مەڭگۇلۇك ئىچكى ئەزالىق ھوقۇقى ( توربەت يۇزىدە ئاشكارە تارقىتىلمىغان ياكى تارقىتىلمايدىغان بىرقىسىم دەرس تەييارلىقلىرى ۋە باشقا ماتىرياللاردىن بەھرىمان بولالايدۇ)
2) بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ مەڭگۇلۇك ئالى ئەزالىق ھوقۇقى ( بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تارقىتىلغان بارلىق ماتىرياللاردىن شەرتسىز بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى
3) بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى ئىچكى چ چ توپىدا پىكىرلىشىش ھوقۇقى
4) توربەت ياكى بىلوگ ئاچىدىغانلار بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى تەمىنلىگەن 200mb ھەقسىز بوشلۇق ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تورنامىدىن ھەقسىز بەھرىمان بولىدۇ.
5) دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %5تى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ 50 يۇەندىن رەھمەت نەخ پۇل مۇكاپاتىغا ئىرىشەلەيدۇ.( مۇكاپات ۋەزىپىنى دەل ۋاقتىدا تۇگەتكەن ئەزالارنىڭ تەييارلىغان دەرس تەييارلىقى دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق مۇكاپاتلاش ئوبىيىكتى تاللىنىدۇ.مۇكاپات پۇلى ھەقىقەتەن ئاز،لىكىن بۇ بىزنىڭ كەڭ دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئازغىنە كۆڭلىمىز)
قاتنىشىش ئۇسۇلى: دەرس تەييارلاشقا قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىسمى،تىلفۇن نومۇرى، تەييارلايدىغان پەن نامى، يىللىق ئايرىمىسىنى ئىنكاس قىلىپ قالدۇرسا ياكى پىكىر بىرىش ئورنىغا يازسىمۇ ۋە ياكى قول تىلفۇندا 13899107420 نومۇرلۇق تىلفۇنغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللىسىمۇ بولىدۇ.
تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋەزىپە تاشۇرىۋىلىش ۋاقتى: 2011-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۇنى سائەت 12 گىچە
ۋەزىپىنى تاماملاپ، دەرس تەييارلىقىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى:
011-يىل8-ئاينىڭ 25-كۇنى سائەت 12 گىچە
ئەگەر باشقا مەسىلە بولسا باشقۇرغۇچىلار بىلەن بىۋاستە تىلفۇندا ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
بەشتاش:13899107420
ئايدىڭكۆل:18999432748
يانتاق:13779303235
كۆكبۇلاق:18997537128
---------------------------------------------------------------------------------
ئاخىرىدا بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن كەڭ دوسلارنىڭ ھەرقايسى توربەت ۋە بىلوگلارغا كۆچۇرۇپ قويىشىنى ھەمدە چ چ توپى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ كەڭ دوسلارغا خەۋەر قىلىپ قويىشىنى ئۇۇد قىلىمىز.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى
2011-يىل 7-ئاي 28-كۇنى
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]